|
|
|
|
كىشىلىك ھاياتتىكى ياخشى ئادەتلەر
مىجەز -خاراكتېر سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. كىچىكىدىن باشلاپ ئاكتىپ، ساغلام كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى يېتىلدۈرۈش كىشىلىك ھاياتنىڭ ئاساسى. شۇڭا، كىچىكىمىزدىن باشلاپ، ياخشى مىجەز-خاراكتېر ۋە ساغلام تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
1. "مۇمكىن ئەمەس" ياكى "بىلمەيمەن" دېگەن سۆزنى قىلماڭ.;
2. قىيىن ئىش، قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا باھانە كۆرسەتمەي ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەڭ.
3. پاسسىپ سۆزلەرنى قىلماڭ، پاسسىپ كەيپىياتتا بولماڭ، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسىڭىز دەرھال تۈزىتىڭ.;
4. سىزگە تەسىر قىلغان ئىشنى ھەر ۋاقىت خاتىرلىۋېلىڭ.
5. مۇھىم ئىدىيە، كۆز قاراش، ئۇسسۇللارنى يېزىۋېلىپ، سىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان جايغا چاپلاپ قويسىڭىز، ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.
6.باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭ، ئېغىز غېرىچلىماڭ.
7. گەپ قىلىشتىن ئاۋۋال، قارشى تەرەپنىڭ ھېسىياتىنى ئويلىشىڭ.
8. ھەر كۈنى باشقىلارنى سەمىمىي ھالدا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ماختاپ قويۇڭ.
9. باشقىلارغا رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇماڭ.
10. باشقىلارغا ئارتۇقچە كايىماڭ، تەنبىھ بەرمەڭ.
11. ئۆزىڭىزنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
12.ۋەدىڭىزگە ئەمەل قىلىڭ.
مەنبە:تەرمىلەر
|
|
|
|
|
|