|
|
|
|
ئىنسانلار تۇنجى قىتىم چوڭقۇر ئالەمگە يۈرۈش قىلىشتىكى"دەرۋازا"نى بايقىدى
2013-يىل 06-ئاي-29-كۈن تىڭشۈن تورى
بەلكىم ئۇزاق بولمىغان كەلگۈسىدە،قوياش سىستىمىسى سىرتىدىكى جانلىقلار ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش ھاسىل بولۇشى مومكىن،ھالبوكى،بۇنىڭ سەۋەبى دەل <<ئىكسپىدىيىتچى 1>>( ياكى <<ساياھەتچى 1 >>).
36يىل،قوياش سىستىمىسىنىڭ گىرۋىگى
‹‹ئىكىسپىدىيىتچى 1 ››
شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى،<<ئىلىم-پەن>> ژورنىلى تور بىكىتى دوكلات ئىلان قىلىپ مۇنداق دىدى:NASA(ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئىدارىسى)1977-يىلى قويوپ بەرگەن ئالەم تەكشۈرۈش ئەسۋابى <<ساياھەتچى 1-نومور>> يىقىندا قوياش سىستىمىسىنىڭ گىرۋېگىدىن ئەۋەتكەن "كىشىنى لەرزىگە سالىدىغان" ئۇچۇر بەلكىم ئىنسانلارغا قوياش سىستىمىسىدىن يولتۇزلار كائىناتى(تۇرغۇن يولتۇزلار ئارىسىدىكى بوشلۇق)غا تۇتىشىدىغان "دەرۋازا"نى كۆرسىتىپ بەردى. NASA قاتارلىق ئورگانلاردىن كەلگەن ئالىملار يازغان بۇ دوكلاتتا يەنە مونۇلار دىيىلگەن:<< <ساياھەتچى 1 > ھازىر يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 مىليارد كىلومىتىر بولوپ بۇيەر شارى ۋە قوياش ئارىلىقىنىڭ 125 ھەسسىسىگە باراۋەر. ئۇ بىزگە قايتۇرغان سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىشتىن شۇنى بايقاشقا بولىدۇكى، قوياش سىستىمىسىدا 36 يىل ئۇچقان بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابى بۇرۇن قىياس قىلىنغانغا ئوخشاش ئاللىقاچان پۇتۇنلەي قوياش سىستىمىسىدىن چىقىپ بولغان بولماستىن،بەلكى يىڭى بىر رايونغا يىتىپ بارغان.>>
قوياش سىستىمىسىنىڭ كونكىرىت چىگرىسى يوق
مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە،"ماگىنىت مەيدانىدىكى يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيول"دەپ ئاتالغان بۇ رايۇننىڭ بايقىلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.بەزىلەرنىڭ قىياسى بويىچە بولغاندا بۇ بەلكىم قوياش سىستىمىسىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى شۇنداقلا يۈلتۈزلار كائىناتىغا يۈرۈش قىلىشتىكى "دەرۋازا" بولۇشى مومكىن. ئالىملار بۇنىڭدىن ئاۋال ، قوياش سىستىمىسىدىن ئايرىلغاندا ، ئۇنىڭ ماگىنىت مەيدانى تۇيۇقسىز يوقاپ كىتىدۇ يەنى قوياش سىستىمىسىنىڭ مۇئەييەن چىگرىسى بار دىگەن قاراشنى قوللايتتى،لىكىن <<ساياھەتچى 1 >> قايتۇرغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ، قوياش سىستىمىسىنىڭ كونكىرىت چىگرىسى يوق بولوپ ،ئۇنىڭ گىرۋېكىگە يىقىنلاشقاندا ئۇنىڭ ماگىنىت مەيدانى ئاجىزلىشىدۇ . تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا،" ئىكىسپىدىيىتچى 1-نومۇر" يىتىپ بارغان رايوندىكى زەرەتلىك قوياش زەررىچىلىرىنىڭ مىقدارى تىزلىكتە ئاجىزلاشقا باشلىغان ، شۇنداقلا قوياش سىستىمىسى سىرتىدىن كەلگەن ئالەم رادىئاتسىيە نۇرىنىڭ سانلىق مىقدارى تۈز سىزىق بويىچە يۇقىرىلاشقا باشلىغان.بۇنىڭغا ئاساسەن مۇتەخەسىسلەر ، قوياش سىستىمىسىنىڭ مۇتلەق بولغان چىگرىسى يوق، ھالبوكى ئۇ بىر ئۆتۈشمە رايۇن بولۇشى ، شۇنداقلا بۇ رايۇن قوياش سىسىتىمىسى ياكى يولتۈزلار كائىناتىغا تەۋە بولماسلىقى بەلكى ئىككىسىنىڭ ئۇلىنىش ئىغىزى بولۇشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.
تەتقىقاتچىلار بۇ "يىڭى قۇرۇقلۇق"نى "قوياش ھىپوزى ئۇپىراش رايونى"دەپ ئاتىدى. قوياش ھىپوزى(heliopause)بولسا قوياشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇم بىر جاينى كۆرسىتىدۇ،بۇ جايدا قوياش شامىلى يولتۇزلار كائىناتىدىن كەلگەن ماددىلارغا ئۇچرايدۇ.
قوياش سىستىمىسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كىتىشكە يەنە بىر قانچە يىل بار
" <<ئىكىسپىدىيىتچى 1>> بىزگە كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئاتا قىلدى" NASA <<ئىكىسپىدىيىتچى>> تۈرىگە مەسئۇل ئالىم ئىدۋارد سىتون مۇنداق دەيدۇ:"بىز ئەسلى ئۇ قوياش سىسىتىمىسىدىن پۇتۇنلەي ئاتلاپ ئۆتۆپ ، قوياش سىستىمىسىدىن كەلگەن بارلىق جىسىملارنى ئارقىسىغا تاشلاپ ئومۇمىيۈزلىك ھالدا يولتۈزلار كائىناتىغا كىرىپ كىتىدۇ دەپ ئويلىغان،لىكىن نەتىجىدە ئۇنداق بولمىدى."
<<ئىكىسپىدىيىتچى 1 >>قانچىلىكئۇچقاندىن كىيىن ئاندىن قوياش سىستىمىسىدىن ئايرىلىيالايدۇ؟
"مىنىڭچە يەنە بىر قانچە يىل بار،بەلكىم 2015-يىلى" سىتون : "
‹‹ئىكىسپىدىيىتچى 1 ››گە يۈكلەنگەن مىس پىلاستىنكا
بىز ئىگە بولغان مەلۇماتلار تامامەن يىڭى بايقاش،ئۈلگە قىلغۇدەك ھىچقانداق مودىل يوق،ھازىرغا قەدەر بىز ناھايىتى تەلەيلىك ،چۇنكى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تىخى ھىچقانداق ئاپەت خاراكتىرلىك كاشىلا كۆرۆلگىنى يوق."
تەتقىقاتچىلار <<ئىكىسپىدىيىتچى 1 >>نىڭ 2020-يىلىدىن بۇرۇن قوياش سىستىمىسىدىن ئۇچۇپ چىقىپ كىتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ،چۈنكى ئۇ چاغدا ئۇنىڭ پەن -تىخنىكا ئۇسكۈنىلىرى بىر-بىردىن تاقىلىشقا باشلايدۇ،2025-يىلىغا بارغاندا،<<ئىكىسپىدىيىتچى 1 >>نىڭ ئاتوم ئىنىرگىيىسى دىۋېگاتىلى ئىشلەشتىن توختايدۇ، بۇنىڭ بىلەن <<ئىكىسپىدىيىتچى 1 >> پۈتۈنلەي تەنھا يەرشارى ئەلچىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ سالىمىنى ئىلىپ ئالەمنىڭ چوڭقۇر جايلىرىغا يۈرۈپ كىتىدۇ.
ياخشىمۇسىز تاشقى پىلانت ئادىمى
<<ئىكىسپىدىيىتچى 1 >> گە مىستىن ياسالغان بىر پارچە پىلاستىنكا يۈكلەنگەن بولوپ ، ئۇنىڭدا ئەينى چاغدىكى ب د ت باش كاتىپى Kurt Waldheim ۋە شۇ چاغدىكى ئامرىكا زوڭتۇڭى كات نىڭ سالام سۆزىدىن باشقا تۈرۈك تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 55 خىل ئىنسانلار تىلدىكى سالام سۆزى ۋە موزارت قاتارلىقلارنىڭ 90مىنۇتلۇق تاللانما مۇزىكا شۇنداقلا 115 پارچە سۈرەت ، قوياش سىستىمىسىدىكى ھەرقايسى پىلانتلار ھەم ئىنسانلارنىڭ رەسىمى ۋە چۈشەندۇرۇلىشى بار.
پىلاستىنكىغا ئويولغان ئىنسانلارنىڭ سالام سۆزى"پىلانت يەرشارىنىڭ بالىلىرى سىلەرگە سالام يوللايدۇ."
|
|
|
|
|
|