مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5061|ئىنكاس: 21

ياشانغانلار يالغۇزسىرىمىسا ياخشىدى (گۈلجاھان) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13835
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 12:33:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياشانغانلار يالغۇزسىرىمىسا ياخشىدى ....

( ي ھەرىپىدىن باشلانغان يۈرەك سۆزى)
گۈلجاھان


ياشانغانلارمۇ ياشلاردەكلا يالغۇزلۇقنى ياقتۇرمايدۇ ، يېقىنلاردىن -ياقايۇرتلارغىچە ، ياخشىلاردىن - يامانلارغىچە يالغۇزسىراشتىن ياربۇيى يىراقلىشىشنى ياقتۇرىدۇ . ياريۆلەكلىكنى ياقلىمايدىغانلارنىڭ ياۋلارغا يانداشقىنى -يانداشقان .يۈزنى -يۈزىگە ، يۈرىكىنى -يۈرىكىگە يېقىشىپ يۈرگەنلەر يېنىدىن يامبۇ يۈتسىمۇ«ياتلاريۈتىۋەتمىدى ، يېقىنلىرىم يالجىسۇن يانداشلىرىم يۈتىۋالسىمۇ ياندۇرا ، يۈتسە يولىغا يۈرەر... »نى يادلىشىپ يۈرىشىدۇ .
يېقىننىڭ ياقى ياۋ يۈرىكىمنى يۈلغاندەك ، يېرىم يارتا يۈرىۋاتىمەن ، يۈزلىرىمگە يىغا يامىشىدۇ ، يىراقتىن يەتكەن يائوقى يارامنى يارغاندەك ، يانلىرىمنى يالقۇن يالمىغاندەك .......
«يۆلەكسىزنى يۆلىگەنلەر ياشنىسۇن ..»نى يادلايمەن .
يادىمغا يېتىشىچە ، يىراق-يىراقلاردىن يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشارغىچە ياشىغانلار يېشىلچىلىقلاردا يايلىشىپ ، يادنامىلەرنى ياندۇرۇپ -ياندۇرۇپ يادلىشىپ ،يىقىلغانلارنى يۆلىشىپ ، ياۋدىن يانماي ، يارىلانغانلارنى يىتىلىشىپ ،يىغلاشماي-ياتلاشماي ياشاپتىكەن .
يامانلىقلار يادىمىزغا يەتتىمۇ ياكى ياشلىرىمىز يېتىشكەنچە ياۋايىلىشىۋاتامدۇ ياشانغانلارنى يالغۇزسىرىتىۋاتىمىز ، ياشانغانلارنىڭ ياشلىرى يۈرىكىنى يېنىش-يېنىشلاپ يالماۋاتىدۇ ،
يا ! يىگانە-يا ...يادىمىزدىن يۈتتۈرگەنلىرىمىز يىتەر ، يولۇڭغا يېپىشالمىغانلارنى يۆلىگىن ............
ياشلىرىمىزمۇ ياشىنىمىز ، ياشنىغانلىرىمىزمۇ يانىمىز ، يىلىنجىغانلىرىمىزمۇ يېنىپ-يېنىپ يوقايمىز ، ياشانغانلىرىمىزنىڭ يۈرىكىدىن يوقىمايدىغىنى - ياشلىقىدىكىيادنامىلىرىدىن يىراقلىمىغان ، يېقىنقى يىتەرسىزلىكلىرىدىن ياماشقان يىگانىلىقىدۇر. يىگانىلىق ياشانغانلىرىمىزغا ياراشمايتتى ، ياشانغانلارسىز -ياشلىقىمىزيالجىمايتتى ، ياشانغانلار ياۋلارنى ياندۇرۇشنى يادلاتقان ، ياشانغانلاريەرلىرىمىزنى ياشناتقان ، يېرىمىزنى يۇمىلاتقان ، يارا-يېغىرىمىزنى ،يىرتىقلىرىمىزنى يامىغان ، يىمىگەننى يىگۈزگەن ، يادىمىزدىن يىراقلىمىغاندۇ _يىقىلغانلىرىمىزدا يۆلىگەن-يىتىلىگەن ، يىرىقىمىزنى يېقىنلاتقان ،يۈكىمىزنى يىنىكلەتكەن ، ياشانغانلار يۈتتۈرسىمۇ ياشلارغا يىتىشتۈرۈپ ، يۈزىمىزنى يورۇتقان.................
ياشانغانلارنى يوقلايدىغان يولىمىزنى يوقاتمىساق ياخشىدى ، ياشانغانلارنىڭمۇياشلارغا يۆلەنگۈسى ، ياشلارغا يىتىلەتكۈزۈپ يول يۈرگۈسى ، ياشلارنىڭ يېنىدايانپاشلىغۇسى ، يارىشىملىق يېپىنچىلارنى يېپىنغۇسى ، يۇمشاق ياتقۇسى ، يىيىشلىكياپمىلارنى ياپتۇرۇپ يۇمشاق -يۇمشاق يىگۈسى يوقمىدى ؟ ياق ، ياق !
ياشانغانلارنىڭ يۈرىكىدىكىسى -ياشلىرىمىزنىڭمۇ يۈرىكىگە ، يادىغا يەتكۈسى ......
** ياسىن يادىمىزغا يەتكۈزگەن : «ياشانغانلارنىڭ يىغىسى- ياشلىرىڭلارنى يېشىللىقنىڭ يولىدىن ياندۇرىۋىتىدۇ » . ياشاش يولىمىزنى يانتاقلىققا يەملىتىۋەتمەي ، يۈرىكىمىزدە يانغان يىڭنىچىلىكياخشىلىقنىمۇ يالتايتتۇرىۋەتمەي ، ياشانغانلىرىمىزنى ياشىغانلىرىغا يارىشاياشاتقۇزايلى ، يۈتتۇرگەنلىرىنى يىتىشكىنىمىزچە ياندۇرايلى ،*** يىلتىزلىرىمىزمۇيەر يېرىپ ياشنايدۇ ، ياپراقلىرىمىزمۇ يېشىللىقىدىن يىراقلارنىمۇ يورىتىدۇ ،يىتىمسىرىگەن يىگانىلەر يادىمىزغا يەتسۇن _ياشانغانلىقىمىزمۇ يادىمىزغا يەتسۇن ،يەرگە يېنىمىز يەتكۈچە ، ياخشىلىقىمىز يىراق -يېقىنلارغا يەتسۇن .
يەتكۈزۈڭلار ، ياشانغانلار يالغۇزسىرىمىسا ياخشىدى .




ئىلاۋە: *يا ! يىگانە-يا ..._ ياراتقۇچىمىزنىڭ سۈپىتى (تەلەپپۇز ئېھتىياجىدىن شۇنداق يېزىلدى ، كەم يەرلىرىدىن ئەپۇ سورايمەن )

** ياسىن يادىمىزغا يەتكۈزگەن : «ياشانغانلارنىڭ يىغىسى- ياشلىرىڭلارنى يېشىللىقنىڭ يولىدىن ياندۇرىۋىتىدۇ » _ پەيغەمبىرىمىز ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۇستازى ،مۇتەپەككۇر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئاتا -ئانىسىنى رازى قىلمىغان ، ئۇلارنىڭدۇئاسىنى ئالمىغان پەرزەنت جەننەت يۈزى كۆرەلمەيدۇ » دىگەن ، شۇ مۇبارەك ھەدىس، بۇتېمىدا تەلەپپۇز ئېھتىياجى تۈپەيلى مەزمۇنى ساقلانغان ئاساستا پايدىلىنىلدى ، كەم يەرلىرىدىن ئەپۇ سورايمەن )

*** يىلتىزلىرىمىزمۇ يەر يېرىپ ياشنايدۇ ، ياپراقلىرىمىزمۇ يېشىللىقىدىنيىراقلارنىمۇ يورىتىدۇ _ ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە تەربىيە ئۈگۈتلەردىن يىتىشكەنئەۋلاتلىرىمىز مەۋجۇلىقىمىزنى ساقلىيالايدۇ ۋە پارلاق مەنزىللەرنى يارىتالايدۇ .




مەنبەسى :گۈلجاھان قەلىمى ، ياشلىرىمىزغا ياققىدى .....

يېزىلغان ۋە يوللانغان ۋاقتى :2013-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Gvljahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-7 02:36 PM  


ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 08:10:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز . مەزمۇنىنى بەك ياقتۇردۇم .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 08:23:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆز ئۇيۇنى ياخشى يېزلىپتۇ

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3017
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5998
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2504 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 08:25:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس، ئارتۇق تەرىپلەشكە ئاجىزلىق كەلدى بۇ تىللار، قەلىمىڭىز داتلىشىپ قالمىسۇن بۇنداق تالانت بولغانكىن تېمىلىرىڭىزنىمۇ پات-پات ئۇچرىتىپ تۇرايلى

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 11:19:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ،ھەجەب قۇراشتۇرۇشقا ئۇستا ئىكەنسىز. بىر تىما تۈگىگىچە ،بىر ھەرپىتىن يەنە بىر ھەرىپكە يۆتكىگۈچە قىلچە تەمتىرىمەپسىز. بىزمۇ يىزىپ باقساق، بىرقۇرنى ئارانلا يازىمىز بەلكىم.قەلەم قۇۋۋتىڭىز يۈكسەلسۇن!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13835
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 11:55:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا ياققىنىدىن خۇشالمەن ، ئانا تىلىمىزنىڭ نەقەدەر باي  ، گۈزەل  ، پاساھەتلىك ، قىممەتلىك ئىكەنلىكىگە گەپ كەتمەيدۇ ، ئانا تىلىمدىن پەخىرلىنىمەن  ، خەلقىمدىن پەخىرلىنىمەن .....
بۇ تېمىنى يېزىپ بولۇپ ، داڭدار ئىپىزۇتچى ، سەنئەتكارىمىز - «چوڭ ئەيسا »  خالمۇرات ئاكا  بۇ «   ي دىن باشلانغان يۈرەك سۆزى » نى بىرەر پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ يېقىملىق تەلەپپۇزى ، خاس ئىنتۇناتسىيەسى بىلەن ، يېقىملىق مۇزىكا ھەمرالىقىدا ئورۇنلاپ باققان بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ..دەپ ئويلىغان ئىدىم .....

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 11:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvljahan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-7 11:55 PM
قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا ياققىنىدىن خۇشالمەن ، ئانا  ...

ئۇمۇ بۇلۇپ قالا ئاللاھ خالىسا. داۋاملىق يىزىپ بىزدەكلەرگە تەلىم بىرىپ تۇرارسىز.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:23:33 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالقۇنلۇق يۈرەكلەرگە ياغدەك ياقتى.يەنە يالغۇزسىرىمايلى.يازمىلىرىڭىز يىراقلاشمىغاي!

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

توغرا يول ھەمىشە

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23323
يازما سانى: 780
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13835
تۆھپە نۇمۇرى: 570
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:28:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-7-8 12:23 AM
يالقۇنلۇق يۈرەكلەرگە ياغدەك ياقتى.يەنە يالغۇزسىرىماي ...

سىزدەك «ي»دىن يانماي ئىنكاس يازىدىغاندىن بىرسى چۇقۇم چىقىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ، مەدەت بەرگىنىڭىزگە تەشەككۈر ، ئۇزاق قالماي ، «ت» دىن باشلانغان يازمامنى يوللايمەن ، لىكىن ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنراق يىزىلغان ئىدى ...

ئىنساننىڭ ئاغزىنى پەقەت تۇپراقلا تولدۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 12:43:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Gvljahan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-8 12:28 AM
سىزدەك «ي»دىن يانماي ئىنكاس يازىدىغاندىن بىرسى چۇقۇم ...

تاپقان–تەرگەنلىرىڭىزنى توختىماي تارقىتىپ،تەقەززالىقتىن تەزدۈرۈپ تورداشلارغا تۇتماقچىكانسىزدە؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش