مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 892|ئىنكاس: 3

بىرازىلىيە ھەققىدە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نامراتلىق جىناي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6045
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13328
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 01:15:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىرازىلىيە


The Federative Republic of Brasil


قىزىل سەندەل دۆلىتى

بىرازىلىيىنىڭ تولۇق نامى <بىرازىلىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى > بۇلۇپ،جەنۇبىي ئامىرىكىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان.نامى شۇ جايدىن چىقىدىغان بىر خىل <برازىل> دەپ ئاتىلىدىغان قىزىل سەندەل دەرىخىنىڭ ئىسمىدىن پەيدا بولغان .بىرازىلىيە ئەسلى ئىندىئانلار ئولتۇراقلاشقان جاي بولۇپ ،1500-يىلى 4-ئاينىڭ22-كۈنى پورتۇگالىيىلىك پېترو ئارۋالى كابلېر دېڭىز سەپىرىدە جەنۇبىي ئامىرىكىغا كېلىپ،بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقىغان ۋە پورتۇگالىيە خان جەمەتىنىڭ گىربى ئويۇلغان بىر كىرىستنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ ئۇ يەرگە < مۇقەددەس كىرىست يېرى> دەپ نام قويغان،شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە يەنە ئۇنى پورتوگالىيىنىڭ تەۋەلىكى دەپ ئېلان قىلغان،كىيىن ئۇلار بۇ جاينىڭ ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ بىر قىسمى،يەنى بۈگۈنكى بىرازىلىيە قىرغاقلىرى ئىكەنلىكىنى ئاندىن بايقىغان. ئەينى چاغدا پورتوگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئالتۇن ئىزدەپ كەلگەن بولۇپ،ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن بىر خىل ئەتىۋارلىق ياغاچ ماتىرىيالىنى بايقاپ قالغان.چۈنكى بۇخىل ماتىرىيالدىن ئاز ئۇچرايدىغان بوياق ماتىرىيالى ئاجرىتىپ ئالغىلى بولغاچقا ،ئۇنىڭ نامى پۇتكۈل ياۋروپادا مەشھۇر بولغان. بۇ خىل نامسىز دەرەخ قىزىل سەندەل دەرىخىگە ئوخشىغاچقا ،ئۇنىڭغا< برازىل >دەپ نام قويۇلغان . پورتۇگال تىلىدا برازىلنىڭ مەنىسى قىزىل سەندەل دەرىخى بولۇپ،<ئوتتەك ئىسسىق>سۆزىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن .چۈنكى پورتۇگالىيە مۇستەملىكىچىلىرى بۇ قۇرۇقلۇقنى تالان-تاراج قىلىشنى قىزىل سەندەل دەرىخىنى كىسىشتىن باشلىغان بولغاچقا،برازىل سۆزى <مۇقەددەس كىرىست يېرى> نامىنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي بېسىپ ھازىرقى دۆلەت نامىغا ئۆزگەرگەن ،بىرازىلىيە 16-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان،1822-يىلى پورتۇگالىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغاندىن كىيىن <بىرازىلىيە ئىمپىرىيىسى>نى قۇرغان ؛ 1889-يىلى 11-ئاينىڭ15-كۈنى ئىمپىرىيە تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، فىدىراتىپ جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان؛1891-يىلى <بىرازىلىيە قوشما شىتاتلىرى>قۇرۇلۇپ،1969-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى يەنە بىر قېتىم <بىرازىلىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى> دەپ ئېلان قىلغان.
بىرازىلىيىنىڭ يەر مەيدانى 8.511965 مىليون كۋادرات كلومېتىر ،ئاھالىسى 158مىليون ،ئاق تەنلىكلەر %62نى ،شالغۇت نەسىللىكلەر %30نى ،ساپ نېگىرلار %6 نى ئىگىلەيدۇ .%90ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .پورتۇگال تىلى ھۆكىمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ .پايتەختى بىرازىلىيە شەھىرى،پۇل بىرلىكى بىرازىلىيە كرۇزېيروسى.

مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)

كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئۇيغۇرۇم007 + 200 ئەجرىڭىز ئۈچۈن ،

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 200   باھا خاتىرىسى

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن

يۇرەكتىن سۇيمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7493
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10996
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 4578 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 01:30:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇ دۆلەتنى  پۇتبۇل   دا  ئۇستا  دەپ بىلىمەن

____جىنىمنى ئۇيناشساڭمۇ كۈڭلۈمنى ئۇيناشما____

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9112
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7002 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 04:39:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىرادىڭىز ۋە ئەمەلىيىتىڭىزگە قايىلمەن ، كۈندە يوللاپ ھارمىغايسىز !
بىرازىلىيە-جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

نامراتلىق جىناي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6045
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13328
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 09:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2-قەۋەت (باياۋان) نىڭ يازمىسىغا

رەھمەت! خۇدايىم بۇيرىسا دېگىنىڭىز كەلسۇن !

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش