مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1315|ئىنكاس: 8

چولاق ئوغرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 666
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 07:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ،يىقىننىڭ ياقى ئۇيغۇر تورچىلىغىدا ،ئۇيغۇر مىكرۇبىلۇگ ،تور بەت، مۇنبەرلەرنىڭ كۆپلەپ قۇرىلىشى بىلەن،.خەلقىمىزنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى بۇشلۇقىنى تۇلدۇرۇپ ،كۆپلىگەن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا ياخشى پۇرسەتلەرنى ھازىرلەپ بەردى.ھەم شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان يېڭى-يېڭى ئېسىل تىمىلار ،ھىكايە - شېئىرلار،رومان- پوۋىستلار،بارلىققا كىلىپ ،يېڭىى يازغۇچى شائىرلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقتى.
مەن بۇ  ياخشى پۇرسەتلەر بىلەن بىزنى تەمىن ئەتكەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى. شۇنداقلا بىزنى يىقىندىن قوللاپ -قۇۋەتلىگەن باشقۇرغۇچى، ۋە بارلىق دوسلۇرۇمغا چوڭقۇر مىننەتدارلىغىمنى بىلدۇرۇش بىلەن ،ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،
ھەر ئىشنىڭ ياخشى- يامان ئىككى تەرپى بولغاندەك، يىقىندىن بۇيان باشقىلارنىڭ ھالال ئەجرى. قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن ئەمگەك مىۋىسىنى ئوغۇرلاپ، خىجىل بولماي ئۇزىنىڭ قىلۋالدىغان،تەپتارتماستىن ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئېلان قىلدىغان ، ئەسەر مەنبەسىنى. ياكى ئاپتورنىمۇ ئەسكەرتمەيدىغان، ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنىمۇ ئالمايلا ،ئۆز ئالدىغا باشقا مۇنبەرلەرگە،  ئۇندىدار قاتارلىق ئالاقىلىشش قۇراللىرىغا بىۋاستە يوللايدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت ،ھەم ئىنتايىن ئىغىر ئىكەن.
شەخسەن ئۆزەمنىڭ تېمىسىنى  ھەم قوللانغان تەخەللۇسۇمنى ئېلىپ ئېيتسام:
مۇندىن ئون يىل بۇرۇن تۇنجى بۇلۇپ قوللانغان تەخەللۇسۇم ‹سەبى قىزچاق›‹تەبەسسۇم›‹زۇمىگەر-قىز›‹قارمەلىكە›‹شەھلا-كۆز›‹بىتالەي قىز›‹گۇلزىرە›‹گۈلناز›يىقىندا قۇللانغانلىرىم بولسا،‹ئەرۋاھ قىز› ‹گۈلسۇرۇخ›‹قارا ھىجران›‹شەھلانە› ‹نىدا›
بۇ ئىسىملارغا قوش كىزەك شىرىك چىقىپ ،بەزىلىرى ماركىغا ،بەزىسى رىستۇراننىڭ ئىسمىغا، بەزىسى توربەت نامىغا ئايلىنىپ كەتتى.
باشقىلار قىلغاننى چۇقۇم بىزنىڭمۇ قىلىىشىمىز شەرتمۇ ؟نىمىشقا باشقىلار قىلىپ باقمىغاننى. ئۇزگىچە بىرە ئىشنى قىلىپ يىڭىلىق يارتىپ باقمايمىز؟
ئەمدى ئۆزەم يازغان ئىجادى ئەسەرلەرگە كەلسەك:
مەن يىزىقچىلىققا ئوتتەك قىزىقىمەن،ئەدەبىياتقا ھەۋىسىم بار، لىكىن تالانتىم قانچىلىك بۇنىسى ماڭا نامەلۇم،
مەن رىيال تۇرمۇشنى تەسۋىرلەشنى تولىمۇ ياختۇرمەن، چىن ،ھەقىقى تىراگىدىيە- پاجىئەلەرنى يىزىشنى .تۇرمۇشنىڭ كىشىلەر كۆرەلمىگەن قاراڭغۇ كارتىنىلىرىنى يۇرۇتۇپ بىرىشنى خالايمەن.
مىنىڭ مۇندىن تۇت يىل بۇرۇن باشلىغان تۇنجى ئەسرىم .‹قۇربانلىق-ئايال› رۇمانى.ئىككىنجىسى ‹نىقاپلىق پاھىشە›‹سىتۇدىنىتنىڭ كەچۈرمىشى›كىيىنكىلىرى.‹قارا كىيىملىك ئايال›‹ھەممە ئىشنىڭ سورىقى بار›‹پاتقاقلىق كوچا›‹ئاكا ماڭا مىھرىڭنى بەر›‹بالدۇر يىتىلگەن قىز›‹توختاخۇننىڭ ئىشىگى›‹سىرىتتا غىزالىنىشتىن ئىھتىيات قىلىڭ›‹ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يۈزىنى تۆكىۋاتقانلار›‹ساۋاپ سېتىش›‹قىزىم مەن ئۈچۈن بىر تال تاماكا چىكىڭ›‹ئۇيغۇر بۇلۇپ ياشايمەن›‹ئاپا مىنى تۇسماڭ›‹دۇۋزاققا باغلانغان كۆڭۈل›
‹قۇربانلىق-ئايال› رومانىنى يىرىملاشتۇرمايلا مۇڭداشقۇدىكى بىر تۇرداش ،بۇ تىمىنى مەلۇم مۇنبەردە كۆرگەنلىگىنى ئىنكاس قىلدى .مەن دەرھال ئۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىپ ،ئۆزەم تولىمۇ ھەيران قالدىم،
چۇنكى ئەسەر شۇ پىتى كۈچۈرۈلگەن، پەقەت ئاپتۇرى دىگەن يىرىلا ئۆزگەرگەن، كۈچۈرگۈچى يەنە كىلىپ مىنىڭ ئۇن يىلغا يىقىن بولغان بىر تۇردۇشۇم ئىكەن. ‹ئۇ مۇناپىقنىڭ ئىسمى ئىسىمدە قالماپتۇ› مەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ يۇرۇپ، ئۇ ئەسەرنى مۇنبەردىن ئۈچۈرگۈزۋەتتىم، باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقى ئۇچۇن ،ئالاھىدە ‹بايانات› ئېلان قىلىپ مەندىن كەچۇرۇم سورىدى.
كىيىن بىلسەم تېخى داۋامى تۇلۇق يىزىلىپ بولالمىغان ‹قۇربانلىق -ئايال› رومانى. جەمئى 47200 قىتىم كۈچۈرۈلۈپ تارقىتىلىپتۇ،
مەن ئامال بارلىكى ئالاقىدار كىشلەر بىلەن تىلفۇن ئالاقىسى قىلىپ ،بۇ ئەسەرنى ئۈچۈرگۈزدۈم، مىكرۇبىلۇگقىمۇ ئۇچۇر قالدۇرۇپ قۇيدۇم ،
كىيىن دوسلارنىڭ مىنى قوللاپ -قۇۋەتلىشى. يېقىندىن ياردەمدە بۇلىشى بىلەن، ئەسەرنىڭ داۋامى ‹يۇشۇرۇن تىما سۇپىتىدە ›مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىنىپ ھازىر نەشىرگە سۇنۇلدى.
يېقىندا يەنە ئۆزەم يازغان ،‹نىقاپلىق -پاھىشە› ناملىق ھىكايەمنى uy-men ئۇندىدار سالۇنىدا كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالدىم،
بۇ ئاچچىقىمنى باسالمايۋاتسام ،يېڭىدىن باشلىغان چوڭ ھەجىملىك ،‹دوۋزاققا باغلانغان كۆڭۈل› ناملىق رومانىمنىڭ بىشىنى. نۇر خەۋرى ئۈندىدار سالۇنىدىن كۆردۈم،
ئەسەرنىڭ ئۇندىدار سالۇنىغا يوللانغان ۋاقتى. 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى. سائەت 10دىن 22 ئۆتكەندە . ئەنۋەر ئەلقەم نامىدا يوللانغان،
قىزىق يىرى ،يوللىغۇچى يەنە كىلىپ مەن بىلەن بىرمۇنبەردىكى بىرى ئىكەن، ئەسلى ئىسمى بىلەن يوللاپتۇ،
يەنە كىلىپ ئۇياق، شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ ئەزاسىمىش،‹سۈپىتىگە يارشا ئىش قىلسىچۈ كاشكى›
مەن بۇنى كۆرۈپ، يا كۈلۈشۈمنى، يا يىغلىشىمنى بىلەلمىدىم،
مەن ئەسەرلىرىمگە ئەسكەرتىش بەرگەن ،تۇۋەندە بۇ ئەسكەرتىشنى ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ يەنە بىر قىتىم تەكرارلاپ ئۆتەي،

ئەسكەرتىش :مەزكۇرئەسەر مۇنبەر ئەزاسى قارا ھىجران‹ئەرۋاھ-قىز›نىڭ ئىجادىيتى بۇلۇپ،ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز مۇنبەرلەرگە ئۇرۇن،ياكى شەخىسنىڭ ئاۋازلىق ئەسەر،ئىلكىتاپ قىلىپ يوتكەشكە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.خلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا نەشىر ھوقۇقى بىلىم-مۈلۈك ھوقوقىغا دەخلى قىلغان بۇلۇپ،قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۇلۇپ. بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۇستىگە ئالىدۇ، ئاپتۇرغا ھۆرمەت قىلىڭ، ئەجىر ھالال مىھنەتتىن كىلىدۇ،

مانا مۇشۇنداق تۇرسىمۇ، يا مۇنبەر قۇرغۇچىسىدىن ،ياكى ئاپتوردىن رۇخسەتسىز ،ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۇزىنىڭ قىلىۋىلىش، بۇ بىر تەربىيە كۆرمىگەن تىتىقسىزلىق، ئۇزىنى ئاسماندىكى بۈركۈت چاغلايدىغان ،قۇرسىغىدا ئۇمىچىنىڭ تاينى يۇق ،قارا قاغىنىڭ ئۇزىنىڭ ساپاسىزلىغىنى ئاشكارلاپ ،چاۋىسىنى چىتقا يايغىنى بولماي نىمە؟
ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملىگىنى باشقىلارغا تۇنۇتقىنى. ئۆزىنىڭ چۇلاق ئوغرى ئىكەنلىگىنى ئىتراپ قىلغىنى بولماي نىمە؟
يېزىقچىلىققا قىزىقىش ،كىتاپ ئۇقۇش ،ياخشى ئەسەرلەردىن بەھرى ئېلىش ،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەش بۇ بىر ياخشى ئىش،
ئەمما سىز باشقىلارنىڭكىنى ئۇزىڭىزنىڭ نامىدا قىلىۋالماي ،بەك يوللىغىڭىز كەپ كەتسە ،ئاپتۇرنىڭ ،بىكەت باشلىقىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ ،ئەسەر مەنبەسى ۋە ئاپتۇرىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا يۇللىسىڭىز بۇلىدۇ،
يازمىلارنى يىزىپ  قۇرتۇپ ،قىشتا سۇيۇپ  ساخلاپ يىيىش ئۈچۈن ئەمەس، باشقىلار ھوزۇرلانسۇن، ئىبرەت ئالسۇن ،بەھرىلەنسۇن دەپ يۇللايمىز،
سىز كۆزىڭىزنى يۇمىۋىلىپلا ،باشقىلارنىڭ شۇنچە جاپالىرىنى بىرياققا قايرىپ قۇيۇپ ،كۇچۇرۇپلا ئەكىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ قىلۋالسىڭىز سىزنىڭچە بۇ ئادىللىق بۇلامدۇ؟
ئەگەر باشقىلار سىزنىڭ مىڭ جاپادا بىقىپ چوڭ قىلغان  قىزىڭىزنى، سىزدىن سۇرىماي، تويمۇ قىلماي، ئۇيىگە ئەپ كەتسە سىز قانداق قىلىسىز؟
يېزىقچىلىقمۇ شۇنۇڭغا ئوخشاشلا ئىش ،
كۈچۈرمىكەشلىك بۇ ياخشى ئىش ئەمەس، ئىجادىيەت ئوغرىسى بۇلۇش تىخىمۇ سەت ئىش،
شۇلارنى كۈچۈرگىچە خىجىل بولمىدىڭىزما؟ يۈزىڭىزقىزارمىدىما؟بىرەسى‹بۇ پالانى مۇنبەردىكى، پۇكۇنىنىڭ ئەسرىغۇ ؟›دەپ قالار دەپ ئۇيلىمىدىڭىزما؟
سىز يىزىقچىلىققا قىزىقسىڭىز، بۇ بىر ياخشى ئىش ،ياخشى باشلىنىش ،لىكىن سىزمۇ ئۆزىڭىزگە تەسىر قىلغان، ئەتراپىڭىزدىكى ئىشلارنى يېزىڭ، شەيئىلەرنى تەپسىلى كۆزۇتۇڭ ،تەبىئەتكە كۈلۈپ قاراڭ ،باشقىلارغا ياخشى باھا بىرىڭ ،كۆڭلىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ ،ئۇلارغا ياردەم قۇلىڭىزنى سۇنۇڭ،
دىققەت بىلەن قاراپ، كىشىلىك تۇرمۇشنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتسىڭىز ،ئەتراپىڭىزدا سىز يازغىدەك نۇرغۇن  ئىسىل تىمىلار سىزنى كۈتۈپ تۇردۇ، ئىشىنىمەنكى تىرىشسا دۇنيادا قىلغىلى بۇلمايدىغان تەس ئىش يۇق، ھەممىسى ئۇزىڭىزنىڭ قەيسەر ،ۋە تىرىشچانلىقىڭىزغا باغلىق،
مۇمكىن بولسا قىرىندىشىم، سىزمۇ چولاق ئوغرى بولماي، ھەقىقى ھالال ئەجرىڭىز بىلەن، يۈرەك قىنىڭىزنى سەرىپ قىلىپ ،باشقىلاردەك ئۇخلىماي كاللا قاتۇرۇپ،كىشلەرنى قايىل قىلالىغىدەك ياخشى ئەسەرلەرنى رۇياپقا ئېلىپ چىقىڭ،
مەندىن سىزگە نەسىھەت بولسۇن،
بولسا بۇندىن كىيىن كۈچۈرمىكەشلىك قىلماڭ، ياكى ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەڭ،
مىنگىنىڭىز ئۇلاخمۇ
ئۆيلىرىڭىز يىراقمۇ
ئەسەريازساق ئوغۇرلىماڭ
قۇللىرىڭىز چولاقمۇ
ئاپتور، ئۈرۈمچى شەھرى سايباغ رايۇنىدىن، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kara-yijiran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-1 08:14 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2013-7-2 07:09 PM):
ئەلقەم ئەنىۋەر دىگەن ئىسىم ئالمىشىپ. ئەنىۋەر ئەلقەم بۇلۇپ قاپتۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 464 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 02:34:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق نۇمۇسسىزلارچە قىلمىش چوقۇم توسۇلىشى كىرەكتى.
ھەممە ساختا نىڭ ئىپپەت قۇربانلىرىمۇ ئۇچۇپ يۈرىدۇ.نەشىر قىلدۇرىمەن
دەۋاتاتتى.........

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 02:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇرىنى ئەسكەرتىپ كۆچۈرسچۇ بۇلارمۇ ؟؟ئۆزىنىڭ نامدا يۇللانغىنى بولماپتۇ ...

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 666
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 03:13:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ كۈچۈرسە بۇلىدۇ،

چىدىماسلار يوقالسۇن!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1017
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4429
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 746 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 04:43:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلارنىڭ قان تەر بەدىلىگە كەلگەن ئەسەرنى باشقا مۇنبەرگە يوللىسىمۇ ھىچ بولمىسا ئاپتورىنى ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەك، باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش ئۇچىغا چىققان نۇمۇسسىزلىق....

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8856
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 3964 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 12:03:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ شۇنداق  ئىشلار كۆپ،

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9231
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2709 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 01:54:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇربانلىق ئايال›دىگەن ئەسىرىڭىز قەيەردە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 467 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 04:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئەر تۇرۇپ تىرىشىشتىن ،كاللا قاتۇرۇشتىن قېچىپ باشقىلارنىڭ ئەجرىنى ئۆزىنىڭ قىلۋىلىشقا يۈزى قانداق چىدىغاندۇ ؟ مەن چېغىمدا بىر قارا قۇساق تۇرۇپ ئىزا تارتىمەن خەقنىڭ ئەجرىگە چاڭ سېلىشتىن .

ئاپتورنىڭ ئەقلىگە بارىكاللا .‹‹چولاق ئوغرى ››تازا قاملىشىپتۇ ھېلىقى نۇمۇسسىزغا.
ئەركەكلەرنىڭ يۈزىنى تۆكمەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95839
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 205
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-6-6
ئاخىرقى: 2013-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 06:31:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق نۇمۇسسىزلارنى ئاز دىگەندە ئالتە ئاي خالا جاي تارتقىلى سېلىش كېرەك ، ئاياللارنىڭكىنى ئوغرىلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان بولسا ئۆزىنىڭ ئەرلىكىدىن تانغان بولسا بولدى سالاۋات قىلايلى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش