ئەسسالاممۇ -ئەلەيكۈم دوستلار ، بۈگۈن دوستلارغا مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتاللىرى ۋە قىستۇرمىلار قاچىلاپ تەييارلانغان ghost سېستىمىسىدىن بىرنى ئىلىپ كەلدىم . مەزكۇر سېستىما تەجىرىبە ۋە ئۆگۈنىشنى مەخسەت قىلىپ تۈزۈلدى ، ھەقىسىز تارقىتىلدى .
سېستىما چۈشەندۈرلىشى :
1. ئەسلى نەشىردىكى xp sp3 نىڭ 32 بىتىلىق نۇسقىسى ئىشلىتىلدى .
2. ئاساسلىق مۇزىكا يۇمشاق دىتالىدىن cubase5.12 ئىخچاملانغان نەشىرى قاچىلانغان .
3.سىغىمى كىچىك بىراق قوللىنىشچانلىقى يۇقىرى بولغان چالغۇ قىستۇرمىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ ، بىرىكمە چالغۇ ، پىئانىنو ، دۇمباق ،گىتار ، باس ۋە ئۇنۋىرسال تۈردىكى ئاۋاز مەنبەلىرى بار . مۇزىكا ئىشلەشىنى دەسلەپىكى قەدەمدە ئۆگەنمەكچى بولغانلارغا ئالاھىدە ماس كىلىدۇ .
4.كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاۋاز ئۈنۈملەش قىستۇرمىلىرى بار بولۇپ ،كىرىشتۈرۈش ،ئۈنۈملەش ،ئانا لىنتىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تولۇق تاماملىغىلى بولىدۇ .
5.قاچىلاش جەريانى باشقا ghost سېستىمىلىرىنى قاچىلاشقا ئوخشايدۇ ،پۈتكۈل قاچىلىنىش جەريانى ئاساسەن ئاپتۇماتىك تاماملىنىدۇ .
6.سېستىما قاچىلىنىپ بولغاندا ئاۋاز كارتىڭىزنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى قاچىلاشنى ئۇنۇتماڭ .
7. يىڭىدىن سېتىۋالغان xp مەشغۇلات سېستىمىسىنى قوللىمايدىغان كومپىيوتېرلاغا سىنىماڭ .
8.مەزكۇر كەسپى مەشغۇلات سېستىمىسىنى شىنجاڭ midi تور بىكىتى تۈزۈپ تارقاتتى . 24سائەت ئىچىدە ئىشلىتىش ۋە سىناشنى تاماملاپ كومپىيوتېردىن ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ .
9.ئەگەر سىز كەسپى مۇزىكا ئىشلىگۈچى بولسىڭىز تور بىكىتىمىز تەييارلىغان 1000G ,2000G سىغىمدىكى تەييار مۇزىكا ئىشلەش قاتتىق دىسكىسىنى تەۋسىيە قىلىمىز . ئەگەر ئۆزىڭىزگە خاس مۇزىكا ئىشلەش قاتتىق دىسكىسى لاھىيلەتمەكىچى بولسىڭىز ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز .
بىر قىسىم قاچىلانغان چالغۇ قىستۇرمىلارنىڭ كۆرۈنمە يۈزى :
قاچىلاش كۆرسەتمىسى :
1. مەزكۇر مەنبە بەيدۇ تور دىسكىسىغا ھەمبەھىرلەنگەن بولۇپ ،ئومومى سىغىمى 4.04 گىگابايىت كىلىدۇ . ھۆججەت يوللاش چەكلىمىسى تۈپەيلى پىرىس بولىقى 9بولاققا پارچىلانغان . توردىن تولۇق چۈشۈرۈپ بولغاندا خالىغان بىرنى پىرىستىن يەشسىڭىزلا بولىدۇ . پىرىستىن يەشكەندىن كىيىن تۆۋەندىكى ھالەتكە كەلدىمۇ -يوق تەكشۈرۈپ بىقىڭ .
2.يۇقاردىكى رەسىمدە قىزىل رامكا ئىچىگە ئىلىنغان قاچىلاش پىروگىراممىسىنى ئىجرا قىلىڭ . ئاندىن تاللاش رامكىسىدىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللاش مەشغۇلات ئىلىپ بىرىڭ .
3.ئۈستىدىكى رەسىمدىكى جەزىملەشتۈرۈش بۇيرىقىنى باسقاندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقىدۇ .
4. يۇقاردىكى رەسمدە كۆرسىتىلگەن ئەسكەرتىش مەزمۇنىغا قوشۇلسىڭىز داۋاملىق جەزىملەشتۈرۈش بۇيرىقىنى باسسىڭىز ghost سېستىمىسى قاچىلىنىش باشلىنىدۇ .
قاچىلىنىش جەريانى باشقا ghost سېستىمىسى بىلەن ئوخشاش ھەمدە ئاساسەن ئاپتۇماتىك تاماملىنىدىغان بولغاچقا تەپسىلى كۆرسىتىلمىدى .
5.تۆۋەندىكىسى سىېستىما قاچىلىنىپ بولغان ھالەت .
6. تۆۋەندىكىسى CUBASE يۇمشاق دىتالىنىڭ قوزغالغاندىن كىيىنكى كۆرۈنمە يۈزى .
چۈشۈرۈش مەنزىلى :
بوشلۇققا جىددى يوللىنىۋاتىدۇ........ سەل ساقلاڭ !
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-11 10:32 PM):
بەيدۇ تور دىسكىسىدىن چۈشۈرۈڭ ؛
链接:
http://pan.baidu.com/share/link? ... 2&uk=3206843725 مەخپى نۇمۇرى :9szh
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-11 10:35 PM):
پىرىس ھۆججىتى قايتىدىن 7گە بۆلۈنۈپ يوللاندى .