مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2095|ئىنكاس: 20

ھەر قايسى يۇرت ئۇيغۇرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6035
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9258
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2011-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 01:09:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم
تورنىڭ مەلۇم مەزگىل تاقىلىپ تور ئۇچۇرلىرىنىڭ تازلىنىشى بىلەن توردىكى نۇرغۇن ياخشى مەلۇماتلار يوقاپ كېتىپتۇ،،،قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۆزەمدە ساقلىنىپ قالغان مەلۇم ماقالىلەرنى يوللاپ قويدۇم. ئەگەر قايتىلىنىپ قالغان بولسا باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىمىساڭلار پىكرىم يوق.

ھەر قايسى يۇرت ئۇيغۇرلىرى

                                                         قەشقەر ئۇيغۇرلىرى
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى يۇمىلاق باش ،ئوتتۇرا بوي ،بۇغداي ئۆڭلۈك ،يۈزى سۇقىچاقراق ،بۇرنى ئىگىز ،چاچلىرى قارا قۇڭۇررەڭ ،قوي كۆزلۈك ،ساقال بۇرۇتلىرى قۇيۇق ،ئەگىم قاشلىق ،تېرىسى سۈزۈك ۋە سىلىق بۇلۇپ ،ئۇمۇمەن چىرايلىق كىلىدۇ .ئۇلار چىرايلىق كىيىنىپ سالاپەتلىك يۈرۈشنى ياخشى كۈرىدۇ ،تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ ،ئۆلىما ۋە كەسىپچانلارغا ئامىراق كىلىدۇ .ئىلىم -پەننى قەدىرلەيدۇ ،ھەمسۆھبەتنى ياخشى كۆرىدۇ .....قەشقەر ئۇيغۇرلىرى خەيرى -ساخاۋەتلىك ،مىھماندوست ،دانا ھەم مۇلايىم سۆزلۈك بۇلۇپ ،خۇشناۋاز ،سەنئەتخۇمار كىلىدۇ .تۇرمۇشتا تىرىشچان ھەم ئەمگەكچان بۇلۇپ ،سودا -سېتىق ھەم تىجارەتكە ماھىر ،ساياھەت ۋە سەپەرگە ھەۋەس قىلىدۇ .ئەھلى كەسىپ ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ،قول ھۈنەر ماھارىتى جەھەتتە باشقا شەھەرنىڭ ئادەملىرىگە قارىغاندا ئۈستۈن ۋە زىيادە تۇرىدۇ .شۇڭا قەشقەر قەدىمدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدىنىيەت ۋە سودا مەركىزى بۇلۇپ كەلگەن .

خوتەن ئۇيغۇرلىرى


خوتەن ئۇيغۇرلىرى بەستىلىك ،ئاقپىشماق ،ھال تەنلىك بۇلۇپ ،يۇمىلاق باش ،ئوتتۇرا بوي ،بۇرنى ئىنىچكە ،لىكىن ئىگىز، يۈزى سوقىچاقراق ،چاچلىرى قارا ياكى قارامتۇل دولقۇنسىمان ،ساقال -بۇرۇتلىرى قۇيۇق ،قارا كۆز ،قاش -كىرپىكلىرى تۇلۇق ،تەببەسۇم چىراي كىلىدۇ .خوتەن ئۇيغۇرلىرى بىر سۆزلۈك ،بىر قوللۇق ،بىر نىيەتلىك ۋە ئىتىتپاق بۇلۇپ ،مۇلايىم ۋە كەمتەر ،ئىشچان كىلىدۇ .خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۆز ئىشىغا ناھايىتى پۇختا ،دوستلۇق ئەقىدىسى كۈچلۈك ،ئاغزى مەھكەم بۇلۇپ ،سىر ساقلىيالايدۇ .خوتەن ئۇيغۇرلىرى كەسىپ-ھۈنەرۋەن،تەبىئەت ئىدىرىكى پاكىز ،زىھنى ئۆتكۈر بۇلۇپ ،ئكتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ....خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاددى-ساددا ياشايدۇ ،ھەشەمەتچىلىكنى ياختۇرمايدۇ ،ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تىبابەتچىلىككە ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارايدۇ ،ئۆلىما ۋە ئالىملارنى قەدىرلەيدۇ ....خوتەن ئۇيغۇرلىرى ھەر قانداق ھۈنەرنى ئۆز كامالىغا يەتكۈزۈپ ،خېرىدارلارنى رازى قىلىدۇ .شۇڭا بۇجاي ئەزەلدىن يىپەك يۇلى تۇقۇمچىلىقى ۋە قاشتېشى ئويمىكارلىقى بىلەن مەشھۇر ........

ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى


تارىخى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە ،ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى قەدىمىقى ئاساسلىق قەبىلىلەرنىڭ بىرى بولغان ياغمىلارنىڭ ئۇرۇق -ئەۋلاتلىرى دەپ قارىلدۇ ..بۈگۈنكى ئاتۇش ئۇيغۇرلىرنىڭ قىياپەت تەسۋىرى قەشقەر ئۇيغۇرلىرنىڭ قىياپەت تەسۋىرى بىلەن ئاساسەن ئۇخشاپ كىتىدۇ .يەنى بۇغداي ئۆڭلۈك ،قاڭشارلىق ،قوي كۆزلۈك ،ئوتتۇرا بوي ،كۆز قارچۇقى ئۆتكۈر ،ئەگمە قاش ،قاپىقىنىڭ قېتى كەڭرەك كىلىدۇ ...ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئىشچان ھەم پەم -پاراسەتلىك بۇلۇپ ،ئىلىم -مەرىپەتنى قەدىرلەيدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ ،يېڭىلىققا ئىنتىلىدۇ ،جاپا -مۇشاققەتىن زارلانمايدۇ ،بەلكى ئۆز ئەقىل -پاراسىتى ۋە كۈچىگە تايىنىپ بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىش روھى ئۈستۈن ..ئاتۇش ئۇيغۇرلىرى ئۆز-ئارا ئىناق ۋە ئىتىپاق ياشايدۇ .قەيەردە ئولتۇراقلىشىشىدىن قەتئىنەزەر ئۆز-ئارا ئىزدىشىپ بىر -بىرىگە ياردەم بىرىدۇ ۋە ئەقىل كۆرسىتىدۇ .يوخسۇللىرىغا خەيرى -خاھلىق قىلىدۇ .تىجارەت ۋە سودا سېتىققا كامىلىلىقى ،سۆزدە مۇلايىم ۋە چىۋەرلىكى ،ئۆز ئىشىغا پۇختىلىقى ،كەمتەرلىك ۋە سىڭىشچانلىقى ،ئالدىن كۆرەرلىكى قاتارلىق ئالامەتلەر ئاتۇش ئۇيغۇرلىرىنى خارەكتىرلەيدىغان تۈپ ئالامەتلەردۇر .

ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى


ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى ئاقپىشماق ،ئەمما سەل -پەل بۇغداي ئۆڭلۈك كىلىدۇ ھەمدە بېشى يۇمىلاق يۈزى كەڭ، چاشلىرى قارامتۇق ،قوي كۆزلۈك ،يۇقىرى قاپىقىنىڭ قېتى چوڭ ،ساقال -بۇرۇتلىرى ئوتۇرھال پىشانىسى كەڭ بۇلىدۇ .ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى خارەكتىر جەھەتىتىن توغرا ،تۈز ،ئاددى -ساددا ،يۇۋاش مۇلايىم ،كەمتەر ،شۈكىرچان خەلىقتۇر .دىھقانلىرى كۆپ ،ھۈنەرۋەن -كاسىپلىرى ئاز ،سودا -تىجارەتكە ئانچە قىزىقمايدۇ .ھۈنەر -كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ كۆپچىلىكى باشقا شەھەرلەردىن كەلگەنلەردىن تەشكىل تاپىدۇ .دىھقانلىرى ئاقكۆڭۈل ۋە مىھماندوست بۇلۇپ ،پۇلغا ئانچە ھېرىسمەن ئەمەس .ئۇلار سەنئەتخۇمار بۇلۇپ ،ئەر -ئايال توپلۇشۇپ مەشىرەپ ئويناشقا ئادەتلەنگەن ..ئاقسۇ ئۇيغۇرلىرى باغۋەنچىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ .شۇڭا ئاقسۇ مۇھىتى گۈزەل ،بۈكباراقسان شەھەر بۇلۇپ ،ئېلىمىز بۇيىنچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مانا شۇ ئاقسۇ تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردۇر ....

تۇرپان ئۇيغۇرلىرى


تۇرپان قەدىمى شەھەر بۇلۇپ ،قەدىمى <<ئىدىقۇت >>ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەركىزى ھىسابلىنىدۇ .تۇرپان ئۇيغۇرلىرى قىياپەت جەھەتىتىن سارغۇچ ئۆڭلۈك ،باش سۆڭىكى يۇمىللاققا مايىل ،ئىگىز بوي ،گەۋدىلىك ،بۇرنى ياپىلاقراق ،كۆزلىرى قارامتۇل چېقىر كۆز ،ئەمما كىچىكرەك ،قاپىقى گۆشلۈك ،چاچلىرى تۈز ۋە قارا ،ساقال بۇرۇتلىرى شالاڭ بۇلىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ ..تۇرپان ئۇيغۇرلىرى راست قوللۇق ،راسىت سۆزلۈك ،تۈز كۆڭۈل ،ھىلە -مىكىرى ۋە خىيانىتى يوق ،ئەقىدە -ئىخلاسلىرى ساپ ،سۆزلىرى قوپالراق بولسىمۇ ،كۆكسى -قارنى كەڭ ،ئۆز-ئارا ئاداۋەت ساقلىمايدىغان ،ئارتۇقچە تەكەلۇپنى خالىمايدىغان ،خۇشپېئىل خەلىقتۇر ..تۇرپانىڭ ھاۋاسى ئىسسىق ،كىلىماتى قۇرغاق ،سۈيى كەم بولغاچقا تۇرپان ئۇيغۇرلىرى كارىز سۈيىگە تايىنىپ دىھقانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك بىلەن ھايات كەچۈرىدۇ ..تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان ۋە باتۇر خەلىق بۇلۇپ ،قىيىنچىلىقتىن قورقمايدۇ ..ئەمما دىھقانچىلىقتىن باشقا ھۈنەر-كەسىپكە ئانچە كامىل ئەمەس ،سودا -تىجارەتكىمۇ ئانچە قىزىققمايدۇ ..

كورلا ئۇيغۇرلىرى


كورلا ئۇيغۇرلىرنىڭ ئىچىدە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرنىڭ يەرلىك ئىرىق ئالاھىدىلىكى بىر قەدەر ۋەكىللىك خارەكتىرگە ئىگە .ئۇلار سارغۇچ ئۆڭلۈك ،بېشى يۇمىلاقراق ،بۇيى ئوتۇرھال ،يۈزىنىڭ داس سۆڭىكى چوڭراق ،بۇرنى تۈز ،قېلىنراق ،چاچلىرى تۈز ۋە قۇيۇق ،قاپىقى تار ئەمما قېلىنراق ،ساقال -بۇرۇتلىرى ئوتۇرھال بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ .كورلا شەھىرى ۋە ئۇنىڭغا يېقىن رايۇنلاردىكى ئۇيغۇرلار قىياپەت جەھەتتىن ئاقسۇ ،كۇچار ئۇيغۇرلىرغا ئاساسەن ئوخشايدۇ .كورلا ئۇيغۇرلىرى ئاقكۆڭۈل ،راست سۆزلۈك ،كۆكسى -قارنى كەڭ ،ئىززەت -ئىكراملىق بۇلۇپ ،دىھقانچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ .لوپنۇر ئەتىراپىدىكىلەر چارۋىچىلىق ،ئوۋىچىلىق ،بېلىقچىلىقنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بۇلۇپ ،ئاددى -ساددا ياشاشقا ئادەتلەنگەن .

قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى


قۇمۇل تارىخىتىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئانا يۇرتلىرىدىن بىرى .......قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان ،باتۇر ،ئەقىل -پاراسەتلىك ،شوخ، كەمتەر ،خۇشپېئىل ،سىلىق -سىپايە ،بۇلۇش قاتارلىق خارەكتىرلەرگە ئىگە ..شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ رايۇن <<بىرى بۇلىقى ،بىرى خۇلىقى ياخشى >>دەپ تەرىپلىنىدۇ .قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى قىياپەت جەھەتتىن ئاق ،ئوتتۇرا بويلۇقتىن تۆۋەنرەك ،چاچلىرى سەل تۈز قۇڭۇر ،ئانچە قۇيۇق ئەمەس ،پىشانىسى سەل تاراق ،ساقال -بۇرىتى شالاڭ، بۇلىشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ .

ئىلى ئۇيغۇرلىرى


ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئاساسەن تېرىقچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .بۇ رايۇن شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئامبارلىرىدىن بىرى سانىلىدۇ ..ئىلى ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچان ،ئەقىل -پاراسەتلىك ،روھلۇق ،تىتىك ،خۇش -چاقچاقچى ،سۆزمەن ،يۇمۇرغا باي ،ئېلىم -بېرىمغا ماھىر ،مىھماندوست ،سالام سائەتلىك ،مەدىنىيەت سۆيەر بۇلىشتەك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ ..تارىختا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ قوشنا ئەللەر بىلەن باردى -كەلدى مۇناسىۋىتى قۇيۇق بولغان ..شۇ سەۋەپتىن ئىلى ئۇيغۇرلىرى مەدىنىيەت جەھەتتە باشقا رايۇنلارغا قارىغاندا بۇرۇنراق ئويغانغان .بۇ رايۇن بەلگىلىك ئىختىزادى ئەۋزەلىككە ئىگە بولغاچقا تۈرلۈك خەلىقلەر ئۇچىرشىپ تۇرىدىغان تىپىك بىر رايۇنغا ئايلانغان .تارىختا دىيىلىشىچە جۇڭغار خانلىقى دەۋىرىدە جەنۇبى شىنجاڭدىن ئىلى رايۇنىغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كۈچۈپ بارغان بۇلۇپ ،ئۇلار تەبىئىكى قەشقەر ،خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىياپەت خارەكتىرىگە ئىگە ........

 

 

شۇنداق بىر كۈن كىلىدۇ، يىغلاپ تۇرۇپ يەرنى سۆيىمەن!!

غەلبە ئۈچۇن چەكك

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 755
يازما سانى: 3854
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21381
تۆھپە نۇمۇرى: 1195
توردا: 1685 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 01:38:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ئاشۇ باشقا يۇرۇتلۇق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى خاراكتىرى بىلەن تونۇشۇشقا ياخشى پۇرسەت بىرىپسىز..

||★||★||★|叶城\js跑酷!|\(jasurPARKOUR)|★||\跑 酷 队!★★|| مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''

يۇرەكتىن سۇيمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7493
يازما سانى: 1506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10996
تۆھپە نۇمۇرى: 896
توردا: 4578 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 01:50:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت دوستۇم ، تاڭ سەھەردە چۇڭقۇر ھىسلارغا چۈمۈلدۈردىڭ

____جىنىمنى ئۇيناشساڭمۇ كۈڭلۈمنى ئۇيناشما____

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12414
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7782 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 02:02:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ئاشۇ باشقا يۇرۇتلۇق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى خاراكتىرى بىلەن تونۇشۇشقا ياخشى پۇرسەت بىرىپسىز

قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

شاكىرە شەبنەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2820
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24053
تۆھپە نۇمۇرى: 434
توردا: 3965 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-10-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 02:23:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما مەنبەسىنى ئەسكەتىپ قويماپسىز.بىر يەردە كۆرگەندەكلا .

قېرىنداشلىرىم،ئۆز تىلىمىز ۋە يېزىقىمىزنى پىششىق ئۆگىنەيلى!

ئىناق،ئىتتىپاق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3750
يازما سانى: 1667
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15252
تۆھپە نۇمۇرى: 601
توردا: 317 سائەت
تىزىم: 2010-7-11
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 02:29:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ياخشى چىقىپتۇ، بىراق مەنبەسى يوق تىما بولۇپتۇ.

ئۇيغۇر كەلگۈسى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۆگىنىش كېرەك. ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4698
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9621
تۆھپە نۇمۇرى: 375
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2011-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 02:42:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز، ھارمىغايسىز!!!  ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن!

ئىشەنگەن تاغلىرىمدا ياتمىدى بىرمۇ كىيىك، دوسىتلىرىم زىرىكتى مەندىن، دۈشمىنىم سەنمۇ زىرىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7785
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8150
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2010-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 03:29:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر يۇرتتا ئۆسكەن كىشىلەرنى مىجەز -خارەكتىرى ئوخشىمايدۇ .
بۇنداق تېمىلارنى يوللىغانلىق ھەرگىزمۇ يۇرتۋازلىق قىلغانلىق بولمايدۇ .
باشقىلار ئەجىر قىلىپ يوللىغان ئىكەن ،ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىڭلار .



ھارمىغايسىز قىرىندىشىم ،داۋاملىق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ .

مەن مىللىتىمنى ياخشى كۆرىمەن

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 05:54:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر ئۇرۇننىڭ جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكى شۇ يۇرىت كىشلىرنىڭ مىجەز-خارەكتىرى ھەتتا چىرايىغىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ ،بۇ يۇرتۋازلىق ئەمەسقۇ،

باتۇرلۇق ئوقنى تەدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دەل تېگىدۇ!

سۇ بەك سۇزۇك بول

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5651
يازما سانى: 1215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11159
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 4132 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-25 06:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېمىكەن ،رەخمەت ...........

نىمە ئۇچۇن بوشۇك بىلەن قەبرىنىڭ شەكلى ئوخشاش؟ چۇنكى ھەر ئىككىلىسى ئۇيقۇ ئۇچۇن ياسىلىدۇ،پەرقى شۇكى ،بىرى ۋاقىتلىق ئۇيقۇ ئۇچۇن بىرى بولسا مەڭگۇلۇك ئۇيقۇ ئۇچۇن............
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش