مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2107|ئىنكاس: 27

ئانىنىڭ كۆز يېشى( تەرجىمە ئەسەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9396
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9029
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 03:56:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانىنىڭ كۆز يېشى


ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئۆي ئىچىدە ناھايتى ئالدىراش ئىدى،بىردەم  نەرسىلەرنى ئۇياق –بۇياققا يۆتكەپ ، ئۈسىتىنى تۈزەشتۈرسە، بىردەم ئاشخانىغا كىرىپ پىشىۋاتقان تاماققا قاراپ قوياتتى، يەنە سالۇنغا ( ئۆينىڭ مىھمان كۈتۈش زالى) قايتىپ، سىرىتتىن ئاڭلانغان ھەربىر ئاۋازنى ھىس قىلىغىندا دەرىزىدىن قارايتى، قۇلىقى ئىشىك قوڭغىرىقىدا بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئىشىك قوڭغىرىقى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولاتتى.

باشقا شەھەردە ئىشلەيدىغان ئوغلى، ھەم ئۇزاق يەردە بولغانلىقى ھەم رۇخسەت ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن 2ئايدىن بۇيان كەلمىگەن ئىدى، ئوتتۇرا ياشلىق بۇ ئايال، چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئوغلىنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، قۇلىقى ئىشىك قوڭغىرىقىدا، ئاياق تىۋىشىدا نىمە قىلارىنى بىلمىگەندەك ساقلاۋاتاتتى. ھەر قېتىمقى ئانىلار بايرىمىدا ئوغلىنىڭ ئۇنىڭغا‹‹ ئانا ! ئانىلار بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن!›› دەپ، بوينىغا ئېسىلىشىغا شۇنداق كۆنۈپ قالغان ئىدىكى، ئەگەر ئوغلى ئىشىكتىن كىرسە بوينىغا ئېسىلاتتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىغان تاتلىق يىمەكلىكلىرىنى يەيتى، بىراق ئوغلى كېلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرمىگەچكە، ئانىسى بوينىنى قىسىپ ‹‹ ياكى كەلمەمدىغاندۇ، ۋە ياكى رۇخسەت ئالالمىغانمىدۇ؟›› دىگەنلەرنى ئويلاپ، ئىچىنى سېغىنىش ئوتى  قاپلىغانلىقىنى ھىس قىلاتتى.

ئايال ئەتىگەندىن تارتىپ تەييارلىق قىلىشنى باشلىغان ئىدى، ئالدىراشلىقىنى كۆرگەن يولدىشى ‹‹ بۇ ئالدىراشلىقىڭ نىمىگە›› دەپ سورايتى ۋە جاۋابىنى بىر تۈرلۈك ئالاتتى، كىيىن ئايال ‹‹ بۈگۈن ئىشىم كۆپ، سىلە چىقىپ بىردەم ئايلىنىپ كىرسىلە›› دەپ يولدىشىنى سىرىتقا ھەيدەيتى. شۇنداقلا ‹‹يا ئالدىراشلىقىمنىڭ نىمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشەنسە، ياكى سائەت-سائەتلەپ ساقلىغان ئوغلۇم كەلمىسە›› دىگەنلەرنى ئويلاپ يۈرىكى تىتىرگەندەك بولدى.

ۋاقىت ئۆتۈپ چۈش بولاي دىگەن ئىدى،‹‹ كەلمىسەڭ بىر تېلىفۇن قىلىپ ئانا دىگىن›› دىگەنلەرنى ئويلاپ جىددىلىشىشكە باشلىدى، ‹‹ ئانىلار بايرىمىنى تەبىرىكلەش ئۈچۈن ئەجىبا  بىر تېلىفۇنمۇ قىلماسمۇ؟›› مەن مۇشۇنداق ساقلاۋاتىمەن بىراق ئۇ بەلكى ئىسىگە ئالالمىدى ، ‹‹ كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق ›› دىگەن گەپ ئانىلار ئۈچۈن ئېيتىلغان بولغىمىدى، ھىچ بولمىغاندا بىر تېلىفۇن قىلساڭچۇ، ياق تېلىفۇن قىلساڭ ھىساپ بولمايدۇ، سېغىندىم قوزامنى، قارا كۆزلىرىنى، ھەييار كۈلىشىنى، ھې.... ھەييار دىگىنىمنى ئاڭلىسا خاپا بولىدۇ تېخى، ‹‹ مىنى كىچىك بالىدەك سۆيمە ›› دەپ، مەيلى قانداقلا سۆيەي......

بالىسىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقىننى ئويلىغىندا يۈزلىرى كۈلەتتى، ئۆزىمۇ ھىس قىلمىغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى ۋە تامدىكى سائەت كۆزى تىكىلدى،بىراق  يەنىلا بوشىشىپ كەتتى، ‹‹كەلمىگۈدەك، تېلىفۇن قىلسىمۇ بولاتتىغۇ›› دىگەنلەرنى ئويلىغىنىدا يان تېلىفۇنىنىڭ سايرىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ كەتتى، مۈرىسىدە بىر ھارغىنلىق، چىھرىدە بىر مىسكىنلىك بىلەن تېلىفۇنغا قارىدى، تېلىفۇن قىلغان ئوغلى ئىدى.

خۇش بولغانمىدۇ؟ ياق خۇش بولالمىدى، ئەجىبا... ئەجىبا كىلەلمەيدىغانلىقىنى دەپ قويۇش ئۈچۈن تېلىفۇن قىلغانمىدۇ، ياكى ئانىلار بايرىمىنى تېلىفۇندىلا تەبىرىكلەپ ئۆتكۈزىۋىتەمدىغاندۇ؟، قوزىسىنى قۇچاقلىماسمىدى؟

تېلىفۇننى ئاچتى؛

-        ۋەي

-        ۋەي ئانا قانداق ئەھۋالىڭىز؟

-        رەھمەت ئوغلۇم، ئۆزۈڭ قانداقراق

-        مەن ياخىشى ئانا

-        نىمە ئىش قىلىۋاتىسەن، ئىشلىرىڭ قانداق؟

-        ئازراق تەس كەلدى، ئەمما بۇ شەھەرگە ھەم بۇ ئىشقا كۆنۈپ كەتتىم.

-        شۇنداقمۇ قوزام

نېمىشقا تېلىفۇندا تەبىرىكلەيدىغانلىقىنى، نېمىشقا كەلمەيدىغانلىقىنى سورىماي دىگەن ئىدى،بىراق ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمەي سورىدى.

-        رۇخسەت ئالدىڭمۇ قوزام؟

-        شۇنداق ئانا، سەن قانداق بىلدىڭ؟

-        قانداق بىلدىڭ؟ ئەجىبا ئانىلار بايرىمى ئۈچۈن رۇخسەت ئالمىغان ئوخشىمامسەن

-        ھە توغرا بۈگۈن ئانىلار بايرىمى ئىدى، ئانىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئانا

-        سەن....سەن بۇنىڭ ئۈچۈن رۇخسەت ئالمىدىڭمۇ؟

-  ئاھ ئانا، باشلىقىمغا مەن ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان، مەن ئۈچۈن بەك مۇھىم بولغان بىر ئايالنى كۆرگىنى بارىدىغانلىقىمنى دىدىم ، باشلىقىم رۇخسەت بەردى، مەن شۇنىڭ يېنىغا كىتىۋاتىمەن.

ئوتتۇرا ياش ئايال تۇرۇپلا قالدى ۋە ئۆزىنى تۇتىۋىلىشقا تىرىشتى.

-   شۇنداقمۇ؟ قانداقراق كىشىدۇ ئۇ؟

-    ئانا ماڭا ئىشىنىڭ، سىزنىڭ بۇرۇن ئەتكەن تاماقلىرىڭىزدىنمۇ لەززەتلىكىنى، بۇرۇن ئەتكەن تاتلىق تۈرۈملىرىڭىزدىنمۇ تاتلىقىنى ئەتكەن بىرى، ھازىر مىنى ساقلاۋاتىدۇ.

-        مەن... بۇ، بولىدۇ قوزام، ئۈمۈدۈم ئۇمۇ سىنى مەندەك سۆيەر

-        سۆيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ئانا، شۇڭا بۇ تۇنجى قېتىملىق رۇخسەتنى پەقەت ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈنلا ئالدىم، دادام قەيەردە ئانا؟

-        سىرىتتا ئىدى ئوغلۇم، ھە..... ئىشىك چىكىلدى، پەرىزىمچە داداڭ كەلدى.

-        بولىدۇ ئانا، دادامغا سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ، مەنمۇ شۇنداق مىززىلىك پۇراقلار كىلىۋاتقان، دۇنيادا ھەممىدىن ئەزىز كۆرىدىغان بىر دۇنيا گۈزىلىنىڭ ئىشكى ئالدىدا.

-        بولىدۇ قوزام، سالىمىڭنى يەتكۈزىمەن، كىيىن يەنە تېلىفۇن قىلغىن، اللاھقا ئامانەت

تېلىفۇننى قويدى، ئوغلىنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدى، شۇنچىلىك كۆرگىسى كەلگەن ئىدى، ئىشىككە قولىنى ئۇزاتتى، كۆزىدىن ئاققان ياشلىرىنى تۇتىۋالالمىدى.

ئىشىكنى ئاچقىنىدا ئوغلىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ، ئانىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ئانا دەپ قۇچاقلىشىدىن ، خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھىس قىلدى. – ئانا سىزنى تۇيۇقسىز خۇش قىلاي دەپ شۇنداق قىلغان ئىدىم دىسىمۇ ، ئانىسى خۇشاللىقىدىن ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلايتى



Annenin Gözyaşları

Orta yaşlı kadın, evin içinde telaşlı bir haldeydi. Eşyaların

yerini değiştiriyor, örtüleri düzeltiyor, arada bir mutfağa gidip pişmekte olan

yemeğe bakıyor, tekrar salona dönüyordu. Sokaktan gelen her seste pencereye

koşuyor, her duyduğu kapı zilinde de, başkasının zili olduğunu anlayıp

üzülüyordu.

Başka şehirde iş bulan oğlu, hem uzak yerde olduğundan

hem de izin alamadığından 2 aydır gelememişti. Orta yaşlı kadın, büyük bir

özlemle oğlunun gelmesini ümit ediyor, kulağı zil sesinde, ayak sesinde telaşla

bekliyordu. Her anneler gününde, çocuğunun ona 'Anneciğim, annler günün kutlu

olsun' diyerek, boynuna sarılmasına öyle alışmıştı ki, sanki oğlu kapıdan

giriverecek ve koşup boynuna sarılacaktı, sonra da onun için hazırladığı

tatlılardan yiyecekti. Oysa oğlu geleceğini söylememişti ki. Kadın, boynu bükük

düşündü, '-ya gelmezse, ya izin alamadıysa.' İçini özlem dolu bir alevin yalayıp

geçtiğini hissetti.

Kadın sabahtan hazırlığa başlamıştı.. Telaşlı

halini gören eşi, sorup durmuştu;' Bu telaşın niye?' diye ama cevabını bir türlü

alamamıştı. Sonunda da kadın; '-Bu gün evde işim çok, sen git-gez biraz' diye

ısrar ederek, eşini rica-minnet dışarı çıkarmıştı. 'Ya, telaşımın nedenini

anlarsa, ya saatlerce beklediğim halde oğlum gelmezse' diye düşünmüştü.

'Gelmezse' düşüncesiyle bir daha yüreği titremişti.

Saatler geçip

gidiyordu, öğlen olmak üzereydi; '-Gelemiyorsan, bir telefon et bari,

'anneciğim' de..' İçinde sıkıntı armaya başlamıştı; '-Anneler gününü kutlamak

için bir telefon bile etmeyecek mi acaba? Ben böyle bekliyorum ama o belki

hatırlamadı bile. 'Gözden ırak olan, gönülden de ırak olur' sözü anneler için de

geçerli olur mu hiç. Olamaz canım, bir telefon eder en azından. Hoş telefon

yetmez, özledim yavrumu, kara gözlerini, yaramaz gülüşünü. Hıh.. yaramaz,

dediğimi duysa yine darılır, 'Beni çocuk gibi sevme' der. Sanki nasıl

seveceksem''

Çocuğunu düşündükçe, onunla konuştuğunu düşündükçe yüzü

gülüyor, farkında olmadan bir anda neşeleniyordu. Sonra duvardaki saate gözü

takılıyor, yeniden durgunlaşıyordu. '-Gelmeyecek, telefon bari etse..' diye

düşündü istemeye istemeye. '-Sesini bari duymuş olurum'. Tam böyle düşünürken,

cep telefonunun sesiyle irkildi, omuzlarında bir yorgunluk, bakışlarında bir

burukluk telefona uzandı., ekranına baktı, arayan oğluydu.

Sevinmeli

miydi? sevinemedi. 'acaba 'acaba gelemeyeceğini söylemek için mi aramıştı.

Telefonda kutlayıp geçecek miydi anneler gününü, sarılamayacak mıydı

yavrusuna?

Açtı telefonu;

-Alo..

-Alo, nasılsın

anneciğim?

-Sağol yavrum, sen nasılsın?

-İyiyim

anneciğim.

-Ne yapıyorsun, işler nasıl?

-Biraz zor oldu ama

alıştım, hem bu şehre, hem de işe alıştım.

-Öyle mi

yavrucuğum.

Söylemiyordu işte ne telefonda kutluyordu, ne de

gelmiyeceğini söylüyordu. Sonunda dayanamayıp sordu;

-İzin aldın mı

yavrum?

-Evet anneciğim, izin aldım. Sen nerden bildin.

-Nerden

mi, anneler günü için izin almadın mı?

-Ha, anneler günü doğru ya.

Anneler günün kutlu olsun anneciğim.

-Sen sen.. bunun için izin almadın

mı?

-Ah anneciğim, çok sevdiğim, benim için çok önemli bir bayanı görmeye

gideceğimi söyledim. Şefim de izin verdi. Şimdi onun yanına

gidiyorum.

Orta yaşlı kadın durakladı, sesine hakim olmaya

çalıştı.

-Öyle mi, nasıl biriymiş bu?

-Anneciğim, emin ol bana,

senin daha önce yaptığın yemeklerden daha lezzetlisini, daha önce yaptığın

tatlılardan daha tatlısını yapmıştır, beni bekliyor şimdi.

-Ben' şey'

tamam yavrucuğum. Şey, umarım o da seni seviyordur.

-Sevdiğine eminim

anne, zaten bu ilk iznimi sırf onu görmek için aldım. Babam nerde

anne?

-Dışardaydı yavrum. Hah.. kapı çalıyor, sanırım baban

geldi.

-Tamam anne selam söyle, ben de mis gibi kokuların geldiği, dünya

da en çok değer verdiğim bir dünya güzüelinin kapısındayım.

-Tamam

yavrum, söylerim. Sonra yine ara yavrum. Allah'a emanet ol.

Telefonu

kapattı. Oysa ne kadar özlemişti oğlunu, ne kadar görmek istiyordu. Kapıya eli

uzanırken, gözünden süzülen yaşlara engel olamıyordu.

Kapıyı açtığında,

boynuna atılan oğlunun '-Canım anneciğim, anneler günün kutlu olsun!' diye

bağırması sanki bir rüya sahnesiymiş gibi geldi. Oğlu; '-Anneciğim, seni

sevindirecek bir sürpriz yapayım dedim, lütfen ağlama' dese de, annesi sevinçten

hıçkıra hıçkıra ağlıyordu,

تەرجىمە قىلغۇچىدىن: بۇ ئەسەرنى تۈركچە تور بەتلەرنى ئارلاۋىتىپ ئۇچىرىتىپ قالدىم، شۇنداقلا مەزمۇنى ياخشى ھەم تەسىرلىك ئىكەن دەپ ئويلاپ ئازراق ۋاقتىمنى چىقىرىپ تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، ئۇندىن باشقا تۈرك تىلى ئۆگىنىۋاتقانلارغا ئاز تولا ياردىمى بولار دىگەن مەقسەتتە، تۈركچىسىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويدۇم.

ئەلۋەتتە تەرجىمە جەرىيانىدا مەلۇم ئىنتايىن ئاز بولغان خاتالىق( ئوخشىماسلىق) لاردىن خالى ئەمەس، بۇمۇ  ئۆز تىلىمىزغا يىقىنراق، چۈشىنىشلىكرەك بولىشى ئۈچۈن.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-2 03:58 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94793
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 05:57:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Teşekkür ederim. Dünyanın En Iyi sevgili anne

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6035
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1019 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 06:01:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى راۋان يېقىشلىق چىقىپتۇ.تېخىمۇ كۆپ ئەمگەك مىۋىڭىز بىلەن ئۇچرىشىشقا تەشنامەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7574
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 746 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 06:14:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Teşekkürler, gerçekten harika iş sağlayan hareket ettirilebilir insan

مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.

ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7574
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 746 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 06:17:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Çalışma da istiyorum, Türk, ancak bilmediğimiz ne çalışmaları, söylemek için bana yardımcı olan yöntem?

مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61891
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4100
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2011-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 06:43:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bak Yahxi yiziliptu rahnat sizga

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9396
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9029
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 06:48:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
handanjan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 06:17 PM
Çalışma da istiyorum, Türk, ancak bilmediğimiz ne çalışmaları, söylemek için bana yardım ...

يووووووۋ ئەسلى تۈرك تىلىنى ئۆتتۈرىدىغان ئادەم بۇيەردىكەن ئەمەسما، پاساھەتلىك سۆز ئىبارىلىڭىزنى ئىنكاس ئارقىلىقلا كۆرسەتمەي ، تېما شەكىلدىمۇ يوللاپ تۇرۇڭ دەيمە، كۆمۈلۈپ قالمىسۇن!

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 06:55:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي   ۋۇي  تۈرۈكلەر  خېلى  با ئوخشىمامدۇ .........،مەنمۇ ئۈگەنسەم  بۇلاتتى   ئامما  ناھايتى  تەستە  ئۇقۇيالايدىكەنمەن .

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 07:02:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەب قىسقا ،ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى كۆرگىنىمدىن بەك خۇشال بولدۇم. ئانا دىگەن بۇ سۆزنىڭ قانچىلىك  تاتلىق  ئاڭلىنىدىغانلىقىنى  ئۇ بۇئالەمدىن كەتكەندىن كىيىن ھەقىقى چوڭقۇر تۇنۇپ يىتەلەيمىز، ھەرگىزمۇ ھايات چىغىدا بۇنداق ھېس قىلالمايمىز، ئانا .........دىگەن بۇ پەرىشتىنىڭ نامىنى چاقىرىش................... ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق ئانىلارنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتلەردىن قىلىپ بەرگەيسەن ئامىن! ھاياتلارنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم ،ئۈمرىنى ئۇزۇن قىلغايسەن ئامىن!



كۆپلىگەن ئانىلاردىن  ،مۇڭدىشىش  جەريانىدا قەلىب-سۆزلىرىنى ئاڭلىدىم، بىرقىسىم  ئۇغۇل باللار توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن  ،ئاتا-ئانىسىنى بۇرۇنقىدەك ۋاي دەپ داۋاملىق يوقلاپ تۇرمايدىكەن، ئەكسچە ئۆز ئائىلىسى ، خىزمىتى  ھەم  قىز تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بۇلۇپ كىتىدىكەن.ئۇغۇللارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى  ئوغۇللىرىغا بەك تەلمۈرۈپ كىتىدىكەن. ھەي.....تۇرمۇش دىگەن شۇنداق بۇلامدىغاندۇ!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9396
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9029
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 550 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 07:04:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ARZUY يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 06:55 PM
ۋاي   ۋۇي  تۈرۈكلەر  خېلى  با ئوخشىمامدۇ .........،مەنمۇ ئۈگ ...

سىزنىڭمۇ تۈرك تىلى ئۆگەنگىڭىز بارمۇ؟ مەن بىر قانچە دەرىسلىك تۈزۈپ تورغا يوللىغان ، شۇنىڭدىن كۆرۈپ پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن...... مىنىڭچە سىزگە ئەڭ كۆپ ياردەم قىلالايدىغان كىشى  تۈرك تىلى پىشۋاسى ئېېېۋۇ ئۈستىكدىكى خەندانجان(ئۆزياش) مىكىن دەيمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش