مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2956|ئىنكاس: 31

بىز ماتېماتىكىدىن قانچىلىك يىراقتا ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

70

يازما

77

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 76622
يازما سانى:
70
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3934
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
53 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-2-26
ئاخىرقى:
2016-2-23
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر ، ئۇزۇندىن بېرى ماتېماتىكا توغرىلىق بىر تېما يېزىش ئارزۇيۇم بار ئېدى ، مانا تىنا دەپ مۇشۇ ۋاققا سوزۇلۇپ كەتتى . ئەلۋەتتە تەبىئىي پەن بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئادەم مۇشۇ بىر نەرسە يېزىش دىسە باش ئاغرىيدىغان گەپكەن ، بەزى باغلاشمىغان يەرلەر بولسا توغرا چۈشىنەرسىلەر .
     خوش ، ماتېماتىكىدىن سۆز باشلايلى . ماتېماتىكا دىگەن زادى نىمە ؟ بىزدىن قايسى ئوقۇتقۇچى ، قانچىلىك ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىسىغا بۇ سوئالنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋابىنى بېرەلىگەن  ؟  بۇ سوئالغا تاققا تۇققا بىر نىمىلەرنى بىلجىرلىشىمىز مۇمكىن ، ئىشقىلىپ بۇ جاۋابلارنى يىغساق ، بىزنىڭ ھازىرغا قەدەر بىرىپ كەلگەن جاۋابىمىز ماتىماتىكا دىگەن ھېساب . سانغا ساننى قۇشۇپ ئالالىساقلا ماتېماتىكا دىگەن شۇ .  بىز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا مىنىڭ بىرەر ئوقۇتقۇچۇم نامەلۇم ھەرىپلەردىن تۈزۈلگەن ماتېماتىكىلىق ئەمەللەرنىڭ زادى  نېمىلىكىنى ،  نىمىگە ئەسقاتىدىغىنىنى ، بىزگە نىمە پايدىسى بارلىقىنى ئېيتىپ بەرمىگەن ھەم بىرەلمىگەن . بىز ماتېماتىكىنى ساننى قۇشۇپ ئالالىساقلا بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالغاچقا ، بۇ ھەرىپلەردىن تۈزۈلگەن ماتىماتىكا بىزنى زىرىكتۈرگەن . ھازىرقى ئوقۇغۇچىلارنى ماتېماتىكىدىن زىرىكتۈرىۋاتقان تۈگۈنمۇ  دەل ماتېماتىكىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەسلىك . ماتېماتىكا ئوقۇغۇچىلارنى زىرىكتۈرۈپ قويغاچ بۇ ئوقۇغۇچىلار ئەمدى مەكتەپتىن زىرىكىشكە باشلىدى .  ئەمسە بۇ سوئالغا مەن بىر جاۋاب بىرىپ باقاي . ماتېماتىكا تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ قەغەزدىكى ئىپادىلىنىشىدۇر . ئەتراپىمىزدىكى ھەر بىرنەرسە ، ھەربىر ھەرىكەت ۋە قانۇنىيەتلەر ماتېماتىكىدا ئەينەن ئىپادىلەنگەن . مېنىڭ نەزىرىمدە ماتېماتىكا پەن ئەمەس ، ئۇ پەقەت باشقا پەنلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان قۇرال ، خۇددى تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن لازىم بولغان لۇغەتتۇر . مەن ئەسلى بىر فىزىكىچى ، نىمە ئۈچۈن ماتېماتىكىدىن سۆز ئېچىپ قالغانلىقىمنىڭ سەۋەبى دەل فىزىكا ، خىمىيە قاتارلىق تەبىئىي پەنلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاۋال ماتېماتىكىنى پىششىق ئىگەللەش كېرەك . ئالىمىمىز ساھىپجامال دۆلەتنىڭ فىزىكا ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازىنىشى دەل ماتېماتىكىسىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈكلىكىدىن بولغان ( ساھىپجامال دۆلەت مىنىڭ ئوقۇتقۇچۇم ئېدى ، ئالىمىمىز ئالىي مەكتەپكە كەلگەن ۋاقىتتا ئۈچ بۇلۇڭنىڭ ئىچكى بۇلۇڭ يىغىندىسىنىڭ 180 گرادۇس بولىدىغىنىنى بىلمەيدىكەنتۇق ، ئەنە ئاشۇنداق ھالەتتىن تېرىشىپ بۈگۈنكى شان شۆھرەت ساھىبى بوپتىكەن ) .  
     ئەمدى بىز دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۆزىمىزنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى . دۇنيادا ماتېماتىكىغا ئەڭ ئۇستا ئۈچ مىللەت بار ، يەھۇدى ، ئارىيان( نىمىس )  ۋە ياپون . بۇلارنى كۆپ تەرىپلەش ھاجەتسىز سىلەر مەندىن ياخشى بىلىسىلەر . دۇنيادىكى سودا چەمبىرىكىدە يەھۇدىنىڭ قانچىلىك قولى بارلىقىنى ھەممەيلەن بىلىمىز ، بەش يەھۇدى سودىگىرى پۈتۈن دۇنيا ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ ( بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىچۇ ؟ )  ، 80 - يىللىرى  ياپونىيەنى ۋەيران قىلغانمۇ يەھۇدى ، پۈتۈن دۇنيادىكى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى مونوپول قىلغانمۇ يەھۇدى . دۇنياغا داڭلىق سانائەتلەرنىڭ باشلامچىسىمۇ يەھۇدى . ئەمدى گىرمانچۇ ؟ مەن گىرمانلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق ماركىلىرىنى ساناپ باقاي : مېسىدىس - بىنز ، ئاۋدى ، تۇلپار ( باۋما ) ، ئوپىل ، باۋشىجى ، ھەممىباپ ( سانتانانىڭ ماركىسىنى بىلىمىزغۇ ) ، مەيباخ( دۇنيادىكى تۆت چوڭ ھەشەمەت ئاپتوموبىلنىڭ بىرى ) ، روللىس رويىس ، لەمبورگىنى ، سىمىنىس ، ئادىداس ....... يەنە مەن بۇ يەردە دەپ تۈگىتىپ بولالمايدىغان ، ھەم بىز نەدە كۆرسەك سېتىۋالغۇمىز كىلىپ لەۋ يالايدىغان ئېسىل مەھسۇلاتلار . ياپوننىڭچۇ ؟ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى يۆلەپ تۇرىدىغان ئون چوڭ سانائىتى :مىتسۇبىشى ، توشىبا ، خىتاچى ، سونىي ، NEC ، پاناسونىك ،  تويوتا  ، نىسسان ، خوندا ، شارىپ  . دۇنياغا داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرى : تويوتا ، نىسسان ، مىتۇبىشى ، خوندا ، سۇبارۇ ، مازىدا ، لېكىساس ، ئىنفىنىتى ، ئاكۇرا ، سۇزۇكى ، ئىسسۇزۇ قاتارلىقلار . باشقا ماركىلىرىدىن : سونىي ، نىكون ، كانون ، رىكوخ ، ئولىيمپاس ، ياماخا ، فۇشىتۇڭ ، كونىكا ، سانيو ، ئەپسۇن JVC  ، MINOLTA ، Kyocera ، TDK ، CASIO ، KENWOOD ،  Brother ...... قاتارلىقلار ( قىسقارتىپ ئېلىندى ) .
      ئامرىكا توغرىلىق ئىككى تال گەپ قىلاي .  ئامرىكىنىڭ ئاپتوموبىل ماركىلىرىدىن : بىك ، چىۋرولت ، لىنكولىن ، كادىلاك ، فورد ، Pontiac ، GMC ، خوممىر ، سابو ( SAAB ) ، ساتۇرن ( Saturn )  قاتارلىقلار (باشقىلىرىنى يازمىدىم ، بۇ دىيارىمىزدا بولمىغاچقا ) . ئېلىكتىر ۋە تور تېخنىكا شىركەتلىرىدىن :   IBM ، دېل ، خۇيپۇ ، ئالما ، گوگىل ، مىكروسوفت ، ئىنتىل ، orscle  ، ئامازون ، ياخو ، فېيىسبوك ( باشقىلىرى قىسقارتىلدى ) قاتارلىقلار . باشقا ئامرىكىنىڭ ئېغىر سانائىتىنى نەچچە ئاۋياماتىكىسى بارلىقىدىنلا بىلگىلى بولىدۇ . ئالەم سانائىتىنى كۆرمىسەكمۇ ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمىز . مانا بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت نىمىگە تايىنىپ مۇشۇنداق ھالغا كەلدى ؟ ئىقتىدارى بار ئىختىساسلىقلارغا تايىنىپ ، يەنى ئادەمگە تايىنىپ . ئىقتىدارى بار ئادەم ئەلۋەتتە ئۇ بىر ماتىماتىكا ئۇستىسى . غەربلىكلەرنىڭ ئادەمنىڭ  IQ سىنى ھېسابلىشىمۇ دەل شۇ ئادەمنىڭ ئاساسلىق ماتېماتىكا ئىقتىدارىنى سىناشتۇر . ئاراڭلاردا مەمۇرلۇق ئىمتىھانى بىرىپ باققانلار ماتېماتىكىغا مۇناسىۋەتلىك سوئال ئىشلەپ باققانمۇ ؟ ئەنە ئاشۇ ماتېماتىكا سوئاللىرى غەربلىكلەرنىڭ باشلانغۇچ سەۋىيەسىدىكى سوئاللىرىدۇر . يەھۇدىلار ، ئارىيانلار ، ياپونلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن ئاشۇنداق ماتېماتىكا بىلەن تەربىيلەيدۇ .
      مەن بۇلارنى دەپ نىمە دىمەكچى ؟ قانداق ئادەم ئەنە ئاشۇنداق ئېسىل مەھسۇلاتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدۇ ؟ ئەلۋەتتە ماتېماتىكىغا ئۇستا ئادەم . چۈنكا ماتېماتىكىغا ئۇستا بولسىڭىز فىزىكىغا ، خىمىيەگە ، بىئولوگىيەگە گەپ يوق ئۇستا بولىسىز ، مەن يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتكەن ماركا ۋە مەھسۇلاتلار دەل فىزىكا ۋە خىمىيەنىڭ مەھسۇلىدۇر . دىمەك ماتېماتىكا ئادەمنىڭ تەبىئەتنى قانچىلىك چۈشىنىشى ، تەبىئەت سىرىنى قانچىلىك ئىگەللىشى ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئادەمنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارى بارلىقىنى بەلگىلەپ قويدى . ئىقتىدار ھامىنى ماركىغا ، ئىقتىساتقا ، سانائەتكە  ئايلىنىدۇ . دۆلىتىمىزدە ھازىر دۇنياۋى ماركىلار ئەمدى پەيدا بولۇشقا باشلىدى . دۆلىتىمىزدىكى دۇنيادا ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرگەن ماركىلار : جوڭگۇ سودا سانائەت بانكىسى ( كۆپ قىسىم پېيى يەھۇدىنىڭ قولىدا ) ، جوڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى ، ئىشلىتىدىغان مۇلازىمىتىرلىرى ( فۇۋۇچى دەپ قۇيامدۇق ) ھەممىسى دېل ، خۇيپۇ ۋە IBM ( بۇ ئۈچ ماركىنىڭ ھەممىسى يەھۇدىنىڭ ) . مانا مۇشۇنداق ، ئۇلار ماتېماتىكىدىكى ‹‹ زومىگەرلىك ››كە تايىنىپ  دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلانغان .  
      .....
     مەن ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن ئىككى كەلىمە سۆزلەي : مەن دەرىس بەرگەن تولۇق ۋە تولۇقسىز سىنىپنىڭ بالىلىرى مەن قۇلۇمغا ئالغاندا ماتېماتىكىدا 90 پىرسەنت ئوقۇغۇچى ساۋاتسىزكەن . مەن ئۆزۈم كۇرۇس شەكلىدە تەربىيلىگەن بالىلارنىڭمۇ 80 پىرسەنت ئەتراپىدا ماتىماتىكىدا ساۋاتسىز . ماتىماتىكىدا بۇنداق ھالەتتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ باشقا تەبىئىي  پەندىكى نەتىجىسىنى سوراشنىڭ ھاجىتى يوق. دەماللىققا قىزىقىشقا بىر نەرسە بىلگەندەك قىلغان بىلەن ، بۇ پەن ھامىنى ماتىماتىكىغا تۇتىشىدۇ ئەمەسمۇ .   ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى ئوينىتىۋاتقان نەرسىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكا 150 نۇمۇرنى ئىگەللەيدۇ ، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز 30 نۇمۇر ئۈچۈن جان تىكىدۇ . فىزىكا 100 دىن 120 گىچە نۇمۇر ئىگەللەيدۇ ، ئاڭلىسام نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار فىزىكىدىن بەربىر نۇمۇر ئالالمايسىلەر ، شۇڭا زىھنىڭلارنى باشقا پەنگە قارىتىڭلار دەيدىكەن . ماڭا ۋاكالىتەن ئاشۇنداق ئوقۇتقۇچىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرىۋىتىڭلار . تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيەسىدىكى فىزىكا بىلەن ماتىماتىكا مەزمۇن جەھەتتىن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ ،فىزىكىدىكى ھەرقانداق مەسىلە ماتېماتىكا ئارقىلىق ھەل بولىدۇ ، شۇڭا ئاشۇنداق گەپ قىلغان ئوقۇتقۇچى ھېلىقى تۈكۈرۈككە لايىق . مىڭ تەستە ئالىي مەكتەپكە كەلدۇق ( تېخى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ بارغاننىڭ سانى ساناقلىقلىغۇ ) ، بۇ يەردە ئىنتايىن ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلىدىن بۆلەكلەر 60 نۇمۇر ئۈچۈن كۈرەش ۋە خىزمەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش بىلەن ئاۋارە . ئۇلاردىن بىلىم ، تېخنىكا دىگەنلەردىن ئېغىز ئاچماق تەس . بىلىم ، ئىقتىدار ، تېخنىكا بولمىغان مىللەتتە سانائەت نىمە قىلسۇن .  بىزنىڭ ئۇيغۇر كارخانىلىرىمىز تېخى تايىنىش باشقۇچىدا ، تەتقىقات باسقۇچىغا كەلگىنى يوق . دىمەك بىزدىن تېخى سانائەت تەتقىقاتچىلىرى يوق . بىز تېخى بىر نەرسە ياساش ئەمەس تەييار ياساقلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنى بىلەلمەي ئاۋارە . ئەگەر خەنزۇلار بىر يۆتۈلۈپ قويسا ئۇيغۇرنىڭ سانائىتى ( كارخانىلىرى دەپ قۇياي ، سانائەت بەك چوڭ گەپ )  تۈگىشىدۇ . ئەلۋەتتە ، يۇقاردىكى مەن تىلغا ئالغان ئۈچ مىللەت بىردىن يۆتۈلۈپ قويسا دۆلىتىمىزنىڭ سانائىتى پالەچلىنىدۇ . ھۆرمەتلىك تورداش ، ئەمدى سىز ماتېماتىكىنىڭ نىمىلىكىنى ، بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالىدىڭىزمۇ ؟ ئەلۋەتتە ماتىماتىكا بىزدىن يىراق ئەمەس بىز ماتىماتىكىدىن يىراقمىز .
     
     مەن خىزمەتكە چىققىلى ئەمدى ئىككى يىل بولماقچى بولغان ئادەتتىكى بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ،  بۇ تاققا تۇققا يازمىنىڭ سىلەرگە قانچىلىك بىر نەرسە دەپ بىرەلىگىنىنى بىلمەيمەن ، ئەلۋەتتە مەن بۇ يازمىدا  ئېغىزچە دىيەلەيدىغان گەپلىرىمنىڭ ئوندىن بىرىنى ئاران دىيەلىدىم دەپ ئويلايمەن . مەن خاتا دەپ قويغان يەرلەر بولسا تەنقىدى پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىمەن ، تەجىربىسى بار ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشىگە مۇھتاجمەن ، مۇمكىن بولسا ككپنى كۆرگەن تورداشلارنىڭ ئىنكاس شەكلىدە بۇ يازمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئاتا ئانىلارغا تەۋسىيە قىلىشىنى ( لايىقىدا بولمىسىمۇ ) ئۈمۈد قىلىمەن . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەبى بالىلارغا نىمە ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپراق ساۋاق بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئاللاھ بالىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرسۇن ، سالىھلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن بەرسۇن ، زىھنىنى ئوچۇق قىلسۇن.

مەن كىيىن يەنە تېما ئارقىلىق قانداق قىلىپ ھەرقايسى قاتلامدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېماتىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە توختىلىمەن .

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

سەبىرقىل يۈرەك!

195

تېما

6396

يازما

6591

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 129
يازما سانى:
6396
نادىر تېما :
3
مۇنبەر پۇلى :
10934
تۆھپە :
2760
باھا :
2410
توردا:
2882 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-5-20
ئاخىرقى:
2015-10-18
ۋاقتى: 2013-7-7 23:39:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلەر قىتىم بولسا شۇنداق قىلىڭە، ھازىرقى بالىلارنىڭ ماتىماتىكا سەۋىيەسى بەك ناچار. جۈملىدىن ئۆزۈممۇ بۇرۇن ئۇقۇغان چاغلىرىمدا، ماتىماتىكا دىسە بىشىم ئاغرىيتى.ئالىي مەكتەپكە تىىزىملىنىپ، ئىمتىھان بىرىدىغان چاغلاردا ئىجتىمايى پەنگە تىزىملاتقان، تەبىي پەن بىلەن  خۇشۇم بولمىغاچ.
دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق!مىنىڭ، ماتىماتىكا توغۇرلۇق سەۋىيەم يوق دىيەرلىك بولغاچقا ، بۇ تىمىڭىزغا ئىنكاس قاتناشتۇرۇشقا ،ئاجىزمەن توغرا چۈشىنەرسىز.ئادەم ئۆزىنىڭ، بىلىمىنىڭ قانچىلىكلىكىگە قارىتا پىكىر قاتناشتۇرمىسا ، قارشى تەرەپكە نىمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرەلمەيدۇ. شۇڭا مەن چىكىنەي.

مىسىرانىمغا ئەزا بولغىلى،ھايىت-ھۇيىت دىگۈچە بەش يىل بوپتۇ.كونا مۇنبەرداشلارنى سېغىندىم.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

226

تېما

3183

يازما

3409

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82909
يازما سانى:
3183
نادىر تېما :
5
مۇنبەر پۇلى :
4317
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2769 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-24
ئاخىرقى:
2016-3-9
ۋاقتى: 2013-7-7 23:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەكتەپتىكى چاغلىرىمدا باشقا پەننى بىلمىسەممۇ ماتىماتىكىغا ئۇستىتىم، مەكتەپتىن چىكىنىدىغان چاغدىمۇ ھەممىسى بۇ قاشاڭ ئوقۇغۇچىدىن قۇتۇلىمىز دېسىمۇ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچۇم ئىسىت دەپ لېۋىنى چىشلەپ قالغان، مانا ھازىر ھەممىنى يەپ بولدۇق،تۆت ئەمەلدىن باشقىنى بىلمەي يۈرىمىزغۇ تاڭ

مىكرو بىلوگ دەمدۇق بۇنى،  

180

تېما

5457

يازما

5637

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 73321
يازما سانى:
5457
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
20088
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
7524 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-16
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2013-7-8 00:17:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

25

تېما

911

يازما

936

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 8548
يازما سانى:
911
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6064
تۆھپە :
406
باھا :
337
توردا:
2410 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-8-30
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2013-7-8 00:30:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى ئىككى يۈز دېھقاندىن، « بىر مۇ يەرگە قانچە تۈپ قوناق مايسىسى چۈشىدۇ؟ » دەپ سورىسام ھەممىسى قاراپ ئولتۇرىدۇ،  ئۆلۈشكۈنى ئىككى تىرىشچان دېھقانغا ھېساپلاپ بەردىم،  مەنمۇ سىزگە ئوخشاش فىزىكا كەسىپ ئوقۇغان،  تۆت مەۋسۈم ماتېماتىكا ئوقۇپ،  بىر مەۋسۈملا بىر قېتىمدا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن،  ئەمدى بولسا ئۆلچەم ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولۇپ قالدىم،  ئالىي مەتەپتە نېمىگە ئەھمىيىتى دەپ تۇرۇپ،  ئىككى ئۈچ يىلغىچە دۈم يېتىپ ئىشلىگەن ھېساپلار بۇ ئىدارىغا كەلگەندىن كېيىن ئەسقاتتى،  ئەمدى ئاستا ئىدارىدىكىلەرنى ئاپىرىپ بىز بىلەن ماتېماتىكىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچەپ باقسام بولامدىكىن دەيمەن .....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

25

تېما

911

يازما

936

جۇغلانما

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 8548
يازما سانى:
911
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6064
تۆھپە :
406
باھا :
337
توردا:
2410 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-8-30
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2013-7-8 00:30:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى ئىككى يۈز دېھقاندىن، « بىر مۇ يەرگە قانچە تۈپ قوناق مايسىسى چۈشىدۇ؟ » دەپ سورىسام ھەممىسى قاراپ ئولتۇرىدۇ،  ئۆلۈشكۈنى ئىككى تىرىشچان دېھقانغا ھېساپلاپ بەردىم،  مەنمۇ سىزگە ئوخشاش فىزىكا كەسىپ ئوقۇغان،  تۆت مەۋسۈم ماتېماتىكا ئوقۇپ،  بىر مەۋسۈملا بىر قېتىمدا ئىمتىھاندىن ئۆتكەن،  ئەمدى بولسا ئۆلچەم ئىدارىسىنىڭ كادىرى بولۇپ قالدىم،  ئالىي مەتەپتە نېمىگە ئەھمىيىتى دەپ تۇرۇپ،  ئىككى ئۈچ يىلغىچە دۈم يېتىپ ئىشلىگەن ھېساپلار بۇ ئىدارىغا كەلگەندىن كېيىن ئەسقاتتى،  ئەمدى ئاستا ئىدارىدىكىلەرنى ئاپىرىپ بىز بىلەن ماتېماتىكىنىڭ ئارىلىقىنى ئۆلچەپ باقسام بولامدىكىن دەيمەن .....

تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.
ئۇيغۇر فىزىكا مۇنبىرى

2

تېما

1505

يازما

1507

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 95726
يازما سانى:
1505
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
6061
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
1029 سائەت
تىزىملاتقان :
2013-6-4
ئاخىرقى:
2016-2-11
ۋاقتى: 2013-7-8 01:30:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىماتىكا ھەممە ئايرىلالمايدىغان،كۆپ كۆزگە ئىلمايدىغان بىر پەن.
قېنى بىلىم ئىگىلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

226

تېما

3183

يازما

3409

جۇغلانما

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 82909
يازما سانى:
3183
نادىر تېما :
5
مۇنبەر پۇلى :
4317
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
2769 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-7-24
ئاخىرقى:
2016-3-9
ۋاقتى: 2013-7-8 01:32:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بىر گەپ بارغۇ ماتىماتىكا ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ گىمناستىنكىسى دەپ، ئىشقىلىپ بولىدىغان پەن،

مىكرو بىلوگ دەمدۇق بۇنى،  

2

تېما

337

يازما

339

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 10551
يازما سانى:
337
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10185
تۆھپە :
340
باھا :
270
توردا:
2127 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-9-16
ئاخىرقى:
2016-3-12
ۋاقتى: 2013-7-8 11:24:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ پەنلەرنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ماتىماتىكىغا بەك قىزىقاتتىم… تېمىڭىزغا رەھمەت!

ياخشىغا كۈن يوق

24

تېما

1370

يازما

1394

جۇغلانما

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 72402
يازما سانى:
1370
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
10990
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
3655 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-1-2
ئاخىرقى:
2016-3-7
ۋاقتى: 2013-7-8 14:08:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن 2011-يىلى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ جېجىياڭ ئۆلىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ماتېماتكىدا 95 ئاپتىكەنمەن مۆلچەرىمدىن 15 نۇمۇر ئاز ئاپتىمەن دەپ ئاچچىقىم كەپ تۇرسام ئاكام (تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكا دەرسى ئۆتىدۇ) شۈكرى قىل ئۇكام بۇ يەردىكى بالىلار 35 نۇمۇر ئالالماي ھېچقانداق مەكتەپكە ئۆتەلمەيدىغان ئىش دېگەن ماڭدامدا بىر ئۇچرايدۇ دېگەنتى ھەيراق قالغانتىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ . پەقەت ئەستايىدىل بولسىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئەڭ ئاددى فورمىلا لارغا تايىنىپلا خېلى جىق نۇمۇر ئالغىلى بۇلىدۇ .

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-3-12 03:20 PM, Processed in 0.124028 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش