مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9243|ئىنكاس: 95

مىسرانىم ئەزالىرى كىنو - فىلىمدە ...   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 12:50:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ‹ سۇ بويىدا › دىن ئارىيە :

- ئائىشە ( 326 ) يەڭگە ، ئاكام نىمە ۋەجىدىن ئۆلدى ، ئۇنى كىملەر دەپنە قىلدى ؟
- ۋاييەي ئاخسا شۇم ئىنىم ، ئەمدى مەن قانداق قىلاي ؟! ۋاي مۇرەببىم ، تاغدەك مۇرەببىم ، ياغدەك مۇرەببىم ...
- يەڭگە تولا نايناقشىماي گېپىمگە جاۋاپ بىرىڭ ؟
- ئاخسا شۇم ئىنىم ، ئاكىلىرى ئىچمەڭ دىسەم ئۇنىماستىن توڭلاتقۇغا سېلىپ مۇزلاتقان قىزىل كالا  ئىچىملىكىنى ئىچىپ ئىچى سۈرۈپ قالغان پېتى جان ئۈزۈپ كەتتى .
- نىمە ؟ ئۇنى ئىچكەننىڭ ئورنىغا بىر زىخ كاۋاپ يىگەن بولسىچۇ ھەي ...... نىمىشقا توسىمىدىڭىز ؟ نىمىشقا مۇزلىتىپ بەردىڭىز ؟
- ئايەي ئاخسا شۇم ئىنىم ، توسىدىم ئۇنى ئىچكىچە ھىچ بولمىسا ئىشىك ئالدىمىزدىكى توختىخاننىڭ چاي تۇخۇمىدىن يىسىلە ، قىممەتلىكىگە چۇشلۇق پايدا قىلىپ كىتىشى تايىلىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ‹ مۇسۇلمانچە › ماركىسىمۇ يوقكەن دەپ شۇنداق چىڭ تۇرىۋالدىم ، ئەمما مۇرەببىم زادىلا ئۇنىمىدى ۋاي ئەمدى مەن قانداق قىلاي ھۈ ھۈ ھۈ  ...
ئائىشەگۈل يالغاندىن چۈ تارتىتقىلى تۇرغان يەرگە نەق توختىخان كىرىپ قالدى :
- ۋاي ۋۇي ئاخسا شۇم غوجام ، يەڭگىلىرى ئائىشەگۈلدە گۇناھ يوق ، ئەينى ۋاقىتتا ئاكىلىرى ئۆزى خالاپ ئىچتى ، ئارىدىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى ، ھەتتا مەن توختىخاننىڭ چاپمىغان يولى ، چاقىرمىغان تېۋىپلىرى قالمىدى دىسىلە...
- توختىخان چوڭ ئانا ، نەخ مەيداندا سىلىمۇ بارمىدىلە ؟
- شۇنداق ئاخسا شۇم ئىنىم ، مەن توختىخاننىڭ چايخانا ئېچىۋاتقىنىغا ئازكەم قىرىق يىل بولدى ، بۇ شەھەردە تونۇمايدىغىنىم يوق ، شۇنداقتىمۇ ئاكىلىرىغا ئامال بولمىدى .

كورىيەدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرى < ناياڭپارنىڭ قىزىلىرى > دىن ئارىيە :

- چۆگىلەپ ، چۆگىلەپ ئوينايلى ، ھايات چېغىمدا كۆيۈنگىن ماڭا ...
- نىمە قىلىۋاتىسەن ئاپا ؟
- كىلە ، كىلە كەترەن ، مەنچۇ قارا < ناۋا > پىروگراممىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن .
- نىم نىمە ۋا ...
- ناۋا ، ناۋا دىگىنە ...
- ھە ھېلىقى ، بۇ يېشىڭدا ئۇ يەرگە قاتنىشىمەن دىسەڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى تاماشىبىنلار كورىيەلىك شوخسەنەم دىگەن موماي ئېلىشىپ قاپتۇ .
- ئوھۇشتە قويەۋا سىنى ، ئىسىمىم شوخسەنەم ، شۇنىڭغا لايىقمەن .
- ئىسمىڭ شوخسەنەم بولۇپ قالغانغىلا مۇشۇنداق ئىشنى قىلساڭ بولامدۇ ، يەنە تېخى ئايروپىلان بىلىتى ، ياتاق - تاماق ..ۋاي ئانىمەي چىقىم ئېشىپ كەتكۈدەك ...
- ئەلۋەتتە ، سەنچۇ قارا كەترەن ۋاقتى كەلگەندە ئىكراندا مىنىڭ لوڭقا ئالغىنىمنى كۆرۈپ ئولتۇرھە .
- ھىم ، قانداق قىلاي ؟...
- تۆت نەۋرە قىزىمنى يەنە ئۇلارنىڭ ساۋاقداشلىرىدىن ئون يىگىرمىنى بىللە ئېلىپ بېرىپ تاماششىبىن قىلدۇرسام بىلەت سانىدا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىمەن ئەمەسمۇ ؟
- ۋاي قويغىنە بۇنداق يالغان ياۋداق گەپلىرىڭنى ...
- مەن دىدىمغۇ ، تىنىچ تۇرغان كۆل يۈزىگە قاراپ پىلىمۇت ئاتماڭ دەپ ...
- ۋۇي كەسلە كۈيئوغلۇم راخمانسايكىن ، قېنى قېنى پەگاغا ئۆتسىلە .
- ماڭا قەشقەرچە گەپ قىلمىسلا قېيىنئانا ...
- نىمىسىنى دەيلا راخمانجان ئالدىنقى يىلى قەشقەرگە بىر خەتمە تويغا بارغىنىمدا موماي ، چوكانلار تۆردە ، بوۋاي ، ئەركەكلەر پەگا تەرەپتە ئولتۇرغان ئىكەن ، مەنمۇ ئۈگىنەي دىدىمغۇ شۇ قائىدە يۇسۇننى ...
- ھىم قەشقەرلىكلەر بىزنىڭ كىنو - فىلىملىرىمىزنى كۆپ كۆرۈپ ھازىر ئۆيلىرىگە زىلچا سالماي پول ياتقۇزۋاتسا نىمە دەپ قەشقەرچە قائىدە يۇسۇن ئۆگۈنگۈدەكسىلە ، بىلىپ قويسىلا مەن راخمانسايكىندا ۋىجداننىڭ نوچىسى بار جۇمۇ .

كورىيەدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرى ‹ يەنە بىر كۆرسەم › دىن ئارىيە :

- مەن دىدىمغۇ بۇ ئىش مومكىن ئەمەس ، بولمايدۇ دىگەندىن كىيىن بولمايدۇ .
- موما ، مەن مارشال گەپنى بىرقېتىملا قىلىمەن ، زۇمرەتنى تاللىغان ئىكەنمەن ئۆزۈمدە بۇ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزدۇم دىگەن گەپ ، قوشۇلساڭلار  مەيلى قوشۇلمىساڭلار زۇمرەتتىن باشقىسى ماڭا بىكار ...
- ئاكا ، سەن ئىسمىڭ مارشال بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن ، يەنە تەپتىش مەھكىمىسىدە ئىشلىگىنىڭ ئۈچۈنلا زۇمرەت بىلەن چوقۇم توي قىلىشىڭ كىرەكما ؟ ئۇنداقتا مەن ئەپچىلەم قانداق قىلىمەن ؟ دىلگۈزەل قانداق قىلىدۇ ؟ ئەجىبا سەن بىزنى ئويلىمامسەن ؟
- ئۇنداقتا مومام فائىزەخاننى تىزراق قايىل قىل !
- بەس ، يىتەر ... پۈتكۈل كورىيەدە بۇنداق قوش قۇدىلىق ئۇچرىمايدۇ ھەم بۇنى قوللىمايدۇ ، مۇشۇ يېشىمغا كەلگەندە ئەجراتلىرىمغا يۈز كىلەلمەيدىغان بۇنداق رەسۋاچىلىقنى مەن قىلسام ، ئەجداتلىرىمغا نىمە دەيمەن ھە ؟!
- موما ، ئەگەر بۇ ئىشىمىزغا قوشۇلساڭ سىنى فائىزەخان ئاقكۆڭۈل ، فائىزەخان مۇلايىم .دەپ ماختىشىپ كىتىشدۇ ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئەپچىلەممۇ سىنى يوپۇرغىدىكى تۇزكۆلگە ئاپىرىپ كىلىمەن ، تىز ئاغرىقىڭ شاپپىدىلا ساقىيىپ كىتىدۇ .
- قوي ئۇنداق ياغلىما گەپلىرىڭنى ، ماڭا ھەرقانچە يېلىنساڭلارمۇ بىكا ....
- ئوھۇي ، كىلىڭ ، كىلىڭ زۇمرەت ، بۇ يەردە سىزلا كەم ئىدىڭىز . سىز قىلغان بوتقىنى ئىچىپ بولدۇم ، ۋاي ۋاي سىزنى پاتراق نەۋرە كېلىنىم قالسام كۈنبويى سىز قىلغان بوتقىنى ئىچىپ كەتسەم ....
- فائىزە موما تىنىچ تۇردىلىمۇ ؟ مەن سىلىگە خوتەننىڭ يەرلىك ئەتلىسىدىن بىر كۆڭلەگلىك ، يەرلىك گىلىمىدىن ئىككى پارچە ، يورۇڭقاش دەرياسى قاشتېشى بىلەيزۈكىدىن تۆتتال ، يەنە يورۇڭقاش دەرياسى ساپ سۈيىدىن ئىككى تۇڭ ئالغاچ كەلدىم ، تۆۋەنكى مەھەللىدىكى سەيپۇڭ سائەتنى سارپان تىكىشكە بەكلا ئۇستا دىيىشىدۇ ، ئەتىگىچە سائەتنىڭ قېشىغا بېرىپ سلىنى ئۆلچىتىپ كىلەي ...يەنە خوتەن گىلىمىنى ئاستىلىرىغا سېلىپ ياتسىلا مۇنۇ پولنىڭ ئۈستىدە ياتقاندىن كۆپ ياخشى ، ئاندىن توي تۆكۈن ، ئۆلۈم يىتىملارغا بارغاندا قاشتاش بىلەيزۈكلەرنى سېلىپ بارسىلا دوست دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا تازا يارشىدۇ .
- قىزىم زۇمرەت ، كۆڭلۈمنى بەك بەك چۈشىنىسىز جۇمۇ ، بىراق قېرىغان ۋاختىمدا سارپان كەيسەم باشقىلار كەينىمدىن سۆز چۆچەك قىلىشارمۇ ؟
- كىيىۋەرسىلە فائىزە موما ، بۇ قېتىم قەشقەر ، خوتەندىن ئاقسۇ كۇچاغىچە بېرىپ كەلدىم ، سىلە دىمەتلىك ئاياللار بىكار قالسا چاي ئوينايدىكەن ، يۈز - كۆزلىرىگە بىزنىڭ كورىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن چاپىدىكەن ...
- ئويەي قىزىم زۇمرەت ، ئۇنىڭ مەن بىلەن نىمە ئالاقىسى ؟ ياكى بۇ قەشقەر خوتەن بولمىسا ....
- ۋاي ۋۇي فائىزە موما ،  ئۇ تەرەپنىڭ رىستۇرانلىرىدا گاڭنام ئۇسلۇبى قاينايدىكەن ، ھەتتا ئۇ رادىئو - تىلىۋىزيە ، مەكتەپ يەسلىلەردىمۇ چالا قالمايدىكەن ، مەن ئۇ تەرەپكە نىمىگە باردىم بىلەملا ؟
- ياق بالام بىلمىىدىم .
- ۋاي ئەستاخ ، مەن بۇ قېتىم مەخسۇس گاڭنام ئۇسلۇبى بېسىلغان بالىلار مايكىلىرىنى بازارغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن باردىم ، ھەر ھالدا قۇرۇق قول كەلمىدىم ، ئۈنۈمى بولدى .
- كىشىلەر ئالدىمۇ ؟
- ھاي ، ئالمامدىغان فائىزە موما ، كۆز - كۆز قىلىش ، ماختىنىش ھازىر ئۇ تەرەپتىكى بالىلاردىمۇ ئەۋىج ئاپتۇ .
- ياخشى بوپتۇ قىزىم زۇمرەت ، ئۇنداقتا ئەپچىلەم بىلەن دىلگۈزەل بىر ياقتا تۇرۇپ تۇرسۇن ، مارشال بىلەن سىزنىڭ باغىقىڭىزغا تۇتۇش قىلايلى !

تۈركىيە كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ‹ چەكلەنگەن سۆيگۈ › دىن ئارىيە :

- مەن بۇنداق مۇناسىۋەتتىن جاق تويۇپ كەتتىم بودەك ، ئەڭ ياخشىسى بىز مۇشۇ پېتى توختاپلا قالايلى .
- نىمىلەرنى دەيدىغانسەن بىكتەر ، تاغام سەردار بىلەن سىنى بۇ قورۇدا ھەر كۆرسەم يۈرىگىم بىر قىسمىلا بولۇپ كىتىدۇ .
- ئۇنداقتا ياخشى زەنجىر ، بىڭسىڭ بولسا مۇشۇ مىنۇتتىلا بىز بۇ تۇرمۇشتىن قۇتۇلايلى ، بىز بىرىمىزگە تويۇپ ياشايلى ، مارالبېشى ، ئاۋاتلىقتەك قېچىپ كىتەيلى !
- بىراق مەن قورقىمەن بىكتەر ، تاغام سەردارنىڭ ئازاپلىنىشىدىن ، ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىمەن .
- ۋۇ يارىماس ، مۇشۇنداقلىقىڭنى بىلەتتىم .
- خۇش كەلدىڭىز ئۆل !
- خۇش بولدۇق ، پىيانىيو ئۆيىگە كىرەمدۇق مىژگان .
- بولىدۇ ئۆل .
- پىيانىيو چالغاندا قوللىرىڭ يىنىك ، لەرزان بولسۇن مىژگان .
- بۇنى ئۈگۈنگۈچە راۋاپ ئۈگۈنەيچۇ  ئۆل ؟
- راۋاپنى راۋاپ ماكانىدىكىلەر ئاڭلىماي ، مۇنۇ چالغۇغا تەلپۈنۋاتسا نىمىگە ئۇنداق دەپ قالدىڭ ھەي ...
- ئۆل ، نىمە كۆڭلىڭىز يېرىمما ؟
- دادامنى ئەسلەپ قالدىم مىژگان ، مانا ھەش پەش دىگۈچە غۇلجىدىن ئايرىلغىلى يىگىرمە نەچچە يىللار بولۇپ قاپتۇ ، بۇ كەمگىچە غۇلجىدا ئۆزگىرىشلەر كۆپ بولۇپ كەتتىغۇ دەيمەن .
- ئىنشائاللا ئۆل ، خەۋرى بولۇپ قالار !

ھىندىستان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ‹ سۈيقەسىت ۋە نىكاھ › دىن ئارىيە :

- مەن بۇنداق ئالدامچىلىقنى ئەسلا  كۆترەلمەيمەن مۇسلىنەخان .
- نىمە دەۋاتىسىز قىزىم ئارزۇي ؟!!
- شۇنداق ، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ بەختىنى دەپ مىنىڭ بەختىم ، ھاياتىم بىلەن قىلچىمۇ كارىڭلار بولمىدى .
- ئارزۇي  ، كەتمەڭ بوللامدۇ ؟ سىز كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن ؟
-مانا كۆردىڭىزمۇ ، مىنىڭ تەككىنىم سېپى ئۆزىدىن ساراڭكەن ، يۇلغۇنجان دىسە مەن تېخى ئىسمىغا قاراپ شۇنداق كىلىشكەن ، ئەقىللىق مەسئۇلىيەتچان ئەرمىكىن دەپ قاپتىمەن .
- بولدى قىلىڭ ئارزۇي ، يۇلغۇنجانغا ھاقارەت قىلىشتىن نۇمۇس قىلمامسىز ؟ سىز ئۇنى ساراڭ دىدىڭىز ئۇنىڭ ئورنىدا سىز بولۇپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز ؟ ھەتتا يۇلغۇنجاننى ئاپارمىغان بىھىشۋاغمۇ ( 4-دوختۇرخانا ) قالمىدى ، ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى ...


پاكىستان كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ‹ مىراسخور › دىن ئارىيە :

- تەمكىن ، تەمكىن ...
- ھە نىمە ئىش ئەلشاھ بىگىم .
- سەن دەررۇ بېرىپ ئەكبەر 0997 دىن سورا ، خەزىنىنى نەگە يۇشۇرغىننى ئېيتىپ بەرسۇن .
- شۈنچە يىل سىر ساقلىغان ئادەم ماڭا ئېيتىپ بىرەرمۇ ئەلشاھ بىگىم .
- بىر ئامالىنى قىلمامسەن كالۋا ، ھىچ بولمىسا مەرھابا توخۇسىدىن بىرەرنى كاۋاپ قىلىپ ئالغاچ بارساڭ ئېيتىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس .
- ئەكبەر 0997 نىڭ توخۇ گۆشى بىلەن خوشى يوق ئەلشاھ بىگىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر توخۇ گۆشلىرى توغرىسىدىكى مۇلاھەزىلەر ئىنتېرنىتتا ئاۋۇپ قالدى .
- ۋاي كالۋا ، ئۇنداق بولسا ئىخلاس فىرىمادىن بىرنى ياكى ھېلىقى داڭلىق تېتىمىچى داۋۇتنىڭ تېتىمىسىدىن ئۆتكەن چەتئەلچە ئىچىملىكنى ئالغاچ بارغىنە ماڭ ...
- ماقۇل .

ئەسكەرتىش : بۇ پەقەت يۇمۇر تۈسىنى ئالغان يازما ، تورداشلارنىڭ ئەمەلىي ھىسىياتى ۋە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقىسى ئەمەس ، كىنولاردىن ئۆرنەك ئالغان ۋەقەلىكلەر خالاس !

مەنبەسى -  مەن ، داۋاملاشتۇرۇپ يازالايدىغانلار بارمۇ ؟


ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
1398 + 20 لېكىن مېنى ئۇنتۇپ قاپ.
پەرى + 500 شىرخان قالتىس جۇمۇ
ARZUY + 10 مەنمۇ باكەنمەن ھە!! رە.
Gvlbargi0999 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
musilina + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
banker625 + 33 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1073   باھا خاتىرىسى

مۇھتاجىلىق بەك يامان

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3035
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1207 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 02:22:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىۋاندا ئولتۇرۇپ كۆرەي

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88840
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 910
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 02:25:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئۇ يە بۇ يەرنىڭ شىۋىلىرىدىن قېتىپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ۋەھشى چىقاتتىكەن.ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇرغا بايكەنسىز

ئۇيغۇر بولساڭ باتۇر بول،بولمىسا يوق بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 02:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
'- نىمىلەرنى دەيدىغانسەن بىكتەر ، تاغام سەردار بىلەن سىنى بۇ قورۇدا ھەر كۆرسەم يۈرىگىم بىر قىسمىلا بولۇپ كىتىدۇ . '
====================================================
بۇ پەقەتلا سىنارىيەمۇ يا....؟

بۇ ئالەم ئۆتنە ئالەم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93489
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 378
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 02:41:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا،بەك ئىتتىك ئوقۇۋەتتىم...نىمانداق قىزىقارلىق،شىرخان ئەپەندىم،ئاۋۇ فائىزە موماي مەنمۇ-يا؟ئۆزەمگە ئېلىۋالدىممۇ؟ (تىزىملىتىپ كىرگەندە فائىزە دەپ يازسام ،بۇنداق ئىسىمنى باشقىلار ئىشلىتىپ بوپتىكەن،شۇڭا فائزە دەپ تىزىملاتقاندىمچۇ)

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 10 ھە سىز ، شۇ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئۆتىۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس،بەلكى،ئۆمۈردۇر!

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 02:44:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىرخان كىرىشتۈرگۇچى بۇلاپ كىتىپتۇدە!


ياخشىراق فىلىملەرنى ئۆزگەرتىپ ئۆزلەشتۈرۈش رولىنى بەكىرەك كىرىشتۈرگەيسىز.كىيىنىكى، فىلىم مۇساپىلىرىڭىز ئۇڭۇشلۇق بولسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kugul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-4 05:13 PM  


ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1278
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 02:52:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كىرىشتۈرۈلۈپتۇ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 02:54:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barter يوللىغان ۋاقتى  2013-7-4 02:25 PM
ئۇ يە بۇ يەرنىڭ شىۋىلىرىدىن قېتىپ قويغان بولسىڭىز تې ...

دۆلىتىمىز كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرى ‹ كاڭشى خانىدانلىقى › دىن ئارىيە :

- ئۆلگەيلا ، ئۆلگەيلا ، تۈمەن مىڭژىل ئۆلگەيلا !
- كىلىڭلا ، مۇنۇ ئۇيۇل دىگەن ساراڭقېتىشنى زىندانغا تاشلاڭلا ، كۈپكۈندۈزدە خاقانىمىزغا ئۆلۈم تىلەۋاتقىننى قارىڭا !
- ماڭ ئۇۋال ، بولدى ، ماڭ ئۇۋال بولدى كاككۇك 11 ھەزيەتلىيى ...
- قايدا ئۇۋال بوتتا ساڭا ؟
- ئاۋالقى كۈنى خۇش بىلەن ئارمانىيدا ئولتۇيۇش قىپ كەگەن ماقما  ، ئەينە شۇ ۋاختا خۇش ماڭا خانىمىزنىڭ ئالدىغا باغاندا گەپنى تەتى قىساڭ ساڭا مىسيانىم مۇنبىيدىن ئۇز چوكاندىن بىنى تونۇشتۇرتمەن دىگەنتى شۇڭا دىگەن چېغىمبا ...
- تۈفى ، سەندەك ئادەتتىكى ئەزا ، مەستانە ئەزالاغا پوق بامىتا ئۇ يەدە ، ئۇ يەگە ۋاغۇ ماندا سىكىلتاي دەيجىلىكلە بايىتتۇ ، شۆدۈيجاڭ دەيجىلىكلەگە سان يوق ،  ھە ، ۋاي ئاللا بېشىڭدىكى قاپاقما سىنىڭ قالا ؟...ئىندا دېيىتقان گەپما ؟
- كاككۇك 11 ئاكو ، مەن سىلنى ئاكو دەي ، تاغا دەي مىنى ئەپۇ قىسلا ماقىما .
- بومايىتتۇ ، سەن بىلەن قوشۇپ ئۇيۇل دىگەننىمۇ زىندانغا تاشلايىتمىز . ئالىيلىينى ئانىي تېپىشماڭ ماقىمااااااااااااا ...!!....

مۇشۇنداق دىمەكچىما ....

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87293
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-11-16
ئاخىرقى: 2014-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 02:57:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت كەلتۇرۇپسىزغۇ مۇنبەردىكىلەرنى ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25935
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5149
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2013-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 03:10:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوينايلى كۈلەيلى يايرايلى دوسلا. دەريادىكى شىغىلدەك لايلايلى دوسلاووووو  ا

مانى بىر يەدە ئوقۇپ يۈرمەڭ ھە ....

مىسرانىم قوللىغۇچىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش