مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1804|ئىنكاس: 10

پوزىتسىيە،يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى بىلىم ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:05:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



پوزىتسىيە،يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى بىلىم ھەققىدە




  جەمىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، يېڭى شەيئىلەر كۈندىن-كۈنگەكۆپىيىۋاتقان، مەۋجۈتلۇق رىقابىتى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ياشاش يولى ھەققىدە ئويلىنىش تولىمۇ زۆرۈردۇر.پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس، بەلكى تەييارلىقى بارلارغا مەنسۈپتۇر."باشقا كەلگەندە باتۇر" دېگەن ئاتالمىش تەۋەككۈلچىلىك سەپسەتىسىنىڭ ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭدىن كېيىنكى جەمىيەت زادى قانداق كىشىلەرگە ھەقىقىي ئېھتىياجلىق؟ ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى ۋەماھارىتىنى قانداق قىلغاندا ھەقىقىي تۈردە جارىي قىلدۇرالايمىز؟ كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىمىز ئۈستىدىن قانداق قىلغاندا غالىپ كېلەلەيمىز؟ بۇنىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددي. ئۇ بولسىمۇ، پوزىتسىيىمىزنى توغرلاپ مېڭىمىزنى يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرۇشتۇر. ئۇنداقتا ئالدى بىلەن پوزىتسىيە ھەققىدەتوختىلىپ ئۆتەيلى:



  پوزىتسىيە- بىرەر مەسىلىگە تۇتۇلغان يول ۋە نوقتانەزەردۇر. ھەر قانداق بىرئىشنى قىلىشتا پوزىتسىيەنىڭ توغرا بولىشى ۋە ئۇنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىنىشى بۇئىشنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. تۇرمۇشتىكى كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ جەمىيەتتىكى چوڭ ئىشلارغىچە پوزىتسىيەنىڭ قانداق بولىشى ئىشنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئەلۋەتتە. مەسىلەن ئالايلى: بىر ئادەم ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنىشنى كۆڭلىگە پۈكتى، ئەمما ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىشتىن باش تارتتى.ئىنگىلىز تىلى ھەرىپلىرى ۋە تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆلچەملىلىك يېزىلىشى ياكى ئوقۇلىشىغا ئېتىبار بەرمىدى، سۆزلۈكلەرنى ئەستايىدىل يادلىمىدى، ئىنگىلىز تىلىدىكى مەدەنىيەت ئامىللىرىغا قىزىقمىدى.مانا مۇشۇنداق تىل ئۆگىنىش پوزىتسىيىسى بىلەن ئۇنىڭ ئىنگىلىز تىلىنى ئۆگىنەلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس. يەنە ئالايلى،مەلۇم بىر شىركەت خىزمەتچىسى ئۆز خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي نەپسى ئۈچۈن چوغ تارتتى، كىشىلەردىن پارا ئالدى، ناچار مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا ئارلاشتۇرۇپ باشقىلارغا ساتتى. سىزنىڭچە، مانا مۇشۇنداق خىزمەتچىسى بار شىركەت يەنە قانچىلىك ئۇزۇن پۇت تىرەپ تۇرالار؟ بۇلارغا مىسال ئېلىپ كەلسەك ناھايتى نۇرغۇن مىساللارنى تاپالىشىمىز مۇمكىن. مىسال ئېلىشتىكى مەقسەت، كۆز قاراشنى مەلۇم پاكىت ۋە ئاساسقا ئىگە قىلىشتۇر. مەيلى قانداقلا ئىش قىلايلى، بىزنىڭ ھەرىكەت پوزىتسىيىمىز مۇۋاپىققىيەت يولىغا قاراپ مېڭىشىمىزدىكى تۇنجى قەدەمدۇر.


بىرىنچى مەسىلىنى مۇۋاپىق ۋە ئىلمىي يولبىلەن ھەل قىلىۋالغاندىن كېيىن ئەمدى ئىككىنچى مەسىلىگە ئۆتەيلى،نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى يېڭى ئىدىيە، يېڭى كۆز قاراش ۋە يېڭى بىلىملەر بىلەن قوراللاندۇرشىمىزكېرەك؟ بۇنىڭغىمۇ كۆپىنچە كىشىلىرىمىز بېرىدىغان ئورتاق جاۋاب كەلگۈسى مەۋجۈتلۈقنى ساقلاش، رەھىمسىز رىقابەت  ئۈستىدىن غەلبەقىلىش دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن.


          يېڭى ئىدىيە دېگىنىمىز نېمە؟ مېنىڭچە،يېڭى ئىدىيە دېگىنىمىز- ئەنئەنىۋىي  كۆزقاراشلار ۋە تەجىرىبە-ساۋاقلار ئىچىدىكى ئىلمىلىكى يۇقىرى ئامىللارنى ساقلاپ قالغان ئاساستا جەمىيەت ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ماسلىشالايدىغان، كىشىلەرنىڭ ئوبىكتىپ ۋە سوبىكتىپ تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بېرەلەيدىغان ئىدىيەدۇر. ھەرقانداق بىر ئىدىيەنىڭ پۈتۈنلەي يېپيىڭى ھالەتتە مەيدانغا كېلىشى ناتايىن، بۇ "يىلتىزسىز دەرەخ بولماس"دېگەن ھەقىقەتكە تامامەن ئۇيغۇندۇر. ئەينى ۋاقىتتا ماۋزېدۇڭمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ" كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى نەدىن كېلىدۇ؟ ئاسماندىن چۈشەمدۇ؟ _ ياق، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ" دېگەن ئىدى. دېمەك، بۇ يەردىكى "يېڭى ئىدىيە"ھەرگىزمۇ قەدىمكى بىلەن پۈتۈنلەي چىقىشالمايدىغان، ئەمەلىيەتتىن چەتنىگەن ئىدىيەبولماستىن، بەلكى بۇرۇنقى ئىدىيەلەرنىڭ كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلىيالايدىغان،ھازىرقى مۇھىت ۋە شارائىتقا ماسلىشالايدىغان ئىلاستىكىلىق خۇسىيەتتىكى ئىدىيەدۇر.بىر قىسىم كىشىلەردە دائىم دېگۈدەك ئەنئەنىۋىي ئىدىيە بىلەن يېڭىدىن بارلىققاكەلگەن ئىدىيەنى پۈتۈنلەي قارمۇ قارشى قويۇۋالىدىغان خاھىش يەنىلا مەۋجۈت. بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىك مەيلى جەمىيەتكە مەيلى شەخسكە بولسۇن زىيانلىق تەرىپى كۆپرەك بولغان خاھىشتۇر. شۇڭىلاشقا، يېڭى ئىدىيەنىڭ ئوقۇمى ۋە دائىرىسىنى ئېنىقلىۋىلىش ناھايىتىمۇ مۇھىم.



ئەمدى يېڭى بىلىم دېگىنىمىز نېمە؟ مېنڭچە،يېڭى بىلىم- توغرا پوزىتسىيە ۋە يېڭى ئىدىيە ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، جەمىيەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ، شەخىسنىڭ كەلگۈسى مەۋجۈتلىقى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان بىلىمدۇر. ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ بىز ئىلمىي جاۋاب بېرىدىغان، جاۋاب بىرىشنى كېچىكتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدىغان مۇھىم بىرتەرەپتۇر. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ئىش ياكى شەيئىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئۇچ مۇھىم ئامىل ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولىشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ، بارلىققا كېلىش، تەرەققىي قىلىش ۋە يوقىلىشتۇر. دېمەك، جەمىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەر،يېڭى ئىش – ۋەقەلەر، يېڭى پەن-تېخنىكىلار، يېڭى ئۆزگىرىشلەر توختىماي مەيدانغاكېلىپ تۇرىدۇ. بۇ جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇققەرەر يۈزلىنىشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتلەر، مىللەتلەر ۋە شەخىسلەر ئوتتۇرسىدىكى رىقابەت ۋە زىدىيەت مۇشۇ تەرەققىيات جەريانىدا يەنىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنى توغرا چۈشىنىش، توغرا بىر تەرەپ قىلىش، مۇۋاپىق تەرەققىيات يولىغا باشلاش بىزدىن يېڭىچە ئىدىيە بىلەن قوراللىنىپ،يېڭى بىلىملەرنى توختىماي ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەتىراپىمىزدىكى دۇنيا ئۆزگىرىۋاتقان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۇنيا. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىياتلارغا ماسلىشىش ئىھتىياجى تۇغۇلىدۇ. بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بۇ ھەممىمىزگە ئېنىق بىر مەسىلە. مەسىلەن ئەڭ ئاددىيسى بىز كومپيوتىر ساھەسىدىكى يېڭىلىنىش ۋە تەرەققىياتلارغا نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدابۇ خىل ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. يېقىنقى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم كەسىپلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئۆگەنگەن بىلىملىرىدىن بىرىنچى،ئىككىنچى يىللىرى ئۆگەنگەنلىرى ئاللىقاچان كونىراپ كېتىدىكەن. دېمەك، بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدۇ. بىلىمنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتى تىزلەشكەن ئىكەن، ئەلۋەتتە رىقابەتنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقىرلاپ بارىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟


بۇ يەردە تەكىتلەيدىغىنىمىز يەنىلا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆگىنىش ۋە خىزمەت پوزىتسىيەرىمىزنى توغرلاپ، جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشالايدىغان ئىدىيەنى ئۆزىمىزگە يىتەكچى قىلىپ، ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىز يەتكەن شارائىت ئاستىدا خىلمۇ-خىل زۆرۈرىي بىلىملەرنى تىرىشىپ ئۆگىنىشىمىز، ھەر قانداق رىقابەتكە تەييار ھالەتتە تۇرىشىمىز، كەلگۈسىدە غالىبلارسېپىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن توختىماي كۆرەش قىلىشىمىز لازىم. پوزىتسىيە _ يول دېمەكتۇر. يېڭى ئىدىيە ئىش-ھەركەتلىرىمىزنى قىلىدىغان –قول دېمەكتۇر. يېڭى بىلىم-تەپەككۇرىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ،رىقابەتلەردىن غالىپ كېلىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان پىكىر ۋە ئوي دېمەكتۇر.

ئويلىنىپ كۆرەيلى:مەمتىلى ئەپەندىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇقادىر داموللا ، ئايخان ئانا قاتارلىق كىشىلىرىمىز ئاشۇ شارائىت ناچار ۋاقىتلاردا نېمە ئۈچۈن ھېچنىمىگە قارىماي خەلقىمىزگە ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىتىش ۋە تارقىتىش يولىنى تاللىدى؟ بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۆگىنەلەيمىزمۇ؟ئۆگىنىش شارائىتىمىز بارمۇ؟ بۇ سۇئاللارغا ئەلۋەتتە قانداق جاۋاب بېرىشنى ھەممىمىز بىلىمىزغۇ دەيمەن. ئاخىردا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مۇنۇ سۆزىنى قىستۇرغۇم كەلدى:

_ ئادەمنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقى نېمىدىن؟

_ نادانلىقتىن.


2013-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-8 12:12 AM  


hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:33:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:36:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13854
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:39:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا بىرگەپلەرنىمۇ ئەمەس مۇنۇ سۆزنى يىزىپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ :
پۇل +تالانت + پۇرسەت= ھەرقانداق ئادەم مۆجىزە يارىتالايدۇ .مەن ھەرقانداق پىكىرلەردىن كۆرە مۇشۇ تەڭلىمىگە بەكرەك ئىشىنىدىغان بۇلۇپ قالدىم .  

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13854
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:50:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2013-7-8 12:36 AM
ياشلىرىمىز  كۆڭۈلگە  تۇتقان پۇزىتسىيسىنى  بىلىمگە  تۇ ...

تارازىدا توختىغۇدەك گەپ قىلىپسىز ....

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 01:12:38 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇۋەپپىقىيەت بىر پوزىتسىيە دەيدىغان بىر كىتابنى ئوقۇغانتىم.ئىسىمگە سەپ قويدى.
تۇنجى بابى
باھانىنىڭ كىرىكى يوق.
چۈشەنچىلىرىڭىز قايىل قىلارلىق،يەڭگىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.
بولسا مۇشۇنداق تەپەككۇر مىۋىلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز..

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 02:05:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-7-8 01:12 AM
مۇۋەپپىقىيەت بىر پوزىتسىيە دەيدىغان بىر كىتابنى ئوقۇغ ...

قايىل قىلارلىق، ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 10:45:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر پوزىتسىيە تۇرمۇشىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ دىگەن كىتاپنى ئوقۇۋاتىمەن .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 3400
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12644
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 1053 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 02:05:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك پوزىتسىيە.....

پەقەت خەتتىن ساۋادى چىققان نادان،ناچار بىلەرمەنلەگە گەپ چۈشەندۈرۈش، خۇددى كالىغا ساز چېلىش بىلەن باراۋەر. ياخشى جاۋاپ پەقەت: سۈكۈت! رېئالدا ياشىماي، ئۆز خىيالىدىكى غايىۋانە دۇنيادا ياشاۋاتقانلاغىمۇ ھەم. چۈنكى بۇمۇنبەر (ئەڭ ئالىجاناپلار) يىغىلغان جايكەن![

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95520
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2296
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 10:54:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما تولۇمۇ  ئورۇنلۇق قۇيۇلۇپتۇ  ،دىمەك ،بىر نەرسىگە نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەمىزنىڭ توغرا خاتا بولۇشى  بىزنىڭ قانچىلىك  ،ئەقلىمىزنىڭ بار  يۇقلىغىنى ئىپادىلەيدۇ ،شۇنداقلا تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەپ قويىمىز ،مەسىلەن ؛سىز  ھازىر دۇچ كىلىۋاتقان ئىدولىگىيە جەھەتتىكى كورەشكە ،(ئەسەبى دىنى ئاشقۇنلۇققا )تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىز  توغرا بولۇشى ،پۇتۇن كۇچىڭىز بىلەن قارشى تۇرۇپ .موتىدىل ،نورماللى بولغان ،دىنى پالىيەتلەرنى قوللىشىڭىز ،ئوزىڭىزگىمۇ جەميەتنىڭ مۇقۇملىغىغىىمۇ ،مىللىتىمىزنىڭ تىنىچ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرىشىگىمۇ پايدىلىق.يىڭى ئىدىيەنى قوبول قىلىش يەنى ،ئىلمى ئاساسى كۇچلۇك بولغان. مىللىتىمىزگە پايدىلىق بولغان. ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىش ،خۇراپاتلىققا باشلايدىغان ،مۇستەكەم ئاساسى بولمىغان ،كىشىلەرنى نادانلىققا ،ئىپتىداىلىققا باشلايدىغان .مەسىلەن؛سۇپى -ئىشانىزىم لىققا  ئوخشاش ،ئىدىيەلەرگە ،قارشى تۇرىشىمىز .كىرەك .ئاللا ئاتا قىلغان بۇ ھاياتنى قەدىرلەپ ،پوزىتسىيىمىزنى توغرا قىلىپ، ئىدىيەنى مۇستەكەملەپ .ئوزىمىز ۋە باللىرىمىزنى ئئىلىم پەن بىلەن قۇراللاندۇرالىساقلا ،بىز ئۇيغۇرنىڭ  كەلگۇسى پارلاق بولىدۇ ،ئەكسىچە ،دىنى ئاشقۇنلۇقنى قوللاپ ،قىزلىرىمىزنى ئىلىم ئۇگەتمەي ،بىزنىڭ چىقىش يۇلىمىزنى ئاللا بەلگۇلەيدۇ دەپ ئولتۇرساق ،1-دىن ئوزىمىزنى،   ئاللا ئاتا قىلغان سويۇملۇك تىنىمىزنى خارلايمىز .2-دىن ،نامىزىمىزنى خاتىرجەم ئوقۇيالماي دىنىمىزنى خارلايمىز ،3-دىن  پۇتۇن بىر مىللەتنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ ،قاراڭغۇلۇققا باشلاپ .مىللەتنى خارلايمىز .دەپ قارايمەن.....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش