|
|
|
|
ئېستىداتلىق ياش رەسسامىمىز ئەسقەر تۇردى رۇسىيەدە زىلزىلە قوزغىدى
«گۈلخان»، «دولان مۇقامى» قاتارلىق بىر قاتار نادىر ماي بۇياق رەسىملىرى بىلەن دۇنيا گۈزەل سەنئەت ساھەسىنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىغا مۇيەسسەر بولىۋاتقان ياش رەسسامىمىز ئەسقەر تۇردى رۇسىيە دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن رۇسىيەگە بېرىپ 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 7-كۈنىگىچە رۇسىيەدىكى قەدىمى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولغان ساينىت پېتىربورگ (سوۋېت دەۋرىدە لېنىنگىراد دىيىلگەن) شەھرىدىكى ماستىركلاس خەلقارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە دادىسى تۇردى ئىمىن ئەپەندى بىلەن بىرگە كۆرگەزمە ئېچىپ، رۇسىيە رەسساملىق ساھەسىنى ھاڭ تاڭ قالدۇردى. رۇسىيەدىكى مەشھۇر رەسساملاردىن پېتىر پېترۇۋېچ، تامارا قاتارلىق نۇرغۇن رەسساملار ئۇنىڭ كۆرگەزمىسىگە يېقىندىن ئىشتىراك قىلدى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، ساينىت پېتىربورگ گۈزەل سەنئەت مۇزىيى ئۇنىڭ بىر پارچە ئەسىرىنى قەدىرلەپ ساقلاشقا ئېلىپ قالدى. رۇسىيە دۆلەتلىك رەسساملار ئاكادىېمىيىسى ئۇنى ئاكادېمىكلىككە تەيىنلىدى. رۇسىيە دۆلەتلىك رەسساملار ئاكادىېمىيىسى دۇنيادا تەسىرى زور گۈزەل سەنئەت ئىلمى جەمئىيىتى بولۇپ ئەسقەر تۇردى بۇ ئاكادېمىيىنىڭ ئەڭ ياش ئەزاسىغا ئايلاندى. ئۇ يەنە ئەرمىتاژ مۇزىيى، رېپىننىڭ ئۆيى قاتارلىق نۇرغۇن گۈزەل سەنئەت مۇئەسسەسەلىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. تۆۋەندە بۇ پائالىيەتكە ئائىت بىر قىسىم سۈرەتلەرنى زوقۇڭلارغا سۇنىمىز، بۇ توغرىدا داۋاملىق خەۋەر بېرىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-11 02:24 PM
|
|
|
|
|
|