|
|
|
|
1) ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5مىڭ كىلومىتىر بولغان مىسىر. ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى-سابىق مىسىر پرىزدېنتى مۇھەممەد مورسى ئەلباشلىق تەختىگە ئولتۇرغىنىغا بىر يىل بولغان ۋاقىتتىن بۇيانقى ئىچكى تۇقۇنۇش 10-كۈنىگە قەدەم قويدى. مۇسۇلمان قىرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ قارشىلىشىش ھەرىكىتىنى كەسكىن داۋاملاشتۇرىشى، ئارمىيىنىڭ ھوقۇق تارتىۋېلىش غەرىزىنىڭ پىلانلىق بۇلىشى، ھەم ئۆكتىچى گوروھلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پىكىر ئىختىلاپى سەۋەپلىك مىسىردىكى قالايمىقانچىلىق يەنە داۋاملىشىدۇ. ئەگەر ئارمىيىنىڭ مورسىنى تەختتىن چۈشۈرىش غەرىزى شەخسكە قارىتىلغان ئاددىي ھەرىكەت بولماي، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇسۇلمان قىرىنداشلار تەشكىلاتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش بولسا تۇقۇنۇشنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىش ئىھتىماللىقى چوڭ.
ئارمىيە بىلەن ئالىي سوتنىڭ مورسىنى غولىتىش سەۋەبى ھەممەيلەنگە ئايان بولغان ھوقۇق كۆرىشىدىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇلىشىدا زورلۇق كۈچ ئۈستۈنلىكىدىن باشقا خەلقنىڭ تۈۋەن تۈرمۈش سەۋىيىسىگە بولغان نارازىلىقى ۋە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلىنىش ھاسىل قىلالمىغانلىقى پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىپ بەردى. مەن بۇلتۇر مورسى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ سىياسەت يۈرگۈزۈش تەدبىرى ۋە ئارمىيە، ئالىي سوت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان شۇڭا بۈگۈن قايتا توختالمايمەن. ئەمما، قايتا تەكىتلەيدىغىنىم-مىسىر سىياسىتىدە 60يىل مەركەزلىك رول ئوينىغان، ھەم دۆلەت ئىقتىسادىدا تۆتتىن بىر ئۆلۈش نىسپەتنى ئىگىلىگەن ئارمىيىنىڭ خەلىق سايلىغان پرىزدېنتنى مەجبۇرى تەختتتىن چۈشۈرىۋىتىشىنى <ئەرەب باھارى>نىڭ مەغلۇبىيىتى دىگىلى بولمايدۇ. سىياسىي مۇھىتىدا قىسقا ۋاقىتتا زور ئۆزگۈرۈش بولغان مىسىردا ئارمىيىسىنىڭ سىياسىيغا ئورناپ كەتكەن چوڭقۇر تەسىرىنى ئاجىزلىتىشتا كىڭەشنىڭ كەمچىل بولغانلىقى، مۇسۇلمان قىرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ سىياسى تەدبىرىدە باستۇرىۋىتىش خارەكتىرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ گەۋدىلىك بۇلۇپ كىتىپ قارشى پىكىردىكىلەرگە ئىتىبار قىلمىغانلىقى ئۆزىنى-ئۆزىنى ئاجىز ئۇرۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى.
مەنسۇرنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قانداق تەدبىرنى قوللىنىپ دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى پەسەيتىدۇ بۇنى داۋاملىق كۆزۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ. ئەمما، ئۇمۇ ئوخشاش مۇسۇلمان قىرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ قارشىلىقى، ناچار ئىقتىسادى تۇرمۇشنىڭ نارازىلىق بېسىمىغا دوچ كىلىدۇ.
2) ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3مىڭ كىلومىتىر بولغان ۋيتنام داناڭ، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋيتنام دىڭىز ئارمىيىسى ئەسلىدە ھاۋا ئارمىيىسىگە قاراشلىق 954-بىرىگادىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە قىسمىغا ئىگە بولدى.
مەزكۇر قىسىم شەرقى دىڭىز( جۇڭگۇ جەنۇبىي دىڭىز دەپ ئاتايدۇ) دا كۆزىتىش، ئوت كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋە ھەربىي تىراسفورت ۋەزىپىلىرىنى ئۆتەيدىغان بۇلۇپ ۋيتنام دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئونىۋىرسال كۈچىنى مۇئەييەن دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. جۇغراپىيىلىك جايلىشىش نوقتىسىدىن داناڭ جۇڭگۇنىڭ جوڭشا تاقىم ئاراللىرى رايۇنىغا ئۇدۇل كىلىدۇ. جوڭشا تاقىم ئارىلى بولسا جۇڭگۇنىڭ شىشا تاقىم ئاراللىرى بىلەن نەنشا تاقىم ئاراللىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك، ئۇچۇقراق ئيتقاندا جۇڭگۇ جەنۇبىي دىڭىز رايۇنىنىڭ ئۇمۇرۇتقىسى ھىساپلىنىدۇ. ۋيتنام دىڭىز ئارمىيىسىنىڭ رازۋىتكا، ھاۋا جېڭى، ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى يەتكۈزۈش قاتارلىق ئونىۋىرسال جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئېىشىشى، جۇڭگۇ ئارمىيىسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە جەنۇبىي دىڭىز رايۇنىدا كۈچەيگەن ھەرىكەتچانلىق تەھدىتىنى كۆرىنەرلىك ئاجىزلىتىدۇ.
3) ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3مىڭ كىلومىتىر بولغان ياپون دىڭىزىغا تەۋە پىتىر قولتۇقى.
جۇڭگۇنىڭ بىرلەشمە دىڭىز فىلوتى بىلەن روسىيىنىڭ تىنچ ئوكيان فىلوتى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىۋاتقان <دىڭىز ھەمكارلىقى 2013> ھەربىي ئىشلار مانىۋىرى راست ئوق باسقۇچىغا كىردى. مەزكۇر مانىۋىرغا قاتناشقان قۇراللار جەھەتتىن جۇڭگۇنىڭ بىر دانە ئونىۋىرسال تەمىنات پاراخوتىنى ئۆز ئىگە ئالغان يەتتە پاراخوتنىڭ قالغىنى تۆت دانە باشقۇرۇلدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوت، ئىككى دانە باشقۇرۇلدىغان بومبىلىق قوغدىغۇچى پاراخوت بۇلۇپ ھەممىسى دىگۈدەك يىڭى ئەۋلاد جەڭ پاراخوتلىرى ھىساپلىنىدۇ. روسىيە جەڭ پاراخوتلىرى گەرچە نىسپەتەن كونىراق بولسىمۇ ئەمما كۆلەم ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە يەنىلا كۈچلۈك ھىساپلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا چۆكمە پاراخوت، تىك ئۇچار، جەڭ ئايرۇپىلانلىرى قاتناشتى.
بۇ قېتىم مەن ئەڭ دىققەت قىلغىنى- مانىۋىردا ئارال تارتىۋېلىش، ئارالغا ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ھەربىي مەشىقلەر ئېلىپ بېرىلمىدى. بۇ تەرىپىنى ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى ئامىرىكا بىلەن ياپونىيە كالىفورنىيە دىڭىز ساھىلىدا ئېلىپ بارغان، جۇڭگۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلسىمۇ قېتىغا ئالماي ئۆتكۈزىۋەرگەن ئارال تارتىۋېلىش مانىۋىرىغا سېلىشتۇرغاندا ماھىيەتلىك پەرق بار. يەنى بۇ پەرق ئىككى مانىۋىردىكى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سىياسىي ھەمكارلىقنى يۇرىتىپ بىرىدۇ. چۈنكى بىرقانچىدىن ھەربىي پاراخوتنى چىقىرىپ مانىۋىر-مەشىق قىلىش باشقا ئىش، مانىۋىرغا سىياسىي مەيداننى سىڭدۈرۈپ پوزىتسىيە بىلدۇرۇش تامامەن باشقا ئىش.
_____________
مەنزىل-كەمىنە.
|
|
|
|
|
|