|
|
|
|
ئەقلى بۇلغىنىۋاتقانلار
ناھايىتى قايناق بولغان مىللىي يېمەك-ئىچمەك مەيدانى، بۇ يەرگە كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، بۇ يەرنى ئاچقانلار گەرچە مىللىيلار بولسىمۇ ئۇنى تېتىيدىغان كىشىلەر باشقا ،يىمەكلىكنى يەيدىغان ئادەملەر باشقا، ئەلۋەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىمۇ يوق ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشىلىقى دە بۇ ، مىللىي يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مىللىيلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان ئاۋات رەستىنىڭ بىرىگە بۇ بازاررنى تەشكىللەپ بەردى، شۇڭا كىشىلىرىمىز ھۆكۈمىتكامدىن خۇش، نى -نى يولداشلار ئارلىقنى يىراق كۆرمەي ئاتايىن بۇ يەرگە كېلىپ مىللىي ئۇستىلارنىڭ قولىدىن چىققان نىممەتلەرگە ئېغىز تىگىشىپ كېتىدۇ،مۇسۇلمانلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئاساستا قۇرۇلغان بۇ يىمەك-ئىچمەك بازىرى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسى .ھېلىمۇ ئۇلارنىڭ سودىسى ئەجرىگە يارىشا شۇنچە ئوبدان ، توساتتىن بۇ يەردە بىر كىشى پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇ ئوغرى كۆزلرىنى ئوينىتىپ نېمىلەرگىدۇر قارايتى، يۇقىرىدىن تەكشۈرۈشكە كەلگەن رەھبەردەك ئۇياقتىن بۇياققا تىمسىقلاپ بازار ئەھۋالىنى كۆزىتەتتى، شۇنداق قىلىپ ئالاھازەل ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى .ئۈچىنچى كۈنى ئۇ توساتتىن بازارنىڭ بىر يېرىدە يايما ئېچىپ باشقىلارغا قۇشۇلۇپ سودىسىنى داۋاملاشتۇردى،نېمىشقىكىن ھەممە ئادام ئۇنىڭغا غەيرى كۆزلىرى بىلەن قارايتى، چىش يېرىم بىرنەرسە دەي دەيتىيۇ لېكىن نېمىلەردىندۇر ئەيمىنىپ جىممىدىلا ئۆز ئىشلىرىنى قىلىۋېرەتتى.
قىزىق ئىش مانا ئۇ كىشى سودىسىنى باشلىۋالغىلى ئىككىنچى كۈنى ھازىرغىچە خىرىدار كېلىپ ئۇنىڭ جايىدىن ئورۇن ئالمىدى، ھەتتا ئۆز تائىپىدىكىلەرمۇ يېنىدىن ئايلىنىپ ئۆتكىنىچە مىللىيلارنىڭ جايىغا كېلىپ ئولتۇراتتى،ئۇ كىشىنىڭ ئىچى پۇشتى قانداق قىلىش كېرەك،توساتتىن ئۇنىڭ كۆزى ئەرلەرنىڭ بېشىدىكى دوپپىغا، ئاياللارنىڭ بېشىدىكى ياغلىققا چۈشتى، ئۇ بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدى ۋە ئاستا بازاردىن غايىپ بولدى.يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ قايتىدىن بۇ يەردە پەيدا بولدى، لېكىن ئۇنىڭ سودىسى بۇ قېتىم شۇنداق يۈرىشىپ كەتكەنىدى، يايمىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن كىشىلەرنىڭ قەدىمى ئۈزۈلمەيتى. بىر كۈنى مەنمۇ شۇ يايمىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدىم، توساتتىن قۇلىقىمغا ئىككى قىزنىڭ دىئالوگى كىرىپ قالدى.
- ماڭە ئاداش ھېلىقى خۇتۇننىڭ قېشىغىلا بارايلى.
-ئەجەپ ئۆزىمىزگە ئوخشىتالمايمەن چىرايىنى ، يىمەكلىكى ئىشەنچىلىكتۇ ھە؟
-ۋاي ،خۇيزۇكەن ئۇ، خەنزۇ بولسا ياغلىق چېگەمتى، مۇسۇلمان تۇرۇپ ئۇنداق قىلىشتىن نۇمۇس قىلار....
مەنبەسى: ئەپچىلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-1 09:29 PM
|
|
|
|
|
|