ئانامنى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم
بىر كۈنى كەچ ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى يىنىككىنە چىكىلدى، ئائىلىمىزنىڭ ئەڭ كىچىك بىر ئەزاسى بولغان بىر ياشلىق ئوغلىمىز تاھىر باشچىلىقىدا ھەممىمىز دىققىتىمىزنى ئىشىككە قاراتتۇق، ئىشىكنى ئاچقىنىمىزدا قارشىمىزدا تۇرغىنى، ئۈستۈنكى قەۋەتتە ئولتۇرۇشلۇق ئاكىمىزنىڭ تۆت ياشلىق ئوغلى ئەھمەد سەئىد ئىدى. ئۇ تىتىرەك بىر ئاۋازدا ‹‹ ئانام سىلەرنىڭ ئۆيدىمۇ ؟›› دەپ سورىدى.
ئانىسنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە يوقلىقىنى ھىس قىلغاندىن كىيىن، يىغلاشقا بىر باھانە ئىزدىگەندەك قىلاتتى، ۋە جىددىلەشكىنىدىن ھازىرلا يىغلايدىغاندەك بىر ئاۋازدا ‹‹ ئانامنى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم›› دىدى. بۇ ئاۋاز ئايالىمنىڭ ئانىلىق ھىسياتىنىڭ قوزغىلىشىغا تۈرتكە بولغاندەك قىلاتتى، ئايالىم مەندىن بۇرۇنراق ئۇنىڭغا ‹‹ كەل ئىچىگە كىرگىن، تاھىرنىڭ يېڭى ئويۇنچۇقلىرىنى بىللە ئوينا، ئاناڭ بىرئازدىن كىيىن سىنى مۇشۇ يەردىن ئالىدۇ›› دىدى. ئەلۋەتتە تاھىر بىلەن بىللە ئوينىغىن دىيىش، ئەخمەت سەئىد نى ئۆيگە ئەكىرىشكە يىتەرلىك سەۋەپ بولالايتى.
بەلكى تاھىرنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى بىللە ئويناپ، بىزگە چىكىتىمەن دەپ غەلۋە قىلماس دەپ ئويلىغان ئىدىم ، بىراق ئۇ خالىمىغاندەك تەستە ئىچىگە كىردى. تاھىرنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى كۆرۈپ، نەملەشكەن كۆزلىرى بىردىنلا يورۇشقا باشلىدى. بىردەم ئويۇنچۇقلارنى ئوينىسا بىردەم تاھىر بىلەن بىللە ئوينايتى. بىردىنلا ئويناشتىن توختاپ بايىقى ئىشىك ئالدىدىكى چۈشكۈنلىك ھالىتى تەكرارلىنىشقا باشلىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قولىدىكى ئويۇنچۇقلارنى تاشلىماي تۇرۇپ ‹‹ ئانامنى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم›› دىدى. ئەمما بۇ قېتىم ئىنىقلا يىغلاشقا باشلىدى. ئايالىم ئۇنى بەزلەش ئۈچۈن نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى، تۆت ياشلىق بالىنىڭ ئانىسىنى نەچچە مىنۇت كۆرەلمىگىنى ئۈچۈن بۇنچىلىك قىلىپ كىتىشى ئازراق ئاچچىقىمنى كەلتۈرگەچكە، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ‹‹ چوپچوڭ بولدۇڭ، ئاناڭدىن بىردەملىك ئايرىلىشقا كۆن ئەمدى›› دىدىم. ئايالىم قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ماڭا قاراپ قويدى، ئايالىمنىڭ بەزلەشلىرى ئۈنۈم بەرمىگەندىن كىيىن، ئۇنى ئانىسىنىڭ يېنىغا ئاپىرىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ‹‹ بولىدۇ ماڭايلى، سىنى ئاناڭنىڭ يېنىغا ئاپىراي›› دىدىم ، بىللە ئۆيدىن چىقتۇق ۋە ئەخمەت سەئىدنى، يېڭىدىن كۆچۈپ كەلگەن خوشنىمىزنى يوقلاش ئۈچۈن كەتكەن ئانىسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ ماڭدىم.
ئەھمەد سەئىدنى ئېلىپ ماڭغاچ بۇ گۆدەكلىك ھىس تۇيغۇلارنى ئازراق بولسىمۇ ئويلاشقا پۇرسەت بولغانلىقىنى بىلدىم. ئەجىبا ئەھمەت سەئىدچىلىك چېغىمدا مەنمۇ مۇشۇنداق بولغىمىدىم دىگەننى ئويلاپ، خىيالىمنى ئەينى يىللاردىكى سامان قەغەزگە خاتىرلەنگەن بالىلىق ۋاقىتىلىرىمغا ئاغدۇردۇم.
ئۇ چاغلىرىم خۇددى ئەھمەد سەئىدكە ئوخشايتىيۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئائىت بىرەر ئىشنى ئىسىمگە ئالالمىدىم. تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلاشقا ئۇرۇنغىنىمدا ئەسكە ئالغىنىم بولسا بەزى بوران چاپقۇنلۇق سەرگۈزەشتىلىرىم بولدى، بۇلار ئەھمەد سەئىدنىڭ توغرا قىلغانلىقىنى چۈشىنىشىمگە يېتەرلىك ئىدى.
كۆزلىرىمنى قورقۇنچ قاپلىغان بىر كىچىدە ئويغانغىنىم ئىسىمگە كەلدى، مىنى بوغقاندەك قۇچاقلاپ تۇرغان بۇ قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئانامنى ئىزدىگىنىم ۋە ئىچ-ئىچىمدىن ‹‹ ئانامنى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم›› دىگەندەك قىلاتتىم، بۇ ھىسلار كۆزلىرىم قاراڭغۇلۇققا يۈزلەنگۈچە شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ياتىقىمدا ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلغۇچە كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە كېزىپ يۈرەتتى. بۇ قورقۇنچ ۋە يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر ئاز تىپىرلاپ باقتىم، بىراق قۇتۇلالماي ئاخىرى ئانامنىڭ ياتىقىغا كىرىۋالغان ئىدىم. قاراڭغۇ كېچىنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئانامنىڭ مېھرى –شەپقەت ۋە ھوزۇر بېغىشلايدىغان قوللىرىغا ئۆزمنى ئاتقىنىمدا . ئۇيقۇسىنىڭ بۇزۇلىشىغا ئىرەن قىلماستىن مىنى چىڭ قۇچاقلىغان ئانامنىڭ قوينىدا ھوزۇر بىلەن ئۇخلىغان ئىدىم.
بەزىدە كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئەھمەد سەئىد نىڭ سىماسى بارلىقىنى ئويلايمەن، ئىچىم سىقىلغاندا، ئۈمۈدسىزلىك ۋە قارا باسقاندەك بولغاندا ، يالغۇزلۇق ھەر تەرىپىمدىن مىنى قورشىۋالغاندا ، بىرىنىڭ قولۇمدىن تۇتىۋىلىشىنى ۋە ماڭا ياردەم قىلىشىنى ئارزۇ قىلغاندا ، بەلكى ئاشۇ ئەھمەد سەئىدتەك ھىسىياتتا بولىشىمنى ئوبدان بىلىمەن. (يىغلىغاندا) چىشىم كۆرۈنگەن بىلەن يۈزلىرىم ئۇنچىلىك بوپ كەتمەس، بەلكى ئاۋازىممۇ ئۇنىڭكىدەك بوپ كەتمەس، بۇ كۆرۈنۈشلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم بىر قىسىملا بوپ قالىمەن، بەلكىم ئىچىمدىكىنى ئۇنىڭچىلىك تېشىمغا چىقىرالماسمەن. ئەمما كۆڭلۈمدە ئۇ مەسۇم (بىگۇناھ) ئەھمەد سەئىد نىڭ يىغلاشلىرىنى تامامەن ھىس قىلالايمەن.
گۆدەكلىتىن باشلانغان بۇ ھىسلار تېخىچە ھۆكۈم سۈرىۋاتاتتى، ئەمدى ياشانغانلارنى ئويلاۋاتىمەن. ئۇلار بۇ خىل تۇيغۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلالايدۇ، ئۇلار تەڭ ياشتىكىلەردىن ئايرىلىش ۋە ئانىسىزلىق ئاتا قىلغان يالغۇزلۇقنىڭ دەردىدە ئاچچىق تولغىنىۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ - يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدىغانلار شۇلار بىلەن تەڭ ياشتىكىلەردۇر. مەيلى ئوغلى پىسخولوگىيە دوختۇرى بولسۇن، مەيلى قىزى ئوقۇتقۇچى بولسۇن، ياكى ھەر قېتىملىق بايرامدا يوقلاپ كەلگەن نەۋرىلىرى بولسۇن.... ئەلۋەتتە نەۋرىلەرنىڭ ئورنى باشقا، ئەمما ئوتتۇرىدىكى مۇھەببەت ئىنتايىن پەرقلىق. مۇشۇنداق بىر روھ بىلەن ياشاۋاتقان ۋە ياشانغانلارنىڭ ئىچ- ئىچىدىن ‹‹ ئانامنى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم›› دىگىنىنى ئاڭلاۋاتقاندەك قىلاتتىم.
ئەھمەد سەئدكە ئوخشاش ‹‹ ئانامنى ھىچ يەردىن تاپالمىدىم›› دىگەن چېغىمىزدا، ھەر قەلىپ بىر پاناھنى، بىر قوللۇغۇچىنى ئىزدەيدۇ. يەنى: بىرەر قىيىنچىلىق ياكى بىئاراملىق ئەتراپىنى قاپلىغاندا ياردەم قىلغۇدەك بىر دوست، ئازغۇن دېڭىز دولقۇنىدىن ئۆزىنى ئەپ قاچقۇدەك بىر دېڭىز قىرغىقى ، قاراڭغۇ-زۇلمەتلىك كېچىدىن قۇتۇلغىدەك يورۇق بىر كوچا، بۇ دۇنيا ۋە دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن بىزار بولغانلارنىڭ ئەڭ سەمىمى ۋە ئەڭ ۋاپادار دوستلىرى بىلەن جەم بولىشىغا ئاسانلىق يارىتىدىغان ئۇچار گىلەمنى ئارزۇ قىلغانغا ئوخشاش...........
دىمەك: ئادەمنىڭ قەلبىنى چۈشەنگۈدەك، يالغۇز قالغىنىڭدا ھەمرا بولغۇدەك، دوستلۇرۇڭ بىلەن ئازارلىشىپ قالغاندا تەسەللى بەرگۈدەك، ئازار يىگەن قەلبىڭدىكى سوئاللىرىڭنى بىلىپ ساڭا جاۋاپ بىرەلىگۈدەك، ئاخىرەت ۋە ئاخىرەتكىچە سېنىڭ بىلەن بىللە بولالىغۇدەك ھەقىقىي دوستقا ئېتىياجىمىز بار ئەلۋەتتە............
Annemi Hiçbiy Yeyde Bulamıyoyum
Bir akşam üzeri usulca kapımız çaldı. Ailenin en küçük ferdi olan bir yaşındaki oğlumuz Tarık başta olmak üzere hepimiz kapıya yöneldik. Kapıyı açtığımızda karşımızda duran, bizim üst katımızda oturan ağabeyimin oğlu, dört yaşındaki Ahmet Said'di. Başı önünde, titrek bir sesle Annem buyda mı? diye sordu.
Annesinin bizde olmadığını öğrenince, zaten ağlamak için bir bahane arar gibi duran Ahmet Said, iyice gerginleşti ve ağlamaklı ve dokunaklı bir sesle Annemi hiçbiy yeyde bulamıyoyum dedi. Bu ses eşimin annelik şefkatinin kabarmasına vesile olmuş olacak ki, benden önce o atıldı ve İçeri gel, Tarık'ın yeni oyuncaklarıyla oyna; annen birazdan gelir, seni buradan alır dedi. Normalde Tarık'la oynamak bile Ahmet Said'in içeri girmesi için yeterli bir sebepti.
Araya Tarık'ın oyuncaklarıyla oynamak da girince Ahmet Said bizden çıkmak istemezdi. Ama o akşam istemeye istemeye içeri girdi. Tarık'ın oyun- caklarını görünce, ıslak gözleri iyice parlamaya başladı. Bir yandan oyuncaklarla bir yandan da Tarık'la oynuyordu ki, birden duraksadı. Tekrar az önce kapıdaki mahzun yüz hatları belirmeye başladı. Usulca koltuğa sırtını dayadı. Elindeki oyuncağı bırakmadan, tekrar Annemi hiçbiy yeyde bulamıyoyum dedi ve bu sefer daha acıklı bir şekilde ağlamaya başladı.
Eşim onu ikna etmek için türlü türlü şeyler anlatırken, dört yaşındaki bir çocuğun birkaç dakika annesini görmemesinden dolayı bu denli içerlemesi tuhafıma gitmiş olacak ki, biraz alaycı bir üslupla Kocaman adam oldun. Biraz annenden ayrı kalmaya alış artık dedim. Eşim kaşlarını çatarak bana baktı. Eşimin ikna etme çabaları fayda etmeyince onu annesine götürmek için ayağa kalktım. Tamam, hadi kalk seni annene götüre- yim dedim. Beraber evden çıktık ve Ahmet Said'i, yeni taşınan komşumuzu ziyarete gittiğini bildiğim annesine götürdüm.
Ahmet Said'i annesine götürürken bana çok çocuksu gelen bu hareketini bir an olsun düşünme fırsatı buldum. Kendimi düşündüm. Acaba Ahmet Said kadarken ben de böyle miydim diye çocuk- luğumun saman kağıdına basılmış eski kitapları andıran yıllarına döndüm. Ahmet Said kadarken ki yıllarımı düşündüm ama o yıllara ait pek bir şey hatırlamıyordum. Daha sonra hayal meyal hatırla- dığım bazı tozlu hatıralarım oldu ki, bunlar Ahmet Said'in haklı olduğunu anlamam için yeterli olmuş- tu.
Korku dolu gözlerle, karanlık bir gecenin kucağında uyandığım bir an ilk aklıma gelmişti. Beni boğarcasına kucaklayan bu karanlıktan kurtulmak için annemi çok aramış ve Annemi hiçbiy yeyde bulamıyoyum der gibi olmuştum içten içe. Gözlerim karanlığa alışıncaya ve kendi yatağımda olduğumu anlayıncaya kadar bu hisler içimde bir yerde gezinip durmuştu. Bu korku ve yalnızlık hissini atlatmak için bir süre uğraşmış, ama kurtulamayınca, yerini bildiğim annemin yatağına gitmiştim. Annemi bulmuştum. Karanlık gecenin boğucu kollarından kurtulup, annemin şefkatli ve huzur veren kollarına bırakmıştım titreyen vücudumu. Uykusunun bozulmasına hiç aldırış etmeden beni saran annemin kollarında huzurla uyumuştum.
İçimde bir yerde her zaman bir Ahmet Said'in olduğunu düşünürüm bazen. Canım sıkıldığında, ümitsizlik bir karabasan gibi üzerime çullandı- ğında, yalnızlık her tarafımdan beni sarmaya başladığında ve birinin elimden tutmasını ve bana yardım etmesini istediğimde, tıpkı Ahmet Said gibi bir psikolojiye büründüğümü iyi biliyorum. Dış görünüş itibariyle yüzüm gerilmiyor belki. Belki sesim onunki gibi tel tel olmuyor. Bu halde görün- mek hissi bana ağır geliyor olabilir. Belki de ben onun gibi hislerimi dışarı vurmasını beceremiyo- rumdur. Ama içimde Ahmet Said'in o masum ağla- yışlarını hep duymuşumdur.
Yaş ilerledikçe bu his daha ağır basıyor gibi. Yaşlıları düşünüyorum. Herhalde onlar bu hissi daha derinden hissediyorlar ve hem akranlarından ayrılığın hem de annesizliğin vermiş olduğu yalnızlık hissiyle kıvranıp duruyorlardır. Öyle ya bu yalnızlık ruh haliyle onları en iyi anlayacaklar onlar gibi yaşlılardır. Ne ruh doktoru olmuş oğlu, ne öğretmen olmuş kızı, ne de bayramdan bayrama ziyaretine gelen torunları. Torunların yeri ayrıdır elbet. Ama aradaki muhabbet farklı. Böyle bir ruh haliyle yaşayan ve yaşlanan yaşlıların da içten içe Annemi hiçbiy yeyde bulamıyoyum dediğini duyar gibiyim.
Ahmet Said gibi Annemi hiçbiy yeyde bulamıyoyum dediğimiz durumlarda, her kalp bir sığınak, bir destekçi arar. Sıkıntı ve huzursuzluğun her yanını kapladığı durumlarda yardım istenecek bir dost, azgın dalgaların arasından kendini kıyısına atabilecek bir sahil, karanlıklı ve kasvetli bir gecede ışığına çıkılacak bir sokak, dünya ve içindekilerin vefasızlığından sıkılıp da en samimi ve en vefakar dostla buluşmak için ötelere açılan efsunlu bir kapı gibi olan bir seccade.
ئىزاھات: يۇقارقى تېمىدا تىلغا ئېلىندىغان تاھىر دىگەن ئىسىم، ئەسلى تۈركچە يازمىدا Tarık يەنى تارىك دەپ ئېلىناتتى، بىراق بىزدە ئۇنداق ئسىم بولمىغاچقا ئۆزىمىزگە يېقىنراق تاھىر دەپ قوللاندىم.
قوشۇمچە: بەزى ئوقۇرمەنلىرىمىز، ئەسەرنىڭ بىزگە تېخىمۇ يېقىشلىق، چۈشىنىشلىك چىقىشى ئۈچۈن بەزى سۆز ئىبارىلەرنى ئازراقلا قىسقارتقان ياكى قوشۇپ قويغان يېرىگە ئېسىلىۋالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەسلى تۈركچە يېزىقىنى يوللىماي دىگەن ئىدىم، بىراق يەنە بىر قىسىم دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە قوشۇپ يوللاندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-9 06:40 PM