ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار نىسبەتەن ئوموملاشقان بۈگۈنكى كۈندە، يانفون ئارقىلىق توردا كىنو كۆرۈشنى ياقتۇرىدىغان دوستلار ئاز بولمىسا كىرەك. تۆۋەندە سوخو تور شىركىتى (
www.sohu.com) يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقارغان توردا فىلىم كۆرۈش دېتالىنى تورداشلارنىڭ ئىشلىتىپ كۆرۈشىگە سۇندۇم، مىنىڭچە بۇ ئاندىرويىد ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ توردا كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈشىدىكى ياخشى تاللاش بولالايدۇ.
سوخو تورى ۋىدىئو قانىلى بولسا دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئامېرىكا تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى توردا قويۇش سۇپىسى دەپ تەرىپلىنىدىغان بولۇپ، يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان توردا فىلىم كۆرۈش دېتالى دەل سوخو تورىنىڭ ۋىدىئو قانىلى بىلەن ماس قەدەملىككە ئىگە قىلىنغان.
ئالاھىدىلىكى:
1. ھەركۈنى يېڭى كىنو-فىلىملەر ۋە قىززىق تېمىدىكى سىن خەۋەرلىرى يوللىنىپ تۇرىدۇ؛
2. تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كىنو،سەنئەتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قانالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى كىنولارنى بىرىنچى بولۇپ كۆرەلەيسىز؛
3.يانفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەندىن كىيىن، سىزنىڭ زىيارەت خاتىرىڭىز ماس قەدەمدە ساقلىنىپ ماڭىدۇ، كومپىيۇتېر نۇسخىسىدا كۆرگەن كىنولىرىڭىز تېخى تۈگىمىگەن بولسا، يانفونىڭىزنى ئېچىپ ئۇنىڭ ئاخىرىنى كۆرەلەيسىز.
چۈشۈرۈش ئادرىسى:
1.
بەيدۇ دېسكىسىدىن چۈشۈرۈش
2. ئاندىرويىد يانفونلارغا چۈشۈرۈش:
3. ئەپنىڭ كۆرۈنمە يۈزى: