جەرىمانە
فېليەتۇن
ئالىمجان نەسىردىن ئۆزقۇت
دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشىپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يىغىلىدىغان كۈنى مەكتەپ ئىشخانسىنىڭ مۇدىرى مەمەت كونا ئادىتى بويىچە بالدۇرلا مەكتەپكە كەلدى. ئۇ مەكتەپ ئشخانسىنىڭ ئشىلىرىنى قىلغاندىن سىرت،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئېنتىزام،داۋام ئشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.ھەر قانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ ئېنىتزامسىزلىق قىلمىشى ئۇنىڭ كۆزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايىتى.مەكتەپ ئىچىدە تەشكلى-تۈزۈمگە خىلاپ ئشلار سادىر بولىدىكەن،ئۇ دەرھال يانچۇق دەپتىرىگە خاتىرلەپ قوياتتى –دە،ئايلىق خۇلاسە يىغىنلىرى ياكى ماۋسۇملۇق خىزمەت خۇلاسىسى چوڭ يىغىنلىرىدا ئوتتۇرىغا قوياتتى.
ئەتىگەنلىك يوقلىمىنى ئاخىرلاشتۇرغانمەمەت يېنىك بىرنى تېنىپ قويدى.ئوقۇتقۇچىلار كۈندىكىدەك بايراق چىقىرش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىن زالىغا قاراپ مىڭىشىتى.
يىغىندا مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن نۆۋەتتە قىلىشقا تىگشلىك خىزمەتلەر توغرسىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. بەزى ئوقۇتقۇچىلار دەم ئېلىش جەرياندا كۆرگەن-ئاڭلغانلىرى توغرىسدا سۆزلىشىپ ئولتۇرىشسا، بەزىلىرى ئۆز ئىشى بىلەن بەند ئىدى.
تويۇقسىز زالىنىڭ ئاخىردا ئولتۇرغان نۇردۇن مۇئەللىم مۇگىدەپ قالدىمۇ قانداق شېرەگە ئۇسۇپ سالدى. كۆپچىلىك شۇئان ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى.مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىنمۇ سۆزىنى توختىتىپ،بويۇنلىرىنى غازىدەك سوزغىنچە زالىنىڭ ئاخىرىغا قارىدى. نۇردۇن مۇئەللىم ئوڭايسىزلغان ھالدا پشانسىنى سىلاپ تۇراتتى.
- يىغىن ۋاقتىدا ئوخلاشقا بولمايدۇ،-دېدى مەكتەپ مۇدىر جالالىدىن قاپىقىنى تۈرۈپ،- بۇ خىل قىلمىش ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قىلىپلاشتۇرۇش تۈزۈمىگەخىلاپ.شۇڭا، نۇردۇن مۇئەللىم تۈزۈم بويىچە جەرىمانە تۆلەيدۇ. مەمەت جۈرىن خاتىرلەپ قويۇڭ.
مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن تەڭلا ئوقۇتقۇچىلار كۇسسۇرلىشىشقا باشلىدى:
-جەرىمانە تۆلەش يەنە باشلاندى.مۇشۇ ئاي،مۇشۇ كۈنلەردە ھەممە ئىشقا جەرىمانە تۆلەيدىغان بولۇپ كەتتۇق دېسە.
-راسىت،جەرىمانە ئېلىنمىغان ئوسۇرۇقلا قالدىغۇ ئەمدى؟!
-شۇنداق، تىنغاندىمۇ دىققەت قىلپراق تنساق بولغۇدەك!
ـ . . .
-تىنىچلىنىڭلار،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ،-نۆۋەتتە مەمەت جۈرىن ئالدىنقى ئاي ئىچىدە مەكتەپ تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، جەرىمانە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ، دىققەت بىلەن ئاڭلاڭلار!
ئشخانا مۇدىرى مەمەت ئوقۇتقۇچىلارغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن گېلىنى قىرىپ قويۇپ سۆز باشلىدى:
-ھازىر مەن ئالدىنقى ئاي ئىچىدە مەكتۋىمىزنىڭ تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ،جەرىمانە قويۇلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئسىملىكىنى ئېلان قىلىمەن. جەرىمانىگە قايىل بولمىغان ئوقۇتقۇچىلار بولسا يىغىنىدىن كېيىن مەن بىلەن كۆرۈشسەڭلار بولىدۇ،-دېدى-دە، مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىنغا قاراپ قويۇپ تېزىملىكنى ئوقۇشقا باشلىدى.
-ئەخەت قاسىم،-دەپ ئوقۇشقا باشلىدى ئشخانا مۇدىرى مەمەت،-دەرىسى يوق ۋاقىتتا ئشخاندا ئولتۇرماي،مەيداندا لاغايلاپ يۇرگەنلىكى ئۈچۈن تۈزۈم بويىچە بىر سائەت مەشغۇلاتقا قاتناشمىغان ھېسابلىنىپ 45يۈەن جەرىمانە.
ئشخانا مۇدىرى مەمەتنىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭلا ئەخەت قاسىم دېگەن ئوقۇتقۇچى ئورۇندىن چاچراپ قوپۇپ:
-مەن مەيداندا بىكاردىن-بىكار چۆرگىلەپ يۇرمىگەن.ئىشخانىنىڭ ئاچقۇچىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ،شۇنى ئىزدىگەن ئىدىم،-دېدى.
-پىكىرىڭىز بولسا يىغىندىن كېيىن دەڭ،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرۇپ،-قېنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
-ئىبراھىم سەمەت تەنەپپۇس ۋاقتىدا مەيداندا گازىر چاققانلىقى ئۈچۈن 30يۈەن جەرىمانە،ئابدۇللا مەمەت گىمناستىكا ۋاقتىدا ھەرىكەتنى جانلىق ئوينمىغانلىقى ئۈچۈن 10يۈەن جەرىمانە،ئايتۇنەم ياسىن رەھبەرلىك ئش ئورۇنلاشتۇرغاندا بويانتاۋلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن 50يۈەن جەرىمانە،گۈلىنىسا ھىمىت مەكتەپكە بالىسنى ئېلىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن 30يۈەن جەرىمانە،تۇرسۇن سەمەت ئۈلگىلىك دەرىس ئۆتۈش جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹سەن››لەپ گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 10يۈەن جەرىمانە...
ئشخانا مۇدىرى مەمەتنىڭ گېپى تۈگىمەيلا زال ئىچىنى يەنە غۇلغۇلا قاپلىدى. بۇ چاغدا مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن ئۈستەلنى مۇشتلاپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى ئۆزگە تارتتى.
- مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا زىت تۈرلۈك ئىشلارنى چەكلەش قائىدە-تۈزۈملىرىنى يولغا قويغانلىقىدىن ھەممىڭلارنىڭ خەۋىرى بار. تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغان ئىكەنمىز، تۈزۈم بويىچە جەرىمانە تۆلەيدىغان گەپ. شۇڭا، مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپ ئشلارنى سادىر قىلماي،خىزمەتنى جانلىق ئشلەپ مېڭىڭلار!
مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ گېپنى ئاڭلاپ،ئشخانا مۇدىر مەمەت تۆۋەندە ئولتۇرغانلارغا غالىبلارچە قاراپ قويدى.
ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىغىن سوغۇقلا ئاخىرلاشتى. يىغىن زالىدىن چىققان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىلىرى ئشخانسىغا ماڭسا، يەنە بەزىلىرى سىنپقا قاراپ يول ئالدى.
ئوقۇتۇش بىرخىل رېتىمدا داۋاملىشىشقا باشلىدى. مەكتەپتە ئۆزگىرىش بولىندى دېسە مەيدان ئەتراپىدىكى سۆگەت، تېرەكلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى خېلىلا سارغايغان ئىدى.
چۈشتىن كېيىنلىك مەشغۇلىيەت ۋاقتىدا مەكتەپ ئىچىنى ئارلاۋاتقان مەمەت دەرۋاز ئالىدىدا مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن بىلەن بىر قسىم بەنزە ئەزالىرىنىڭ پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ،قەدىمىنى شۇ تەرەپكە بۇرىدى.
- مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش،تەلىم-تەربىيە خىزمتنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان باشقۇرۇشنى تېخمۇ كۈچەيتىپ،ھەر قايسى تەرەپلەردىن ياخشى يېتەكلىشىمىز كېرەك.بولۇپمۇ ياش،ئوتتۇر ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈزۈم قارشنى كۈچەيتىشنى مۇھىم ھالقا سۈپتىدە تۇتۇش كېرەك،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن ئەتراپىدا ئۆزگە قاراپ تۇرغان بەنزە ئەزالىرىغا بىر قۇر قاراپ چىقىپ.
-راسىت مۇدىر،ھازىر بىر قسىم ئوقۇتقۇچىلار گەندەنكەشلىك قىلىپ مەكتەپ تەشكلىنى كۆزگە ئىلمايدىغان،رەھبەرلىك ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئىجىرا قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.بۇنداقلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى قائىدە-تۈزۈمگە سېلىپ ھەيۋىسنى يەرگە ئۇرۇش كېرەك،-دېدى ئىلىمىي مۇدىر بارات مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ سۆزگە ئۇلاپلا.
ئشىخانا مۇدىرى مەمەتنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكى كۆرگەن مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىن:
-كېلىڭ مەمەت جۈرىن،سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ خىزمتنى تېخمۇ ياخشى ئشلەڭ.قائىدە-تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى دەل ۋاقتىدا خاتىرلەپ مېڭىڭ.
-بولىدۇ، مۇدىر! بۇنىڭىدىن كېيىن ھوشيارلقىمىنى تېخمۇ ئۆستۈرۈپ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇرۇش-تۇرۇشىغا يېقىنىدىن دىققەت قىلىمەن،-دېدى ئشخانا مۇدىرى مەمەت چىرايىغا قەتئىيلىك تۈسى بېرىپ.
-ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەندە بىرىنىچىدىن،ئوقۇتۇش ئشلىرىدا ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ،ئىككىنچىدىن،ئېنىتزامسىزلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېلىنىدىغان جەرىمانە كۆپرەك بولىدۇ.كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغان مېھمانلار چىقىمى،ئۆزىمىزنىڭ ئولتۇرۇشلىرىمىزغا مەبلەغ غەملىگىلى بولىدۇ،-دېدى مەكتەپ مۇدىرى ئەتراپىغا بىر رەت قاراپ قويۇپ.
ھەممەيلەن باشلىرىنى لىڭشىتىپ مەكتەپ مۇدىرى جالالىدىننىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاشتى. ئۇلار قىزغىن پاراڭلىرى بىلەن تۇرغان شۇ پەيتتە، تىل-ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىسى ئەلى ئوسمان ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى. ئۇ ئاللىقانداق خىياللار بىلەن كېتىپ بارغاندەك قىلاتتى.
ئشخانا مۇدىرى مەمەت ئەلى مۇئەللىمىنىڭ مەشغۇلىيەت ۋاقتىدا ئشخانسىدا ئولتۇرماي مېڭىپ يۇرگەنلىكىنى كۆرۈپ،سەل ئاچچىقى كەلدى.ئۇ ‹‹خەپ ئەدىپىڭىنى بىر بەرمەيدىغان بولسام›› دېگەنلەرنى خىيالدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇشىغا،ئەلى مۇئەللىم قېقىلىپ يۈتۈلۈپ قان تۈكۈرۈپ سالدى. بۇنى ‹‹ياخشى پۇرسەت›› دەپ بىلگەن ئشخانا مۇدىرى مەمەت يانچۇق دەپتىرىنى چىقىرىپ:‹‹ ئەلى مۇئەللىم مەكتەپ رەھبەرلىكىنى كۆزگە ئىلماي مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىدا تۈكۈرگەن›› دەپ خاتىرلەپ قويدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-10 10:43 PM