|
|
|
|
ئالتۇن سىتىۋىلىشنىڭ پۇرسىتى كەلدىمۇ ؟
خەلىقئارا ئالتۇن كۈمۈش بازىرى 2013-يىلى ئىزچىل چۇشۇش ھالىتىدە ماڭدى .ئالتۇننىڭ بۇيىللىق ئىچىلىش باھاسى 1668دوللار ،ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى 1698(332يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرامى )دوللار ،ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 1180 (232يۇەن خەلق پۇلى ھەرگىرامى )دوللار ،بۇ يىللىق چۇشۇش نىسبىتى 28% يەتكەن .
خەلىقئارا كۈمۈشنىڭ بۇ يىللىق ئىچىلىش باھاسى 30.70دوللار،ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى 32.40دوللار ،ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 18.20دوللار .چۇشۇش نىسبىتى 30% يەتكەن .
خەلىقئارا ئالتۇن كۈمۈش بازىرى 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بىرىنچى قىتىملىق چوڭ چۇشۇشنى باشلىغان ۋە 5-ئاينىڭ20-كۈنى ئىككىنجى قىتىملىق چوڭ چۇشۇشنى باشلىغان .6-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۇچىنجى قىتىملىق چوڭ چۇشۇشنى باشلىغان .بۇ ئۇچ قىتىملىق چوڭ چۇشۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبىي دەل ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ قويۋىتىش سىياسىتىدىن چىكىنىش قارارى بولۇپ،مەزكۇر ئالتۇن كۈمۈش بازىرى ئىزچىل ھالەتتە ئامىرىكا تەرەپتىنىڭ سانلىق مەلۇمات ۋە ئىقتىسادى خەۋەرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا .
يىقىنقى بىر يىلدىن بۇيان ئامىرىكا ئىشقا ئۇرۇنلاشقانلار سانى نىسبى ھالدا ياخشىلىنىشقا قاراپ يۇزلەندى، گەرچە ئىشسىزلىق نىسبىتى تازا كۆڭۇلدىكىدەك بولمىسىمۇ ،ئەمما ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ ھەرئايدا يۇقىرى كۆتۇرىلىشى ئىشسىزلىق بازىرىنىڭ ئەيىبىنى يىپىپ تۇرىۋاتىدۇ .شۇڭلاشقا ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسى كىلەر يىلى 2-پەسىلدىن بۇرۇن زايوم سىتىۋىلىش سىياسىتىدىن تولۇق چىكىنىپ چىقىپ ،خەلىقئارا پۇل مۇئامىلە ئاكسىيە بازارلىرىنىڭ ئومۇمىي دولقۇنىنى كۆزەتمەكچى بولىۋاتىدۇ .ئامىرىكا فىدىراتىسيە بانكىسىدىكى كۆپلىگەن ئەمەلدارلار ھەم پارلامىت ئەزالىرى بىردەك ئىقتىسادنىڭ ئىجابي يۇزلىنىشىگە بولۇپمۇ ئىشقا ئۇرۇنلاشقانلار سانى بىلەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئەھۋالىغا بەكرەك دىققەت قىلىدىغانلىقى ،ئەگەر زۆرۇر تىپىلسا زايوم سىتىۋىلىش سىياسىتىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىدىغانلىقى ۋەياكى مۇددەتتىن بۇرۇن چىكىندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇرىدى .ئۇنداقتا ئالتۇن كۈمۈش بازىرىنىڭ كىيىنكى يۆلىنىشى قانداق بولىدۇ ؟
ئالتۇن تارىخى يىڭى تۆۋەن نۇقتا 1180دوللارغا چۇشكەندىن كىيىن شىددەت بىلەن قاڭقىپ كەتتى ،سەۋەبىي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تۆۋەن نۇقتىدىن بازارغا كىرىشى ئالتۇننڭ تىرەش نۇقتىدىن ئۆسۇشىگە سەۋەپ بولدى .ۋە 2كۇن ئىچىدىلا 1180دوللاردىن 1240دوللارغا چىقتى .
ئۇنداقتا ئلتۇن سىتىۋىلىشنىڭ پۇرسىتى كەلدىمۇ ؟
ئالتۇننى ئۇزۇن مۇددەتتە تەھلىل قىلغىنىمىزدا ،ئالتۇن يەنە داۋاملىق چۇشۇش بىسىمىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ،ۋە ئەڭ ئاخىرقى نىشان 1050 (207يۇەن خەلق پۇلى ھىرگىرامى )دوللار ئەتراپى بولىشى مۇمكىن.چۇنكى ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسى قويۋىتىش سىياسىتىدىن چىكىنگەن ۋاقىتتا ئالتۇن كۈمۈش يەنە بىر قىتىملىق چۇشۇش بىسىمىغا ئۇچرىشى ئىنىق .فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ رەئىسى بورناك ئەپەندى ،قويۋىتىش سىياسىتىدىن چىكىنىش قارارىنى ئىنىق تەكىتلىدى ، بۇنداق ئەھۋالدا ئالتۇن تەڭشىلىش رايونلىرىدا ئۆسكەندىن باشقا ،چوڭ ۋاقىت بۆلىكى رايونىدا داۋاملىق چۇشىشى مۇمكىن .شۇڭلاشقا ئالتۇن سىتىۋىلىشنىڭ پۇرسىتى تىخى يىتىپ كەلمىدى دەپ قارايمەن .ئەگەر ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسى قويۋىتىش سىياسىتىدىن چىكىنمەي تۇرۇپ ئالتۇن 1050دوللار ئەتراپىغا چۇشۇپ كەتسە ،ئۇنداقتا ئالتۇن يەنە داۋاملىق چۇشىشى ۋە 800 (160يۇەن خەلق پۇلى ھىرگىرامى )دوللار ئەتراپىغا بىرىپ توختىشى مۇمكىن .،
شۇڭلاشقا ئالتۇن چۇشتى دەپلا قارا قۇيۇق ئالتۇن سىتىۋىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كىرەك .
مەنبەسى : ئۆزۇم
ئەسكەرتىش : پايدىلىنىشقا بولىدۇ ، سودا ئاساسىي قىلىۋالماڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-2 10:33 PM
|
|
|
|
|
|