|
|
|
|
| |
| 2007-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەر....
بۈگۈن ئىنتايىن ئازادە كەيپىيات ئىچىدە ئېنپىڭ شەھرىنىڭ كوچىلىرىغا قايتا قەدەم باستىم، شۇ تاپتا ئۆزۆمنى خۇددى قەپەستىن كەڭ تەبىئەت قوينىغا قۇيۇپ بىرىلگەن كىچىك قۇشتەك ئەركىن سېزەر ئىدىم . ماشىنا ئاستا- ئاستا ئېنپىڭ شەھىرىنىڭ ئاپتوبۇس بېكىتىدىن چىقىۋاتقاندا، مەن ئۆزۆمنىڭ خۇشال بولىشىمنى ياكى ئازاپلىنىشىمنى بىلمەيلا قالدىم .خۇددى ئۆتكەن كۈنلەر قايتىدىن باشلىنىدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇ مېنى چىرمىۋالغان ئىدى. ماشىنا قۇزغىلىپ تۇنۇش مەنزىرىلەر ئاستا- ئاستا كەينىمدە قىلىۋاتقان شۇ پەيتلاردە مەن بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن 23 كۈنلىك ھەم قىسقا ھەم ئۇزۇن بولغان بۇ قىسمەتلەك تۇرمۇشتىن قۇتۇلغاندەك يېنىك تىن ئالدىم.
گەپنى يەنىلا 8-ئاينىڭ5- كۈنىدىن باشلاي.
5-كۈنى سەھەر بىركېچە ئىشلىگەندىن كېيىن ئەمدىلا قايتاي دەپ تۇرسام، مېنىڭ تۇلۇقسىزدىكى ئون يىلدىن بېرى يۈز كۆرۈشمىگەن ساۋاقدىشىم لىياڭ جەنگو دىم كەلگەن تېلفۇننى تاشۇرۋالدىم ، ئۇ تېلفۇندا ئۆزىنى ئېنپىڭ شەھرىدىكى مەلۇم بىر جابدۇق زاۋۇدىدا ئىشلەۋاتىمەن،مائاشىم ئىنتايىن يۇققىرى، ئادەتتە ھەپتە ئاخىرىدا ئىشلىمەيدىغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ ھەپتە ئاخىردا ۋاقتىم بولسا ئېنپىڭغا كىلىپ ئويناپ كىتىشكە تەكلىپ قىلىپ تېلفۇن قىلغانلىقىنى دەپ تۇنۇشلۇق بەردى. يەنە تېخى ئۇ ياقىنى ئارشاڭ يۇرتى، ساياھەت قىلىشقا ئەڭ باب جاي دەپ تۇنۇشتۇردى. مەن ساۋاقدىشىمغا بولغان ئىشەنچىم ۋە يېڭى شەيئىلەرگە بولغان قىززىقىشمنىڭ يۇققىرى بۇلىشى سەۋەپلىك ھىچ ئىككلەنمەيلا ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم. لېكىن كىممۇ مېنىڭ شۇ چاغدا پۈتۈن ئۇرۇق-تۇققانلىرىمدىن يۈز ئۆرۆپ كەلگۈسىمنى تۇمانلار ئىچدە ئۆتكۈزۈپ قىلىشىمغا ئازلا قالغانلىقمنى ھىس قىلالىسۇن؟
بەش سائەتلىك سەپەردىن كېيىن مەن دوڭگۇۋەندىن ئېىنپىڭغا يېتىپ كەلدىم. بۇيەرگە كىلىپلا تۇنجى پەيدا بولغان تۇيغۇ ___ ياپىر ، نېمە دىگەن كونا ئەسىكى بىر جاي بۇ؟ بولدى.
بۇ يەرنىڭ بىر دېڭىز بۇيدىكى شەھەر ئىكەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلىشقا ئاجىزلىق قىلدىم. بۇ يەرلەردە ھەتتا تاكسىمۇ كۆزگە چېلىقمايتتى، كوچىلاردا توپ- توپ بولوپ موتوسىكىلىت مىنىپ يۈرگەنلەر دائىم ئۇچرايتتى. مەن دوستۇمغا كەلگەنلىكىمنى ئېيتىپ تېلفۇن قىلسام تېلفۇن ئۇلانمىدى، بىردەمدىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا «بۇرادەر ، مەن بىكەتكە كەپ بولدۇم ، ئالدىمغا چىققىن » دەپ ئۇچۇر يازدىم ، بىر ئازدىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى «سەل ساقلاپ تۇرغىن، ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈنىمەن».
ئون نەچچە مىنىۇتلاردىن كېيىن ئۇ ئاخىر بىر قىز بىلەن بىللە ئالدىمدا پەيدا بولدى ، باشتا مەن ئۇنىڭ يېنىدىكى قىزنى ئۇنىڭ قىز دوستى ئۇخشايدۇ دەپ بىلدىم. شۇ چاغدا مەن بۇ ساۋاقدىشىمغا سەپ سالدىم ، ئۇ ئىنتايىن ئاددى كېيىنگەن بولوپ قولىغا ماركىسىنى بىلىپ بولمايدىغان بىر قول سائەت تاقىۋالغان ئىدى.كۆڭلىمدە مائاشىى نەچچە مىڭغا يىتىدىغان ئون نەچچە يىل كۆرۈشمىگەن بۇ دوستىمىنىڭ ھالى نىمە ئۈچۈن ....دىگەنلەر چاقماق تىزلىكىدە ئۆتۆپ كەتتى، لىكىن بۇنىڭغا بەك ئىتبار بىرىپ كەتمەپتىمەن .
ئۈچىمىز پىيادە تۇلۇقسىزدىكى ئىشلارنى دىيىشكەچ ماڭدۇق، تاماق يەيلى دەپ تۇرسام ئۇ مىنى بىر ئاددى ئاشخانىغا باشلاپ كىردى، بىز تاماق يىگەچ پاراڭلىشاۋاتقان شۇ پەيتتە ھېلىقى قىز تېىلفۇنىمنىڭ توكى قالماپتۇ دەپ مىنىڭ تېلفۇنۇمنى سورىدى.مەن ئۇنىڭ مېنىڭ شەھەر ئاتلاپ كەلگەنلىكىمنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنە مىنىڭ تلفۇنىمدا تىلفۇن قىلىشىدىن سەل بىنۇرمال ھېس قىلدىم ، بىراق يەنىلا بىرىپ تۇردۇم، نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇنىڭ ئىشلىتىپ بلغان بولمىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيلا تېلفۇنۇمنىڭ توك قالمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ تېلفۇنىمنى قايتۇرۋالدىم، تاماقىنى يەپ بولدۇق، ماڭماقچى بولۇپ قوزغالدۇق ، بىراق ئۇلانىڭ ھىچ پۇل تۆلەش رايى يوق ئىدى.بۇ سەل كۆڭلىمگە كەلدى، شۇنداقتىمۇ ئۆزۆم پۇل تۆلىدىم، ئۇ يەنە مىنى بىردەم بازار ئايلىنىشقا تەكلىپ قىلدى.ئۇ تېخى ماڭا كونا ساۋاقدىشىمغا باشقا نەرسىلەردىن ئېلىپ بەرمىسەم بولماس دەپمۇ ئۈلگۈردى، كوچا ئايلىنىپ بىر تاللا بازىرىغا كىردۇق ئۇ يەردىن چوڭ بىر نەچچە خالتا نەرسە سېتىۋالدۇق. پۇل تۆلەيدىغان چاغدا ئۇ يانچۇقىنى سىلاپ تۇرۇپ« ئاداش، مەن ئالدىراشچىلىقتا پۇل ئالماي كەپتىمەن »دەپ يانغا چىقىپ تۇردى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ نەرسىلەر ئۈچۈن 178 يۈۋەن تۆلىدىم. كېيىن بىلسەم بۇ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنىڭ بىر قىسمى بۇلوپ، يېنىمدىكى پۇلنى ئاز قالدۇرۇپ مىنى بۇ يەردىن كىتەلمەس قىلىپ قۇيماقچى ئىكەن.
تاماقمۇ يېدۇق، بازارمۇ ئايلاندۇق. يېنىمدا نەچچە تەڭگىلا قالغان ئىدى، ئۇ مىنى ئۇنىڭ ئىجارە ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى، بىز ناھايتى ئۇزاق ماڭدۇق، تۇلا قايرىلىپ يۈرۈپ مەندە ھېچقانداق بىرىشان- تەرەپ تۇيغۇسى قالمىدى. مەن يەنىلا قانچىلىك قالغانلىقىنى سورىسام ئۇ ئالدىمىزدىلا دەپ ئاخىرى بىر بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ ئالدىغا كەلدۇق. ئەڭ ئۈستىنكى قەۋەتكە چقىپ بىر ئۆيگە كىردۇق، ئۆينىڭ ئىككى قات تۆمۆر ئىشكى بار ئىكەن، ئۆيگە كىرسەم ئۆيدە بىر ئۈستەلدىن باشقا ھىچقاندا بىر جاھازا كۆرۆنمىدى.ئەمما ئۆيدە 7-8 ئادەم بار ئىدى.مەن بەك ھەيرەتتە قالدىم، بىز ئىشىكتىن كىرگەن ھامان ئۇنىڭ دوستلىرى ئىنتايىن قىزغىن ھالدا مەن بىلەن قول-ئېلىشىپ كۆرۆشۈپ ئۆزىنى تۇنۇشتۇردى،ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ خىزمەتدىشى دەپ تۇنۇشتۇردى.مەن ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ بەك قىزغىنلىقىدىن شۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم،بەلكىم ئۇنىڭ بۇ يەردىكى جەمىيەتتە كىشىلىك مۇناسىۋىتى ناھايتى ياخشى بولسا كىرەك دەپ ئويلىدىم. ئارلىقتا مەن ئۇلار بىلەن قىسقىلا ئەھۋاللاشتىم ، ئويلىمىغان يەردىن ئولارنىڭ كۆپچىلكى مەن بىلەن بىريەدىن چىقىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈمدىكى ،مۇداپىئە ئىددىيسى ئاستا-ئاستا بوشاشتى. كەچتە ئۇ يەنە مىنى كوچا ئايلىنىشقا تەكلىپ قىلدى، بىز يېقىن ئارلىقتىكى بىر باغىچغا كىرىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق، ئۇ ناھايتى يۇمۇرلۇق ۋە قىزغىن ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن يەنە شۇ تۇلۇقسىز ھەققدىكى ئىشلار ھەققىدە پاراڭلاشتۇق،ھېلىقى قىزچاق بۇ پاراڭغا ئارلىشالماي ئىچى پۇشقان بولسا كىرەك، تېلفۇنۇمدا ناخشا ئاڭلاشنى دەپ تېلفۇنۇمنى يەنە ئېلىۋالدى. سائەت ئونلارغا يېقىن بىز قايتىپ كەلدۇق.مەن يۇيۇنماقچى بولدۇم ، ھېلىقى قىز « تېلفۇنىڭىزدىكى ناخشلار بەك پىچەتكەن، مەن يەنە بىردەم .اڭلىۋالاي» دىدى، مەن ھېچ ئويلانمايلا ماقۇل بوپتىمەن، يۇيۇنۇپ بوپ چىقسام ئۇ ئاللىقاچان تېلفۇنۇمنى ئېلىپ كىتىپ قاپتۇ، شۇ چاغدا مەن ئۆزۆمنىڭ ئالدىنىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلدىم. ئۇلار تېخى مىنى تۇتۇپ قىلىپ ئۈچۈن ھىكايە ئېيتىپ، يۇمۇر سۆزلەۋاتاتتى، مىنىڭ نەدىمۇ ئۇلارنى ئاڭلاشقا ھەپسىلەم بولسۇم، شۇڭا ئۇخلايدىغانلىقىمنى دېدىم. ئۇلار مىنى ئىچىدىكى ئۆيدىكى كارۋاتتا ئۇخشلاشقا ئورونلاشتۇردى.
ئىككىنجى كۈنى سەھەر......
ئويغانسام سائەت ئاللىقاچان ئالتە بولۇپ كېتىپتۇ، مەن بالدۇرراق قايتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولسام ئۇلار مېنى يەنە بىردەم ئۇخلاشىقا سۈيلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز يەنە ياتتىم، سائەت يەتتە بولغاندا يەنە ئورنۇمدىن تۇردۇم ، بۇ چاغدا مەن ئۆيگە ئىككى -ئككىدىن بولوپ ئادەم توپلىشىۋاتقانلىنى بايقىدىم، كېيىن ساناپ باقسام بۇ كچىككنىە ئۆيدە ئون نەچچە ئادەم يىغىلىپ قالدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ساپلا ئىككى-ئككىدىن بولوپ كىرىۋاتاتتى. بۇچاغدا مەن رەسمىي قۇرقۇشقا باشلىدىم.
شۇ چاغدا ئارىدا يالغۇز بىرەيلەن ئۆيگە كىرىپ كەلدى.ئۆيدىكىلەردىن بىرى ماڭا « تۇشتۇرۇپ قۇياي، بۇياق بىزنىڭ شىركەت ھەمكارلىقىدىكى بىر شىركەتنىڭ مۇدىرى لىياڭ گۇۋاڭلىياڭ بولىدۇ» دېدى. مەن ئۇنىڭدىن بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى سورىسام، مىنىڭ ساۋاقدىشىم«مەن سىنىڭ ئۇ تەرەپتىكى مۇئاشىڭنىڭ ئۇنچە يۇققىرى ئەمەسلىكىنى بىلىدىم ،شۇڭا بۇ ئەپەندىنى ساڭا تۇنۇشتۇرماقچى بولدۇم،سەن ئۇنىڭ شىركىتىدە ئىشلىسەڭ بولىدۇ» دېدى. مەن شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ مىنى راستىنلا ئالداۋاتقانلىقىنى تۇلۇق ھىېس قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىدا غەزەپ بىلەن « سەن پوقنىڭ ئىىسقىنى يەپسەن،مەن ساڭا قاچان سىنىڭ بۇ ئەسكىلىكىڭگە كىلىپ ئىشلەيمەن دېدىم، مەن ھازىرلا كىتىمەن » دىدىم. بۇ چاغدا ھېلىقى مۇدىرىر دىگەن سولتەك ھىچ ئىش بولمىغاندەك « ئۇكام، بۇنداق مۇھىتقا كەلگەندە سېنىڭ يەنىلا بىر قەدەر ئەمەلىيراق بولىشڭنى ئۈمىد قىلىمەن » دېدى، مەن ئاچچقىمدا كىرىپ ئاشخانىدىن بىر قىڭراقنى تېىپىپ چىقىپ «ساۋاقدىشىم» بولمىش بۇ ھايۋاننى چانىۋەتمەكچى بولدۇم. لېكىن ئۇلار ھەممىسى بىر بولۇپ مېىنى تۇسېۋېلىشتى، قۇلىمدىن پىچاقنى تارتىۋالدى، تېخى ماڭا ھەيۋە قىلىپ يەنە مۇشۇنداق ھاياجانلىنىدىغان بولساڭ بۇ ئۆيدىن ئۆلۆكىڭمۇ چىقالمايدۇ»دېدى. مەندىمۇ ئۇلار بىلەن قارشىلاشقۇدەك باشقا ئامال يوقتەك قىلاتتى ، مەن كاللا ئىشىلىتىپ بۇ جىن ئۇۋىسىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم.
داۋامى كۈندە كىچىدە داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىدۇ .
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا قان. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-11 08:11 AM
|
|
|
|
|
|