مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1317|ئىنكاس: 14

ۋاپادارلار ئۆلمىسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7824
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 05:45:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

44.jpg



ۋاپادارلار ئۆلمىسۇن




  ئۈستەلنىڭ ئىككى تەرىپىدە ، ئەر بىلەن قىز ئولتۇرۇشقان .
  -  مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن .
قىز قولىدىكى رومكىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ سۆز باشلىدى .
  -  مېنىڭ ئايالىم بار .
ئەر قولىدىكى ئۈزۈكنى سىىلاپ قويۇپ جاۋاپ بەردى .
  - ئۇنىڭ بىلەن چاتىغىم يوق ، مەن پەقەت سىزنىڭ ھېسياتىڭىزنى بىلمەكچى . سىز مېنى ياخشى كۆرەمسىز ؟  
  تەسەۋۋۇردىكى جاۋاپ . ئەر بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزنى كۈزىتىشكە باشلىدى .
24 ياش ، چىرايلىق ، ھاياتى كۈچكە تولغان ، خېلىلا بولىدىغان بىر ياش .
سۈزۈك تېرە ، تولغان بەدەن ، بىر جۈپ گەپ قىلالايدىغان سېھىرلىك كۆز .
نىمە دېگەن ئېسىل قىز ، ئېسىت . ..
  -ئەگەر سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىىڭىز ، ئاشنىڭىز بولساممۇ بولىدۇ . قىز ئەرنىڭ جاۋابىنى كۈتەلمىدى .
- مەن ئايالىمنى سۆيىمەن . ئەر قەتئىيلىك بىلەن جاۋاپ بەردى .
- ئۇنى سۆيىسىز ؟ ئۇنىڭ نىمىسىنى ؟ ھازىر ئۇ ئاللىقاچان قېرىپ ، بىرسىىگە كۆرسەتكۈسىىز بولۇپ كەتكەندۇ . ئەمىسە نىمە دەپ ئۇنى ئىدارىنىڭ پائالىيەتلىرىگە باشقا ئەرلەردەك بىرگە ئېلىپ كېلەلمەيسىز . . . . . .
قىز يەنە داۋاملىق سۆزلىمەكچى بولدىيۇ ، ئەرنىڭ تۈرۈلگەن قوشۇمىلىرىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى .
جىمجىتلىق . . . . . .
- سىز مېنىڭ نەرىمنى ياخشى كۆرىسىز؟ ئەر ئېغىز ئاچتى .
- سىز سالماق ، تەمكىن ، سۆز - ھەرىكەتلىرىڭىزدە كۈچلۈك ئەرلىك پۇراق بار ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىسىز . بەك جىق ، ئىشقىلىپ مەن بۇرۇن كۆرگەن ئادەملەرگە پەقەت ئوخشىمايسىز ، سىز ئالاھىدە .
- ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى مېنىڭ قانداقلىغىمنى بىلەمسىز ؟ ئەر تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇردى .
- بىلمەيمەن . كارىممۇ يوق ، ھەتتا تۇرمىدە ياتقان بولسىڭىزمۇ...;
-ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ، مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى ئادەتتىكى ئەرلەرنىڭ بىرى . ئەر قىزنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلماستىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
-ئادەتتىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈردۈم ، خىزمەت كۆڭۈلسىز ، كۈندە ھاراق ئىچىپ ، جىدەل ماجرا بىلەن يۈرەتتىم ، قىزلارغا پەرۋا قىلمايتتىم ، ****لەردىن ئۆزەمنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىنى قاندۇراتتىم . ئىشرەتخانىلاردا پاھىشە ئىزلەپ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلۇپمۇ باققان .
-ئۇنداقتا ؟  قىز خېلىلا قىززىقتى ، ئۇنىڭ قانداق نەرسىنىڭ بىر ئەرنى باشقىچە قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەنلىگىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى . - ئايالىڭىز ئۈچۈنمۇ ؟ .
-شۇنداق  .
   - ئۇ  ھەمىشە ئاسانلا بىر ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالالايتى . ماڭا نۇرغۇن نەرسىىلەرنى ئۆگەتتى ، ئېرىشكەن ياكى يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلەرگە ئارتۇقچە قايغۇرماسلىقنى ؛ كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغا بەك ئېتىبار قىلىپ كەتمەسلىكنى ؛ كىشىلەرگە ئامالنىڭ بارىچە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى بىلدۈردى . شۇ چاغلاردا مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئىش بىلمەيدىغان بالا ئىدىم . شۇ ھېسىياتلار بەلكىم ، سىزنىڭ ھازىر ماڭا بولغان ھېسياتىڭىزغا ئوخشاشدۇر . ھەيرانمەن ، مىجەزىم شۇنچە چۇس تۇرۇپ نىمە ئۈچۈنكى ئۇنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايتىم . ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئەمەلىيەتچىل بولدۇم ، ئۆزەمنىڭ كارغا كەلمەيدىغىنىمنى بىلىپ تىرىشىپ ئىشلىدىم ، خېلىلا ياخشىلانغاندىن كېيىن بىز توي قىلدۇق .  
ئەر تاماكىسىنىڭ كۈلىنى كۈلدانغا چۈشىرىۋېتىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
- ئۇ چاغلاردا تۇرمۇش ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقتاا ئىدى . ئىككى ئادەم بىرلا كارۋات ، ئۆي جابدۇقلىرىمۇ يوق دىيەرلىك . بىلسىڭىز ، توي قىلىپ بىر يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا تويلۇق ئۈزۈك ئېلىپ بەرگەن ، شۇ پۇلنىمۇ بىر يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت يىغقان ئىدىم . ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن يوشۇرۇنچە ، ئەگەر بىلىپ قالسا ھەرگىزمۇ قوشۇلمايتتى  ئۇ چاغلاردا ھاراق ، تاماكا سالامەتلىگىمنى ناچارلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى . قىشنىڭ قاتتىق سوغاقلىرىدا ، ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا ماڭا شورپا قىلىپ بېرەتتى ، ئۇ خىل تەمدىكى شورپىنى پەقەت شۇلا قىلالايتى....
ئەر ئەسلىمىلەر ئىچىگە كىرىپلا كەتتى ، ۋاقىتنى ئۇنتىدى ، توختىماستىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەۋاتاتتى .
قىز بولسا قىلچە دەخلى قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، جىمجىت ئاڭلاپ ئولتۇراتتى .
ئەر تۇيۇقسىز بىر نەرسە ئېسىگە كەلگەندەك سائىتىگە قارىدى . سائەت ئاللىقاچان 10 بولغان ئىدى .
- توۋا ، كەچۈرىسىز ئۇنتۇپلا كېتىپتىمەن ، بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ .
- سىز ئەمدى مېنى چۈشەنگەنسىز ؟ مەن ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلمايمەن ھەم قىلالمايمەن ;
  - چۈشەندىم ، بۇنداق بىر ئايالغا ئۇتتۇرۇپ قويغىنىمغا ھەقىقەتەن تەن بەردىم  . قىز ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى ،
- مەن شۇ ياشقا بارغاندا ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىمەن ، تېخىمۇ مېھرىبان...  
- ئۇنداقتا، تېخىمۇ ياخشى ئەردىن بىرنى تاپالايسىز ،بەك كەچ بولۇپ كېتىپتۇ ، شورپاممۇ سوۋۇپ قالدى ، مەن سىزنى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي.
ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنى ئاپىرىپ قويماقچى بولدى .
-بولدى ، ئۆزەم قايتاي !
قىز ئەدەپ بىلەن رەت قىلدى .
- قايتىڭ ئۇ سىزنى ساقلاپ قالمىسۇن .
ئەر مېييىغىدا كۈلۈپ قويۇپ ، كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى .
- ئۇ چىرايلىقمۇ ؟  
. . . . . . . . . شۇنداق ، ئىنتايىن ،ئىنتايىن چىرايلىق .
ئەرنىڭ سىماسى تۈن قاراڭغۇسىدا غايىپ بولدى ، يالغۇز قالغان قىز شامغا ھاڭۋاققىنىچە قاراپ نىمىلەرنىدۇر ئويلاۋاتاتتى .
ئەر كارۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى .
   - خوتۇن ، بۇ تۆتىنجىسى . مېنى نىمانچە بۇنچە ياخشى قىلىۋەتكەنسەن ، نۇرغۇن ئادەملەر مېنى ياخشى كۆرىدۇ . دېققەت قىلمىسام ئۆزگۈرۈپ قالىمەن جۇمۇ . مېنى شۇنچە ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويۇپ، ئۆزۈڭنىڭ بالدۇرلا ئۇ ئالەمگە كېتىپ قالغىنىڭ نىمىسى ؟ مەن ، مەن يالغۇز ، بەك غېرىپلىق ھېس قىلىۋاتىمەن ....
ئەر بوغۇلۇپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى ، ئاخىرى ئۆزىنى تۇتالماي ئېسەدەپ كەتتى .
كۆز ياش ، توختىماستىن تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى . غۇۋا چىراق يورىقى ، تامدىكى كونا رەسىىمدىن ۋاپات بولغان سۆيۈملۈك ئايالىنىڭ ھىدى كېلىۋاتاتتى ...

مەنبە:بارمۇ بىلوگى
2013.7.4


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8685
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 11:48:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن . ھازىر شۇنداق ئەرلەر بارمىدۇ . ئەرنىڭ قانداق بولۇشى ئايالغا باغلىق.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6406
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 11:57:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرنى، ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن-يەر قىلغانمۇ خۇتۇن دىگەن ئەسىرىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى. قىسقا ئىخچام ،چۈشۈنۈشلۈك چىققان ئەسەركەن.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4309
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:09:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95690
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:33:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر كىشىگە شۇنداقمۇ چاپلىشۋالدىغان قىزلارما با كە دىسە

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4235
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20213
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1689 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-5 12:44:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەقەت چۈشۈنۈش بولغاندىلا بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
dawir111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 01:40:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 01:45:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئاۋۇ مەرھۇم ئايالنىڭ ئوبرازىغا بەك چۈشىدىكەنمەن،تىخمۇ تىرىشاي؛

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7824
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 10:29:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-6 08:45 PM
مەن ئاۋۇ مەرھۇم ئايالنىڭ ئوبرازىغا بەك چۈشىدىكەنمەن،ت ...

مەرھومەگە ئۆمرىڭىز ئوخشاپ قالمىسۇن، ماڭمۇ بەكلا تەسىر قىلدى بۇ ھىكايە.ئاللاھىم ھەممەيلەنگە مۇشۇنداق ۋاپادار قىز يىگىتلەرنى نىسىپ قىلغاي!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 رەھمەت تاتلىق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72566
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-1-4
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-8 05:08:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ.

بۈگۈن مەن ئىشخانىدىكى ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئالدىراش.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش