مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1663|ئىنكاس: 4

ئېھتىياجىمىزنى توغرا چۈشىنەيلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 02:28:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئېھتىياجىمىزنى توغرا چۈشىنەيلى

       كۆپىنچە كىشىلەر جەمىيەتتە ياشاش جەريانىدا ئۆزىنىڭ نىمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئالدىنئالا بىلەلىشى ناتايىن. ناۋادا ئادەمدە كەلگۈسىدە بولغۇسى ئىش-ۋەقەلەرنى سېزەلەيدىغان ئىقتىدار بولسا ئىدى، ”پۇشايمان“ دېگەن بۇ ئاتالغۇ مەيدانغا كەلمىگەن ھەم لۇغەتلەردىن ئورۇن ئالالمىغان بولاتتى. مەلۇم نەرسىنىڭ ئادەمگە مەلۇم بىر كۈنلەردە ئەسقاتىدىغان ياكى ئەسقاتمايدىغانلىقىنى ،ئۇ نەرسىنىڭ كېرەكلىك ياكى كېرەكسىز ئىكەنلىكىنى ئالدىن كۆرۈپ يېتىش ھەقىقەتەن قىيىن. ئەمما، ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىھتىياجى ھەققىدە ھېچقانداق ئىلمىي قىياسلارنى قىلالمايدۇ، دېيىشمۇ ئەقىلغە ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. پەقەت ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئېھتىياجى ياكى جەمىيەت ئېھتىياجىنى چۈشىنىش دەرىجىسى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇ پەرق تۈپەيلى، كىشىلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ خالاس. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ھەۋەس قىلىۋاتقان، ھۆرمەت ساھىبى قاتارىدا كۆرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق مەخپىيىتىمۇ دەل ئۇلارنىڭ ئۆز ئىھتىياجىنى توغرا تونۇغانلىقىدا ۋە شۇ يولدا كۆرەش قىلغانلىقىدا. ئۇنداق بولسا ئىھتىياج دېگىنىمىز نېمە؟

        ئىھتىياج- بىرەر نەرسىگە بولغان تەلەپ، ھاجەت، زۆرۈرىيەت، مۇھتاجلىق دېمەكتۇر. بىز قانداق نەرسىلەرگە ئىھتىياجلىق بولىمىز؟ بىز ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك نەرسە زادى نېمە؟ بۇ ئوخشىمىغان كىشىلەرگە قاراپ ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن: قورسىقى ئاچقان كىشىگە نىسبەتەن ئەڭ ئىھتىياجلىق نەرسە ئىسسىق بىر قاچا تاماق؛ سوغۇقتا توڭلاپ تىىتىرەپ تۇرۋاتقان كىشىگە نىسبەتەن ئىللىق بىر ماكان؛ يالغۇزلۇقتا ياشاۋاتقان كىشىگە نىسبەتەن سىرداش بىر ھەمراھ؛ ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئادەمگە نىسبەتەن ياخشى بىر ئوقۇش، ئۆگىنىش شارائىتى؛ ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىۋاتقان جەمىيەتكە نىسبەتەن  شۇ جەمىيەتكە ماسلىشالايدىغان ئىختىساسلىق خادىم….. دېگەندەك.

       جەمىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر باركى، ھەددىدىن زىيادە قانائەتچان. ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تىرىشىپ ئۆزگەرتىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. شۇڭىلاشقا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ياشاش ۋە خىزمەت قىلىش يولىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماستىن بىر ئۆمۈر شۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل پوزىتسىيە جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەلۈم دەرىجىدە سەلبىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەر“مۇنداق قىلىپ باق“ دېسىمۇ ”بۇنىڭ كېرىكى يوق“، ”بۇنى سىناپ باق“ دېسىمۇ ”بۇنىڭ زۆرۈريىتى يوق“ دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىشكە بەك ئامراق. ھەددىدىن زىيادە قانەئەتچانلىق كىشىنى ھورۇنلۇق ۋە پاسسىپلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇشى مۇمكىن. ھەدىدىدن زىيادە ئاچكۆزلۈك ياكى ھەددىدىن زىيادە ئالغا ئىنتىلىشچانلىقمۇ كىشىلەرنى چارچىتىپ ھالىدىن كەتكۈزۋىتىشى مۇمكىن. شۇڭىلاشقا بۇلارنىڭ نىسبىتىنى توغرا تەڭشەپ مېڭىشمۇ ناھايىتى مۇھىم. تەم ۋە تۇزى تېتىغان ئاشنى ھەر قانداق ئادەم ماختاپ تۇرۇپ ئىچىدۇ. ئەكسىچە بولسا تاماق ئەتكۈچىنى تىللايدۇ. دېمەك، مۇۋاپىق ۋە ئىلمى بولغان ئېھتىياج ئەندىزىسى تۇرغۇزۇۋېلىش ناھايىتى مۇھىم.

      ھازىرقى جەمىيەت كىشىلەردىن ئۇنۋېرسال قابىلىيەت يىتىلدۈرۈشنى، كۆپ قىرلىق بولۇشنى ”بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر “ بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا بۇ جەمىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئېھتىياجى. بۇ ئېھتىياجنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ”كېرەكلىك تاشنىڭ ئېغىرى يوق“ پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ، جەمىيەت كۈتكەن تەلەپنى ئۇرۇنداشقا توغرا كېلىدۇ.

      ئۇنداقتا“بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر“ دېگىنىمىز نېمە؟

      بۇ ئۆزىمىز قىلىۋاتقان ئىشقا پىششىق بولۇش ئاساسىدا يەنە نەزەر دائىرىمىز ۋە بىلىم قۇرۇلمىمىزنى ياخشىلاپ جەمىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ ياراملىق كىشىلەردىن بولۇش دېگەنلىكتۇر. شۇڭلاشقا، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن كېرەكلىك بىلىملەرنى ئىگەللەشنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە ”ئارتۇق دۆلەت باشنى يارماپتۇ“ دېگەن ئاتىلار سۆزى ھەممە كىشىگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك. مەسىلەن ئالايلى، ناۋادا سىز ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولسىڭىز، ئەدەبىيات كەسپىگە ئائىت بىلىملەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۆگىنىش بىلەن بىرگە ئالاقىدا پەنلەرگىمۇ نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرالىغان بولسىڭىز، ئېنىقكى بۇنىڭ سىزنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. چۈنكى، ئەدەبىي ئەسەرلەر تارىخ، مەدەنىيەت، جۇغراپىيە، ئىقتىساد، سىياسەت قاتارلىق پەنلەر بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى باشقا ساھالەرگە چېتىلىدىغان ئامىللارنى چۈشىنىشىڭىز ئۈچۈن ياردىمى زور بولىدۇ. سىز پەقەت ئۆزىڭىزنى مەلۇم بىر ساھە بىلەنلا چەكلەپ، تار چەمبىرەك ئىچىگە ئۆزىڭىزنى بەنت قىلىۋالسىڭىز“قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك“ ئالەم دېگەن مانا شۇ دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە تەمەننا قويۇپ ياشىشىڭىز مۇمكىن. بىز بۇ يەردە دەۋاتقان ”ئارتۇق دۆلەت“ ياكى ”كېرەكلىك تاش“ دەل بىزنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىمىزنى كېڭەيتىدىغان، ياشاش يوللىرىمىزنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇردىغان مۇھىم ئامىلدۇر. ناۋادا سىز ئەشۇ مۇھىم ئامىللارغا ۋاقتىدا ئېتىبار بېرەلىسىڭىز، سىز چارچاپ ھېرىپ كەتسىڭىزمۇ تاشلىۋىتىشنى ئويلاپ باقمىغان ئاشۇ تاش ۋاقتى كەلگەندە پاقىراپ تۇرىدىغان ئالتۇنغا ئايلىنىپ، سىزنى ئىستىقبال شوتىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بالدىقىغا يەتكۈزىشى مۇمكىن.

       دىمەك، ئىستىقبال دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچى تىرىشقانلارنىڭ قولىدا، مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ھەر قانداق بىر ئادەم شۇ يولدا جاپا-مۇشەققەت تارتىشتىن قورقماسلىقى ”ئىشلىگەن چىشلەيدۇ“، ”ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن“ دېگەن ھېكمەتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، جاپا مۇشەقەت ئىچىدىن ئۆزىگە ئازادىلىك ۋە خوشال-خوراملىق بېغىشلىيالىشى كېرەك. مۇشۇ خىل ئازادىلىك ۋە خوشال-خوراملىق ئىچىدە كەلگۈسىدىكى ئالتۇننىڭ ئورنىنى باسىدىغان ”كېرەكلىك تاش“ ئىزدەپ تېپىشى كېرەك. بۇ ”كېرەكلىك تاش“سىزگە ھەر قاچان ئۇچىراپ قىلىشى مۇمكىن، گەپ سىزنىڭ ئۇنى ”ئالتۇن“ بىلىپ يانچۇقىڭىزغا سېلىش ياكى سالالماسلىقىڭىزغا باغلىق. شۇ نەرسە ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بىلىم، ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاق بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى يورۇتقۇچى گۆھەردۇر. مانا مۇشۇ گۆھەرلەرنى ئۆزىمىزگە ھەمرا قىلالىساقلا بىپايان كەتكەن جەمىيەت سايلىقىدىكى بارلىق تاشلارنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرالايمىز. بۇ ئالتۇن بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك خۇرۇچتۇر.

2013-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 06:14:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 07:12:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ نەرسە ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بىلىم، ئەقىل-پاراسەت، ئەدەپ-ئەخلاق بىزنىڭ كەلگۈسىمىزنى يورۇتقۇچى گۆھەردۇر. مانا مۇشۇ گۆھەرلەرنى ئۆزىمىزگە ھەمرا قىلالىساقلا بىپايان كەتكەن جەمىيەت سايلىقىدىكى بارلىق تاشلارنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرالايمىز. بۇ ئالتۇن بىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىمىز ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك خۇرۇچتۇر.

بەك توغراپىكىر بوپتۇ!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86577
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1584
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1406 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 07:59:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېھتىياجىمىزنى توغرا چۈشىنەيلى   ،         توغرا پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلۇپتۇ،  رەھمەت!

قوچقارنىڭ  كەينىگە يانغىنى  ئۇنىڭ  قورققىنى  ئەمەس  -  ئەلتېكىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95849
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 09:12:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئىسىل پىكىرلەر   ئوتتۇرغا  قويۇلۇپتۇ  كوپ رەھمەت!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش