بۇ يازما بەك ياخشى ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ، بەلكىم سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىز ۋاقتىنچە ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ھەل ھەل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى ھەققىدە
1. سوئال: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى قانداق مەقسەتتە قۇرۇلغان؟
جاۋاب: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت دىيارىمىزدىكى مىللىي ئىگىلىك ئەھۋالىنى ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش داۋامىدا دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىچىلىقىمىزدا ساقلانغان ھەر خىل يېتەرسىزلىكلەرنىڭ تولىمۇ كۆپلىكىنى، بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى ھەل قىلىشتا دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنىڭمۇ ھەم كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىپ، دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىچىلىقتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى يىلتىزىدىن ھەل قىلىشنىڭ تەدبىرلىرى ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىپ، مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنىڭ ئاساسەن تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن ھازىرقى سىز كۆرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر كەسپىي بېكەتنى قۇرۇپ چىقىشنىڭ تولىمۇ تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن.
2.سوئال: مىللىي كارخانىچىلىقىمىزدا ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى نېمە؟
جاۋاب: ھەممىمىزگە ئايان، كارخانىچىلىق ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس، يەنە كېلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بولۇش تېخىمۇ شۇنداق. بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بولۇش ئۈچۈن، چوقۇم مۇكەممەللىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بىلىم قۇرۇلمىسىغا، كەسپىي ساپاغا، سەگەكلىككە، چوڭقۇر تەپەككۇرغا ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ كارخانىچىلار ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىلىم قۇرۇلما ۋە كەسپىي ساپاغا بولغان تەلەپ ھەقىقەتەن يۇقىرىدۇر.
خوش، ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كەسپىي ساپاغا، مۇكەممەل بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم كەسپىي ماتېرىياللارنى كۆپرەك كۆرۈش، كەسپىي ماتېرىياللاردىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بولۇش، كۆپرەك تەپەككۇر قىلىش كېرەك. يېزىپ بۇ يەرگە كەلگەندە باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. يەنى مۇنداق بىر سوئال نېرۋىلىرىمىزنى غىدىقلاشقا باشلايدۇ: ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدا كۆرۈشكە ئەرزىگۈدەك، ئادەمگە نەپ بېرەلىگۈدەك كەسپىي ماتېرىياللار بارمۇ؟ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن كىتابخانىلارغا ئىلتىجا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر سىز دائىم كىتابخانىلارغا بېرىپ تۇرىدىغانلاردىن بولسىڭىز، شۇنى بايقايسىزكى، ھەر قانداق خەنزۇچە كىتابخانىلاردا ئىگىلىككە ئائىت (باشقۇرۇششۇناسلىق، بازارشۇناسلىق، ئىقتىسادشۇناسلىق، بازار ئىگىلىكى...) كىتابلارنىڭ پۈتۈن كىتابخانىدىكى ماتېرىياللارنىڭ %60~%80 كىچە ئىگەللەيدۇ، ئەمما ئۇيغۇرچە كىتابخانىلاردىچۇ؟ شۇ نەشرىياتلىرىمىز سەندىن مەن قالامدىم دەپ نەشردىن چىقارغان بىر قىسىم رومان كىتابلاردىن باشقا ئىگىلىككە ئائىت كىتابلار ئاساسەن يوق دېيەرلىك. مانا بۇ بىزدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق. بىزنىڭ نەشرىياتلىرىمىز ئىگىلىككە ئائىت كىتابلارنى نەشر قىلىشقا بەك قېرىق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىگىلىككە ئائىت كىتابلارنى نەشر قىلسا سېتىپ چىقارغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇلار بازارلىق بولغان رومانلارنى تالىشىپ بەس-بەستە نەشر قىلسا قىلىدۇكى، ئەمما دۆلەت ھەر يىلى كىتاب نەشر قىلىش ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلەغدىن ئازراق ئايرىپ چىقىرىپ ئىگىلىككە ئائىت كىتابلاردىنمۇ ئاز-تولا نەشر قىلىشنى خالىمايدۇ.
بىزنىڭ مىللىي كارخانىچىلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىمىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، ساپاسىمۇ ھەم. دىيارىمىزدىكى كۆپ ساندىكى مىللىي كارخانىچىلار ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن تىجارەت قىلىپ ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھە دەپ شىركەت قۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىمۇ شىركەت قۇرۇش ئىستىكى تۇغۇلۇپ دەرھال بىر شىركەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، شىركەتلىك بولۇپ قالغان ئەھۋاللار خېلى زور سالماقنى ئىگەللەيدۇ، ئەمما ئۇلار شىركەت بىلەن ئەنئەنىۋىي سېتىقچىلىقنىڭ پەرقى نېمە؟ شىركەت دېگەن نېمە؟ ھازىرقى زامان كارخانىچىلىقى دېگەن نېمە؟ ئىلمى بولغان باشقۇرۇش دېگەن نېمە؟ بازارشۇناسلىق دېگەن نېمە؟ شىركەت مەدەنىيىتى دېگەن نېمە؟... دېگەندەك بىر تالاي كەسپىي سوئاللارغا نىسبەتەن تولىمۇ گاڭگىراپ قالىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن بۇ سوئاللارغا نىسبەتەن كۆپ نەرسە بىلىپ كەتمەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس، بەلكى نەشرىياتلاردەك مەدەنىيەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. نەشرىياتلار بۇ ھەقتىكى نەپ يەتكۈدەك كىتاب-ماتېرىياللارنى نەشردىن چىقارمىغاندىكىن، بۇ سەۋەبلىك بىزنىڭ «ساپاسىز» كارخانىچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ساپاسىزلىقىنى تۈگىتىشكە ئامالسىز، ئۇلار كۆرەي دېسە كىتابخانىلاردا نەپ بەرگۈدەك كىتابلار يوق. ئەگەر ئۇلار خەنزۇچە ماتېرىياللارنى كۆرسىچۇ؟ يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، دىيارىمىزدىكى كۆپ ساندىكى كارخانىچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى تېخى ئالىي مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، خەنزۇچە سەۋىيەسى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن ئادەتتىكى خەنزۇچىنى تولۇق چۈشىنىپ بولالماي يۈرگەندە خەنزۇچە يېزىلغان كەسپىي ماتېرىياللارنى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۇلار ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە. شۇڭا بۇ خىل ئەھۋالدا بىزنىڭ «ساپاسىز» مىللىي كارخانىچىلىرىمىزدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنى يوق. ئۇلار ھېلىمۇ زور كۈچ بىلەن تىرىشىۋاتىدۇ، مىللىي كارخانىچىلىقىمىزدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى كۈچىنىڭ بارىچە ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما دەۋرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۇلارنى ھالسىرىتىپ قويىۋاتىدۇ، ئەسلىدىنلا بىلىم قۇرۇلمىسى، كەسپىي ساپاسى دېگەندەك يۇقىرى بولمىغاچقا ئۇلار ھامان زور دەرىجىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ ۋەھاكازلار....
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، مىللىي كارخانىچىلىقىمىزدىكى ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ ئاچقۇچى كارخانىچىلىرىمىزنىڭ كەسپىي ساپاسى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئىكەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلىپ، ھازىرقى نەشرىياتلاردىن ئۈمىد كۈتۈشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلىنى تور ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ بېقىش قارارىغا كېلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشىش، ئەتراپلىق پىلانلاش، تولۇق تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق ئاخىرى ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
3. سوئال: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى نېمە؟
جاۋاب: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ تۈپ مەقسىتى دىيارىمىزدىكى مىللىي ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىپ گۈللىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپ، دىيارىمىزدىكى مىللىي كارخانىچىلارنى بىمالال ھالدا ئۆز ئانا تىل-يېزىقىدا تەييارلانغان كەسپىي بىلىملەر بىلەن تەمىن ئېتىپ، مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇپ، مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئۆزىنىڭ ئەجرىگە چۈشلۇق ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، دىيارىمىزنىڭ، جۈملىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش.
4. سوئال: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى مىللىي كارخانىچىلىقىمىز ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدۇ؟
جاۋاب: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان سەھىپىلىرى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، ئالاھىدە چوڭ جەھەتتىن: شىركەت، بازار، ئىقتىساد، مۇلازىمەت ۋە خېرىداردىن ئىبارەت 4 ئالاھىدە چوڭ تۈرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇ چوڭ تۈرلەر يەنە ئۆز ئىچىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا:
شىركەت: شىركىتىم، باشقۇرۇششۇناسلىق، جەڭگاھ، بوغالتىرلىق ئىلمى؛
بازار: بازارشۇناسلىق، بازار ئىگىلىكى، ئىگىلىك تىكلەش، مۇۋەپپەقىيەتچىلەر؛
ئىقتىساد: ئىقتىسادشۇناسلىق، مەبلەغشۇناسلىق، پۇل-مۇئامىلە، پايچىكى، ئالتۇن، ئاكسىيە؛
مۇلازىمەت ۋە خېرىدار: مۇناسىۋەتشۇناسلىق، قانۇن-ساۋاتلار (مەخسۇس كارخانىچىلىققا ئائىت قانۇن-نىزاملار، دېلو تەھلىللىرى) ئىمتىھان يېتەكچىسى (مەخسۇس ئەڭ يېڭى ئىمتىھان مەزمۇنلىرىنى ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىپ كەڭ ئىمتىھان ھەۋەسكارلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشنى مەقسەت قىلغان)، سودا بازىرى (مەخسۇس تورداشلارنىڭ توردا ئىشەنچنى ئاساس قىلغان ھالدا ئەركىن ئېلىم-سېتىم ئىشلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى مەقسەت قىلغان) قاتارلىق 16 چوڭ سەھىپىگە بۆلۈنگەندىن سىرت، بۇ 16 چوڭ سەھىپە يەنە ئۆز ئىچىدىن 80 نەچچىدىن ئارتۇق كىچىك سەھىپىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە، پۈتكۈل كارخانىچىلىققا ئائىت بىلىملەر بىلەن كەڭ كارخانىچىلارنى، كارخانىدا خىزمەت قىلغۇچى خىزمەتچىلەرنى، مەبلەغچىلەرنى، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئەڭ يېڭى، پايدىلىنىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ماتېرىياللار بىلەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ.
5. سوئال: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى قاچاندىن باشلاپ پىلانلانغان ۋە قاچان بارلىققا كەلگەن؟
جاۋاب: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ پىلانلىنىشى ۋە بارلىققا كېلىشى ھەققىدە ئازراق توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىدىكى دەسلەپكى ئاڭ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىلا (2007-يىلى) شەكىللەنگەن، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا پەقەت مۇشۇنداق بىر بېكەت بولسىكەن دېگەن ئارزۇ بىلەنلا چەكلەنگەن خالاس، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا شارائىت، پۇرسەت پىشىپ يېتىلمىگەن بولغاچقا بۇ خىل ئارزۇ پەقەت ئارزۇ پېتىلا قېلىپ قالغان، لېكىن شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ بېكەت قۇرۇشنىڭ شەرت-شارائىتى پىشىپ يېتىلمىگەن بولغاچقا، ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت ئىلقۇت بلوگىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى ئۈچۈن ئىلقۇت بلوگى ئارقىلىق ئاساس سېلىشقا تىرىشقان.
بۇلتۇر (2012-يىلى) 5-ئايغا كەلگەندە، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە نىيەت قىلىنىپ، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ پىروگراممېرى ۋە شۇنىڭدەك بىر قىسىم ئوت يۈرەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ مەزمۇن ئاساسچىلىرى، غوللۇق تەرجىمانلىرى)نىڭ زور كۈچ چىقىرىشى بىلەن بېكەتنىڭ دەسلەپكى تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىشكە باشلانغان بولۇپ، بىر مەزگىللىك جىددىي تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ دەسلەپكى گەۋدىسى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ، 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى كەڭ تورداشلار ئۈچۈن رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.
6. ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى قايسى بۆلەكلەردىن تەركىپ تاپقان؟
جاۋاب: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى باش بېتى، ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرى، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى سوئال-جاۋاب سىستېمىسى (ھازىرچە تېخى ئىشقا كىرشتۈرۈلمىدى)دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان.
7. سوئال: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى كىملەردىن تەركىپ تاپقان؟
جاۋاب: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى ياسىنجان مۇھەممەدروزى ئىلقۇت باشچىلىقىدىكى ھەر قايسى ئالىي ئوقۇللاردا بىلىم ئېلىۋاتقان، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، مىللىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ قارايدىغان بىر قىسىم يۇقىرى ساپالىق، نەزەرىيە ئاساسىي مول، بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولغان ئوت يۈرەك ياشلاردىن تەكىپ تاپقان.
8. سوئال: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ۋە ئۈمىدى نېمە؟
جاۋاب: ھەر قانداق ئادەمگە تۇرمۇش كېرەك، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد كېرەك. ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرىمۇ ھەم شۇنداق. ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ مىللىي ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈشكە بولغان بۇرچىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلمىسا بولمايدۇ. ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ دەسلەپكى ئىدىيەسى گەرچە كەڭ كارخانىچىلىرىمىزغا، كارخانىلاردا خىزمەت قىلغۇچى خىزمەتچىلەرگە، مەبلەغچىلەرگە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قوللانغۇچى ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ماتېرىياللارنى ھەقسىز تەمىنلەش بولسىمۇ، ئەمما ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرىمۇ قوللاشقا مۇھتاج، ئەگەر كارخانىچىلىرىمىز ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كارخانىچىلىقتا يولۇققا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا ئاز-تولا پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلىسە ھەمدە ئۆزىنىڭ يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالىسا، مانا بۇ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىدۇر.
ئەلۋەتتە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرىمۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا مۇھتاج. ئەگەر كارخانىچىلىرىمىز ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ كارخانىچىلىقتا يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئىشلىرى ياخشى راۋاج تاپقاندىن كېيىن ئىنسابى كېلىپ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ بەرسە، مانا بۇ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ كەڭ كارخانىچىلىرىمىزدىن كۈتىدىغان بىردىن بىر ئۈمىدى.
9. سوئال: مەن ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىغا نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن؟
جاۋاب: سىز ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىپ بېرلەيسىز: بىرىنچى، تور بېكەتنى كۈچىڭىزنىڭ ۋە شارائىتىڭىزنىڭ يار بېرىشىچە قوللاپ بېرىش، ئۇنى تەشۋىق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلارنىڭ بۇ بېكەتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىغا كۈچ چىقىرىش؛ ئىككىنچى، ۋاقتىڭىز يار بەرگەن ئاساستا ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىغا ئاز-تولا پايدىلىق ماتېرىياللارنى يوللاش، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى ۋە ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارغا مۇۋاپىق پىكىر قاتناشتۇرۇش؛ ئۈچىنچى، كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە، ئىلقۇت كارخانىچىلار سوئال-جاۋاب سىستېمىسى (ۋاقتىنچە ئىشقا كىرىشتۈرۈلمىدى)دا ئۆزىڭىزنىڭ يولۇققان مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەل قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ۋە سەۋىيەسى ئاساسىدا باشقا تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللارغا مۇۋاپىق پىكىر قاتناشتۇرۇپ، باشقا تورداشلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى قوشۇش؛ تۆتىنچى، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ، قۇۋۋەتلەپ بېكەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ ئادرېسى:
باشبەت: http://www.ilqut.com
مۇنبەر: http://www.ilqut.com/bbs/forum.php
-----------------
مەنبە: http://www.ilqut.com/index.php?m=page&id=4
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rawajtap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-11 10:33 AM