مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14076|ئىنكاس: 97

ئاپپاق غۇجا مازىرى رەسىملىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93466
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 77
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 03:59:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپاق غوجا مازىرى


9UCAHWDC22CAC2WV24CA7OJ6OCCAH9D3N8CAPOVF0ICAZQZTD2CA4F1IU4CA91P8IYCA3UORERCAFJB0.jpg



كىرىش ئىشىكى

كىرىش ئىشىكى


5LCA44EWPBCAQNABEDCABTSL83CAQSI15HCARX1PMXCA2RIROBCACH25C8CA6OB12KCAWK7O81CA2HWB.jpg


2NCAYIK0MICARA3RSSCAUXQLYLCAB8M427CAAS2H8TCAKO6OR3CAKQ5X4QCAIFABONCAB0BCF2CALOPZ.jpg


9KCACWUUJICAQHFUV2CALSEGNJCA9H6EZWCA3D59GECABB8RUFCAMN8GU7CATSOWPXCAE04QMCCA2HB7.jpg


9LCAA2HCCYCAA2QL96CALK481RCAQDAHC0CA2J3WCYCA8XJHKBCAONN6NTCA75A403CA1IND61CA4LIJ.jpg


9XCAW14I63CACBNNFACA1ND60JCAHCT3JDCA23AHTFCAQK1P59CA4ZB0P1CAFZSVUKCAE1IRAJCA7HRJ.jpg


IKCAERLG8OCAK0U0QACAZ80HQQCAXET1ZCCAD5VZO4CAORM76VCAQOB5I2CATEOEKACA0QJNYNCA3NZN.jpg


I7CAZOWW1QCACVGW6ZCANS1PZHCAJEQIGJCA2NKVLQCAKMN4PPCAQSCK51CADSG0NWCALQLW6ZCA1QVC.jpg


OOCANJRPJYCAZDMWH4CAYFYJ1HCATZJQKLCAO14VQ1CAZBUIIVCAEDOAR8CAM21MWKCAZ23F78CA9VAJ.jpg


M3CAUTXNIZCAFC4V8CCAKCBGCCCARO73HUCA9Q9JQXCACQFQ07CANH29VACACDSRGQCA1ZP2ORCAJ67C.jpg


KGCAONLLELCAI09Q7ECASZRAGGCA7CLG3KCAZ8R1EUCA70CQHWCAO8JBEQCAC1N9BOCAK48ZHMCAGWG4.jpg


SACAMTAH1OCARDGHGICASSEBHVCACMWU2OCAF8MBY7CA4PB5HNCAX2RYWDCAJ5VRBCCA7A0MPTCASGIJ.jpg


RWCAYCBRDGCA81JM3QCAH0FTW5CATD4610CAYROE96CAGBZAZ6CAB1ZWKKCA6HYD0OCANNAZP9CA7XQX.jpg


PQCA0CAPQKCAR7XWT0CA4PUDUACAY00C61CAFG4HV8CALNHGJXCA2521PDCAN1J8X9CA7T72HCCA4NQV.jpg







كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۇن ئازراق بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى باردەپ بۇسۈرەتلەرنى يوللۇدۇم.پىكىر بىرشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-30 03:55 PM  


ZBCA3MCHTZCA3OGH7ZCA6CUP94CA72O90DCAT6KMVECAO6LX0DCA7VVZPICAL0RYF2CAUP17IKCAY331.jpg
C5CACG3C02CABKEBJOCASIYH3PCA877I9GCATX8LEBCA0EJU5TCA6YAB46CA4E6PFDCAWNVTMPCAYDV1.jpg
ئەيساجان

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 05:56:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپاق خوجا مازىرى  دىيارىمىزدىكى ئىسلام دىنى ئاق تاقىيەچىلەر (ئاق تاغلىقلار) مەزھىپىنىڭ قەشقەردىكى مەشھۇر پىشىۋاسى ئاپاق خوجا ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ قەبرىستانلىقى. ئۇ يەنە ‹‹ھەزرەت›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاپاق خوجا مازىرى قەشقەرنىڭ شەرقى شىمالىدىكى قوغان يېزىسىنىڭ ھەزرەت كەنتىگە جايلاشقان.
بۇ مازار دەسلەپ 1640ـ يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 1650ـ يىلى خۇجا مۇھەممەد يۈسۈپ (ئاپاق خوجانىڭ ئاتىسى) مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. 1679ـ يىلى ئاپاق خوجا كېڭەيتىپ ياساتقان. ۋە ئېتكاپخانا، مەسجىد، خانىغا ۋە دەرۋازا سالدۇرغان. 1692ـ يىلى ئاپاق خوجىنىڭ ئوغلى يەھيا خوجا نۇرغۇن تەڭگە خەجلەپ قايتىدىن كېڭەيتىپ سالدۇرغان. (بۇ ۋاقىت ئاپپاق خوجىنىڭ قورچاق پادىشاھ بولغان ۋاقتى بولۇپ، ئوغلى يەھيا خوجا سەئىدىيە خاندانلىقنىڭ ئەنئەنىسى بويىنچە قەشقەر ئەمىرى بولۇپ قەشقەردە خىزمەت قىلىۋاتقان)1693ـ يىلى ئاپاق خوجا رەقىپلىرى تەرىپدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپ‹‹ ئاپپاق خوجا مازىرى›› دەپ ئاتالغان.
مىرزا شاھ مەھمۇس جۇراس 1676-يىلى يازغان ‹‹تەۋارخ›› ناملىق ئەسىرىدە ئاپاق خوجا مازىرىغا ۋەخپە قىلىنغان يەر كۆلىمى 43470مو،  48تۈگمەن، 15قورۇق، يەنە دۇكان ۋە باغ قاتارلىقلار بار دەپ مەلۇمات بېرىلگەن.
مازارنىڭ ھازىرقى كۆلىمى 200مودىن كۆپرەك. ئەتراپىدىكى قەبرىستانلىق، مازار ئالدىدىكى كاتتا جامە مەسجىد، خانىقا، مەدرىسە، كۇتۇپخانا، ئېتكاپخانا، كۆل ۋە كۆل بويىدىكى سەيلىگاھ قاتارلىق قۇرلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹شىنجاڭ ئىسلام تارىخى ناملىق كىتابدا بايان قىلىنىشىچە چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن 1975-يىلى چىيەنلوڭ پەرمان چۈشۈرۈپ بۇ مازارنى قوغدىغان، دۆلەت خەزىنىسىدىن پۇل ئاجرىتىپ رىمۇنىت قىلدۇرغان ۋە كېڭەيتىپ ياساتقان. شۇنداقلا لەۋھە تاختىسى تەقدىم قىلغان.
ئاپاق خوجا مازىرى كۆپ قېتىم رىمۇنت قىلىنغان، قايتا سېلىنغان بولسىمۇ شەكلىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان.

راھىلە داۋۇت ئەلچىننىڭ <<ئۇيغۇر مازارلىرى>> دىن قىسقارتىپ ئېلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-30 07:32 PM  


ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 06:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ بۇ ئادەمنىڭ نەقەدەر ئەسكى ئادەم ئېكەنلكنى بۇلسە نېمە دىگەن ياخشى بولاتى لېكىن كۆپ ساندىكى ئادەملەر بۇ ئوغرنى بەك ئوبدان دەپ بۇلىدۇ،لېكىن ئۇنداق ئەمەس ئىپارخان مازىرى دەپتۇ،لېكىن ئاشۇ چاغدىكى ئىپارخان دىگەن ئايالنىڭ ئۆلۈمى ئىچكىردە دەپنە قىلغان ئېكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53688
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3910
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2011-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 06:08:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  ئىشىت گۇينى زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگەنغۇ دەيمەن ..  بۇنىڭ سەلبى ناچار ئىللەتلىرنى بىلىش ئۈچۈن جاللات خېنىم روماننى  بىر قېتىم ئۇقۇش كىرەك ، ئاندىن ھەققى ئەپتى بەشىرسىنى بىلىپ يىتەلەيدۇ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93380
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 380
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-3-15
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 06:11:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاباق خوجا ...بۇ ئىسىمنى ئاڭلىساملا بەكلا غەزىپىم كىلىدۇ.ئۆز ۋاقتىدىكى سەئىدىيە خانلىقى،ۋە خەلقى بۇ كىشىنىڭ قولىدا ۋەيران بولغان.توۋا دەيمەن،بۇ دۇنيادا ئاباخ خوجىدىنمۇ بەك ئازغۇن كىشى بارمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۆزىنى پىر دەپ خۇدالىق دەۋاسى قىلىشلىرىچۇ تېخى.‹ئەئۇۋزۇ بىللاھ›

سىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىڭ باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاش بىلەن ئەمەس بەلكى قان تۆكىشىڭ ئارقىلىق بولىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89877
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 503
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 06:19:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىت بىر مەسجىد پۇتكىدەك ماتىرىيال كىتىپتۇ ئۇ قەبرىگە..
ئۇ ئادەمنىڭ ئۇلىكىمۇ ۋەتەن-خەلىق ئۇچۇن خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37282
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3414
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 06:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aa0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-30 06:07 PM
تورداشلارنىڭ بۇ ئادەمنىڭ نەقەدەر ئەسكى ئادەم ئېكەنلكن ...

ئىپارخان ھەققىدە تارىخىلارنى ياخشىراق ئوقۇڭ

نادانلىق ئىناقسىزلىق بىزدىكى ئىللەت،
جەننەت ئۈچۈن تامادىدۇر ،بۇ نادان مىللەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37282
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3414
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 06:22:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى






ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ << تۇرغاق خوجىلار<< دېگەن ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئىلىندى.

ئىپارخان (1734- يىلى تۇغۇلۇپ، 1789- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن)

مانجۇلار مولكىي قەشقەرىيىنى تولۇق تەسەررۇپ قىلىش ئۇچۇن ئاقسۇدىكى ھەربىي كېڭەشنىڭ قارارى بويىچە بىر يىل پۇختا ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق كۆردى. مىلادى 1760 - يىلى قەمەرىيە 6 - ئايدا جاۋخۇي ئوتتۇزمىڭ قارا چېرىكنى جەنۇپ ۋە شىمال ئىككى تارامغا بولۇپ، ئۆزى شىمالىي تارامدىكى قوشۇننى باشلاپ، ئۇدۇل قەشقەرگە يۈرۈش قىلدى: جەنۇبىي تارامدىكى قوشۇننى يانداش سانغۇن فۇدې باشلاپ خوتەن دەرياسىنىڭ قىنى بىلەن تەكلىماكان چۆلىنى توغرىسىغا كېسىپ، خوتەنگە قاراپ يۈرۈش قىلدى. جاۋخۇي باشلاپ ماڭغان شىمالىي تارامدىكى قوشۇن بىلەن فۇدې باشلاپ ماڭغان جەنۇبىي تارامدىكى قوشۇن قەمەرىيە 6 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەشقەر بىلەن خوتەنگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ھايالىشماستىنلا جەنۇپ ۋە غەربىي شىمال تەرەپتىن يەركەنگە قىستاپ كەلدى.......


مىلادى 1760 - يىلى 7- ئاينىڭ - 5 - كۈنى. تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ مانجۇلار يەركەن سېپىلىنى جەنۇپ ۋە شەرىقى شىمال تەرەپتىن تەڭلا توپقا تۇتۇشقا باشلىدى.


مانجۇلارنىڭ يەركەن قەلئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقىنىغا بۈگۈن ساقمۇ - ساق بەش كۈن بولدى. يەركەنلىكلەر پىداكارلىق كۆرسىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىپ، بەرداشلىق بېرىپ، بىر قەدەممۇ ئارقىغا چېكىنمىدى. بىراق، مانجۇلارنىڭ ئاتقان شىددەتلىك توپ ئوقلىرىدا كۆپ ئادەم چىقىم بولۇپ كەتتى. شۇڭا، يەركەننى مۇداپئە قىلغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئازلاپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى باسىدىغان جەڭچىلەر تۈگەشكە باشلىدى. قەلئە سېپىلىنىڭ ھەربىر گەز ئارىلىقىنى قوغداپ تۇرۇشقا ئادەم يېتىشمەي قالدى. مانجۇلارنىڭ دەھشەتلىك توپ ئوقلىرىنىڭ پارتلاش زەربىسىدە ئۆلگەن ئەرلەرنىڭ ئورنىنى ئەمدى ئايال جەڭچىلەر ئىگىلىگەنىدى.


بۇ ئايال جەڭچىلەرگە يىگىتچە ياسانغان، ئۇستىگە كۈمۈشتەك زىرىھ - قۇياق كىيىپ، بېلىگە قىلىچ ئاسقان، بېشىدىكى بولات دۇبۇلغىسىنىڭ بۇرۇندۇقى يۈزلىرىگىچە چۈشۈرۈپ قويۇلغان، غۇنچە بويلۇق، زىلۋا بىر ياش چوكان باشچىلىق قىلماقتا ئىدى. ئۇ 24 - 25 ياشلاردا بار بولۇپ، ئايال جەڭچىلەرگە چەبدەسلىك بىلەن بېرىلىۋاتقان قىسقا - قىسقا بۇيرۇقلىرىدىن ئۇنىڭ ھەربىي ئىلمگەتولغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. بۇ ئايال سەركەردىنىڭ ئىسمى نۇر ئەلانۇر خېنىم بولۇپ خوجا جاھاننىڭ بانۇسى ئىدى.


ئىلىدا تۇرغاقلىقتا ياشاۋاتقان ئۇچتۇرپانلىق ئەلى خوجىنىڭ(1) ئۆيىدە تۇغۇلغان بۇ نۇر ئەلانۇر خېنىمنىڭ ئەسلى ئىسمى مەئمۇرى ئېزىم ئىدى. ئۇ 17 يېشىدا خوجا جاھانغا ياتلىق قىلىنغانىدى. خۇجا جاھان مۈلكىي قەشقەرىيىدە ئۆزىنى ‹‹ باتۇرخان ›› دەپ ئېلان قىلغاندا، ئۇنىمۇ ‹‹ خانىش ›› دەپ ئېلان قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ‹‹ نۇر ئەلانۇر خېنىم ›› دېگەن ھۆرمەتلىك ئاتاقنى بەرگەنىدى.


16 يېشىدا شوخلۇق بىلەن يىگتچە كىيىنىپ، گۈزۈل ئېرەن قابۇرغا يايلاقلىرىدا خوجا جاھان بىلەن بىللە چەۋگان ئويناپ، ئۇنىڭدىن ئۇرۇش سەنئىتىنى پۇختا ئۆگەنگەن نۇر ئەلانۇر خېنىم ئەمدى راستىنلا قوراللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھايات - ماماتى ئۈچۈن ئېلىشىۋاتقان قەلئە ھىمايىچىلىرىگە قۇماندانلىق قىلىۋاتاتتى.


باشقا ئايال جەڭچىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەرلەردەك كىيىنگەن بولۇپ، بەللىرىنى تاسما بىلەن چىڭ باغلىشىۋالغانىدى. ئۇلار ئەرلەر بىلەن بىر سەپتە پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتاتتى.


مانجۇلارنىڭ بىر قىسىم كۇچلىرى قالغات دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدا غوۋغا كۆتۈرۈپ، دەرۋازىخانىغا كۆيدۈرگۈچى ئوقلارنى ئېتىۋاتقان چاغدا، يەنە بىر گۇرۇھ قارا چېرىكلەر قەلئەنىڭ دالدا تەرىپىگە شوتا قويۇپ ئاستا شىپقاپ چىقىپ كەلدى. بۇنى ئۈگەكنىڭ كەينىدە ياتقان بىر يارىدار ئەر جەڭچى كۆرۈپ قېلىپ، ئايال جەڭچىلەرگەباشچىلىق قىلىۋاتقان نۇر ئەلا نۇر خېنىمغا ۋارقىرىدى:


- بىلقىس ئۇزما(2)، دۈشمەنلەر بۇ تەرەپتىن شوتا قويۇپ چىقىشماقتا! شوتا!!


نۇر ئەلانۇر خېنىم ئۈگەكنىڭ كەينىگە دۆۋىلەپ قويۇلغان قىرلىق تاشلارنىڭ بىرسىنى ئىككى قوللاپ ئالدى - دە، پەسكە قارىتىپ ئاتتى. قالغان ئايال جەڭچىلەرمۇ قولىغا تاشلارنى ئېلىپ ئىككى قوللاپ كېلىپ پەسكە دومىلاتتى. تۆۋەندە مانجۇلارنىڭ داد - پەرياد كۆتۈرۈشۈپ، ئىڭرىغان، ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. شۇنىڭغا قارىغاندا، بۇ تاشلار قارا چېرىكلەرنىڭ بېشىغا تەگكەنىدى.....


ئاخىرى قالغات دەرۋازىسى قولدىن كەتتى! مانجۇلار قەلئەنىڭ بۇزۇلغان يېرىدىن شەھەر ئىچىگە خۇددى كەلكۇن سۈيىدەك دەۋرەپ كىرىشكە باشلىدى! خوجا جاھان ئەمدى پۇرسەت قولدىن كەتكەنلىكىگە كۆزى يەتكەندىن كېيىن يارىدار بورھاندىن خوجا بىلەن ھەممە ئائىلە - تاۋابىئاتلارنى ۋە يەنە بىر بۆلۈك ئاھالىنى ئېلىپ، شەھەرنى مانجۇلارغا تاشلاپ بەردى - دە، شەرق تەرەپتىكى ئالتۇن دەرۋازىسى ئارقىلىق سارىققول تەرەپكە چېكىندى.


ئائىلە - تاۋابىئاتلار بىلەن ئاھالە ئارىسىدىكى ئۇلۇغ - ئۇششاقلار تېز ھەرىكەتلىنەلمىگەنلىكتىن، قوشۇننىڭ ھەرىكىتىگە دەخلى يېتىپ، چېكىنىش سۈرئىتىنى بەكمۇ ئاستىلىتىۋەتتى. شۇڭا، خوجا جاھان بىر قىسىم نۆۋكەرلەر بىلەن بىللە مانجۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ، چېكىنىۋاتقانلارنى قوغداپ تۇردى. بۇ چاغدا نۇر ئەلانۇر خېنىم ئات ئۈستىدە قىلىچ ئوينىتىپ، مانجۇلار بىلەن قاتتىق ئېلىشىۋاتاتتى. خوجا جاھاننىڭ قېچىپ كېتىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرىگەن جاۋخۇي بىر گۇرۇھ ياراملىق ئۇچقۇر ئاتلىقلارنى باشلاپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەلدى. ئۇ ئالدى تەرەپتە ئېگىز بويلۇق ياش بىر ھەربىينىڭ چېكىنىۋاتقانلارغا تەمكىنلىك بىلەن يوليۇرۇق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇىڭ يېنىدا زىلۋا بىر ‹‹ يىگىت›› مۇ پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى.


مانجۇلارنىڭ ساۋۇت - قوياقىلىرى، ھەممە قورال - جابدۇقى تەل بولغاچقا، ئات ئۈستىدە تۇرۇپلا كىرىچكە ئوقنى بېسىپ، بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئۇلاپ ئېتىۋەردى. جاۋخۇي كىرىچكە ساۋۇت تېشەر ئوقتىن بىرنى بېسىپ، ھېلىقى ياش ھەربىينى چانلەپ ئاتتى. ئوق ھېلىقى ھەربىينىڭ قالقىنىنى تېشىپ سادىقىغا چاپلاشتۇرۇپ قويدى. ئارقىدىن يەنە بىر تال ئوقنى ئۇلاپ ئېتىۋەتتى، بۇ ئوقمۇ ئۇنىڭ پۇتىغا تېگىپ سانجىلىپ قالدى.....


بۇ چاغدا مانجۇلار بىلەن قىلىچۋازلىق قىلىشىۋاتقان نۇر ئەلانۇر خېنىم خوجا جاھاننىڭ پۇتىغا ئوق تەگكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى - دە، ‹‹ تارت قولۇڭنى، مانا مەن كەلدىم ! ›› دەپ ۋاقىرىغىنىچە ئات سېلىپ كېلىپ، جاۋخۇينىڭ بېىشىغا قىلىچ ئۇردى، ئۇنىڭ بېشىدا دوبۇلغا بار ئىدى، بېشى قىلىچ زەربىسىدىن ئايلىنىپ كەتتى. گەرچە، دوبۇلغىنىڭ بىر تال سىمىمۇ كېسىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بېشى خېلىلا ئەدەب يېگەنىدى. جاۋخۇي قاتتىق ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىگە قىلىچ ئۇرغان ھېلىقى ‹‹ يىگىت ›› نىڭ كۆكسىگە تىغ ئۇردى. قىلىچ ئۇنىڭ خۇشپىچىم ھەربىي تونى ئىچىدىن كىيىنگەن زىرىھقا تېگىپ تېيىلىپ كەتتى. ھېلىقى ‹‹ يىگىت ›› ئېتىنى سەكرىتىپ جاۋخۇيغا يەنە بىر قىلىچ ئۇرماقچى بولۇپ ھەملە قىلىۋىدى، جاۋخۇي قولىدىكى قىلىچنى ياپسالاپ تۇرۇپلا ‹‹ يىگىت ››نىڭ قولىدىكى قىلىچنى قېقىپ يەرگە چۈشۈرۈۋەتتى. قىلىچ زەربىسىدىن ‹‹ يىگىت ›› نىڭ بېشىدىكى دۇبۇلغىسىنىڭ بوغقۇچى ئۈزۈلۈپ كېتىپ بېشىدىن دوبۇلغىسى ئۇچۇپ كەتتى - دە ‹‹ يىگىت ›› نىڭ سۇمبۇل چاچلىرى يېيىلىپ يەلكىسىگە چۈشتى.


جاۋخۇي كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى: ئۇ باياتىن ئۆزىگە قىلىچ ئۇرغان ‹‹ يىگىت ›› نىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. تولىمۇ زىلبا، تولىمۇ گۈزەل بىر ئۇيغۇر قىزى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى.


‹‹ خوجا جاھاننىڭ خوتۇنى؟! ›› دېگەن خىيال جاۋخۇينىڭ كاللىسىدا چاقماق تېزلىكىدە پەيدا بولدى. ئۇ ئۇچتۇرپان ھاكىمبىگى خوجەسىدىن خوجا جاھاننىڭ ئايالىنىڭ قورال - ياراغ بىلەن ھاپىلىشىدىغان، تەڭدىشى يوق گۈزەل چوكان ئىكەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغانىدى. ‹‹ ئۇنداق بولسا باياتىن مەن ئوق ئاتقان ھېلىقى ياش ھەربىي كىشى خوجا جاھان بولمىسۇن يەنە؟! ››


- جاۋانمەردلەر. ئەمرىمگەقۇلاق سېلىڭلار! - دەپ ۋاقىرىدى نۆۋكەرلەرگە ئۇ - خوجا جاھان ئالدىمىزدىكى ئاشۇ ياش ھەربىي شۇ. ئۇنى تىرىك تۇتقانلارغا كۆپ - كۆپ مۇكاپات بېرىمەن! ماۋۇ گۈزەل چەنتۇ مەلىكىسىنىڭ بىرەر يېرىگە شېكەستە يېتىدىغان بولسا بېشىڭلارنى ئالىمەن!


جاۋخۇينىڭ گېپىنىڭ ئايىغى چۈشمەي تۇراتتى، مانجۇلار دەۋرەپ كېلىشكىنىچە نۇر ئەلانۇر خېنىمنى قاتمۇ -قات قورشىۋالدى.


خوجام، مەن بىلەن كارىلىرى بولمىسۇن، تېز قاچسىلا! - دەپ كۈچىنىڭ بارىچە ۋاقىرىدى ئۇ خوجا جاھانغا. ئۇنىڭغىچىلىك مانجۇلار نۇر ئەلانۇر خېنىمنىڭ ئۈستىگە تور تاشلاپ ئۇنى ئاتنىڭ ئۈستىدىن يىقىتىۋېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى.


- خېنىم، مانا مەن كەلدىم! قورقمىسىلا! - خوجا جاھاننىڭ ئاۋازى كىشىلەرنىڭ باشلىرى ئۈستىدە ياڭرىدى.


ئەمما، ئارىلىقتا يولغا تىقىلىپ قېلىشقان ھارىۋىلار شەھەردىن قېچىپ چىققانلار ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، سەپ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنىدى. ھېچكىم ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايتتى. بۇ قالايمىقانچىلىقلار ئىچىدە خوجا جاھان بۇ تەرەپكە ئۆتۈشكە نائىلاج قالدى. ‹‹ قاچقان دۈشمەن كۆپ بولسىمۇ، ئاز قوغلىغۇچىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. چۇنكى، مەغلۇپ بولغان سەپكە بىر ‹ ھەي › دېگەن ئاۋازمۇ كۇپايە! ›› دېگەن بىر گەپ بار. مانجۇلار نۇر ئەلانۇر خېنىمنى تىرىك تۇتۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولالىغان بولسىمۇ ئەمما خوجا جاھان، بۇرھانىدىن خوجىلار يەنىلا بىر قىسىم ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى ۋە ئادەملىرىنى ئېلىپ بەدەخشان تەرەپكە چېكىندى.


* * *


ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋۇمېن قوۋقىنىڭ ئاستىدا قاتار قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. راۋاق ئۈستىگە قويۇلغان تەخت ئۈستىدە ئولتۇرغان خاقانى چىن چەنلۇڭ بۇ ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى مەسخىرە نەزىرى بىلەن كۆزىتىپ، بىر ئەسىرنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە توختاپ قالدى. ئۇ كۆردىكى: قانىتى باغلانغان قۇش مەسەللىك ياش بىر چەنتۇ ئايال تۆمۈر قەپەس ئىچىدە تەپەككۇر تىزىغا بېشىنى قويۇپ، غەزەپ - نەپرەت دېڭىزىغا غەرق بولغان ھالەتتە ئولتۇراتتى. تۆمۈر قەپەستەئولتۇرغان بۇ نازىنىن گويا قۇياش تەلەت، ئاي سۈرەت، چولپان يۇلتۇز، يەنى ئايغا رەشىك سالغۇچى، كۆڭۈلنىڭ ئارامى، گۈل يۈزلۈك، نازۈك بەدەن، بېقىشلىرى ئاھۇدەك، كىرپىكلىرى نەشتەردەك، تامام نازۇ كەرەشمە بىلەن پەردازلانغان بىر چەنتۇ ساھىبجامالى ئىدى.


بۇ گۇزەل چەنتۇ ئەسرىنى كۆرۈپ دىلىغا ئىشتىياق ئوتى تۇتاشقان چەنلۇڭ ئاخىر تاقەت قىلالمىدى - دە، يېنىدىكى ساراي ۋەزىرى خې شىندىن بۇ ئەسىرىنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتە قىلدى.


- پۇشتىپاناھقا مەلۇم بولغايكى، - دەپ جاراپ بەردى خېشىن يەرگە باش ئۇرۇپ تۇرۇپ - بۇ چەنتۇ ئەسىرى ئاسىي توپىلاڭچىلارنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇنى نېمىدەپ ئاتايدىغانلىقىنى خاقانى چىنغا ئەل بولغان تۇردى خوجىدىن سوراپ بىلىۋالغايمىز!


- تۇردى خوجا بىلەن ئۇل چەنتۇ كېنىزىكىنى بۇ يەرگە كەلتۇرۇڭلار، چاقىرىڭلار، بىز ئۇل چەنتۇ كېنىزىكىدىن گەپ سورايمىز - دىدى خاقانى چىن چەنلۇڭ خې شىنغا.


- باش ئۈستىگە، پۇشتىپاناھىم، - دەپ قۇللۇق بىلدۇردى خې شىن، ئاندىن ياساۋۇللارغا:


- تۇردى خوجىنى چاقىرىڭلار! - دەپ ئەمىر قىلدى.


بىر كەملەردە، تۇردى خوجا ھېلىقى ئەسىرە - نۇر ئەلانۇر خېنىمنى يېتىلەپ خاقانى چىن چەنلۇڭنىڭ ئالدىغا توغرى بولدى - دە، دەرھال بېشىدىكى مانجۇچە دىڭ قالپاق خىتايىنى ئېلىپ يەرگە قويۇپ، چەنلۇڭغا باش ئۇرغىلى تۇردى.


- ئەركانىم، سىزگە ئىجازەت بەردۇق! - دىدى چەنلۇڭ قولىنى سىلكىپ، - بۇ ساھىبجامال كىم بولىدۇ؟


-لەببەي - دەررۇ قۇللۇق بىلدۇردى تۇردى خوجا، - ئۇل چەنتۇ كېنىزىكى ئاسىي خوجا جاھاننىڭ خانىشى نۇر ئەلانۇر خېنىم بولۇر، ئۇ ئەسلىدە پېقىر قۇللىرىنىڭ بىر تۇغقان ھەمشىرىسى بولسىمۇ ئەمما ئۇ ئاسىي خوجا جاھان بىلەن بىر سەپتە تۈرۈپ، خاقانى چىننىڭ نۇسرەت سۇپەت تەڭرى قوشۇبلىرىغا قارشى تىغ تارتقانلىقى ئۇچۇن، پېقىر قۇللىرى بىر تۇغقان قېرىنداشلىقنىڭ يۈزىنىمۇ قىلماستىن، ئۇنى تۇتۇپ بوغدا خاقانغا تارتۇق سۈپىتىدە ئېلىپ كەلدىم. قوبۇل قىلغايلا. ياشىغايلا، ياشىغايلا! تۈمەن مىڭ يىل ياشىغايلا!


شۇنداق، تۇردى خوجا دەپ ئاتالغان بۇ ئادەم زادى كىم؟


تۇردى خوجا مىلادى 1714 - يىللىرى ئەتراپىدا، ئاپاق خۇجىنىڭ ئىككىىنچى ئاكىسى، ئۇچتۇرپانلىق ئىنايىتۇللا ( كارامىتۇلا ) خوجىنىڭ نەۋرىسى ئېلى خوجا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مىلادى 1742 - يىلى، دادىسىدىن يېتىم قالغان 28 ياشلىق تۇردى خوجا ئېرەن قابۇرغىدىكى تۇرغاقلىقتىن مۇلكىي قەشقەرىيىگە قېچىپ كەلگەندىن كېيىن قۇمۇل، تۇرپان، كورلا، بۈگۈر ئەتراپلىرىدا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن ئاقتاغلىقلار مەزھىپىدىكى بەزى ئىشانلار بىلەن بىرلىشىپ، شۇ چاغدا يەكەن تەختىدە ئولتۇرۇۋاتقان خوجا ياقۇپ - جاھان خوجا ئەرشى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلدى. بىراق، مىلادى 1744 -يىلى قىشتا ئۇ جاھان خوجىنىڭ تەقىپىگە ئۇچراپ، قولغا چۈشۈپ قالغىلى تاس قالغانلىقتىن، قېچىپ يوقالدى. ئۇ ‹‹ تەلەي يۇلتۇزى بەختسىزلىك چەرخىنىڭ چەمبىرىكىدىن چىقىپ، ھىجران ئادالىتىنىڭ ئىنتىھاسىغا يېتىپ، بەختى ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىپ، ئومد كۆچىتى ۋىسال مېۋىسىگە تولغانغا قەدەر ›› قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى قىر خەلقى ئىچىدەسۈلۈك تەۋرىتىپ، ‹‹ قىر قوۋملىرىنىڭ پىرى ›› سۈپىتىدە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقتى. مىلادى 1757 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇ مۇشۇ ئەتراپلاردا، مۇلكىي قەشقەرىيىنىڭ كېيىنكى رەتتىكى ھۆكۈمرانلىقىنى كۆزلەپ كۈچ توپلاپ يۈرگەن قاچاق ھەربىي ئىشان، تاغىسى ھۈسەيىن خوجا - ئەرك خوجىغا قوشۇلۇپ، ‹‹ ئۇلۇغ سۈلۈك ›› تەييارلىقلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ ئىشانلارنىڭ سابىق قوشۇن بەگلىرىدىن بىرى، تاغىسى پەرسا خوجا ۋە ‹‹ شاھى قۇززات ھۈسەيىن ››، ‹‹ قۇرئەنداز پىر ›› - مامۇت خوقا قاتارلىقلار بىلەن مۇساپىر خوجىلار ھاكىمىيىتى - ‹‹ مەشۇرۇتىيىتى ئىشقىيە ›› تەشكىلاتىنى قۇراشتۇرۇپ چىقتى ۋە بۇ تەشكىلات نامىدا قىر خەلقى ئارىسىدىن ھەربىي كۈچ توپلىدى. مىلادى 1758 - يىلى خوجا جاھان بۇرھاندىن جوجا بىلەن بىللە ئۆزلىرى بېقىنىپ تۇرغان مانجۇ ھاكىمىيىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك قوراللىق ئىسىيان كۆتۈرگەندە، تۇردى خوجا ئۆز كۈچلىرىنى جىددىي سەپەرۋەر قىلىپ، قەشقەرىيىنىڭ كەلگۇسى ھۆكۈمرانى بولۇش تەمەسى بىلەن ‹‹ تاغدىن چۈشۇش ››كە تەييارلاندى. ئەمما، مانجۇلار بىلەن خوجا جاھان كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قانلىق ئۇرۇش مانجۇلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان جىددىي پەيتتە، مانجۇ قوشۇنلىرىنىڭ سەردارى جاۋخۇي ئۆزىنى ھالاكەتلىك تەقدىردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن، ‹‹ تاغ يولۋىسى ›› تۇردى خوجا باشچىلىقىدىكى ‹‹ مەشۇرۇتىيىتى ئىشقىيە ›› بىلەن مەخپىي ئالاقە باغلىدى ۋە تۇردى خوجا باشلىق يەتتە خوجىنى ئالىي مەنسەپ، يۇقىرى ئەمەل، چوڭ ھوقۇق، مول مائاش ۋەدىسى بىلەن سېتىۋالدى ھەمدە ئۇلارغا جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئوتتۇز ئالتە ھىيلىسى ئىچىدىكى يەتتىنچى ھىيلە - ‹‹ ۋېي ›› بەگلىكىنى قورشىۋېلىپ جاۋ بەگلىكىنى قۇتۇلدۇرۇش ››ھىيلىسىنى قوللىنىپ، خوجا جاھاننىڭ ئارقا سېپى چىپانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا كۆرسەتما بەردى. دېگەندەك، قەدىمدىن تارتىپ كارغا كېلىدىغانلىقى قايتا - قايتا ئىسپاتلانغان بۇ ھىيلە يەنىلا جانغا ئەسقاتتى.


تۇردى خوجا جاۋ خۇينىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ‹‹ مەشۇرۇتىيىتى ئىشقىيە›› قوشۇنلىرىنى باشلاپ خوجا جاھاننىڭ جان تومۆرى ھېسابلىنىدىغان ئارقا سېپى چىپانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىۋىدى، راستتىنلا خوجا جاھان قاراسۇدا مانجۇ قوشۇنلىرىنى قورشىۋالغان قوشۇنلىرىنى چېكىندۇرۇپ چىپانغا ھۇجۇم قىلغان تۇردى خوجىغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ خوجا جاھان كۈچلىرى ئۈچۈن ناھايىتى قاتتىق زەربە، مانجۇلار ئۇچۇن ئىنتايىن زور ياردەم بولدى. شۇڭا، جاۋخۇي تۇردى خوجىنىڭ بۇ تۇھپىسىنى ناھايىتى يىقىرى باھالاپ، قاراسۇ بارگاھىدا ‹‹ مەشۇرۇتىيىتى ئىشقىيە ›› تەشكىلاتنىڭ سەردارى تۇردى خوجا قاتارلىق يەتتە خوجىنىڭ مانجۇ سەلتەنىتىگە ئەل بولغانلىقىنى تەبرىكلەپ ئالاھىدە كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزدى. بۇ مۇراسىمدا تۇردى خوجا ‹‹ ...... جاۋخۇي ھەزىرەتكە مىڭ ئاتلىق ياساۋۇل، ئىككى مىڭ غالچا قۇل، ئون مىڭ قوتاز، قىرىق قوتان قارا مال، قىرىق تالقاندان ئېرىغ مال، زۆرۈر بولغان مۇلازىم، چاكار چوكان، مىراقۇل خىزمەتچىلەر، ئۈچ يۈرۈشلۈك ھەربىي كارۋان قوشۇنلىرىنى ھاردۇق سوۋغىتى سۈپىتىدە تەقدىم قىلدى ۋە مەڭگۇ پەرمانبەردارلىق بىلەن ئەل ۋە تەۋە بولغانلىقىلىرىنى مۇسۇلمانلىق قەسىمى شەرتى بىلەن ئادا قىلىشتى(3)


مىلادى 1760 - يىلى 1 -ئاينىڭ 30 - كۈنى تۇردى خوجىنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى ۋە ئاستانىنىڭ دۇڭسى 6 - كوچىسىدىكى يىگىرمە ئىككى .ېغىزلىق ھۆكۈمەت ئۆيىگە ئورۇنلاشتى. تۇردى خوجىنىڭ ئائىلىسىگە ئۆي - بىسات، خىزمەتچى - مالاي، كىيىم - كېچەك، ئات ۋە ئېگەر - جابدۇق، ھەرخىل مەنقۇلات، تەيپىنجاھ.... تەييارلاش ۋە ئىشلىتىش راسخۇتى ئۇچۇن خەزىنە ئىمارەتتىن بەش يۈز سەر كۈمۈش ئاجىرىتىپ بېرىلدى. تۇردى خوجا يىللىق مائاشى يۈز سەر كۈمۈش، ياردەم قوشۇمچىسى يىگىرمە سەر كۈمۈش قىلىپ بېكىتىلدى....››(4).


دېمەك، جاۋخۇي باشچىلىقىدىكى مانجۇ مەمۇرىيىتى تۇردى خوجا باشچىلىقىدىكى ‹‹ مەشۇرۇتىيىتى ئىشقىيە ›› تەشكىلاتىنىڭ ياردەىمىدە تارىم ۋادىسىدىكى نۇرغۇن شەھەر، كەنت، مەھەللە، بازار، لەنگەر، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، سودا، ھۈنەر - كەسىپ نۇقتىلىرىنى ‹‹ مانجۇ مەمۇرىيىتىگە قارشى ئىسيانچىلار ئۇۋسى ›› دېگەن نام بىلەن ۋەيران قىلىپ تاشلىدى. مانجۇلار مۈلكىي قەشقەرىيىدە يۈرگۈزگەن بۇ بىر قاتار ئادەم قېلىپىدىن چىققان قىرغىنچىلىقلاردا ئاز دېگەندىمۇ بەش يۈز مىڭ ئادەم قىرىپ تاشلاندى. ئاقسۇ دەرياسى ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسىتى بىلەن دەريا سۇيى ئۈچ يىلغىچە ئىچەلمىگەنىدى(5).


* * *



خاقانى چىن چەنلۇڭ نۇر ئەلانۇر خېنىمنىڭ كۆڭلىنى ئۈتۈش ئۈچۈن ئۇنىڭغا: ‹‹ ئىپارخان ›› دېگەن ئاتاقنى بەردى ۋە خېشىنغا:
- ئۇل چەنتۇ كېنىزىكى ئۈچ ھەرەمنىڭ خانىكەلىرى ۋە ئالتە سارايدىكى خانىش، يەتمىش ئىككى بانۇدەك مەرتىۋىگە ئىگەدۇر، شۇڭا، بىز ئۇنىڭغا ‹‹ ئىپاربانۇم ›› دېگەن مەرتىۋىنى بەردۇق ۋە چەنتۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نام - شەرىپى ‹‹ ئىپار خان ›› بولسۇن - دىدى.
ئايۋاندا مۇڭلىنىپ ئولتۇرغان ئىپارخان چەنلۇڭنىڭ كىرىپ كەلگىنىنى تۇيمىدى.
چەنلۇڭ چۆرە قىزلارغا: ‹‹ ئىپارخاننى چۆچۆتۈۋەتماڭلار!›› دېگەندەك قىلىپ قولىنى سىلكىپ قويدى. ئاندىن ئاستا ئىپارخاننىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتتى ۋە:
ئى ساھىبجامال چەنتۇ كېنىزىكى - دىدى كۈلۈپ تۇرۇپ، - كۈندەك جامالىڭىزنى كۆرگەندىن بۇيان، يېگىنىم زوقۇم، ئىچكىنىم زەھەر، ئۇيقۇ بىدار بولدى. تۈنلەر بويى سىزنى ئويلاپ ئۇيقۇسىزلىقتىن پەرىشان بولۇپ، خىيال دېكىزىنىڭ تەكتىگە قاراپ چۆكۈپ كېتىۋاتماقتىمەن! ئەي، قۇياشتەك ھۆسنى بىلەن ئاينى خىجالەتتە قويغان يېگانە گۈزەل، مۇشتاقلىق مېنى ئىزتىراپقا سېلىپ، تاقەتسىزلىك خاراب قىلدى.
ئىپارخا:
- ماڭا قارىتا سېنىڭدىن بىرەر ئادالەتسىزلىك ياكى ياۋۇزلۇق ھەركىتىنى كۆرمىدىم. گەرچە مەن ئۇرۇش ئەسرەسى سۈپىتىدە سېنىڭ قولۇڭغا چۈشكەن بولساممۇ، مېنى باشقا ئاياللىرىڭدىنمۇ چارە كۆرۈپ، ياخشى ئاسراپ، ياخشى قاراۋاتىسەن. شۇڭا، مەن ھازىرغا قەدەر ھايات ياشاپ كېلىۋاتىمەن. مۇبادا، خۇي - پەيلىڭنى يامان قىلىپ ماڭا چېقىلىپ، ئىمانىمنى بۇلغىماقچى بولىدىكەنسەن، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆلۈپ بېرىمەنكى، سەن كاپىرغا ھەرگخز خوتۇن بولمايمەن! چۇنكى مەن ساڭا ئوخشاش تاجاۋۇزچى پادىشاھقاھەرگىزمۇ باش ئەگمەيمەن. سىنىڭ قان كەچكۈچى قارا چېرىكىرىڭ مېنىڭ ۋەتىنىمگە باستۇرۇپ كىرىپ، پۇقرالىرىمنى شەپقەتسىزلىك بىلەن قىرغىن قىلدى. بىزنىغۇ پادىشاھزادە، ھۆكۈمرانلار دەپ ئۆلتۈرسۇن، چاپسۇن، سۈرگۈن قىلسۇن ، شۇنچىۋالا ئۆلتۈرۈلگەن، تالان - تاراج قىلىنغان بىچارە پۇقرالاردا نېمە گۇناھ؟ بۇنداق ئادالەتسىزلىككە كىممۇ تاقات قىلىپ تۇرالىسۇن؟! - دېگىنىچە يېڭى ئىچىدىن بىر خەنجەرنى چىقاردى.
چەنلۇڭ ئىپارخاننىڭ قولىدىكى خەنجەرنى كۆرۈپ:
- يارەببىنا، ئەي ئىپارخان، ئاچچىقىڭىز بەكمۇ يامان ئىكەنغۇ سىزنىڭ؟ بىز سىز بىلەن چېقىشىپ قويدۇق. بىزدە باشقا مەقسەت يوق! - دەپ كەينىگە چېكىندى.
خۇدا ھەققى، مۇبادا سەن مېنى قىستاۋېرىدىغان بولساڭ، مەن ئۆلۈم ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ پاڭ مۇسۇلمانلىق ئىززەت - ھۆرمىتىمنى، ۋىجدانىمنىڭ ساپلىقىنى ئىسسپاتلايمەن. مەن ئەسلىم بويىچە پاك ئۇيغۇر قىزىدۇرمەن! - دىدى ئىپارخان قولىدىكى خەنجەرنى ئۆزىگە تەڭلەپ تۇرۇپ.
- بولدى، بولدى، بىز دېمىگەن بولايلۇق، سىز خاپا بولماڭ، بولامدۇ؟ - دىدى چەنلۇڭ كۈلۈپ كېتىپ، ئۇ قاتتىقلىق قىلىش بىلەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى چۇشەنگەنىدى شۇڭا:
- ئەگەر كۆڭلىڭىزدە ھەرقانچە ئارزۇ - ئارمانلىرىڭىز بولسا بىزدىن سورايدىغان تەلەپ - ئىلتىجايىڭىز بولسا ئېيتىڭ، بىز ئۇنى ھازىرلا تەييار قىلغۇزغايمىز!
- بۇ گېپىڭ راست بولسا، - دىدى ئىپارخان ئىلتىپات بىلەن چىرايىنى كۈلۈپ ئاچتى ۋە، - مېنىڭ ۋەتىنم قەشقەرىيىنىڭ ئۈچتۇرپان دېگەن شەھىرىدە يوپۇرمىقى كۈمۈشتىن، غولى تۆمۈردىن مېۋىسى ئالتۇندىن، يېلىمى ئەنبەردىن بولغان، چېچىكى ئىپاردەك پۇرايدىغان بىر ئىلاھىي دەرەخ بار. شۇ دەرەختىن مۇشۇ باغۇ - ئېرەمگە ئەكەلدۈرۈپ قويغۇزۇپ بەرگەن بولساڭ، مەن ئۇنى كۆرگەندىن كېيىن يۇرت ۋەتەننىڭ ھىدى بۇرنۇمغا پۇرىسا، كۆڭلۈم بەلكىم خۇش بولۇپ ئېچىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
چەنلۇڭ ئىپارخاننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى:
- شۇنچىلىك ئىشمىدى؟ بۇ بىز ئۇچۇن شامنى ‹‹ پۈۋ! ›› دەپ ئۆچۈرگەندەكلا ئاددىي ئىش ھېساب؛ىنىدۇ. خاتىرجەم بولغايسىز بۇ تەلىپىڭىز ھوقۇم ئورۇندىلىندۇ!
چەنلۇڭ ئىپارخاننىڭ ئىلتىپات قىلىپ، چىرايىنى ئاچقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇپ ئۆز خابگاھىغا قايىتتى.
نىھايەت، ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭ بىلەن ھاكىمبەگ ئابدۇللالارنىڭ خاقانى چىن نامىدىن ئۇچتۇرپان ئاھالىسىگە سالغان جىگىدە ئالۋىنى بىردىنلا پۇتۇن جەنۇبتىكى مۇسۇلمان شەھەرلىرىنى قاپلىغا ‹‹ ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنى ›› كەلتۇرۇپ چىقاردى.
خان ئوغلى چەنلۇڭنىڭ تېخى چۈيفۈدىن ئاستانىگە قايىتمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان شاھ سانىيە دەرھال كېنىزەكلەرگە:
- خاس ئۆينى ئالاھىدە گىلەم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلەر بىلەن بېزەڭلار. ناھايىتى ئوخشىتىپ مۇسۇلمانچە غىزا تەييارلاڭلار! - دەپ بۇيرۇدى. كېنىزەكلەر ھەش - پەش دېگۇچە شاھ سانىيەنىڭ پەرمانىنى ئادا كەلتۇرۇشتى. جىمى تەييارلىقلار پۈتكەندىن كېيىن شاھ سانىيە ئۆزىنىڭ يېقىن كېنىزەكلىرىدىن بىرىنى ئىپارخاننى ئۆزىنىڭ خابگاھى - پىنھانى شاپائەت ھەرىمىگە زىياپەتكە تەكلىپ قىلىشقا ئەۋەتتى. بارغان كېنىزەك:
- زاھ سانىيەنىڭ مىجەزى يوق. ئۇ سىنىڭ كىشىنىڭ كۆڭلىگەئارام بەرگۈدەك خۇش پۇراق تېنىڭنىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغان ئىكەن. شۇڭا، بىر كۆرۈش ئىستىكىدە سېنى ئۆزىنىڭ خابگاھىغا چايغا چىللايدۇ! - دەپ خەۋەر يەتكۈزدى.
باغۇ - ئېرەمدىكى ئۆز خانىسىدا مۇڭلىنىپ يالغۇز ئولتۇرغان ئىپارخان بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال كۆڭلى بىرنېمىنى تۇيغاندەك بولدى ۋە ئورنىدىن تۇرغىنىچە بۈگلۈك ئالدىغا باردى - دە، ياستۇق ئاستىغا تىقىپ قويغان يىلان بېشى، كەكلىك قېشى، سۆكەك دەستىلىك بىر يىڭسارخەنجىرىنى ھېلىقى چۆرە قىزغا كۆرسەتمەستىن ئىتتىك يېڭى ئىچىگە يوشۇردى. ئۇ ئىشىكتىن چىقىدىغان چاغدا ئۆزى بەش يىلدىن بېرى تۇرۇۋاتقان بۇ ئۆيگە كۆز قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن بىر قاراپ چىقتى - دە، قەيسەرلىك بىلەن بېشىنى تىك كۆتۈرگەن ھالدا ھېلىقى چۆرە قىز بىلەن خانىدىن چىقىپ پىنھانى شاپائەت ھەرىمىگە قاراپ ماڭدى.
ئىپارخان شاھ سانىيەنىڭ خابگاھىغا كىرگەندىن كېيىن دەرھال شاھ سانىيەگە تىزلىنىپ تەزىم - بەجا كەلتۇردى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ:
ئەسسالام، ئۇلۇغ مەتىۋىلەرنىڭ ئىگىسى، بىگانىلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنغان دەرگاھىنىڭ ساھىبى، پەغپۇرچىننىڭ ئانىسى بولغان ئالىيجاناب شاھ سانىيە، خۇدا سېنىڭ بەخت - ئىقبالىڭنى مەڭگۇ بەرقارار قىلسۇن! يىللار بويى ئالتۇن تېنىڭگەسالامەتلىك ئاتا قىلسۇن! - دىدى. ئاندىن كېيىن ئارقىچىلاپ يېنىپ ئۆرە تۇرۇشقان كېنىزەكلەر قاتارىغا كېلىپ تۇردى.
- ھەي ئىپارخان -دىدى شاھ سانىيە ئۇنىڭ ھۆسنى زىباسىنى تاماشا قىلىپ بولغاندىن كېيىن - مەرھابا، خۇش كەپسەن. قېنى، ئولتۇرغىن، ماھارىتىڭ ۋە ياخخشى تۆسىپ - سۈپەتلىرىڭ بىلەن بىزنى خۇرسەن قىل!
- باش ئۈستىگە! - دىدى ئىپارخان ئۆزىگە ئىنئام قىلىنغان كۇرس ئۈستىدىن تۇرۇپ تەزىم بەجاكەلتۈرگەندىن كېيىن.
- ھەي ئىپارخان، ھۆسن - جامال بابىدا يەتتە ئىقلىمدا ھەقىقەتەن سېنىڭدەك ساھىبجامال يوق! ئاڭلىسام باھادىرلىق، كەمەندازلىق، شەمشەرۋازلىق، چەۋەندازلىق، نەيزىۋازلىق، سىپاھبازلىق بابىدىمۇ زاماننىڭ يېگانىسىدۇر كەنسەن. بىراق، خاننىڭ ھەرىمىگە كەلتۇرۇلگەندىن بۇيان، سەرگەشتىلىك قىلىپ بويۇن ئەگمەي كېلىپتۇرسەن. بۇ بىئەدەبلىكنىڭ سەۋەبى نېمىدۇر؟ سەن ئۆلۈمدىن قورقمامسەن؟
- ئى بىلقىس ئۇزما، مەھدى ئۇليا، رەھىم قىل، زۇلۇم قىلما! مەن سېنىڭ قۇلۇڭدۇرمەن. مېنىڭ مۇنچە بىئەدەبلىك قىلمىقىمنىڭ سەۋەبى ئۆز ئىمانىمنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشقا بەل باغلىغىنىمدىن بولغان. بولمىسا، مېنىڭدەك، بىر چۈمۈلىنىڭ پەغپۇرچىندەك شىرغا سەرگەشتىلىك قىلىپ، بويۇن تولغىشى ھەددىمۇ؟ نىھايەت، بۇنىڭ سەۋەبىنى مېنىڭدىن سورىغان ئىكەنسەن، مېنىڭ ساڭا دەيدىغان بىر ھاجىتىم بار، شۇ ھاجىتىمدىن چىقىشقا ياردەم قىلغايسەن. ئەگەر ھاجىتىمنى راۋا قىلماي ئۆلۈپ كەتسەم، داغۇ - ھىجراندا كەتكەيمەن!
قېنى ئېيتقىنچۇ، بىز ئاڭلاپ بېقىپ ئاندىن بىر نەرسە دېگەيمىز! - دىدى شاھ سانىيە ئىپارخاننىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىغا قىزىقىپ.
- خاقانى چىننىڭ قان كەچكۈچى لەشكەرلىرى ۋەتىنىم مۈلكىي قەشقەرىيىنى پايمال قىلىپ، خەلقىمنى قىردى. ۋەللاھۇ ئەئىلەم، خەلىقىمدىن خىراجەت تەلەپ قىلىپ، ئۆزىگە ئاداۋەت پەيدا قىلدى. ئەپسۇسكى، مەن مۇرەببىم بىلەن خاقانى چىن قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلىپ. خەلقمىنى مۇشۇنداق زۇلۇم - ستەم ۋە تەشۋىشكە گىرىپتار قىلدىم. ئەلھال، ۋەتەن ماڭا ئات بولغان بولسىمۇ ئەمما مەن ۋەتەنگە يات بۇلدۇم. ئەمدى مەن ئۇچۇن ياشاش ھاراندۇر! نىھايەت، مۇسۇلمانچىلىق ئۇدۇمىدا جان ئىمان بىلەن بىللە ئاللا تائالا تەرىپىدىن بىز بەندىسىگە ئاتا قىلىنغان، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، مېنى ئىمان بىلەن خۇدانىڭ دەرگاھىغا كەتكەي دېسەڭ، جانىمنى ئېلىشنى ساڭا تاپشۇردۇم!
- ئى ئىپارخان، بۇ سۆزۇڭ راستىمۇ؟
- بىر خۇدا تۇرۇپتۇ، بىر ئىمان تۇرۇپتۇ. ئەلھەمدۇلىللاھى مۇسۇلماندۇرمەن. بۇ سۆزۈمنىڭ راستلىقى ئۇچۇن مۇنۇ خەنجەرنىمۇ ساڭا تاپشۇرىمەن! - دىدى ئىپارخان ۋە يەڭ ئىچىدىن ھېلىقى خەنجەرنى چىقىرىپ يەرگە تاشلىدى.
- نىھايەت، سېنىڭ ئارزۇيۇڭمۇ شۇ ئىكەن بىزنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىمىزمۇ ھەم شۇ ئىدى. بىز سېنىڭ تەلىپىڭنى بەجا كەلتۇرگەيمىز.
- رەھمەت ساڭا! مېنىڭ مەقسىتىم ھەم شۇ ئىدى. ھۈنكى، مۇبادا مەن سەن كاپىرنىڭ قولىدا ئۆلسەم، شېھىتلىك مەقامىغا يېتىپ ئۆلگەن بولىمەن، مۇسۇلمان ئۇچۇن بۇنىڭدىنمۇ ئالىي شۆھرەت يوق بولسا كېرەك! ئۇ چاغدا روھىم جەننۇتۇل فىردەۋستە مۇرەببىم خان جوجا بىلەن بىللە پەرۋاز قىلۇر!
- قايسىڭلار بار؟ - دەپ ئەمىر قىلدى شاھ سانىەي شياۋشيەن ئايىم، - ئول چەنتۇ كېنىزىكىنى زەڭگەر شايى پوتا بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈشكە ئىجازەت قىلدىم! - دىدى
- ئىككى بەستىلىك ھەرەمئاغىسى ئىشكتە پەيدا بولدى. شاھ سانىيە كۆز قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن ئىپارخانغا قارىدى ۋە:
- ئىپارخان، سەن ھەقىقەتەنمۇ ئۆز ئەقىدەڭگە سادىق، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئېسىل پەزىلەت ئىگىسى، ئىپپەت - نومۇسلۇق چەنتۇ قىزى ئىكەنسەن! - دىدى - دە، تەتۇر قاراپ قولىنى شىلتىدى.
بۇ چاغدا ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇشقان ھېلىقى بەستلىك ئىككى ھەرەمئاغىسى: ‹‹ پەرمانبەردارمىز، شاھ سانىيە جەنەبىي ئالىيلىرى! ›› دېيىشكىنىچە يېتىپ كېلىپ، ئىپارخاننى قولىدىن تۇتۇپ يان ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى......
ئىپارخان ئۆلتۇرۈلۈپ ئۈچ كۈن ئلتكەندىن كېيىن خاقانى چىن چەنلۇڭ چۈيفۈدىن ئاستانە - بېيجىڭدىكى ئوردىسىغا قايتىپ كەلدى ۋە دەرھال ئىپارخاننى كۆرمەك بولۇپ باغۇ - ئېرەمگە كىردى. كۆردىكى، قەشقەر ئۇسلۇبىدا ياسالغان بۇ ھەشەمەتلىك كاشانە ئىمارەت جىمجىت بولۇپ، ھېچكىم كۆرۈنمەيتتى. ئىپارخاننىڭ ناخشا - كۈلكە قايناپ تۇرىدىغان خانىسىدا ئەمدى بوران ئۇچۇپ تۇراتتى. ئۆيدىكى ھەشەمەتلىك جابدۇق - مەنقۇلاتلارنى توپا - چاڭ باسقان بولۇپ، خانا ئىچىدە بىرخىل غېرىبلىق ھۆكۈم سۈرۈپ تۇراتتى.
چەنلۇڭ دەرھال ئىپارخاننىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان ھەرەمئاغىسىنى ئالدىغا چاقىرتىپ سورىۋىدى، ھەرەمئاغىسى دەرھال ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، ئىپارخاننىڭ شاھ سانىيە تەرىپىدىن بوغۇپ ئۆلتۇرۇلگەنلىكىنى خانغا مالۇم قىلدى.
ئىپارخاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ چەنلۇڭ يۈرىكىنىڭ بىر يېرى ئاچچىق ئېچىشقاندەك بولدى - يۇ، ئەمما قىلچە چاندۇرمىدى. ‹‹ تەڭرىم ئىپارخاننى بىزگە نېسىپ قىلمىغانىكەن ! ›› دېگىنىچە بۇ ھەقىقەتنى تەن ئېلىشقا مەجبۇر
بولدى.....

پايدىلانغان ماتىرىياللار:


(1) ئەلى خوجا ( 1694 - 1759 ) چوڭ خوجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئاپئاق خوجىنىڭ ئىككىنچى ئاكىسى ئىنايىتۇللاخوجا ( كارامىتۇللا خوجا )نىڭ نەۋرىسى ئىدى.


(2) پادىشاھلارنىڭ چوڭ خوتۇنلىرىغا بېرىلىدىغان ھۆرمەت نامى.


(3) ‹‹ بۇرقۇم ئەۋلىيا ›› قوليازما


(4) شىياۋ زىشېن: ‹‹ ئىپارخانغا دائىر يېڭىدىن تېپىلغان تارىخىي ماتېرىياللار››‹


(5) بۇ ھەقتە ئابدۇۋەلى ئەلىنىڭ ‹‹ بەدۇلەت - يانغىن قاپلىغان تۇپراق ›› دېگەن تارىخىي قىسسەسىنىڭ ‹‹ ئاپتۇر سۆزى ›› گە قارالسۇن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىايتى 1997 - يىل 3 -ئاي 1 -نەشىرى


ئابدۇۋەلى ئەلى ‹‹ تۇرغاق خوجىلار›› 1 -2 - قىسىم. 2000 - يىل 2 - ئاي 1 -نەشىرى. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى.


مەنبە : تورداش تورى



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uygur521 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
0999uyghurkizi + 68 رەھمەت سىزگە !
tewelgha + 59 ياخشى ماتىريال

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 166   باھا خاتىرىسى

نادانلىق ئىناقسىزلىق بىزدىكى ئىللەت،
جەننەت ئۈچۈن تامادىدۇر ،بۇ نادان مىللەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13265
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9186
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 743 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 06:22:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپپاق  خۇجىنىڭ  جەمەتىنىڭ  ھەم ئاپپاق خۇجىنىڭ  قەبرىسىنى  قەشقەر خەلقى  ئاجايىپ ھەيۋەت ياساپتۇ . شۇ دەۋىردە  مىللەتنىڭ يۇز ئابرۇيىنى دەپ  ئاپپاق خۇجا بىلەن  ئۇرۇش قىلىپ  قەخرىمانلىق كۇرسەتكەن  سەىدىيە خانلىغىنىڭ پاتىشاسىنىڭمۇ قەبرىسى مۇشۇنداق ھەيۋەتمىدۇ

كېچىدە ئاي بولمىسا تەنھا يولمۇ يۈرەلمەيمەن!!!!

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 06:32:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بارغاندا ،بۇ يەرلەرنى  كۆرۈپ قايتقانتۇق. كىرىش بىلىتى ئالىدىكەن تىخى. ئۇسۇلچىلار يان تەرەپتە بىر قورۇدا، ئۇسۇل ئويناپ ئۇيۇن قۇيۇپ بىرىدىكەن.ھازىر قانداقكى. تۆگىلەر باركەنتۇق ،تۇنجى قىتىم تۆگىگە چىقىپ باققانتىم شۇيەردە.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش