|
|
|
|
"ئۇيقۇغا كەتكەن كروران گۈزىلى" تەتقىقاتچى، يازغۇچى ئەسئەت سۇلايماننىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە بىر ئەدەبىي ئەسىرىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇنىڭ ئەدەبىي تېمىدا يازغان بىردىنبىر چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسىرىدۇر.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى پوبلىستىك ماقالىلەر ۋە ئىلمى تەتقىقات خاركتىردىكى ئەسەرلەر تەشكىل قىلىدۇ. ئىلگىرى تور خاتىرىمىزدە ياپۇنيەلىك يازغۇچى يىنوئوئى ياساشىنىڭ "كروران"ناملىق پوۋىستىنى ئىلكىتاب قىلىپ تارقاتقان ئىدۇق. بۇ قېتىم يىراق تارىختىكى تىلسىملىق دۆلەت كروران ھەققىدىكى يەنە بىر ئەسەر"ئۇيقۇغا كەتكەن كروران گۈزىلى"نى ئىشلەپ تارقاتتۇق. بۇنىڭدىكى مەقسەت،ئىككى ئەسەرنى ئوقۇش ۋە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كروران ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشتۇر. قېنى ، بۇ ئەسەرنى چۈشۈرۈپ ساقلاپ قويغايسىزلەر ھەم ئوقۇپ مەنپەئەت ئالغايسىزلەر. مەكۇر ئېلكىتاب 2000-يىلى كېرىمجان ئابدۇرىھىم نەشىرگە تەييارلىغان "ئۇيغۇر پوۋىستلىرىدىن تالانما"ناملىق توپلامدىن سايىلىنىپ ئىشلەندى.كىتابقاكىرگۈزۈلگەن قىستۇرما رەسىملەر:
كروران گۈزىلىنىڭ پوتىرىتى
ئەسەردىكى ئىجابىي پىرسۇناژ توخرى شاھزادىسى چاد تېكىن
ئەسەردىكى سەلبى پىرسۇناژ ئالىپ بۇقا
ئاپتۇرنىڭ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن پوتىرىتى
چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.lopnuri.com/?p=3291
ئىلگىرى ياپۇنيەلىك يازغۇچى يىنوئوئى ياساشىنىڭ "كروران" ناملىق پوۋىستىنى چۈشۈرمىگەنلەر بولسا تۆۋەندىكى مەنزىلدىن چۈشۈرگەيسىلەر:
http://www.lopnuri.com/?p=2614
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-10 01:27 PM
|
|
|
|
|
|