مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2072|ئىنكاس: 31

نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 12:48:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما ئۇيغۇر ياشلىرىدا ئىلىم-پەن قىزغىنلىقى قوزغاش، دۇنياۋى بىلىملەرگە تەلپۈنۈش ئىستىكى ھاسل قىلىش ۋە ئىلىم پەن ساھەسىدە دۇنياۋى شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلىم پەن ھەۋەسكارلىرىنى ئېلھاملاندۇرۇش ۋە شۇنداقلا ئانا تىلىمىزدا پەن-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش مەقسىتىدە يىزىلغان. بۇ تىمىدىكى نوبېل مۇكاپاتىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەزمۇنلار شىۋىتسىيە خان جەمەتى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان نوبىل مۇكاپاتى تورى (http://www.nobelprize.org) دىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى، شۇڭا بۇ مەزمۇنلار مۇتلەق توغرىلىققا ۋە مۇشۇ ساھەدىكى ئۇچۇرلار ئىچىدە ئەڭ ئالىي نوپۇزغا ئىگە. مەن بىئولوگىيەگە ئائىت بىلىملەرنى پەقەت تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچىلا ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بولغاچقا ئاتالغۇلاردا ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىسمىنى قېلىپقا چۈشۈرۈپ ئۆزلەشتۈرۈشتە بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلمىغان بولسام ھەيران قالىمەن. ئەگەر يىتەرسىزلىكلەر بولسا تورداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ-پىكىر، تۈزۈتۈش بىرىشلىرىنى سورايمەن.

                                              -بىلگەجان (2013-يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 30-كۈنى، ئامرىكا)

بۇ ماقالە تۆۋەندىكى ئالتە بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. ئەلفىرەد نوبېل ۋە  نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى
2. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا پاكىتلار
3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى
4. نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى
5. بىر نوبېل مۇكاپاتى ئىگىسىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئىككى كەلىمە ھېكايە
6. ئاپتورنىڭ ئاخىرقى سۆزى

1 .ئەلفىرەد نوبېل ۋە نوبېل مۇكاپاتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى


ئەلفىرەد بېرنخارد نوبېل 1833-يىلى 10-ئاينىڭ 21-كۈنى شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ياش ۋاقتىدا دادىسىنىڭ قورال-ياراق زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. ئۇ ئىلىم-پەنگە بولغان قىزىقىشى تۈپەيلى، خېمىيىلىك پارتلاتقۇچ دورىلارنى سىناق قىلغان. 1864-يىلى بىر قىتىمىلىق ئەجەللىك پارتلاشتا ئۇنىڭ ئېنىسى ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئىش ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغاچقا، ئۇ بىخەتەرلىكى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پارتلاتقۇچ دورا - دىنامىتنى كەشىپ قىلغان. نوبېل ئۆزىنىڭ غايەت زور بايلىقىنى نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن.
1888-يىلى نوبېلنىڭ ئىنىسى لۇدۋېگ فىرنسىيەدە ئۆلۈپ كەتكەن. فىرانسىيەدىكى بىر گېىزىت خاتالىشىپ لۇدۋېگ نوبېلنىڭ ئورنىغا ئەلفىرەد نوبېلنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى گېزىتكە باسقان ۋە ئۇنىڭ دىنامىتنى كەشىپ قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن.  ئەلفىرەد نوبېل بۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن باشقىلار تەرىپىدىن قانداق ياد ئېتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مال-مۈلكىنى فىزىكا، خېمىيە، مىدىتسىنا ياكى فىزىئولوگىيە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەر ۋە تىنچلىق ئىشلىرىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاشقا سەرپ قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ساھەلەردىكى نەتىجە قازانغانلارنى مۇكاپاتلىشى ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە نىمىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ئۇ 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەنىڭ سان رېمو شەھرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئۆلۈپ كىتىش ئالدىدا باج ۋە مىراسنى چىقىرىۋەتكەندە جەمئىي 31 مىليۇن 225 مىڭ شىۋىت كروناسىنى (بۇ پۇل 2008-يىلىدىكى 250 مىليۇن ئامرىكا دوللىرىغا تەڭ بولغان)  نوبېل مۇكاپاتىغا ئىشلىتىشكە قالدۇرغان.
نوبېل 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىستىكى بىر شىۋىتلار-نورۋېگىيلىكلەر قاۋاقخانىسدا ئۇنىڭ ئۈچىنچى شۇنداقلا ئەڭ ئاخرىقى ۋەسىيتىگە ئىمزا قويغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ۋەسىيتى ئوقۇلغاندا شىۋىتسىيە ۋە خەلقىئارادا زور بەس-مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان چۈنكى ئۇ مال مۈلكىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى بىر مۇكاپات تەسىس قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇ ۋەسىيتىگە قارشى چىققان ۋە ئۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشقا تاللىغانلار بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىشنى رەت قىلغان. ئۇ ۋەسىيىتىدە «ئىنسانلار جەمئىيتى ئۈچۈن ئەڭ زور تۆھپە قوشقان كىشىلەرنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەن. ئاخىرى 1901-يىلى نوبېلنىڭ ۋاپاتىدىن 5 يىل ئۆتكەندە ئاندىن تۇنجى قېتىملىق نوبېل فىزىكا، خېمىيە، فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا، ئەدەبىيات ۋە تىنچلىق مۇكاپاتلىرى تارقىتىلغان. نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى ۋە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى شىۋىتسيە پەنلەر ئاكادىميىسى تەرىپىدىن، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى سىتھوكلىم ئاكادىمىيىسى تەرىپىدىن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نورۋېگىيە پارلامىنتى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. 1968-يىلىدىن باشلاپ شىۋىتسىيە مەركىزى بانكىسى Sveriges Riksbank نوبېلنى خاتىرلەش يۈزسىدىن نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى تارقىتىشنى قارار قىلغان. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى، نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى، نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ۋە نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئالتە تۈرلۈك مۇكاپات تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر نوبېل مۇكاپاتىنىڭ سوممىسى 8 مىليون شىۋىتسىيە كروناسى (تەخمىنەن 1.2 مىليون ئامرىكا دوللىرى ياكى 7 مىليون 350 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ) بولۇپ، ئەگەر بىردىن كۆپ كىشى بىر قېتىملىق نوبېل مۇكاپاتىغا تەڭ ئېرىشسە ئۇلارغا بۇ پۇل بۆلۈپ بىرىلىدۇ.

2. نوبېل مۇكاپاتى توغرىسىدا پاكىتلار

نوبېل مۇكاپاتى 1901-يىلدىن 2012-يىلغىچە جەمئىي 555 قېتىم 862 كىشىگە تارقىتىپ بىرىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاران 44 كىشى ئاياللاردۇر. بىرىنچى دۇنيا ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە نوبېل مۇكاپاتى بىر نەچچە يىل تارقىتىلمىغان. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 59 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياش كىشى 25 يىشىدا (William Lawrence Bragg ،1915) نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يېشى ئەڭ چوڭى بولسا 90 ياش بولۇپ، بۇ كىشى 2007-يىللىق نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتىغا نائىل بولغان ئامرىكا مىنېسسودا ئۇنۋىرستىتى ئىقتىساد پەنلىرى پىرافىسورى Leonid Hurwicz.  بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغانلار ئەڭ كۆپ. تۇغۇلغان دۆلىتى بويىچە تىزغاندا ھىندىستاندا تۇغۇلغانلاردىن 8 كىشى، ياپونيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، ئىتالىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 17 كىشى، شىۋىتسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 28 كىشى، روسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 37 كىشى، فىرانسىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 49 كىشى، گىرمانىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 74 كىشى، ئەنگىلىيەدە تۇغۇلغانلاردىن 79 كىشى، ئامرىكىدا تۇغۇلغانلاردىن 247 كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ مەكتەپ تەۋەلىكى (رەسمىي) بويىچە تىزغاندائەڭ كۆپ نوبېل مۇكاپاتى ساھىبخانى چىققان 5 ئۇنىۋىرستىت: ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنىۋىرستىتى (89 كىشى)، ئامرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرستىتى (87 كىشى)، ئامرىكا كولۇمبىيە ئۇنىۋىرستىتى (82 كىشى)، ئامرىكا ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتى (78)، ئامرىكا كالىفورنىيە ئۇنۋىرستىتى - برىكلىي (71). بۇ كىشىلەر ئىچىدە دۇنيادا ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن، ئەڭ مەشھۇر 10 كىشى:
1.Martin Luther King Jr مارتىن لۇسىر كېڭ:  تىنچىلىق مۇكاپاتى (1964)

2.Albert Einstein ئالبېرت ئېينىشتېيىن: فىزىكا مۇكاپاتى (1921)

3.Mother Teresa تېرىسا ئانا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1979)

4.Rabindranath Tagore رابىندراناس تاگور: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1913)

5.Nelson Mandela نېلسون ماندېلا: تىنچلىق مۇكاپاتى (1993)

6.Ernest Hemingway ئېرنېست ھېمىڭۋاي: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1954)

7.Marie Curie مارىي كىيۇرى: فىزىكا مۇكاپاتى (1903)

8.John Steinbeck جون ستېينبېك: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1962)

9.Winston Churchill ۋېنىستون چىرچېل:تىنچلىق مۇكاپاتى (1953)

10.William Faulkner ۋىللىيام فاۋلكىنېر: ئەدەبىيات مۇكاپاتى (1949)

3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى ۋە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى

نوبېل ۋەسىيتىدە ئىيتقىنىدەك، بايلىقىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىشلىتىپ «فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا ساھەسىدە ئەڭ مۇھىم بايقاشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشىنى مۇكاپاتلايمەن» دىگەنلىكى ئۈچۈن 1901-يىلىدىن باشلاپ «نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى» تارقىتىلىپ كەلگەن. بۇ مۇكاپات ھەر يىلى 10-ئايدا تارقىتىلىدىغان بولۇپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئېلان قىلىنىدىغان كۈنى ئەتىگىنى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل مۇكاپاتى كېڭەش ئەزالىرى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار چىقارغاندىن كىين دەرھال بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ مۇكاپاتقا ئېرشكۈچىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ. 1901-يىلىدىن باشلاپ 2012-يىلغىچە جەمئىي 103 نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى تارقىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 38 نوبېل مۇكاپاتى يالغۇز بىر كىشىگە، 32 نوبېل ئىككى كىشىگە (يەنى ئىككى كىشى بىر مۇكاپاتتىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ)، 33 نوبېل 3 كىشىگە (يەنى ئۈچ كىشى بىر مۇكاپاتتىن تەڭ بەھرىمان بولىدۇ) تارقتىپ بىرىلگەن. شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە 201 كىشى بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمان بولغان. بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 57 ياش بولۇپ، ئەڭ ياش نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى بولسا Frederick G. Banting فىرەدرىك بانتىڭ بولۇپ ئۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋاقىتتا ئەمدىلا 32 ياشتا (1923) ئىدى. بۇ 201 نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە پەقەت ئون كىشىلا ئايال بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 كىشى 2004-يىلدىن 2009-يىلغىچە 6 يىل ئىچىدە بۇ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1974-يىلىدىن بۇيان نوبېل مۇكاپاتى پەقەت ھايات كىشىلەرگە ياكى ئۆلۈمى تېخى ئاشكارىلانمىغان كىشىلەرگە بىرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 2011-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى بولغان ئامرىكا روكىفېللفېر ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ ئىممۇنولوگىيە ئالىمى Ralph Steinman راف سىتەيىنمەننىڭ 3 كۈن بۇرۇن ۋاپات بولغانلىقى ئاشكارىلانغان، لىكىن نوبېل كومىتېتدىكىلەر بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز بولغاچقا، بۇ مۇكاپات ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا بىرىلگەن.

نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. ttp://www.nobelprize.org/nobel_prizes/medicine/prize_awarder
بۇ كېڭەشنىڭ 50 ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇلار 5 ئەزا ۋە بىر سېكىرىتاردىن تەشكىل تاپقان فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن كاندىداتلار ئىچىدىن ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن بىر كىشىنى تاللاپ چىقىدۇ. بۇ بېلەتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولمىسۇن قەتئىي سۈلھى قىلىنمايدۇ. نوبېل كومتىتىدىكىلەرمۇ كاندىداتلارنى ئۆزى ياكى سالاھىيىتى توشىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرگە قاراپ چىقىپ ئاندىن ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان ئورۇن كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ. نوبېل مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. سىتھوكلىم كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كىڭىشى ئەزالىرى؛
2. شىۋىتسىيە خانلىق پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ مىدىتسىناغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالىرى ياكى چەتئەللىك ئەزالىرى؛
3. نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرشكەن كىشىلەر؛
4. بىرىنچى تارماقتا دىيلگەن توپقا تەۋە بولمىغان فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا نوبېل كومىتېتى ئەزالىرى؛
5. شىۋىتسيە ئۇنىۋىرستىتلىرى مىدىتسىنا فاكۇلتىتىنىڭ غوللۇق پىرافېسورلىرى ياكى ئوخشاش دەرىجىدىكى دانىيە، فېنلاندىيە، ئىسلاندىيە ۋە نورۋېگىيەلىك پىرافېسورلار؛
6. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئوخشاش سالاھيەتتكى، مۇكاپاتنىڭ دۆلەت ۋە ئۆز تەتقىقات ساھەلىرىدە مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ تارقىتىلىشىنى كۆزلىگەن، نوبېل كومتىتىدىكىلەرنىڭ تاللىشىغا مۇيەسسەر بولغان 6 دىن ئارتۇق پىرافىسورلارنىڭ بىرلەشمىسى؛ ۋە
7. باشقا تەبئىي پەن كەسىپلىرىدىكى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر مۇۋاپىق دەپ قارىغان تەتقىقاتچىلار.
يۇقىرىدىكى 6 ۋە 7-تارماقلاردىكى كىشىلەرنى نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئاخرىدىن بۇرۇن ئېنىق بىكىتىپ بولىدۇ.

نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر تۆۋەندىكى جەريانلار بويىچە بېكىتىلىدۇ:

9-ئاي: نامزاتلىققا كۆرسىتىش جەدىۋىلى تارقىتىلىدۇ. نوبېل كېڭىشىدىكىلەر 3000 غا يىقىن جەدۋەلنى ئۆزلىرى تاللىغان دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇنىۋىرستىت پىرافېسورلىرى ۋە ئىلگىرىكى نوبېل مۇكاپات ئىگىلىرىگە ئەۋەتىدۇ.

2-ئاي: جەدۋەلنى تاپشۇرۇش ئاخىرقى چېكى. كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق توشقۇزۇلغان جەدۋەللەر نوبېل كومىتېتىغا تاپشۇرۇلىشى لازىم. نوبېك كومىتېتى نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن كىشىلەر ئىچىدىن دەسلەپكى نامزاتلارنى تاللاپ چىقىدۇ.

3-ئايدىن 5-ئايغىچە: مۇتەخەسېسلەرنىڭ مەسلىھەتىگە سېلىش. نوبېل كومىتېتى دەسلەپكى نامزاتلار تىزىملىكىنى ماس ھالدا ئالدىن تاللانغان ھەر قايسى تەتقىقات يۆنىلىشلىرىدىكى مۇتەخەسىسلەرگە ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ باھالىشىغا تاپشۇرىدۇ.

6-ئايدىن 8-ئايغىچە: دوكلاتلار يىزىلىدۇ.

9-ئاي: نوبېل كومىتېتى تەۋسىيە قىلىدىغان نامزاتلارنى نوبېل كېڭىشىگە تاپشۇرىدۇ. نوبېل كومىتېتى ئەڭ ئاخىرىدا تاللانغان نامزاتلار تىزىملىكىنى نوبېل كېڭىشىگە تاپشۇرىدۇ.  نوبېل كېڭىشىدىكىلەر ئىككى قېتىملىق مەجلىستا بۇ نامزاتلار ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ بارىدۇ.

10-ئاي: نوبېلغا ئېرىشكۈچى تاللىنىدۇ. ئوغۇز (ئۆكتەبىر) ئېيىنىڭ بېشىدا كارولىنىسكا ئىنىستىتۇتى نوبېل كېڭىشى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرشكۈچى(لەر) نى تاللاپ، ھىچقانداق مۇرەسسەسىز دەرھال جامائەتكە تاللانغۇچى (لار) نىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلىدۇ.
(ئادەتتە ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلار نوبېلغا ئېرىشكۈچىگە كېچىسى تېلىفۇن قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن نوبېلغا ئېرىشكۈچىلەر ناھايتى ھەيرانلىقتا بۇ خەۋەرنى ئاڭلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇنىڭ ئوغۇزدا قارار قېلىنىشىدىكى سەۋەب نوبېل ئوغۇزدا تۇغۇلغان)

12-ئاي: نوبېل ئىگىلىرى مۇكاپاتنى تاپشۇرۋالىدۇ. نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ھەر يىلى كۆنەك (دىكابىر) نىڭ 10-كۈنى   (نوبېل ۋاپات بولغان كۈن) شىۋىتسىيەنىڭ سىتھوكلىم شەھرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، نوبېلغا ئېرىشكۈچىلەر نوبېل مۇكاپاتى (نوبېل مېدالى، نوبېل دىپلومى ۋە مۇكاپات سوممىسى يىزىلغان رەسمىي ھۆججەتتىن تەركىب تاپىدۇ) نى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئاخىرقى تىزىملىكىدە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلەرنىڭ ئىسمى 50 يىلغىچە ئاشكارىلانمايدۇ.


تۆۋەندە نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملار ۋە ئۇلارنىڭ بايقاشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:
http://www.nobelprize.org/nobel_ ... aureates/index.html

2012
Sir John B. Gurdon (سىر جون گۇردون، ئەنگىلىيە) ۋە Shinya Yamanaka (شىنيا ياماناكا، ياپونىيە): پىشپ يىتلگەن ھۆجەيرىلەرنىڭ تولۇق پوتىنسىئاللىق غول ھۆجەيرە ھالتىگە قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


2011
Bruce A. Beutler (بېرۇس بىيۇلتېر، ئامرىكا) ۋە Jules A. Hoffmann  (جۇلىز خوفمەن، فىرانسىيە): ئۇلارنىڭ تۇغما ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ قوزغىلىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.
Ralph M. Steinman (راف سىتەينمەن، ئامرىكا ۋە كانادا): دىندرتىك (دەرەخسىمان ئۆسۈكچە) ھۆجەيرىلىرىنى بايقىغانلىقى ۋە ماسلىشىشچان ئىممۇنىت سستىمىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.


2010
Robert G. Edwards (روبېرت ئېدۋارد، ئەنگىلىيە): تەن سىرتىدا ئۇرۇقلاندۇرۇش تېخنىكىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.


2009
Elizabeth H. Blackburn (ئېلزابىت بلەكبېرن، ئاۋىستىرالىيە)، Carol W. Greider ( كارول گرېيدېر، ئامرىكا)  ۋە Jack W. Szostak (جەك سوستاك، ئامرىكا ۋە پولشا): خىروموسوملارنىڭ تېلومېر ۋە تېلومېر ئېنزىمى تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


2008
Harald zur Hausen (خارالد زۇر خاۋسېن، گېرمانىيە): ئىنسان ئەمچەك توپچىسىمان ۋىرۇسى (HPV) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Françoise Barré-Sinouss (فىرنچويىس باررېي-سىنوس، فىرانسىيە) ۋە Luc Montagnier  (لۇك مونتاگنىيېر، فىرانسىيە): ئىنسان ئىممۇنىت كەملىكى ۋىرۇسى (HIV، ئەيدىز ۋىرۇسى) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


2007
Mario R. Capecchi (مارىيو كاپېچى، ئامرىكا)،  Sir Martin J. Evans (سىر مارتىن ئېۋان، ئەنگىلىيە) ۋە Oliver Smithies (ئولىۋېر سىمىتىيىز، ئامرىكا): تۆرەلمە غول ھۆجەيرىنى ئىشلىتىپ چاشقان بەدىنىگە مەلۇم گېنلارنى توغرا ھالدا كىرگۈزۈپ گېنى ئۆزگەرتىلگەن چاشقانلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


2006
Andrew Z. Fire (ئاندېرۇ فايىر، ئامرىكا) ۋە Craig C. Mello (كرەيگ مېللو، ئامرىكا): RNA ئىنتېرفېرىيىنىس - يەنى قوش زەنجىرلىك RNA نى ئىشلتىپ گېنلارنى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش (تىنچلاندۇرۇش) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


2005
Barry J. Marshall (باررىي مارشال، ئاۋىستىرالىيە) ۋە J. Robin Warren (ج روبېن ۋوررېن، ئاۋىستىرالىيە): باكتېرىيە Helicobacter pylori نى ۋە ئۇنىڭ ئۈچەي ۋە ھەزىم قىلىش سىستىمىسى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


2004
Richard Axel (رىچارد ئاكسېل، ئامرىكا) ۋە Linda B. Buck (لىندا باك): ئۇلارنىڭ پۇراق قوبۇللىغۇچى ئاقسىلى ۋە پۇراش سىستىمىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


2003
Paul C. Lauterbur (پول لاۋتېربېر، ئامرىكا) ۋە Sir Peter Mansfield (سىر پىتىر مانسفىيلد، ئەنگىلىيە): ماگېنىتلىق رېزونانىس سۈرەتكە تارتىش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


2002
Sydney Brenner (سىيندىي برېننېر، ئەنگىلىيە)، H. Robert Horvitz (خ روبېرت ھورۋېت، ئامرىكا) ۋە John E. Sulston (جون ئې سۇلسىتون، ئەنگىلىيە): ئۇلارنىڭ ئەزالارنىڭ يىتىلىشى ۋە پىراگراممىلانغان ھۆجەيرە ئۆلۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


2001
Leland H. Hartwell (لېلاند ھارتۋېل، ئامرىكا)، Tim Hunt (تىم ھانت، ئەنگىلىيە) ۋە Sir Paul M. Nurse (سىر پول نېرس، ئەنگىلىيە): ئۇلارنىڭ ھۆجەيرە دەۋرىيلىكىنى باشقۇرغۇچى ئامىللار ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


2000
Arvid Carlsson (ئارۋىد كارىلسون، شىۋىتسىيە)، Paul Greengard (پول گرىنگارد، ئامرىكا) ۋە  Eric R. Kandel (ئېرىك كەندېل) : ئۇلارنىڭ نېرۋا سىستىمىسىدىكى ھۆجەيرىلەرنىڭ سېگنال يەتكۈزۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1999
Günter Blobel (گۈنتېر بلوبېل، ئامرىكا): ئاقسىللارنىڭ ھۆجەيرە ئىچىدە ئورۇنلىشىشى ۋە توشۇلۇشىدا ئىچىكى سېگناللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1998
Robert F. Furchgott (روبېرت فېرچگوت، ئامرىكا)، Louis J. Ignarro (لۇيىس ئىگناررو، ئامرىكا) ۋە Ferid Murad (فەرىد مۇراد، ئامرىكا): نېيترىك ئوكسىدنىڭ يۈرەك-قان تومۇر سىستىمىسىدا سېگناللىق رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1997
Stanley B. Prusiner (سىتەنلى پرۇسىنېر، ئامرىكا): پىرىئون - يېڭى بىئولوگىيلىك يۇقۇملۇق جانلىق، نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1996
Peter C. Doherty (پىتىر دوئىرتى، ئاۋىستىرالىيە) ۋە Rolf M. Zinkernagel (روف زىنكېرنەيگېل، شىۋىتسارىيە): ھۆجەيرە ئىممۇنىت مۇداپىئەسىنىڭ خاسلىقى ھەققىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1995
Edward B. Lewis (ئېدۋارد لۇۋىس، ئامرىكا)، Christiane Nüsslein-Volhard (كرىستىيانا نۈسلېيىن-ۋولخارد، گېرمانيە)،  Eric F. Wieschaus (ئېرىك ۋىيساۋۇس، ئامرىكا): تۆرەلمە دەسلەپكى يىتىلىشىنىڭ گېنتىكىلىق كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1994
Alfred G. Gilman (ئەلفىرەد گېلمەن، ئامرىكا) ۋە Martin Rodbell (مارتىن رودبېل، ئامرىكا): G-ئاقسىلى ۋە ئۇلارنىڭ ھۆجەيرىدە سىگنال يەتكۈزۈشتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1993
Richard J. Roberts (رىچارد روبېرتس، ئەنگىلىيە) ۋە Phillip A. Sharp (فېلىپ شارپ، ئامرىكا): يارما (split) گېنلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1992
Edmond H. Fischer (ئېدموند فېشېر، شىۋىتسارىيە ۋە ئامرىكا) ۋە Edwin G. Krebs (ئېدۋېن كرەب، ئامرىكا): تەتۈرىگە قايتۇرغىلى بولىدىغان ئاقسىلنىڭ فوسفاتلىنىشنىڭ بىئولوگىيلىك رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1991
Erwin Neher (ئېرۋىن نېخېر، گېرمانىيە) ۋە Bert Sakmann (بېرت سەكمەن، گېرمانىيە): ھۆجەيرىلەردىكى يەككە ئىئون قاناللىرىنىڭ رولى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1990
Joseph E. Murray (جوسېف مۇررەي، ئامرىكا) ۋە E. Donnall Thomas (دونال توماس، ئامرىكا): ئىنسانلار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا ئورگان ۋە ھۆجەيرە كۆچۈرۈش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1989
J. Michael Bishop (مايكول بېشىپ، ئامرىكا) ۋە Harold E. Varmus (ھارولد ۋارمۇس، ئامرىكا): رىترو-ۋىرۇسلۇق (retroviral) راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى گېنلارنىڭ ھۆجەيرىدىكى كىلىپ چىقىشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1988
Sir James W. Black (سىر جەيمىس بلەك، ئەنگىلىيە)، Gertrude B. Elion (گېرترۇد ئېلىيون، ئامرىكا) ۋە George H. Hitchings (جورج خىچىڭ، ئامرىكا): دورا بىلەن داۋالاشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1987
Susumu Tonegawa (سۇسۇمۇ تونىگاۋا، ياپونىيە): ئانتىبىئوتىكلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى گېنتىكىلىق پىرىنسىپلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1986
Stanley Cohen (سىتەنلى كوھىن، ئامرىكا) ۋە Rita Levi-Montalcini (رىتا لېۋى-مونتالچىنى، ئىتالىيە ۋە ئامرىكا): ئۆستۈرگۈچى ھورمونلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1985
Michael S. Brown (مايكول براۋون، ئامرىكا) ۋە Joseph L. Goldstein (جوسېف گولدسىتەيىن، ئامرىكا): خولېسىتىرول مىتابولىزىمىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1984
Niels K. Jerne (نېيىل جېرن، دانىيە)، Georges J.F. Köhler (جورج كۆخلېر، گېرمانىيە) ۋە César Milstein (سېزار مىلستەيىن، ئارگېنتىنا ۋە ئەنگىلىيە): ئىممۇنىت سىستىمىسىنىڭ يىتىلىش خاسلىقى ۋە كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى نەزەرىيىلىرى ۋە مونوكلونلۇق ئانتىبىئوتىكلارنىڭ ئشىلەپچىقىرىلىش پرىنسىپلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1983
Barbara McClintock (باربارا مىككلنتوك، ئامرىكا): يۆتىكىلىشچان گېن ئېلىمىنىتىلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.


1982
Sune K. Bergström (سۇنى بېرگستروم، شىۋىتسىيە)، Bengt I. Samuelsson (بەڭت سەمىئۇلسون، شىۋىتسىيە) ۋە John R. Vane (جون ۋەين، ئەنگىلىيە): پروستاگلاندىنلار ۋە مۇناسىۋەتلىك بىئو-ئاكتىپ ماددىلار ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1981
Roger W. Sperry (روجىر سپېررى، ئامرىكا): چوڭ مېڭە فۇنكىسىيىسىنىڭ خاسلاشتۇرۇلۇشى ئۈستىدىكى بايقىشى ئۈچۈن.
David H. Hubel (داۋىد ھۇبېل، ئامرىكا) ۋە Torsten N. Wiesel (تورىستېن ۋىيسېل، شىۋىتسىيە): كۆرۈش سىستىمىسىنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1980
Baruj Benacerraf (بارۇي بېناسېراف، ۋېنسىۇئىلا)، Jean Dausset (جىيىن دائۇسېت، فىرانسىيە) ۋە George D. Snell (جورج سىنەل، ئامرىكا): ھۆجەيرە يۈزىدە ئىممۇنىت رىئاكسىيىسىنى كونتىرول قىلىدىغان ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى گېنتىكىلىق ئۇسۇلدا ئېنىقلاپ چىققانلىقى ئۈچۈن.


1979
Allan M. Cormack (ئالېن كورمەك، ئامرىكا) ۋە Godfrey N. Hounsfield (گودفرېي ھاۋنىسفىيلد، ئەنگىلىيە): كومپىيۇتىرنى ئاساس قىلغان توموگرافىيە (دوختۇرخانىلاردا ئىشلتىدىغان CT ئاپپاراتى) نى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.


1978
Werner Arber (ۋېرنېر ئاربېر، شىۋىتسارىيە)، Daniel Nathans (دانىيال نەيسىن، ئامرىكا) ۋە Hamilton O. Smith (ھامىلتون سىمىس، ئامرىكا): چەكلىگۈچى ئېنزىم (restriction enzyme) نى بايقىغانلىقى ۋە ئۇنى مولىكۇلالىق گېنتىكا مەسلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللانغانلىقى ئۈچۈن.


1977
Roger Guillemin (روجېر گىلېمىن، ئامرىكا) ۋە Andrew V. Schally (ئاندىرۋ سكەلىي، ئامرىكا): مېڭىدىكى پىپتىد ھورمۇنلىرىنىڭ ئىشلەپچقىرىلىشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Rosalyn Yalow (روزېلىن يالوۋ، ئامرىكا): ھورمۇنلارنى ئۆلچەيدىغان رادىئوئاكتىپلىق-ئىممۇنىت ئانالىزىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.


1976
Baruch S. Blumberg (بارۇش بلامبېرگ، ئامرىكا) ۋە D. Carleton Gajdusek (كارلېتون گاجۇسېك، ئامرىكا): يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە يۇقۇش مىخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1975
David Baltimore (داۋىد بالتىمور، ئامرىكا)، Renato Dulbecco (رىناتو دۇلبېچو، ئىتالىيە ۋە ئامرىكا) ۋە Howard Martin Temin (ھوۋارد مارتىن تىمىن، ئامرىكا): ئۆسمە ۋىرۇسلىرى ۋە ھۆجەيرىنىڭ گېن ماتىرىياللىرى ئارىسىدىكى ئالاقە ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1974
Albert Claude (ئالبېرت كلاۋۇد، بىلگىيە)، Christian de Duve (كرىستىئان دى دۇۋ، بىلگىيە) ۋە George E. Palade (جورج پالەيد، رومىنىيە): ھۆجەيرىنىڭ فۇنكىسىيىسى ۋە قۇرۇلما تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1973
Karl von Frisch (كارل ۋون فىرېش، ئاۋىستىرىيە)، Konrad Lorenz (كونرەد لورېىنىز، گېرمانىيە) ۋە Nikolaas Tinbergen (نىكولاس تىنبېرگېن، ئەنگىلىيە): ئىندىۋىدۇئال ۋە كوللىكتىپ قىلمىش شەكىللىرى ۋە تۈزۈلۈشىنى يورۇتۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن.


1972
Gerald M. Edelman (جېرالد ئېدىلمەن، ئامرىكا) ۋە Rodney R. Porter (رودنىي پورتېر، ئامرىكا): ئانتىبىئوتىلارنىڭ خېمىيلىك تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.


1971
Earl W. Sutherland, Jr (ئېرىل سۇزىرلەند، ئامرىكا): ھورمۇن پائالىيتنىڭ مىخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقىشى ئۈچۈن.


1970
Sir Bernard Katz (سىر بېرنارد كاتز، ئەنگىلىيە)، Ulf von Euler (ئۇلف ۋون يۇلېر، شىۋىتسىيە) ۋە Julius Axelrod (جۇلىيۇس ئاكىسېلرود، ئامرىكا): قاندىكى نېرۋا تېرمىناللىرى (ئۇچلىرى، ئاخرقى نۇقتىلىرى) دا ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ماددىلارنى بايقىشى ۋە ئۇلارنىڭ ساقلىنىشى، قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلۇشىنىڭ مىخانىزىملىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

داۋامى ..
نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىنىڭ داۋامى:
1969
Max Delbrück (ماكىس دېلبرۈك، ئامرىكا)، Alfred D. Hershey (ئەلفىرەد ھېرشىي، ئامرىكا) ۋە Salvador E. Luria (سالۋادور لۇرىيا، ئامرىكا): ۋىرۇس گېنلىرىنىڭ كۆپيىىش مىخانىزىمى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1968
Robert W. Holley (روبېرت ھوللىي، ئامرىكا)، Har Gobind Khorana (ھار گوبىند كورانا، ھىندىستان) ۋە Marshall W. Nirenberg (ماشال نىرېنبېرگ، ئامرىكا): گېن سىغىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقسىل سېنتىزلەشتىكى رولىنى چۈشەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن.

1967
Ragnar Granit (راگنار گرانىت، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە)، Haldan Keffer Hartline (ھالدان كەففېر ھارتلىن، ئامرىكا)، George Wald (جورج ۋالد، ئامرىكا): كۆزنىڭ فىزىئولوگىيلىك ۋە خېمىيىلىك سېزىش جەريانلىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1966
Peyton Rous (پەيتون رائۇس، ئامرىكا): ئۆسمە پەيدا قىلغۇچى ۋىرۇسلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Charles Brenton Huggins (چارلىز برەنتون ھاگگىنىز، ئامرىكا): مەزى بېزى راكىنى ھورمۇنلۇق داۋالاش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1965
François Jacob (فرانچويس جەيكوب، فرانسىيە)، André Lwoff (ئاندېرەي لۋوف، فرانسىيە) ۋە Jacques Monod (جەكىيىز مونود، فرانسىيە): ئېنزىملار ۋە ۋىرۇس سېنتىزلىنىشىنىڭ گېنتىكىلىق كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1964
Konrad Bloch (كونرەد بلوك، ئامرىكا) ۋە Feodor Lynen (فىئودور لېنىن، گېرمانىيە): خولېستىرول ۋە ماي كېسلاتاسى مىتابولىزىمىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1963
Sir John Carew Eccles (جون كارىۋ ئىكلىس، ئاۋىستىرالىيە)، Alan Lloyd Hodgkin (ئالەن لويد ھاجكېن، ئەنگىلىيە) ۋە Andrew Fielding Huxley (ئانجىرۇ فىيلدىڭ ھاكىسلى، ئەنگىلىيە): نېرۋا ھۆجەيرىلىرنىڭ ئوتتۇر ۋە يان قىسىملىرىنىڭ ئىئونلۇق قوزغىلىشى ۋە بېسىقىشىنىڭ مىخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1962
Francis Harry Compton Crick (فرانسېس ھەررى كومپتون كرىك، ئەنگىلىيە)، James Dewey Watson (جەيمىس دېۋى ۋاتسون، ئامرىكا) ۋە Maurice Hugh Frederick Wilkins (ماۋرېس ھاف فرەدرېك ۋېلكىنز، يېڭى زېللاندىيە ۋە ئەنگىلىيە): يادرو كېسلاتاسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ ھايات جانلىقلارنىڭ ئۇچۇرنى ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتىكى مۇھىملىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1961
Georg von Békésy (گىئورگ ۋون بېكېسىي، ئامرىكا): قۇلاقنىڭ ئاڭلاش سېزىمى غىدىقلىنىشىنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزىمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1960
Sir Frank Macfarlane Burnet (فرانك مافارلەين بېرنېت، ئاۋىستىرالىيە)، Peter Brian Medawar (پىتىر برايېن مېدېۋار، بىرازىلىيە ۋە ئەنگىلىيە): ئېرىشىلگەن ئىممۇنىت قارشىلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.  

1959
Severo Ochoa (سىۋىرو ئوكوئا، ئىسپانىيە ۋە ئامرىكا) ۋە Arthur Kornberg (ئارتۇر كورنبېرگ، ئامرىكا): رىبوكسى نۇكلىئىك كېسلاتاسى (RNA) ۋە دىئوكسى رىبوكسى نۇكلىئىك كېسلاتاسى (DNA) نىڭ بىئولوگىيلىك سېنتىزلىنىش مىخانىزىمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1958
George Wells Beadle (جورج ۋېللز بىيدېل، ئامرىكا) ۋە Edward Lawrie Tatum (ئېدۋارد لاۋرىي تاتۇم، ئامرىكا): گېنلارنىڭ بەلگىلىك خېمىيلىك جەريانلىرىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق رو ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Joshua Lederberg (جوشۇئا لېدېربېرگ، ئامرىكا): گېنتىكىلىق قايتا گۇرۇپپىلىشىش ۋە باكتېرىيەنىڭ گېن ماتىرىياللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1957
Daniel Bovet (دانىيال بوۋېت، ئىتالىيە): بەدەندىكى مەلۇم بىئولوگىيىلىك ماددىلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغان سېنتىزلانغان خېمىيىلىك ماددىلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تومۇر سىستىمىسى ۋە سۆڭەك مۇسكۇللىرىدىكى ھەرىكىتى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1956
André Frédéric Cournand (ئاندېرىي فرىيدرىك كوۋرناند، ئامرىكا)، Werner Forssmann (ۋېرنېر فورسمەن، گېرمانىيە) ۋە Dickinson W. Richards (دېكىنسون رىچارد، ئامرىكا): ئۇلارنىڭ يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈش تېخنىكىسى ۋە قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1955
Axel Hugo Theodor Theorell (ئاكسېل ھىيۇگو تىئودور تىئورېل، شىۋىتسىيە): ئوكسېدلىغۇچى ئېنزىملارنىڭ ھەرىكەت مېخانىزىمى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1954
John Franklin Enders (جون فرانكىلىن ئەندېرىز، ئامرىكا)، Frederick Chapman Robbins (فرەدرىك چامپان روبېنز، ئامرىكا) ۋە Thomas Huckle Weller (توماس ھاكېل ۋېللېر، ئامرىكا): پولىيو ۋىرۇسىنىڭ ئوخشىمىغان يىتلىدۈرۈلگەن توقۇلما مىدىيالىرىدا ئۆسەلەيدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1953
Hans Adolf Krebs (ھانز ئادولف كرەب، ئەنگىلىيە): لېمون كېسلاتاسى دەۋرىيلىكى (قەنتىلەرنىڭ پارچىلىنىش مىتابولىزىمى، كرەب دەۋرىيلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Fritz Albert Lipmann (فرىتز ئالبېرت لىپمەن، ئامرىكا): ئارىلىق مىتابولىزىمىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان قوشۇمچە-ئېنزىم A نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1952
Selman Abraham Waksman (سېلمان ئېبراھام ۋاكسمەن، ئامرىكا): تۇنجى تۇبىركوليۇزغا قارشى ئانتىبىئوتىك - تىرىپتومىسىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1951
Max Theiler (ماكىس تېيلېر، جەنۇبىي ئافرىقا): سېرىق قىزىتما (پاشا چاققاندا بەدەنگە ۋىرۇسنى يۇقتۇرىدىغان كېسەل) ۋە ئۇنى يىڭىش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1950

Edward Calvin Kendall (ئېدۋارد كالۋىن كېندال، ئامرىكا)، Tadeus Reichstein(تادىئۇس رېىيشتىيىن، شىۋىتسارىيە ۋە پولشا) ۋە Philip Showalter Hench (فىلىپ شوۋالتېر ھېنچ، ئامرىكا): بۆرەك ئۈستى بېزى قاسرىقىدىكى ھورمۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى، بىئولوگىيلىك فۇنكىسىيسى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1949
Walter Rudolf Hess (ۋولتېر رۇدولف ھېس، شىۋىتسارىيە): ئىچكى ئەزالارنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا مېڭە فۇنكىسىيىلىك تۈزۈلۈشلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Antonio Caetano de Abreu Freire Egas Moniz (ئانتونىيو كاتانو دى ئابرىيۇ فرېيرى ئىگاس مونىز، پورتۇگالىيە): ئالدى مېڭىنى كېسىۋىتىش ئوپراتسىيسىنىڭ مەلۇم پىسخىكىلىق كېسەللەرنى داۋالاشتىكى قىممىتىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1948
Paul Hermann Müller (پول ھېرمان مۈللېر، شىۋىتسارىيە): DDT نىڭ بىر نەچچە خىل بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار (قۇرت-قوڭغۇزلار) غا ئۇچرىشىش خارەكترلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك زەھەر رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1947
Carl Ferdinand Cori (كارل فېردىناند كورى،ئامرىكا)، Gerty Theresa Cori, née Radnitz (گېرتىي تېرىسا كورى - كارل كورىنىڭ ئايالى، ئامرىكا): گلۇكوگېننىڭ كاتالىزلىنىپ پارچىلىنىش مىتابولىزىمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Bernardo Alberto Houssay (بېرناردو ئالبېرتو ھوززەي، ئارگېنتىنا): ھىپوفىز بېزى ئالدى بۆلۈمچىسىدىكى ھورمۇنلارنىڭ قەنىت مىتابولىزىمىدا بىر ئۆلۈش رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1946
Hermann Joseph Muller (ھېرمان جوسېف مۇللېر، ئامرىكا): X-رېنتىگېن نۇرىدا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1945
Sir Alexander Fleming (ئالىكساندىر فلەمىڭ، ئەنگىلىيە)، Ernst Boris Chain (ئىرنىست بورىس چەيىن، ئەنگىلىيە) ۋە Sir Howard Walter Florey (ھوۋارد ۋولتېر فلورىي، ئاۋىستىرالىيە): پېننىسېلىن ۋە ئۇنىڭ ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاشتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1944
Joseph Erlanger(جوسېف ئېرلانگېر، ئامرىكا) ۋە Herbert Spencer Gasser (ھېربېرت سپەنسېر گاسسېر، ئامرىكا): يەككە نېرۋا تالالىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىندۇكسىيەلەنگەن فۇنكىسىيەلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1943
Henrik Carl Peter Dam (ھېنرىك كارل پىتىر دەم، دانىيە): ۋىتامېن K نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Edward Adelbert Doisy (ئېدۋارد ئادېلبېرت دويسى، ئامرىكا): ۋىتامېن K نىڭ خېمىيلىك خۇسۇسىيىتىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1940-1942
نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى تارقىتىلىمىغان.

1939
Gerhard Domagk (گېرھارد دوماك، گېرمانىيە): پروتوسېلىنڭ باكتېرىيەگە قارشى ئۈنۈمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1938
Corneille Jean François Heymans (كورنىيل جىيىن فرانچويىس ھېيمەنز، بىلگىيە): نەپەسلىنىشنىڭ كونتىرول قىلىنىشىدىكى سىنۇسلۇق ۋە ئائورتا (غول تومۇر) لىق مېخانىزىملارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1937
Albert von Szent-Györgyi Nagyrápolt (ئالبېرت ۋون سېنت-گيۆرگىي ناگىيراپولت، ۋېنگىرىيە): بىئولوگىيلىك نەپەسلىنىش ۋە ۋىتامىن C بىلەن فۇمىرىك كېسلاتاسىنىڭ رولى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1936
Sir Henry Hallett Dale (ھېنىرى ھاللېت دەيل، ئەنگىلىيە) ۋە Otto Loewi (ئوتتو لىئوۋى، ئاۋستىرىيە): نېرۋا ئىمپۇلىسىنىڭ خېمىيلىك تارقىلىشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1935
Hans Spemann (ھانز سپېمەن، گېرمانىيە): تۆرەلمە يىتىلىشىنىڭ «تەشكىللىگۈچى ئېففىكىتى»نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1934
George Hoyt Whipple (جورج ھويت ۋىپپل، ئامرىكا)، George Richards Minot (جورج رىچارد مىنوت، ئامرىكا) ۋە William Parry Murphy (ۋىللىيام پېررى مېرفىي، ئامرىكا): بىر قىشىم قان ئازلىق كېسىلەللىرىنى جىگەرنى داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1933
Thomas Hunt Morgan (توماس ھانت مورگان، ئامرىكا): خىروموسومنىڭ ئېرسىيەتتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1932
Sir Charles Scott Sherrington (چارلىز سكوت شېررىڭتون، ئەنگىلىيە) ۋە Edgar Douglas Adrian (ئېدگار دوگلاس ئادرىيان، ئەنگىلىيە): نىۋرونلارنىڭ رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1931
Otto Heinrich Warburg (ئوتتو ھېينرىچ ۋوربارگ، گېرمانىيە): نەپەسلىنىش ئېنزىملىرىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزىمى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1930
Karl Landsteiner (كارل لەندستەينېر، ئاۋستىرىيە): ئىنسان قان گۇرۇپپىلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1929
Christiaan Eijkman (كرىستىيان ئىجكمان، گوللاندىيە): مېڭە ياللۇغىغا قارشى ۋىتامىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Sir Frederick Gowland Hopkins (فرەدرىك گوۋلەند خوپكىنز، ئەنگىلىيە): ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ۋىتامىنلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1928
Charles Jules Henri Nicolle (چارلىز جۇلىز ھېنرى نىكول، فرانسىيە): قارا كېزىك ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1927
Julius Wagner-Jauregg (جۇلىيۇس ۋاگنېر-جاۋرېگ، ئاۋستىرىيە): بەزگەك ۋىرۇسى چېكىشنىڭ پالەچلىكتىن بولىدىغان گومۇشلۇقنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1926
Johannes Andreas Grib Fibiger (جوھاننىس ئاندرىيىس گرىب فىبىگېر، دانىيە): يىپچىسىمان قۇرتلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆسمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1925
نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىمىغان.

1924
Willem Einthoven (ۋىللېم ئىنتخوۋىن، گوللاندىيە): ئېلېكترو كاردىئوگرامما (يۈرەك سوقۇشنى تەكشۈرىدىغان) نى مېخانىزىمنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1923
Frederick Grant Banting (فرەدرىك گرانت بانتىڭ، كانادا) ۋە  John James Rickard Macleod ( جون جەيمىس رىكارد مەكلىئود، كانادا): ئىنسۇلىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1922
Archibald Vivian Hill (ئاركىبالد ۋىۋىيىن ھىل، ئەنگىلىيە): مۇسكۇلدا ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇشقا ئائىت بايقاشلىرى ئۈچۈن.
Otto Fritz Meyerhof (ئوتتو فرىتز مېيېرخوف، گېرمانىيە): ئوكسىگېن سەرپىياتى بىلەن سۈت كېسلاتاسى مىتابولىزىمىنىڭ تۇراقلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1921
نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلمىغان.

1920
Schack August Steenberg Krogh (شەك ئاۋگۇست ستىينبېرگ كروف، دانىيە): قىل تومۇرلار ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلىدىغان مېخانىزىمنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1919
Jules Bordet (جۇلىز بوردېت، بىلگىيە): ئىممۇنىتقا ئائىت بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1915 - 1918
نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلمىغان.  

1914
Robert Bárány (روبېرت بارانىي، ئاۋسىتىرىيە): دالانچە ئەزاسى فىزىئولوگىيسى ۋە پاتولوگىيسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1913
Charles Robert Richet (چارلىز روبېرت رىچېت، فرانسىيە): ئانافىلاكسىيە (ھەددىدىن زىيادە سەزگۈلۈكى ئىشىپ كىتىش) ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1912
Alexis Carrel (ئالېكسىس كاررېل، فرانسىيە): ئوپراتسىيە يىپى، تومۇر ۋە ئەزالارنى كۆچۈرۈش ئۈستىدىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن.

1911
Allvar Gullstrand (ئالۋار گۇلسترەند، شىۋىتسىيە): كۆز دىئوپترىكىسى (نۇر سۇندۇرۇشى) ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1910
Albrecht Kossel (ئالبرىچ كوسسېل، گېرمانىيە): ئۇنىڭ يادرو ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسىل ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ بىزنىڭ ھۆجەيرە خېمىيەسى ئۈستىدىكى بىلىشلەرگە قوشقا تۆھپىسىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزسىدىن.

1909
Emil Theodor Kocher (ئىمىل تىئودور كوچىر، شىۋىتسارىيە): قالقەنبەز فىزىئولوگىيسى، پاتولوگىيىسى ۋە ئوپراتسىيىسى ئۈستىدىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن.

1908
Ilya Ilyich Mechnikov (ئىليا ئىليىچ مېچنىكوۋ، روسىيە) ۋە Paul Ehrlich (پول ئېرلىچ، گېرمانىيە): ئىممۇنىت ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزسىدىن.

1907
Charles Louis Alphonse Laveran (چارلىز لۇيىس ئالفونس لاۋېران، فرانسىيە): پروتوزوئا (يەككە ھۆجەيرىلىك مىكرو جانلىقلار) نىڭ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئوينايدىغان رولى ئۈستىدىكى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن.

1906
Camillo Golgi (كامىللو گولگى، ئىتالىيە)، Santiago Ramón y Cajal (سانتىياگو رامون كاجال، ئىسپانىيە): نېرۋا سىستىمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1905
Robert Koch (روبېرت كوك، گېرمانىيە): ئۇنىڭ تۇبىركۇليوز ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1904
Ivan Petrovich Pavlov (ئىۋان پتروۋىچ پاۋلوۋ، روسىيە): ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ۋە بۇ بىلىملەر ئارقىلىق مەزكۇر ساھەنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدا دەۋىر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن.

1903
Niels Ryberg Finsen (نىيىلز رىبېرگ فىنسىېن، دانىيە): كېسەل داۋالاشتا، بولۇپمۇ نۇر رادىئاتسىيسىنى ئاساس قىلىپ بۆرىسىمان تېرە تەمرەتكىسىنى داۋالاپ، مىدىتسىنا ئىلىمىدە يىڭى سەھىپىلەرنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن.

1902
Ronald Ross (رونالد روس، ئەنگىلىيە): بەزگەك كېسىلى (مالارىيا) ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق، بەزگەك كېسلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى پروتىستا مىكروبلىرىنىڭ بەدەنگە قانداق كىرىدىغانلىغىنى كۆرسىتىپ بىرىپ بەزگەك ئۈستىدە ئۈنۈملۈك تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا ئاساس سالغانلىقى ئۈچۈن.

1901
Emil Adolf von Behring (ئىمىل ئادولف ۋون بېرىڭ، گېرمانىيە): ئاق قان ئارقىلىق كېسەل داۋالاش، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بوغما كېسىلىنى داۋالاشتىكى رولىنى بايقاش ئارقىلىق مىدىتسىنا ساھەسىدە يىڭى يوللارنى ئىچىپ دوختۇرلارنىڭ قولىغا كېسەل ۋە ئۆلۈمگە قارشى تۇرىدىغان غالىبىيەت قورالىنى تۇتقۇزغانلىغى ئۈچۈن.

4. نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى

بىئولوگىيەنىڭ خېمىيە بىلەن يىقىن مۇناسىۋىتى بولغانلىقى، بولۇپمۇ بىئوخېمىيلىك بايقاشلار ھەر ئىككىلى پەنگە ئورتاق تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنگەن بىئولوگىيە ئالىملىرى ئاساسلىقى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا لايىق بولۇشتىن باشقا يەنە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن. تۆۋەندە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تىزىملىكى بىرىلىدى:

2012
Robert J. Lefkowitz (روبېرت لېفكوۋىز، ئامرىكا) ۋە Brian K. Kobilka (برايېن كوبېلكا، ئامرىكا): G-ئاقسىلىغا ئۇلانغان رىتسېپتور (قوبۇللىغۇچ) (G-protein-coupled receptors) ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

2009
Venkatraman Ramakrishnan (ۋىنكاترامان راماكرىشنان، ئامرىكا)، Thomas A. Steitz (توماس ستېيتىز، ئامرىكا) ۋە Ada E. Yonath (ئادا يوناس، ئىسرائىلىيە): رىبوسومنىڭ فۇنكىسىيىسى ۋە تۈزۈلۇشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

2008
Osamu Shimomura (ئوسامۇ شىمومارۇ، ياپونىيە)، Martin Chalfie (مارتىن چالفىي، ئامرىكا) ۋە Roger Y. Tsien (روجېر تىيىن، ئامرىكا): يېشىل نۇر چاچىدىغان ئاقسىل (green fluorescent protein, GFP) نى بايقىغانلىقى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.

2006
Roger D. Kornberg (روجېر كورنبېرگ، ئامرىكا): يادرولۇق جانلىقلار گېن كۆچۈرۈشىنىڭ مولىكۇلالىق ئاساسلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

2003
Roderick MacKinnon (رودېرىك مېككىنون، ئامرىكا): ھۆجەيرە پەردىسىدىكى ئىئونلۇق قاناللارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە مېخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1997
Paul D. Boyer (پول بويىر، ئامرىكا) ۋە John E. Walker (جون ۋوكېر، ئەنگىليە): ئادىنوزىن ترى فوسفاتنىڭ سېنتىزلىنىش مېخانىزىمىنىڭ ئېنزىملىق ئاساسلىرىنى تىىپىپ چىققانلىقى ئۈچۈن.
Jens C. Skou (جېنز سكوۋ، دانىيە): ئىئون توشۇغۇچى ئېنزىم  Na+, K+ -ATPase نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1993
Kary B. Mullis (كاررىي مۇللىس، ئامرىكا): پولىمىرىس زەنجىرسىمان رىئاكسىيسى (PCR) نى ئىجاد قىلغانلىقى ئۈچۈن.
Michael Smith (مايكول سىمىس، كانادا): ئولىگونۇكلىئوتىدنى ئاساس قىلغان، ئېنىق ئورۇنلۇق گېننى توساتتىن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ ئاقسىل تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىشىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن.

1989
Sidney Altman (سيندى ئالتمەن، كانادا ۋە ئامرىكا) ۋە Thomas R. Cech (توماس كېك، ئامرىكا): RNA نىڭ ئېنزىملىق (كاتالىزاتورلۇق) خۇسۇسىيىتىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1980
Paul Berg (پول بېرگ، ئامرىكا): قايتا-بىرىككەن DNA نى مەركەز قىلغان يادرو كېسلاتاسى بىئو-خېمىيەسى ئۈستدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.
Walter Gilbert (ۋولتېر گىلبېرت، ئامرىكا) ۋە Frederick Sanger (فرەدرىك سانگېر، ئەنگىلىيە): يادرو كېسلاتاسىنىڭ ئىشقار تەرتىپىنى ئېنىقلاشقا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن.

1970
Luis F. Leloir (لۇيىس لېلويىر، ئارگېنتىنا): قەنىت نۇكىلىئوتىدلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كاربوھېدرىد (قەنت-سۇ بىرىكمىلىرى) بىئو-سىېنتىزلىنىشىدىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1962
Max Ferdinand Perutz (ماكىس فېردىناندا پېرۇتز، ئەنگىلىيە) ۋە John Cowdery Kendrew (جون كوۋدېرى كېندرۇ، ئەنگىلىيە): شارچىسىمان ئاقسىلنىڭ تۈزۈلۈشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1961
Melvin Calvin (مېلۋىن كالۋىن، ئامرىكا): ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كاربون IV-ئوكسىدنى ئاسسىمىلاتسىيەلىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى ئۈچۈن.

1958
Frederick Sanger (فرەدرىك سانگېر، ئەنگىليە): ئاقسىللار، بولۇپمۇ ئىنسۇلىننىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېىنقلىغانلىقى ئۈچۈن.

1957
Lord (Alexander R.) Todd (لورد تود، ئەنگىلىيە): نۇكلىئوتىدلار ۋە نۇكىلىئوتىد قوشۇمچە ئېنزىمى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىلىرى ئۈچۈن.

1955
Vincent du Vigneaud (ۋىنسېنت دۇ ۋىگنىيئۇد، ئامرىكا): بىئوخېمىيىلىك جەھەتتىن مۇھىم بولغان سۇلفات بىرىكمىلىرىنى، بولۇپمۇ پولىي پىپتىد ھورمۇنلىرىنى تۇنجى بولۇپ سېنتىزلىگەنلىكى ئۈچۈن.

1954
Linus Carl Pauling (لىنۇس كارل پولىڭ، ئامرىكا): خېمىيىلىك باغنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقسىلنىڭ تۈزۈلۈشنى ئېنىقلاشتا قوللىنىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1946
James Batcheller Sumner (جەيمىس باتچىللېر سامنېر، ئامرىكا): ئېنزىملارنىڭ كرىستاللىنالايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
John Howard Northrop (جون ھوۋارد نورتروپ، ئامرىكا) ۋە Wendell Meredith Stanley (ۋېندېل مىرىدىس ستەنلى، ئامرىكا): ئېنزىم ۋە ۋىرۇس ئاقسىللىرىنى ساپ شەكىلدە تەييارلىغانلىقى ئۈچۈن.

1939
Adolf Friedrich Johann Butenandt (ئادولف فرىيىدرىك جوھان بۇتېناند، گېرمانىيە): جېنىسىي ھورمۇنلار ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1938
Richard Kuhn (رىچارد كۇن، گېرمانىيە): كاروتىنوئىدلار ۋە ۋىتامىنلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1937
Walter Norman Haworth (ۋولتىر نورمان ھاۋورز، ئەنگىلىيە): ۋىتامىن C ۋە قەنتىلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئۈچۈن.
Paul Karrer (پول كارېر، گوللاندىيە): كاروتىنوئىدىلار، فىلاۋىنلار، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B2 ئۈسـتىدىكى تەتقىقاتىلىرى ئۈچۈن.

1930
Hans Fischer (ھانز فىشېر، گېرمانىيە): ھامىن ۋە خلورپىلنىڭ تەركىبى، بولۇپمۇ ھامىننىڭ سېنتىزلىنىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1915
Richard Martin Willstätter (رىچارد مارتىن ۋىلستاتىر، گېرمانىيە): خلوروپىل ۋە باشقا ئۆسۈملۈك پېگمىنتىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-4 12:10 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
dostum. + 300 نادىر تەرجىمە،ئەھمىي.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8472
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 778 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 03:20:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوبىل مۇكاپاتى توغرىسىدا خېلى بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قالدىم .
رەھمەت سىزگە!
كىشىنى ئويغا سالىدىغىنى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئالتەدىن بىرىنى ئىگەللەيدىغان خەنزۇلاردىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەر چىقماسلىقى . ھەي .........جوڭگو مائارىپى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5777
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 03:23:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە ئۈچۈن ماتىماتىكىغا مۇكاپات يوق ،كىمدە بۇ توغۇرلۇق ماتىرىيال بار؟

بۇيەرنى بىسىڭ!ئەرەپ تىلى ،ئىنگىلىز تىلى ،فىرانسۇز تىلى ،گىرمان تىلى ،قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10570
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2278 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 04:03:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbar0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 03:20 PM
نوبىل مۇكاپاتى توغرىسىدا خېلى بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قالد ...

نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن جۇڭگۇلۇقتىن بىرسى بار ، لىكىن  دۆلەت بۇنى ئىتراپ قىلمىدى .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10570
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2278 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 04:04:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat110 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 03:23 PM
نېمە ئۈچۈن ماتىماتىكىغا مۇكاپات يوق ،كىمدە بۇ توغۇرلۇ ...

ئاڭلاشلارغا قارغاندا نوبىلنىڭ لايىقى ماتىماتىكىچى بىلەن توي قىلۋالغاچقا ، ماتىماتىكا ساھەسىدە نوبىل مۇكاپاتى تەسىس قىلماپتىكەن .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 04:47:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akbar0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 03:20 PM
نوبىل مۇكاپاتى توغرىسىدا خېلى بىلىمگە ئىگە بۇلۇپ قالد ...

بۈگۈنگە قەدەر  جوڭگولۇق پۇشتى (华人)ئىچىدە جەمى 11 كىشى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ، ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىككسىدە جوڭگۇنىڭ ئىككىنىچى ئەۋلاد كىملىكى بار، ئەمما بىرنى ھۆكمەت ئىتراپ قىلماي تۇرمىغا سۇلىدى ، ئۇنى ئاز دەپ تارقاتقان ئۇرۇن شىۋىتسارىيە (شۇنداققۇ دەيمەن )نى تاراتقۇلاردا ئۇچۇق ئاشكارە  ‹‹  شىۋىتسارىيەدەك بىر مىكرو دۆلەت قانداقمۇ غايەت زور ماكرو دۆلەت جوڭگۇنىڭ سىياسىتىنى چۈشەنسۇن دەپ ئۇچۇق تەنقىد قىلدى ›› ، يەنە ئىككىسى ھازىرقى جوگۇ دىيارىدا ياشاپ چوڭ بولغان كىيىن چەتكە قېقىلىپ چقىپ كەتكەنلەر ، بىرى جوڭگۇ ھۆكمىتىنىڭ بېشىدىكى كانا پىت _ دالاي(رابىيە قادىر 2007- يىلغۇ دەيمەن ، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئىسمىنى ئاتاش شەرپىگە ئىرىشكەن ) ، يەن بىرى گاۋ شىڭجىيەن ، ئۇنىڭ كۆپ ئەسىرى ھۆكمەت تەرپىدىن چەكىلىپ كىتىپ نوبىلغا ئىرشكەن يىلى فىرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۈتۈپ كەتكەن ...
2009-يىلىغىچە نوبىلغا ئىرشكەنلەر تىزىمى ئىچىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىكى  9 كىشى ، چىكىپ كۈرۈڭلار
李政道:1926年生于上海,美籍华人,1957年获诺贝尔物理学奖,时年31岁;
杨振宁:1922年生于安徽,美籍华人,1957年获诺贝尔物理学奖,时年35岁;
丁肇中:1936年生于美国,美籍华人,1976年获诺贝尔物理学奖,时年40岁;
李远哲:1936年生于台湾,美籍华人,1986年诺贝尔获化学奖,时年50岁;
朱棣文:1948年生于美国,美籍华人,1997年诺贝尔获物理学奖,时年49岁;
崔 琦:1939年生于河南,美籍华人,1998年诺贝尔获物理学奖,时年59岁;
达 赖:1935年生于西藏,中国国籍,1989年诺贝尔和平奖,时年54岁;
高行健:1948年生于江西,获奖的同年加入法国籍,2000年诺贝尔获文学奖,时年52岁。
钱永健:1952年生于纽约,美籍华人,2008年诺贝尔化学奖,时年57岁;  
2010 - يىلى نوبىل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئىرشكۈچى 刘晓波 لىۇ شىىياۋبو ، بۇ  كىشى  جوڭگۇنى 18 گە پارچىلاپ ئىدارە قىلىش  تەكلىپى بىلەن داڭلىق ،  ئىلھام ئەپەندىىنى مۇشۇ كىشى بىلەن ئالاقىسى بار دەپباشقىلار  گۇمان قىلغانمىش ...
2012 -يىلى نوبىل ئەدىبىيات مۇكاپىتىنىڭ ساھىبى  مو يەن  莫言 ، يەنى جوگو تارىخىدىكى بىردىن بىر ھەققى نوبىلغا ئىرىشكەن تۇنجى جوڭگو گىراژدانى

بۇلارنى ئىزدىمەكچى بولساڭلار  نوبىل دەپ قېتىپ يېزىپ ئىزدەڭلار ، ئوخشاش ئىسىملىك جېق بولغاچ خاتالىشىپ قالماڭلار ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-2 05:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91315
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 883
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 04:55:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.  رەھمەت.
ئاۋام-خەلنى ئىلىم-پەن جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، تەبىي پەن روھى بىلەن زەرەتلەپ، تىپىك قەدىمىي ناخشا ئۇسسۇلچى ، ئويۇنچى، سەنئەتخۇمار ،شىئىر-قوشاقچى ، ھىسياتچان جىسمانىي قوۋملۇق ھالىتىدىن زامانىۋىي پەن-تېخنىكا مىللىتى ۋە پاراسەتلىك ئەقلىي مىللەت بولۇش يولىغا قاراپ مېڭىش ئۈچۈن چوقۇم ئالدى بىلەن ئومۇمىي خەلق  پۈتۈن سەپ بويىچە تەبىئىي پەنگە  يۈرۈش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن،ئادىمىي كامىللىق ۋە ئۆز(ئۆزلۈك)ىمىزنى تونۇپ ئۆزىمىزدىن ھالقىپ ئۆتۈش مۇساپىسىدىكى  شەخسىيەتچىل ئۆزلۈك مەۋقەلىگىدىكى تار مەھەللىۋاش، كەسىپۋاز، يۇرتۋاز،يېزاۋاز، ناھىيەۋاز، ۋىلايەتۋاز، ئۆلكەۋاز، دۆلەتۋازلىق پىسخىيكىسى ۋە تار ھەم تۆۋەن  سەۋىيە ، تۆۋەن باسقۇچتىكى تەپەككۇر تەتقىقات  ئىدىيەۋىي تونۇشى ، مېتودى ھەم روھى ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئالەملىك نەزەر ،ئىنسانىيەت يۈكسەكلىكىدىكى دۇنياۋىي سەۋىيەدە  تۇرۇپ  ئەبەدىيلىككە ئىگە، زاماندار ئىلغار ،ھەممەباپ  تەپەككۇر ۋە ئىش ھەركەت قىلالايدىغان ئىجاتچان تەپەككۇرلۇق  ئىختىراۋىي  مۇكەممەل ئادەم(ئۆگلۈك)لەردىن بولۇش ئۈچۈنمۇ چوقۇم تەبىي پەن ئۆگۈنىش زۆرۈر.قىسقىسى تەبىي پەن ئۆگۈنىشكە قىلچە باھانەنىنىڭ كېرىكى يوق. بۇ مەنىدىن قارىغاندا بۇ  ماقالىنىڭ قىممىتىنى ھەرگىز تۆۋەن چاغلىغىلى بولمايدۇ.تەكلىپىم: مۈمكىن بولسا بۇ ماقالە تولۇق تاماملانغاندىن كىيىن قىسىملارغا بۆلۈپ،«بىلىم-كۈچ»، ھەتتا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»(شىنجاڭ مەدەنىيىتى نۇقۇل ھالدىكى ئەدەبىي ژورناللىق فوپنكىسىيەسىنىلا نامايەندە قىلىپ ئۆتۈۋەرمەستىن، مەدەنىيەتنىڭ جېىنى ۋە ئۇل-تېشى ئىلىم-پەن ئىكەنلىكىنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك.)ژورنىلىغا نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇش كېرەك.چۈنكى تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى يوق ۋە بىر قىسىملا چىقمايدىغانلار شۇنداق مېدىيەلەر ئارقىلىق زەرەتلىنىدۇ ئەمەسمۇ!
ئاخىرىدا ئەسەر مۇئەللىپىگە مىڭلارچە تەشەككۈر. قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىگەي، ئىلمىڭىز يەنىمۇ زېيادە بولغاي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilik_yar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-2 05:06 PM  


ئىلىم-پەنسىز تۇرمۇش ئوكسىگېنسىز ھايات .دۇرۇس ۋە لىللا ياشاش ئىمان جۈملىسىدىن. تەپەككۇر  ئىنساندىكى ئەڭ ئالى ئىقتىدار ۋە مۇھىم فونكىسىيە. ئۆگۈنىش ۋە تەپەككۇر ھاياتىم،بەختىمنىڭ بىر قىسمى.__   غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3870
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 04:59:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم.ئاللاھ خالىسا ئەركىن تەپەككۇر،تەتقىقات پۇرسىتى كەلسە بىزدىنمۇ كۆپلەپ چىققۇسى.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2667
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1722 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 06:00:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئىشىكىنى چەككەنىدى، ئاللاھ خالىسا شۇ ئاكىمىز بىر ئېرىشىپ قالغان بولسا، نېمىدىگەن زور شەرەپ ھە، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-3 12:38 AM  


كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9172
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1650 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 07:02:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نوبېل مۇكاپاتى  ھەققىدە مەن ھازىرغىچە مەن كۆرگەن ئەڭ ئەتراپلىق تىما مۇشۇ بوپتۇ. بىز ئۇيغۇرلاردىنمۇ بۇيىل نوبېىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قالدىغانلار چىقىشى مۇمكىن. كىم دېگەندە ئامېرىكا تەۋەلىكدىكى مەشھۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ دېگەن كىشى. بۇ سۈيۈملۈك ئالممىزنىڭ نەتىنجىسى بۇيىل ئەتىيازدا دونيادىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا زور تەسىر پەيدا قىلدى. ئەگەر ئېرىشىپ قالسا بۇ  بىز ئۈچۈن زور خوشاللىق ۋە ئپتىخارلىق ئىش بولاتتىدە......
ئاتالمىش« ئۇيغۇرلار ناخشا ئۇسسسۇل مىللىتى»دىگۈچىلەرنىڭ ئاغزىغا بىر كاچات ئۇرۇلاتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش