ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرئەھلى،مۇنبەردىكى چوڭ-كىچىك،ئەر-ئايال بارلىق قېرىنداشلارغاكەمىنەئاۋاتباغ ئىسىملىك مۇنبەردىشىڭلاردىن سەمىمى سالام،قۇدرەتلىك مېھرىبان اللەتىن ھەممىڭلارنىڭ ئەزىزتېنىڭلارغاسالامەتلىك،تۇرمۇشۇڭلارغاخۇشاللىق،بەخىت تىلەيمەن.مەن مۇنبەرگەتىزىملاتقىلى خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇمۇنبەرداشلىرىمغاپايدىسى تەگگۈدەك بىرەئىش قىلالمىغانلىقىمدىن تولىمۇخىجىلمەن
ئەمدى ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئاشپەزبولۇش ئەۋزەللىكىمدىن پايدىلىنىپ سىلەرگەكىچىككىنەبىرئاددى ھۈنەرئېلىپ كەلدىم،مۇبارەك رامىزانمۇكېلىپ قالدى،ھەممىڭلارنىڭ ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ يىگۈڭلاركېلىدۇبۇنىڭ ئانچە-مۇنچەتەم تەڭشىگۈچلەرلازىم بولۇپ قالىدىغۇ،ھە.مەن سىلەرگەتەم تەڭشىگۈچ ھەم قورۇماڭلارنىڭ رەڭلىك بولۇشى ئۈچۈن لازىم بولىدىغان مۇچ قىيامى قىلىشنى تونۇشتۇراي:ئالدى بىلەن بازاردىن قۇرۇتۇلغان سۈپەتلىك قاق مۇچتىن،سامساقتىن،زەنجىۋىلدىن مۇۋاپىق مىقداردائېلىپ قاق مۇچنى ئۇرۇقلىرنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن چىلاپ قويىمىز،سوغۇق سۇبولسائۇزۇنراق،قىززىقراق سۇبولساقىسقاۋاقىت ئىچىدەيۇمشايدۇ،سامساقنى ئاقلاپ يۇمشاق چانايمىز،زەنجىۋىلنىمۇئاقلاپ ئۇششاق چانايمىز.ئاندىن چىلاپ يۇمشاتقان قاقمۇچنىمۇيۇمشاق چانايمىز،بۇئۈچىنى ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق مىقدارداتۇزئارىلاشتۇرىمىزبۇنىڭدائۇزاقراق ساقلاش مەقسىتىگەيىتەلەيمىز.تۇزئارىلاشتۇرمىساق بىر-ئىككى كۈندىلابۇزۇلۇپ قالىدۇ.ئىشلىتىش ئۇسۇلى:قورۇماقورۇغانداگۆشنى قورۇپ پىشقانچاغداسالساق بولىدۇ،قورۇلغان سامساق زەنجۋىللەرنىڭ تەمى قورۇمىغاتەم قوشۇدۇ،ھەم رەڭگىنى قىزارتىش رولىنى ئوينايدۇ.
2.ھەرخىل تاماق ۋەسوغۇق سەيگەماس كىلىدىغان ياغمۇچ تەييارلاش:ماتىرياللىرى،ئۇۋىتىلغان مۇچ تالقىنى،سامساق،پىياز،كۈنجۈت،زىرەتالقىنى.
تەييارلاش ئۇسۇلى:ئالدى بىلەن مۇچ تالقىنىنى بىرقاچىغائېلىپ ئۈستىگەبىرقوشۇقتىن جىراق زىرەتالقنى سېلىپ قويۇپ قويىمىز،سامساق پىيازلارنى ئۇششاق چاناپ تەييارلايمىز،قازانغاماي قۇيۇپ كۈنجۈتنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىمىز،كۈنجۈت سۇس سارغۇچ رەڭگەكىرگەندەچانالغان سامساق پىيازلارنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تۇرىمىز،سامساق پىيازلارسارغىيىپ خۇش پۇراقلارچىقىشقاباشلىغانداقاچىغان ئېلىپ قويغان مۇچ تالقىنى ئۈستىگەتۆكۈپ ئارىلاشتۇرساق بولىدۇ.رەسىملىك يوللاي دىسەم قانداق يوللاشنى بىلمىدىم.چۈشىنەلمىگەن يېرىڭلارياكى تاماق قورۇماتوغرۇلۇق ياردەم كىرەك بولساچ چ 1329473672نى قاچىلىۋالساڭلارقولۇم كۆكسىمدە.
بۇنداق ئۇسۇلداتەييارلىغان ياغ مۇچنى ئۇزاق ساقلىغىلى،ھەرخىل تاماقلارغاقوشۇمچەتەم تەڭشىگۈچ قىلغىلى،ھەرخىل سوغۇق سەيلەرگەئىشلەتكىلى بولىدۇ.مۇشۇمۇنبەردكىلەردىن بىرەسىڭلاربۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قالساڭلارمۇنبەردىشىڭلارئاۋاتباغنى ئەسلەپ قويارسىلە
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى قېرىنداشلار،بۇتېمامنىڭ پايدىلىنىش قىممىت باردەپ قارىساڭلارتەستىقلاپ قويارسىلەر.تۇنجى قىتىم تېمايوللىشىم بولغاچ خاتالىقلارنىڭ بولۇشى تەبئى،ئەيىپكەبۇيرۇماسلىقىڭلارنى ئۈمۈدقىلىمەن.