مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2390|ئىنكاس: 17

قاۋاقتىكى پاراڭلار [1]ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92689
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 10:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاۋاقتىكى پاراڭلار {1}

ھېكايە

ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت


       سۇيى ئەلۋەك،تۇپرىقى مۇنبەت،باغۇ-بوستانلىقغا پۇركەنگەن يۇرتىمىزدىكى قاسىم زابوي،مەمەت دوقى،قادىر پاختەك،توختى تاتۇق قاتارلىق ئۈچ-تۆت ئۆلپەتداشلارنى تونۇمايدىغان چوڭ-كىچىك يوق.ئۇلار شۇ دەرىجە يېقىن ئاغىنە ئىدىكى،بىر-بىرى بىلەن ئىككى كۈندە بىر ئۇچرىشىپ،ئازراقتىن ئېچىشىۋالمسا كۈنى ئۆتمەيدۇ.ئەنە شۇنداق سورۇنلاردا ئاجايىپ-غارايىپ پاراڭلارنى سېلىشىپ،كەيپى تەڭشلگەندە ئۆيلىرىگە قايىتىشدۇ.

بۇ ئۈلپەتداشلار ئىچىدىكى قاسىم زابوي چوڭلارنىڭ دېيشچە،ئىلگىرى ھاراق ئىچىشكە تۈگۈل ئاياللارغا تىكىلىپمۇ قاريالمايدىغان،بەش ۋاخ نامازنى تەرك ئەتمەيدىغان ئەھلى مۇسۇلمان ئادەم ئىكەنتتۇق.دادسى-ئانىسى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغاندىن كېيىن كېتىپ يېتىملىك ئازابىغا چىدىماي كۈندە ھاراق ئېچىدىغان بولۇپ قالغانىكەن.

يېقىنىدىن بۇيان قاسىم زابوي ھاراقتىن ئۆزىنى تارتىپ،سورۇنلارغا ئانچە بارمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا ئۆتكەن يىلى ھاراق زورلاشنىڭ كاساپتىدىن ئاغىنىسى ئەخمەت چاپاق ھاراقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈشى سەۋەبىدى.ھېسابتا شۇ ئىش سەۋەبلىك ئۇ  بىر مەزگىل ھاراق تاشلىغان بولدى.لېكىن ‹‹ئۆگەنگەن خۇي ئۈجمە پشىقىغچە››دېگەندەك،ھاراق دېگەن بۇ شەيتان سۈيدىكى،پۇشايمان سۈيى ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى.

   بۈگۈن ئۇنى يېقىن دۇستى مەمەت دوقى ‹‹ياشلار بايرىمى››نى تەبىرىكلەپ ئۆتكۈزگەن ئولتۇرۇشقا چاقىرىپ قالدى. بۇنداق سورۇنلار دۇستلار داۋاملىق بارىدىغان،بازارنىڭ چېتىگە جايلاشقان‹‹ئۈلپەتداشلار ئارامگاھى››غا ئورۇنلاشتۇرلاتتى.بۇ ئارامگاھىنى ئېچەرمەنلەر ئاشۇنداق ئاتىشاتتى.ئەمەليەتتە،بۇ ئارامگاھ تاملىرى زەيلەپ كەتكەن،ئۇستنى شاخ-شۇمبا بىلەن يېپىلۋالغان قاۋاقخانا ئىدى.بەزىلەر تېخى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيى دەپمۇ قويشاتتى.بۇ قاۋاقخانا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئاۋات بولاتتى.

قاسىم زابوي ئولتۇرۇشقا بېرىش-بارماسلىق توغرسىدا ئىككلىنىپ ئولتۇراتتى. مەمەت دوقى يەنە تېلېفۇن بېرىپ توختاتمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە قاسىم زابوينىڭ ئۈلپەتداشلىرى  بىلەن ئىچشمىگلى خىلى كۈنلەر بولغان ھەم ئۆزىمۇ ھاراق سېغىنىپ قالغانلىقىدىن بىرىش نىيەتىگە كېلىپ، ئېرىنچەكلىك بىلەن ئورۇندىن تۇرۇپ بازارغا قاراپ ماڭدى.

    يېزىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى كشىگە بىر خىل سوغۇق تۇيغۇ بېرەتتى.بازار يولىدا ئادەملەر شالاڭ بولۇپ، مەھەللە-مەھەللەردە ئېچۋالغان ئاندا-ساندا ماگىزىنلار ئوچۇق تۇراتتى. قاسىم زابويغا كىرا قىلىدىغان بىرەر نەرسىە ئۇچرمىغاندىن كېيىن پيادە مېڭىپ بازارغا يېتىپ كەلدى-دە،قاۋاقخانىغا ئۇدۇللا كىرىپ كەلدى.

ئو قاۋاقخانىغا كىرگەندە بولۇڭىدىكى ئۈستەلدە بىر قانچە ئۈلپەتداشلىرى قىزغىن پاراڭلار بىلەن ئولتۇرشاتتى. قاۋاقخانا ئىچنى ئس-تۇتەك،ھاراقنىڭ ئاچچىق ھىدى قاپلىغانىدى.

-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم بۇردەرلەر،تېنىچلىق تۇردىڭلار؟-دېدى قاسىم زابوي ئۈنلۈك ئاۋازدا.ئۇنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن كۆپچلىك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.قاسىم زابوي ئۈلپەتداشلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرۈشۇپ،ئەھۋال سوراشتى.

ــ بەللى،قاسىم ئاداش،سورۇنغا كېچىكىپ كېلىدىغان ئىشنى ئەزەلدىن قىلمايتىڭ،بۈگۈن ئەجەپ كېچكىپ كەلىدىڭغۇ؟ ئۇنداق بولسا كونا قائىدە ئۆزگەرمەيدۇ جۇمۇ،ئۈچ رۇمكا جازا ھارىقى ئېچسەن؟-دېدى بۈگۈنكى سورۇننىڭ ساقسى مەمەت دوقى قاسىم زابوي كېرىپ بولغىچە گەپتە چىقىپ.

ئۈلپەتداشلار ئارسىدا كىم سورۇنغا كېچىكىپ كەلسە ئۈچ رومكا جازا ھارىقى ئېچىدىغان قائىدە بار ئىدى.

_ يولدا كېرا قىلغۇدەك بىر نەرسە ئۇچرىماي ھايال بولۇپ قالدىم،ئەپۇ قىلىڭلار،جازا ھارىقى ئېچسەممۇ ئېچەي،_دېدى قاسىم زابوي كۆپچىلكتىن ئەپۇ سورىغان تەرىزدە.

_ شۇنداق قىلسۇن دۇستلار،قاسىم ئاغىنمىزنىڭ ھاراق ئېچمگنىگە ئۇزۇن بولغان،مانا مۇشۇ پۇرسەتتە جازا ھارىقى ئىچىپ،ئۆتۈپ كەتكەنلىرىنى تولدۇرۋالسۇن،-دېدى قادىر پاختەك گەپ قستۇرۇپ.

_ ياخشى گەپ بولدى،قاسىمنىڭ قىزىق گەپلىرىنى ئاڭلمغلى ئۇزۇن بولۇپتىكەن،بۈگۈن راسا بىر پەيزى قىلىپ بەرسۇن،_دېدى مەمەت دوقى قولىدىكى رۇمكىنى قاسىم زابويغا تەڭلەپ.

     قاسىم زابوي سورۇنغا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق كېچكىپ كەلگەچكە ئاغىنلەر ساقلاپ بولالماي ئېچىشكەچ ئولتۇرشقان ئىدى. شۇڭا قاسىم زابوي دۇستلىرىنىڭ كەيپنى بۇزۇماسلىق ئۈچۈن ئارتۇق گەپ قىلشنىڭ ئورۇنغا جازا ھاراقنى كەينى-كەينىدىن ئېچىۋەتتى.

كۆپچىلىك ئىككى-ئۈچ نۆۋەت ئايلاندۇرۇپ ئىچكەندىن كېيىن قاسىم زابوي قولغا رومكىنى ئېلىپ گەپ باشلدى.

_ ئۇنداق بولسىا مەن دوستلارنىڭ ھۆرمىتىگە قىزىق ئشىدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي ،_دېدى قاسىم زابوي كۆپچىلككە تەكشى بىر قاراپ چىقىپ، _ھەممىڭلار بىلسلەر،مەن بىر قىزىنى قوغلىشىپ يۇرۋاتقلى ئۇرۇن بولغانىدى.ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇ قىزنى ماقۇلغا كەلتۈرەلمىدىم.ئاخىرى ئويان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئۇنىڭغا ئاخىرقى قېتىم تەلپىمنى دېيىش قارارىغا كەلدىم-دە،ئۇ ئشلەيدىغان مەكتەپنىڭ ئالدىغا كەلدىم.

شۇ كۈنى ئۇ ئشتىن ناھايتى كەچ چۇشتى.مەن مەكتەپ دەرۋازسى ئالدىدا ئۇنىڭ چىقشنى ساقلاپ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق تۇردۇم.بىر ۋاقىتتا ئۇ سومكسىنى كۆتۈرۈپ،چېكىپ دەسەپ، مەغرۇر قىياپەتتە دەرۋازدىن چىقىپ كەلدى.

مەن زور غەيرەت بىلەن ئۇنى چاقىرىدىم.ئۇ‹‹گۈلنار››دەپ چاقىرلىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئەتراپقا ئەنسىزلىك بىلەن قارىدى-دە،مېنى كۆرۈپ:

_ نېمە گېپىڭىز بار قاسىم،_دېدى تەرىنى تۇرۇپ.ئىلىگىرى نەچچە قېتىمۇ ماڭا شۇنداق دېگەنىدى. ئۇنىڭ سوغۇق مۇئاملسىدىن غۇژژىدە ئاچچىقىم يەنە كەلگەن بولسىمۇ ئۆزۇمنى تەستە بىسۋىلىپ:

_ ئۇنداق تاش يۈرەكلىك قىلماڭ گۈلنار!مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلشىم گۇناھ ئەمەس،كشدە ياخشى كۈرۈش ئەركىنلىكى بۇلىدىغۇ،سىزنىڭ مۇھەببەت ئوتىڭىزدا يۈرىكىم كۈل بولۇپ كېتۋاتىدۇ،توي قىلشقا ماقۇل بولسىڭىز،سىزنى مەڭگۈ بەختلىك قىلغان بولاتتىم،_دېدىم يالۋۇرغان تەلەپپۇزدا.ئۇ گەپلىرىمدىن بىزار بولغان ھالدا چىراينى بىر قسىما قىلىپ:

_ مېنىڭ توي قىلدىغان لايىقىم بار،مېنى كەچۈرۈڭ قاسىم،سىز بىلەن توي قىلالمايمەن،سىز ئەڭ ياخشسى ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان قىز بالىدىن بىرەرسى تېىپىپ توي قىلىڭ!_دېدى.

_ ئۇنداق قىلماڭ جېنىم گۈلنار!بۇ گېپىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىسام جېنىم تېنمىدىن چىقىپ كېتشى مۇمكىن،ماقۇل دېسىڭىز، سىزنى بىر ئۆمۈر بەختلىك قىلغان بولاتتىم،_دېدىم مەن قاپساپ كېلۋاتقان ئاچچىقنى ئىچىمگە يۇتۇپ.گەپلىرىمىدىن ئۇنىڭ ئاچچىقى تازا كەلدى بولغاي:

_ بولدى بەس سۆزلمەڭ!سىز ئۇخلماي چۈش كۆرۈپسىز، بۇنداق گەپلىرىڭىزنى نېرى كۆتۈرۈڭ!خوش،ئەمدى مېنى ئاۋارە قىلماڭ،_دەپ كېتىشكە تەمشەلدى.

    قاسىم زابوينىڭ گېپنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ھەمسورۇنداشلاردىن توختى پاختەك گەپكە لوقما سېلىپ:

_سەن قانداق قىلدىڭ؟بەلكىم كەينىدىن كېلىپ،كاپلا قىلىپ قۇچاقلىۋالغانسەن؟ _دېدى بىر قىسىما ھەرىكەتلەرنى قىلىپ.قاسىم زابوي توختى پاختەككە قاتتىق بىرىنى ئاليىپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدى.

     گۈلنار راستىنلا مېڭشقا تەمشەلدى،مەن شۇئان ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ،ماڭغلى قويمىدىم.ئۇ بۇ يولسىزلىقىمىدىن ھەم ئاچچىقلاندى ھەم كۆڭلى بىر شۇملۇقنى سەزدى بولغاي:

_ سەت قېلىق قىلماڭ ،مېنى ماڭغلى قويۇڭ.باشقلار كۆرۈپ قالسىا سەت تۇرىدۇ،_دېدى يالۋۇرغان قياپەتتە.مەن ئۇنىڭ يالۋۇرشلىرىغا قارىماي،قولغا ئېسلىدىم.ئۇ بۆرىنىڭ چاڭگىلغا چۈشۈپ قالغان قۇزىدەك قولۇمدىن يۇلقۇنۇشقا ئۇرناتتى.

_مېنى قويۋەت!يۇزى قېلىن،نۇمۇسىز ئەبلەخ!_دېدى_دە،كېلشتۇرۇپ كاچتىمغا بىر تەستەك سالدى.ئۇنىڭ تۇيۇقىسز قاتتىق ئۇرغان بىر تەستەكنىڭ زەربسىدىن كۆزلىرىمىدىن ئوت چاقناپ كەتتى. ئاغىرىق ئازابدىن خىلىغچە خۇدۇمنى بىلەلمدىم.ئېسىمگە كەلگەنمدە ئۇ ئاللبۇرۇن قولۇمدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ كەتىكەنىكەن،گۈلنار قۇيۇندەك تىز يۇگىرەپ،ئاللقاياقلارغا غايىب بولغانىدى.تۇن قاراڭغۇسىدا ئۇنىڭ قاياققا كەتكەنلىكىنى ئىلغا قىلالمىدىم.

    مەن ئۆز-ئۆزۈمگە:‹‹خەپ توختاپتۇر!ساڭا ئۆزۈمنىڭ كىملكمنى تونۇتۇپ قويمسام،ئوغۇل بالا بولماي كېتەي›› دەپ پىچىرلاپ قويدۇم-دە،ئاغىنەم قادىر بورانغا تېلېفۇن قىلدىم. قادىر بوران ماڭا بىرەر ئىش بولغان ئوخشايدۇ،دەپ ئويلاپ كېچىنى-كېچە دېمەي يېتىپ كەلدى.

_ بىرەر ئىش بولدىمۇ،ئاداش؟_دەپ سورىدى قادىر بوران مېنىڭ ئۈستى بېشمغا بىر قۇر قاراپ.

_ ھېچقانداق ئىش بولمدى ئاداش،سەن بىلەن بىردەم پاراڭلشىپ ئولتۇرغۇم كېلىپ تېلېفۇن قىلغانىدىم ،_دېدىم بىر خىل مەيۈس ھالدا.ئۇ مېنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايمغا قاراپ ئۇدۇللا:

_قەيەرگە بارىمىز،_دېدى.

-ئىككىمىز دائىم بارىدىغان قاۋاقغا بارايلى،-دېدىم.

ئىككىمىز دائىم بارىدىغان بۇ‹‹ئۈلپەتداشلار ئارامگاھى››غا قاراپ يول ئالدۇق.

قاۋاقخانىغا كىرگنىمىزدە قاۋاقخانا خوجاينىنى تاقاي دەپ تۇرۇپتىكەن،بىزدەك دائىملىق خېرىدارلىرىنى كۆرۈپ يەنە ئاچىتى.بىز بۇلۇڭدىكى ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇق.ئىككىمىز تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ ئىككى پوتۇلكا ‹‹قەھرىماننىڭ جاسارىتى›› قۇرۇقداپ بولۇپتۇق.ئاچچىق ھاراق قەلىبمىدىكى ئازاپقا ئارىلشىپ تېخمۇ مەس بولۇپ كېتىپتىمەن.

   قاسىم زابوي قولىدىكى بىر  رومكا ھاراقنى ئېچىۋىتىپ،رومكىنى ساقىغا بەردى.ئۇ سوغۇق سەيلەردىن ئازىراق يېگەندىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدى.ئۈلپەتداشلار ئۇنىڭ ھېكايسىنى بىرىلىپ ئاڭلاۋاتاتتى.

  بىز ئىككىمىز ئېچىپ راسا تەڭشلىپ سىرتقا چىقتۇق.بازاردا ئادەملەرنىڭ ئايغى ئۆزۈلگەن ئىدى.ئىككىمىز ئەلەس-مەلەس دەسەپ كېتىپ باراتتۇق.بىر ھازا ئۆتكەندىن كېيىن قارشى تەرەپتىن بىرسىنىڭ كېلۋاتقانلقنى غۇۋا ئىلغا قىلدىم.راسىت دېگەندەك بىر ئادەم كېلۋاتاتتى.ئۇ ئادەم ئىتىك قەدەملەر بىلەن يېنىمىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغانىدەك تىز كېتىپ باراتتى.ئۇ ئادەم بايا ماڭا ئېغىر ئازابلارنى سالغان گۈلنار ئىدى. ئۇ يېنمىدىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولۇپ تۇرىشىغا مەن دەرھال ئالدىنى توسۇپ:

_ جېنىم گۈلنار!خۇدا ھەققى،مېنى بۇنچە قينماڭ!خالىي جايغا بېرىپ بىردەم پاراڭلاشساق بولاتتى،_دېدىم مەسلكمنى چاندۇرماسلقغا تىرشىپ. ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ:

_ مېنى خاتا تونۇپ قالغان ئوخشايسىز،مەن گۈلنار ئەمەس،يولنى بوشتۇڭ،_دېدى قوپال تەلەپپۇزدا. ئايالىنىڭ دېگەن گەپلىرىدىن قاتتىق ئاچچىقىم كەلگەن بولسمۇ ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋىلىپ:

_ مەن قاسىمغۇ،بىردەمدىلا ئۇنتۇلۇپ قالغان ئوخشىمامسىز؟_دېدىم.ئۇ مېنىڭ مەسىلكمنى بىلىپ يېنىمىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىدى. مەن ئۇنىڭ بىلكىگە ئېسلىدىم.تۇيۇقىسز كاچتىمغا بىر تەستەك تەگدى.كاچاتنىڭ زەربسىدىن كۆزۈمدىن ئوت چاقناپ كەتتى.بۇ ئاھانەتتىن جۇدۇنۇم تازا تۇتۇپ:

_ پاسىكنا قانجۇق!تويە مانا!_دېگنىمچە ئايالىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە ئۇرۇشقا باشلدىم.ئۇ ئايال تاياق زەربسدىن يېقلىپ چۈشتى.مەن ئەمدى ئۇنى تېپشكە باشلدىم.دەل شۇ ۋاقىتتا قاياقتىن كەلدى بىر ئەر كشى پەيدا بولۇپ مېنى دۇمبالاشقا باشلىدى.مىڭ تەسلكتە يۇمۇلۇپ كېتۋاتقان كۆزۈمنى ئېچىپ،مېنى ئۇرۋاتقان كشىگە قارىدىم.ئۇ يولدا تەرەت قىلىۋالاي،دەپ قالغان ئاغىنەم قادىر بوران ئىكەن.ماۋۇ كېلشمەسلكنى كۆرۈڭ.

_خوتۇنۇمنى ئۇرغانغا تويە-ھە!-دېگىنىچە قادىر بوران مېنى راسىا ئۇرغاندىن كېيىن يەردە ۋايجانلاپ ياتقان ئايالىنى يۆلەپ،كېتىپ قالدى.

ئەسىلدە قادىر بوران ئۆيىدىن جىددىيلەشكەن ھالدا چىقىپ،يېرىم كېچىگىچە پەيدا بولمغاندىن كېيىن ئايالى ئۇنى ئىزدەپ كېتۋىتىپ ماڭا ئۇچراپ قالغانىكەن،ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە گۈلنار سۈرىتىدە كۆرۈنۇپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ؟!

_ساڭا شۇ چاغدا قادىر بوراننىڭ قېرى خوتۇنمۇ قىز كۆرۈنۈپ كېتىپتۇ_دە،_دېدى مەمەت دوقى چاقچاق قىلىپ.

_ئۇنى بىر دېمەڭلار ئاغىنىلەر،مۇشۇ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن بىر ئوبدان دوستۇمدىن، سۈيگەن يارىمدىن ئايرىلىپ قالدىم،لېكىن بۇ شەيتاننىڭ سۈيدىكىدىن ئايرلالمدىم ئەمەسىمۇ،_دېدى قاسىم زابوي مەيسۈنلەنگەن ھالدا ئېغىر خۇرسىنىپ.

كۆپچلىك قاسىم زابويىنىڭ ھاراقنىڭ كاساپتىدىن يولۇققان بۇ قسىمەتلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتشتى.ئۈلپەتداشلار ئۇياننىڭ-بۇياننىڭ پاراڭلىرىنى قىلىشقاچ كەينى-كەينىدىن بىر قانچە رومكا ئېچىشىپ،كەيپى توشۇپ، ئۆيىلىرىگە قايىتىشىتى.

يېرىم كېچە، ئىتلارنىڭ ئەنىسز قاۋاشلىرى غەپلەت ئۇيقۇسدا ياتقان كشلەرنى ئويغۇنۇشقا دالالەت قىلماقتا ئىدى.لېكىن كشلەرگە ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرى ئاننىڭ ئەلەي ناخشىدەك تۇيۇلۇپ غەپلەت بۆشكىدە تېخمۇ شىرىن ئوخلاۋاتاتتى. مەھەللىمىزنىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىدە ئاللىكېملەرنىڭ ئىتقا ئوخشاش غېڭشىپ ياتقانلىقى،يېغلاۋاتقانلىقى،ئۆ قىلىپ ياندۇرۋاتقانلىقى،كۇسۇك ئىتلارنىڭ شالاپشىپ بىر نەرسىلەرنى يالاۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-10 10:41 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92689
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-3-5
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 10:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇلاڭچى ‹ھېكايە›


بۇلاڭچى

ھېكايە

ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت


ئاي قاراڭغۇسىدا يولىنى تەسىتە پەرق قىلىپ كېتۋاتقان قادىر ئاغېرىق ئازابىدا ئىڭىراپ ئۆيدە ياتقان قىزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش غېمىدە ئۆيگە قاراپ قەدىمنى تېزلەتتى.

ئۇ نەچچە كۈنىدىن بېرى قىزىنى پۇل بولمغانلىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرالمىغان ئىدى.مانا بۈگۈن بىر كۈن ئۆچرەتتە تۇرۇپ تەستە تۇرالغۇ ئۆينى رەنىگە قويۇپ، پۇل مەسىلىنى ھەل قىلغانىدى.

قادىر چوڭ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلغاندا ئالدىنى يوچۇن بىر كشى توستى.

-توختا!

بۇ قوپال ئاۋازدىن ئاللىقانداق بىر شۇملۇقنى سەزگەن قادىرنىڭ يۈرىكى ئەنسىز سوقۇشقا باشلدى.

-يېنىڭىدىكى پۇلنى چىقار!

‹‹مەن بۇلاڭچىغا يولقۇپتىمەن-دە،قانداق قىلسام بولار؟››دېگەن خىيالغا كەلگەن قادىرنىڭ كۆزى بۇلاڭچىنىڭ قولىدىكى ئاي قاراڭغۇسىدا سۇس پارقىراپ تۇرغان خەنجەرگە چۈشتى.

-يېنىمىدا پۇل يوق،-دېدى ئۇ تترەڭگۈ ئاۋازدا.

-يالغان سۆزلمە،ھېلى بىكار پۇلىنى دەپ جېنىڭىدىن ئايىرىلسەن!- بۇلاڭچى شۇنداق دېدى-دە،قادىرنىڭ گېلىغا خەنجەرنى تىرىدى.قورقۇنۇشتىن ئېسنى يۇقاتقان قادىرنىڭ پۇت-قولدا جان قالمىدى.

-مەن...مەن...مەندە راستىنلا پۇل يوق.

-تولا ۋالاقلىماي پۇلىنى چىقار!-دېدى بولاڭچى خەنجەرنى قادىرنىڭ گېلغا كۈچەپ تىرەپ.

-مانا،پۇلىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ،-دېدى قادىر يانچۇقدىكى پۇللارنى ئېلىپ.قادىر قورقۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇ يەنە يالغان سۆزلىسە بۇلاڭچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۇرۋىتىدىغانلىقنى ھېس قىلغانىدى.

بۇلاڭچى قادىرنىڭ تىتىرەپ تۇرغان قولىدىكى پۇلىنى چاققانلىق  بىلەن ئالدى-دە،قانداق تىز پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تىز كۆزدىن غايىب بولدى. قادىر خۇددىي بىر قاباھەتلىك چۈش كۆرگەندەك تەستە ئېسىنى يىغىدى-دە،دەرھال يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىغا دىلو مەلۇم قىلغلى يۇرۇپ كەتتى.

*                                     *                                       *

ئۇ ئۆيگە كەلگىندە ئايالى قىزنىڭ بېشىدا پايپىتەك بولۇپ يۈرەتتى.قادىرنىڭ سۇلغۇن چىرايغا قاراپ يۈرىكى بىرەر شۇملۇقنى سەزگەن ئايالى ئېغىز ئاچىتى:

-نېمە بولدى قادىرئاخۇن؟قەرىز ئالالمغان ئوخشىمامىسز؟

قادىر ئېغىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن بولغان ئەھۋالىنى ئايالىغا سۆزلەپ بەردى.قادىرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلغان ئايالى ئۇن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.

تاڭ ئاتتى.قادىر ئۇرۇق-تۇققان،تونۇش-بىلشلەردىن قەرىز ئېلىش مەقستىدە ناشتىمۇ قىلماستىن ئۆيىدىن چىقىتى. ئۇرۇق-تۇققانلاردىن چوڭ ئارۇز-ئۈمىدلەرنى كۈتكەن قادىر بىر كۈن قاتىرىغان بولسىمۇ ‹‹پۇل يوق ئىدى،بولسا بېرىپ تۇرغان بولاتتۇق.بانىكغا مۇددەتلىك قويۋىتىپتىكەنمىز.باشقلارغا قەرىز بېرىپ تۇرغانىدۇق››دېگەندەك جاۋابلارغا ئېرىشپ مەيۇسلەنگەن ھالدا ئۆيگە قايىتىپ كەلدى.ئۇ ئويان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ مەدىكار ئشلەش قارارىغا كەلدى.

ئەتىسى سەھەردە مەدىكار بازىرىغا بارغىنىدا تەلەيىلگە يارشا بىر خوجايىن ئۇنى ئون كۈنلۈك ئشقا ياللىدى.ئىش تېپلىغانىغا خۇشال بولغان قادىر قار تەرگە چۇمۇلۇپ ئشلەپ ئون كۈننى ئۆتكۈزدى.

قادىرنىڭ قىلغان ئىشدىن رازى بولغان خوجايىن ئىش ھەققىنى ئاشۇرۇپ بەردى.قىزىنى دوختۇرخانىغا ئاپارغۇدەك پۇل تاپقان قادىر خۇشال ھالدا ئۆيگە قاراپ يول ئالدى.

*                                     *                                       *

ئۇ ئۆيگە كەلگەندە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھويلىسدا تۇرغانلىقنى كۆردى-دە،يۈرىكى بىر ئەنىسزلىكىنى سىزىپ ئۆيگە ئوقتەك ئېتلىپ كىردى. ئۆيدە ئايالى قىزىنى قۇچاقلاپ ھاز ئېچىپ يىغلاۋاتاتتى.

ئۇ خۇلۇم-خۇشنا،ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە ئشلەپ تاپقان پۇلىنى سەرپ قىلىپ قىزىنى يەرلىكىدە قويدى.

تاڭ سۇزۇلىدى. بىر كېچە تۇپراق بېىشدا تۈنىگەن قادىر ئۆيىگە قايىتىپ كەلىدى.ئۇ ئەمدى چاي ئېچەي دەپ تۇرۇشىغا ئىككى ساقچى ئۆيگە كىرىپ كەلدى.

-سىز قادىر بولامىسز؟

-شۇنداق،نېمە ئىش ؟-دېدى قادىر ياشاڭغۇرغان كۆزلىرىنى ئۇۋلاپ.

-ئۆتكەندە پۇلىڭىزنى بولىغان بۇلاڭچى قولغا چۈشۇپتۇ.دەرھال بىز بىلەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە كىرىپ جىنايەتچىنى تونۇپ بېرىڭ؟!

-ئۇ چاغدا جىنايەتچى يۇزنى نىقلابلۋالغان ئىكەن.مەن تونۇيالماسلىقىم مۇمكىن،-دېدى قادىر شۇ چاغدىكى قاباھەتنى ئەسلەپ.

-شۇنداق بولسىمۇ بىز بىلەن بېرىپ تونۇپ بېقىڭ.

قادىر ساقچىلار بىلەن شەھەرگە يۇرۇپ كەتتى.

-جىنايەتچىنى تونۇتۇش ئۆيگە ئېلىپ كىرىڭلار!-دېدى ساقچى باشلىقى قول ئاستىدىكى بىر ساقچنى بۇيرۇپ. ئۇزۇن ئۆتمەي قولغا كويزا سېلىغان 25ياشلار چامىسىدىكى ساقال-بۇرۇتلىرى ئۆسەكلەڭ كەلگەن،ئادەملىك سىياقنى يوقاتقان بىر جىنايەتچى ئەينەكلىك ئۆيگە ئېلىپ كىرىلدى.جىنايەتچىى بىر كېچە سوراق جەرياندا بارلىق جىنايەتلىرىنى تولۇق تاپشۇرغان بولسىمۇ ئۆزنىڭ يۇرتى،ئائىلىسىنى ئىقرار قىلىمغانىدى.

-قادىرئاخۇن،سېنچلاپ قاراپ باقسلا سىزنى بۇلىغان بۇلاڭچى شۇمۇ؟-دېدى ساقچى باشلىقى تونۇتۇش ئۆينىڭ ئالدىغا قادىرئاخۇننى ئېلىپ كېلىپ.

قادىر سېىنچلاپ قارىدى.جىنايەتچىنىڭ ئۆسەڭلەڭ ساقال-بۇرۇتلار ئاستىدىكى تونۇش چىراينى كۆرۈپ يۈرىكى ‹‹قارت›› قىلىپ قالدى.جىنايەتچى باشقا بىرى بولماستىن سەككىز-ئون يىلىنىڭ ئالدىدا يوقلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن ئۆزىدىن رەنجىپ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاپاسىز ئوغلى مۇرات ئىدى...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-10 10:40 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92475
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 665
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 11:01:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن

دۇنيادا ئۇيغۇر تىىلىنى بىلىدىغان ئادەمدىن پەقەت بىرسىلا قالسىمۇ ئۇئادەم دەل مىنىڭ ئوغلۇمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 11:10:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85881
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 193
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 86 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 11:20:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
{:31:}{:31:}{:31:}{:31:}{:31:}{:31:}{:31:}{:31:}

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3437
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 34039
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2827 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 11:44:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93382
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-3-15
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 12:03:14 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86318
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 12:05:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-ھېكايىدىكىدەك ھاراقنىڭ كاساپىتىدېن ئەتراپىمىزدىكى يۈزبېرىۋاتقان ھەرخىل ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇپمۇ ھاراقنى تاشلىمايۋاتقانلار ئاز ئەمەس....                                               2-ھېكايىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ.......


مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21088
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2111 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 07:10:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1 -ھېكايىدىكىدەك ھاراقنىڭ كاساپىتىدېن ئەتراپىمىزدىكى يۈزبېرىۋاتقان ھەرخىل ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇپمۇ ھاراقنى تاشلىمايۋاتقانلار ئاز ئەمەس....

  بىرى ھەر كۈنلۈكى ئۈچ ۋاخ ھاراق ئىچمەي تۇرالمايدۇ،
  ھاراق ئىچكەچ قېيىپ باشى يىقىلسا تىنچ قوپالمايدۇ،
   ياتار جايى ئېرىق-ئازگال يالاپ يۈندە،غاجاپ پايخان،
   كىرا قىلماي ئىشەك تاينى،ئۆيىگە ھەرگىز بارالمايدۇ.        

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

قان ئىچدە قان ......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68484
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2787
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2013-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 08:43:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنجىسىنى تولىمۇ ياقتۇردۇم ، تولار رەھمەت......كۈندە كۈندە ئۇقۇرمەن !

كەتكەنلەردىن كەلگەنلەر يوق ، كەتمىگەندىن كەتمىگەنلەر !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش