" ئەرلەرگە 100نەسىھەت "تىن ئارىيەلەر
(ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن)
★.ئەي مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولىدىغان ئەر،شۇنى بىلگىنكى ،يالغان سۆز كىشىنىڭ ئىززىتىنى تۆكىدۇ.شۇنىڭدەك ئورۇنسىز مۇتايىبە،بىھۇدە ھەزىللەرمۇ كىشىلەرنى خەلق ئىچىدە ھۆرمەتسىز ۋە خار قىلىپ قويىدۇ.بولۇپمۇ يۇرت ئىگىللىرى،ھوقۇق ئەھلىللىرى ھەزىل-مۇتايىبە قىلىشقا خۇشتار بولسا،ئۇنىڭ ھەيۋەت ھالىغا شۇنچە ئاپەت يىتىدۇ.چۈنكى توللا چاغلاردا قىلىنغان ھەزىل-بەھىسلەردىن ،بىھۇدە گەپلەردىن كىشىلەرنىڭ دىلى رەنجىيدۇ.ئىنسانلار بىلسۈنكى،شۇ سەۋەبتىن كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىنى يىراق كۆرۈپ مەنسىتمەسلىكى ،ھەتتا كۆڭلىدە
ئادەۋەت ساقلاپ ،نۆۋىتى كەلگەندە ئۆچ-ئىنتىقام ئېلىشلىرى،پاسات
كۆتۈرۈپ يۈرۈشلىرى كىلىپ چىققان .ئەگەر ھەر كىشى ئۆز ھاجىتىنىڭ ئۈمىدىنى تىلىسە ،ئاۋال ئۆزىگە ھاجەتمەن بولغانلارنىڭ ھاجىتىنى
ھەل قىلىپ بىرىشكە تىرىشىشى كېرەك.
★. ئەي مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولىدىغان ئەر،شۇنى بىلگىنكى ئاتاڭدىن قالغان شۆھرەت بىلەن قانائەتلىنىپ قالما.ئۇ شەرەپ ۋە شۆھرەت ئۆتمۈشكە مەنسۇپتۇر.ئەجدادىڭدىن قالغان شان –شەرەپ ۋە شۆھرەتكە سەنمۇ مۇناسىپ يىڭى شان –شەرەپ ۋە شۆھرەت قۇچقىن.
شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي شەرەپلىك بولىسەن .ئۆزۈڭگە مەنسۇپ
شەرەپكە بولمىغۇچە ،ئاتاڭنىڭ شان –شەرىپىنىڭ داۋاسىنى قىلما.چۈنكى ئۇ ساڭا تەۋە شەرەپ بولمىغاچقا ساڭا ئەسقاتمايدۇ.ئۆتمۈشىڭگە
مەنسۇپ بولغان بىلەن شەخسى ئۈزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەرەپ ئارىسىدا پەرق بۈگۈن بىلەن تۈنۈگۈن ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئوخشايدۇ.
★.ئەي مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولىدىغان ئەر،شۇنى بىلگىنكى ،
ئۆي –ئىچىدىكى چىنە –چەينەك ،ئىدىش-ئاياق ۋە باشقا نەرسىلەر سۇنغاندا ئەرنىڭ ۋەزىپىسى ۋارقىراش-جاقىراش بولماستىن بەلكى
بىلمىگەنگە سىلىپ تۇرۇشتۇر.تاسادىبىي چوڭ ئىدىش سۇنۇپ ئايال
ئۆزى كىلىپ <<مىنىڭ نوقسانىمدىن بولدى >>دەپ ئۆزرە سورىسا،ئەر
<<خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ قازالاردىن ساقلىسۇن،بىشىمىز
ئامان بولسىلا مال تېپىلار،ئەمدى بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىشقا
تىرىشىڭ>>دەپ تەربىيە بەرمىكى لازىمدۇر.ئاياللار ئەرلەرنىڭ قىيناشلىرىدىن ئەمەس ئەپۇلىرىدىن ،چىرايلىق نەسىھەتلىرىدىن قۇرقىدۇ.لىكىن،
بۇ قۇرقۇش قويلارنىڭ بۆرىلەردىن قۇرقۇشلىرى كەبى دۇشمەنلىق
قورقۇش ئەمەس بەلكى،مۇھەببەت ۋە ھايا بىلەن بىرىككەن قۇرقۇشتۇر.
★.ئەي مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولىدىغان ئەر،شۇنى بىلگىنكى ،
ئالىملار بىلەن ھەم سۆھبەت بولماق خۇددى ئەتېر سېتىشقا،يامانلار
بىلەن ئۈلپەت بولماق تۈمۈرچىلىك قىلىشقا ئوخشايدىغان ئىشتۇر.ئەتېر
ساتقۇچى ئەتېر سېتىش داۋامىدا ئۇنىڭ خۇشبۇي پۇرىقىدىن بەھرىمان بولىدۇ،تۈمۈرچى تۈمۈرچىلىك قىلىش داۋامىدا ئوت ئىسسىقلىقى ۋە
تۈتۈن مۇشەققىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ.ئالىملارنىڭ سۆھبىتىنىڭ
بەركاتىدىن پادىشاھ –ئەمىرلەرنىڭ ئىززىتى ئۈستۈن بولىدۇ.ئەدەپنىڭ
مەنىسى يامان ئىش ،يامان سۆز قىلىشتىن ساقلىنىش،ئۆزىنىڭ ،كىشىلەرنىڭ ئىززىتىنى ساقلاپ ،ئابرويىنى تۆكمەسلىك دېگەنلىكتۇر.
★.ئەي مىللەتنىڭ ئائىلىدىكى ۋەكىلى بولىدىغان ئەر،شۇنى بىلگىنكى ،
كۆڭۈلسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا ئۇنۇتمىغىنكى،سەۋر-تاقەت
قىلىش ،ئۆزىنى تۇتىۋېلىش باتۇرلۇقتۇر.ھاۋا بەزىدە ئوچۇق بەزىدە
تۇتۇق بولىدۇ.ھاياتمۇ مۇقەررەر دولقۇنلۇق بولىدۇ.بەزىدە كىشى بالا-
قازاغا يولۇقۇپ ،كۈلپەت تارتىدۇ.بەزىدە پۈتۈن ئىستىقبالى تۈگەب،قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالىدۇ.مۇنداق چاغلاردا تولا كىشىلەر بۇنداق ئەھۋالنى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەمما،يامغۇرلۇق كۈنلەرنىڭ بىريىل داۋاملىشى مۇمكىن ئەمەس شۇڭا ئالدىمىزدا ئۇچۇق كۈلەرنىڭ بارلىقىنى ئەستا چىقارماسلىق كىرەك.كۈلپەتتە قالغان ئادەم قانچە ياش بولسا شۇنچە كۆپ تەشۋىشلىنىدۇ.
خىزمەت بەك جىددى ۋە ئوقۇشقا ئوڭاي بولسۇن ئۇچۈن مۇشۇنداق ئاز-ئازدىن يوللۇدۇم .بىكار بولساملا يەنە يوللايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-4 07:26 PM