|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار :
يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزدىن سەبىي بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى ، ئادەم بېدىكلىرىنىڭ تۇتۇپ ئەكىتىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوغۇرلۇققا سېلىپ بىچارە سەبىي ئوماق باللىرىمىز سەرگەردان بولىشى ھەم خۇرلىنىشى شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ياخشى نىيەتلىك ئاقكۆڭۈل دوسلارنىڭ ۋە قېرىنداش مىللەتلىرىمىزنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزۇۋالغان بولسىمۇ ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۇچۇرىنى بىلەلمەسلىك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن شۇ ئوماق باللىرىمىز ۋاقتىدا ئائىلىسىگە قايتىپ كېلەلمەسلىك ....قاتارلىق ئىشلار يۈزبەرگەن ھەم بېرىۋاتىدۇ ، گەرچە ج خ ئورۇنلىرى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ نۇرغۇن بالىلارنى قۇتقۇزۇپ ئەكەلگەن بولسىمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان ئوماق سەبىيلىرىمىزنىڭ تىل ئۇقماسلىق ھەمدە مەخسەتنى ئېنىق ئىپادىليەلمەسلىكتەك قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن يەنە شۇ ھايۋان كەبى ئادەم بىدىكلىرىنىڭ قولىشغا چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا بەزى ئاقكۆڭۈل كىشىللىرىمىز بەزى ئوماق سەبىيلەرنى تېپىۋالغان ،ئۇچراتقان بولسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئائېلىسىنىڭ ئادرىسى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئالاقىلشىش ئۇچۇرىنى بىلەلمىگەچكە بالىنى ۋە تېپىۋېلىنغۇچىنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم قىلىشقا يەنىلا ئامالسىز قېلىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلانىم توربىكىتى جەمىيتىمىزدىكى بىرقىسىم ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا مەخسۇس ئادەم ئىزدەش بىكىتىنى ئېچىۋەتتۇق ، ئەلۋەتتە كۆپنىڭ كۈچى كۆپ دەپ ھەممىمىز شۇ يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىىگە تىزدىن قايتىپ كېلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشساق ئىنشائاللاھ ، قىلغان ئىشىمىزدىن نەتىجە چىقسا ھەممىمىز خۇش بولىمىز ئەلۋەتتە ، شۇڭا تورداشلارنىڭ توربىكىتىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلەپ بېرىشىنى يوقاپ كەتكەنلەر ۋە تېپىۋېلىنغانلارنىڭ ئۇچۇرى بولسا توربىكىتمىزگە يوللاپ قويىشىنى شۇ سەبىيلەرنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ تىزراق ئائېلىسىگە قايتىپ كېلىشىگە كۈچ چىقىرشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز ۋە مۇراجەت قىلىمىز .
ئاخىرىدا شۇ يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تىزراق تېپىلىشىنى ۋە ئىللىق ئائېلىسىگە قايتىپ كېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمىز .
توربىكەت ئادرىسى : http://www.yutkanlar.com
بولسا بۇ ئۇچۇرنى باشقا توربىكەتلەردىمۇ تەشۋىق قىلىپ قويشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز .
ئاخىرىدا ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ، شۇنى ئۇنۇتماڭكى دۇنيا مىھىر-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل .
ئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ تورى بىلوگى
|
|
|
|
|
|