ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام گۈلەن ئاكا، ئەجرىڭىزدىن بىزلەر شۇنچىلىك مەمنۇن بولدۇق، اللاھمۇ ھەم رازى بولغاي، رەھمەت سىزگە.
بىر قانچە يىلنىڭ ئالىدا سىز بىلەن تۇنجى كۆرۈشكىنىم پەقەت ئېسىمدىن كەتمەيدۇ، ئۇ چاغدا مەن دوستۇم ئابدۇمىجىت بىلەن سىزنىڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدىكى ئىشخانىڭىزغا چىققان ئىدۇق.
ئىشخانىڭىزغا كىرگەندا قارىسام، ئالدىڭىزدا خاتىرە كومپىيۇتېر ۋە كىتاپ تەڭلا ئېچىقلىق تۇراتتى، بىز كىرگەندىن كىيىن سالاملىشىپ بىردەم پاراڭلاشتۇق، ئارىدىن سىزنىڭ تۈرك تىلى دەرىسىڭىزنىڭ ۋاقتى توشۇپتىكەن ، مەنمۇ بىللە كىرىپ دەرىسىڭىزگە قاتناشقان ئىدىم.
دەرىسخانىدىكى يۇمۇرىستىك، قىزغىن، ئەستايىدىللىقىڭىز ھەممىنىڭ كۆڭلىگە ياققانلىقى چىقىپلا تۇراتتى.
دەرىستىن چۈشكەندە مەن ئالدىراپلا كىتىپ قالغان ئىدىم،شۇنچە سوغاقتا بىرە پىيالە چاي ئوتلاپ ماڭ ئۇكا دەپمۇ قويمىغان جۇمۇ سىز
گەپنىڭ قىسقىسى گۈلەن ئاكا سىزدىن ھەممىمىز پەخىرلىنىمىز، سىزدەك ئىستىداتلىق كىشىلىرىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ، ئاخىرىدا كۈچلۈك بىر ......... ئايلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !