پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ مۇھىم
ئاساسلىرىنىڭ بىر مۇھىم ئاساسىدۇر
پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش مۆئمىننىڭ ئەقىدە ئاساسلىرىدىن بىر ئاساس ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈشكە باشلاپ ئېيتىمىزكى ، اللە تائالا ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىرىنى ئۆز كىتابىدا بىر قانچە ئايەتلىرىدە سۆزلىدى . جۈملىدىن پەرىشتىلەرگەئىشىنىش ئەقىدىسىنى سۆزلەپ سۈرە بەقەرە 177 _ ئايەتتە مۇنداق دېدى : << سىلەرنىڭ كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش تەرەپكە يۈزلۈنىشىڭلار ياخشىلىق ئەمەس . لېكىن اللە تائالاغا ئىشىنىش ، ئاخىرەت كۈنىگە ۋە پەرىشتىلەرگە ، اللەنىڭ كىتابلىرىغا ، پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىش ۋە اللە تائالاغا مۇھەببەت باغلاش ئۈچۈن يېقىن تۇققانلارغا ، يېتىملارغا ، مۇھتاجلارغا ، مۇساپىرلارغا ، ھاجەت سوراپ كەلگۈچىلەرگە ۋە قۇللارنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلىشقا ، پۇل _ مال ياردەم قىلىش ، ناماز ئوقۇش ، زاكات بېرىش ، ئەھدى _ توختامغا رىئايە قىلىش ، يوقسۇللۇق ، كېسەل ۋە اللە يولىدىكى h ، ئىرادىدە چىڭ تۇرۇشتەك ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ ئىش _ پائالىيەتلىرى ياخشىلىقتۇر . >>
يەنە اللە تائالا سۈرە بەقەرە 281 _ ئايەتتە : << مۇشۇ پەيغەمبەر ''مۇھەممەد '' ( سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ) پەرۋاردىگارى تەرەپتىن ئۇنىڭغا چۈشۈرۈلگەن كىتابقا ئىشەندى ، مۆئمىنلەرمۇ ئىشەندى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى اللە تائالاغا ۋە اللە تائالانىڭ پەرىشتىلىرىگە ، اللە تائالانىڭ كىتابلىرىغا ، پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەندى ، ( ئۇلار ) اللە تائالانىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچ بىرىنى ئىماندىن ئايرىپ قويمايمىز دەيدۇ . >> دېدى.
يەنە اللە تائالا سۈرە نىسا 136 _ ئايەتتە : << ھەر كىم اللە تائالانى ، پەرىشتىلەرنى ، اللەنىڭ كىتابلىرىنى ، پەيغەمبەرلىرىنى ، قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلسا ، ( ئىشەنمىسە ) ئۇ ئىنسان توغرا يولدىن بەك يىراققا ئېزىپ كېتىدۇ . >> دېدى . شۇنىڭدەك ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ( اللە ئۇ زاتتىن رازى بولسۇن ) رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالام ئىماننىڭ ئالتە ئاساسىنى سۆزلەپ بەرگەندە پەرىشتىلەرگە ئىشىنىشنى ئالتە ئاساسنىڭ بىرى قىلىپ سۆزلەپ بەردى . جەبرائىل ئەلەيھىسالاممۇ '' راست ئېيتتىڭىز '' دېدى. چۈنكى جەبرائىل ئەلەيھىسالام مۇھەممەد ( سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ) ئەلەيھىسالامدىن يۈزلەرچە ئەسھابلار بار يەردە ئادەم سۈرىتىدە كېلىپ سورىغان ئېدى . جەبرائىل ئەلەيھىسالام قايتقاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەسھابىلارغا '' ھېلىقى سوئال سورىغان كىشى جەبرائىل ئەلەيھىسالام ئېدى '' دەپ خەۋەر بەردى .
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسەن پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش مۆئمىن ئەقىدىسى ئاساسلىرىدىن بىر ئاساس دەپ تونۇماي ئىمان تولۇق بولمايدۇ ، پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا شەك بىلەن قارىغان ياكى كىشىگە شەك تاشلىغان ئادەم يالغانچى ، كافىر بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئىسلامدىن بىر نەرسە يوق ، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئورۇن يوق ، چۈنكى ئۇ اللە تائالانى ، رەسۇلۇللاھنى ، مۆئمىنلەرنى يالغانچى قىلدى ، ھەم ئەقىلنىڭ ھۆكىمىگە ۋە ئاشكارا قايىل بولىدىغان مەسىلىلەرگە قايىل بولمىدى .
پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشى
مالائىكە ( پەرىشتىلەر ) << مەلەك >> دېگەن سۆزنىڭ كۆپلىكى بولۇپ ، ئەسلى << الوكە >> دېگەن سۆزدىن كېلىپ چىققان . الوكە ( ئەلوكەت ) ئەلچىلىك مەنىسىدە ، پەرىشتە دېمەك ئەلچى دېمەكتۇر . پەرىشتىلەر بولسا ، چوڭ ھەم سانى كۆپ مەخلۇق بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سانىنى اللە تائالادىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ ، اللە تائالا ئۇلارنى نۇردىن ياراتقان . ياخشىلىققا تەبىئىي خۇيلاندۇرغان ، شۇڭا ئۇلار يامانلىق دېگەن نەرسىنى تونۇمايدۇ ، يامانلىق قىلمايدۇ ، يامانلىق قېشىغا يېقىن كەلمەيدۇ . كىشىنى يامانلىققا بۇيرىمايدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ياراتقان ئىگىسىگە دائىم ئىتائەت قىلىدۇ . اللەنىڭ بۇيرۇقلىرىغا قىلچىلىك ئاسىيلىق قىلمايدۇ ، نىمىگە بۇيرىسا شۇنى قىلىدۇ ، كېچە ۋە كۈندۈز بوشاشماي تەسبىھ ئېيتىدۇ . اللە تائالاغا ئىبادەت قىلىشتىن زېرىكىپ قالمايدۇ . ئۆزىنى چوڭ تۇتمايدۇ ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىدىن خەۋەر بېرىپ : " پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلدى . جىنلار ئوتتىن يارىتىلدى . ئادەم بولسا ، سىلەرگە چۈشەندۈرۈلگەن نەرسىدىن ( تۇپراقتىن ) يارىتىلدى '' دېدى . ( ئىمامى مۇسلىم رىۋايىتى )
پەرىشتىلەرنىڭ بىر _ بىرىدىن ئەۋزەللىكى
پەرىشتىلەرنىڭ اللە تائالاغا يېقىنلىقىدا بىر _ بىرىدىن ئىنسانلاردەك ياكى بەكراق پەرىقلىقتۇر . پەرىشتىلەر ئارىسىدىن مۇقەررەبلەر بار . اللە تائالا نىسا سۈرە 172 _ ئايەتتە : << ئەيسا پەيغەمبەر اللە تائالاغا قۇللۇق قىلىشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ ،مۇقەررەب پەرىشتىلەرمۇ باش تارتمايدۇ .>> دېدى .
پەرىشتىلەر ئېچىدىن اللە تائالانىڭ ئەرشىنى كۆتۈرىدىغانلىرىمۇ بار ، اللە تائالا بۇ ھەقتە : << قىيامەت كۈنى رەببىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە باشلىرى ئۈستىدە كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . >> دېدى . ( سۈرە ئەلھاققە 17 _ ئايەت )
پەرىشتىلەر ئىچىدىن پەيغەمبەرلەر بار ۋە باشقىلار بار ، پەرىشتىلەرنىڭ ئەۋزىلى جەبرائىل ، مىكائىل ، ئىسرافىل ، ئەزرائىل ئەلەيھىسالاملاردۇر . ھەممىدىن بەكراق شەرەپلىكراقى جەبرائىل ئەلەيھىسالامدۇر .
پەرىشتىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى
پەرىشتىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ ۋە كۆپ خىلدۇر . تۆۋەندىكىلەر قۇرئاندا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدە بايان قىلىنغان ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە قىلىدىغان ئىشلىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ ، اللە تائالا ئۇلارغا ئىبادەتتە ۋە ئىتائەتتە بولۇش ئۈچۈن تەيىنلىگەن ئىشلاردۇر .
1. '' جەبرائىل ئەلەيھىسالام '' __ . ئۇ مۇقەددەس روھ دەپمۇ ئاتىلىدۇ . اللە تائالا بۇ پەرىشتىنى كۈچلۈك ، ئىشەنچىلىك پەرىشتە دەپ سۈپەتلەپ ، سۈرە تەكۋىردە << چوقۇمكى قۇرئان بولسا ، ھۆرمەتلىك ، كۈچلۈك ، ئەرش ئىگىسى ( اللە ) قېشىدا مەرتىۋىلىك ھەم بويسۇنغۇچى ، ئىشەنچىلىك ئەلچى ( جەبرائىل ) اللە تائالا تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن سۆزدۇر . >> دېدى .
اللە تائالا جەبرائىلنى ئەڭ شەرەپلىك ۋەزىپىگە خاس قىلدى . ئۇ بولسا ، اللە تائالا بىلەن پەيغەمبەرلەر ئارىسىدا ئەلچىلىك ، ۋاستىلىك قىلىشتىن ئىبارەت . جەبرائىل پەيغەمبەرلەرگە اللە تائالادىن ۋەھىي ئېلىپ كېلەتتى . اللە تائالا بۇ توغرىسىدا سۈرە شۇئەرا 192 _ ئايەتتە : << قۇرئان بولسا پۈتۈن ئالەملەرنىڭ ئىگىسىنىڭ چۈشۈرگەن كىتابى ، ئۇنى ئىشەنچىلىك روھ ( جەبرائىل ) ئاگاھلاندۇرغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن سېنىڭ يۈرۈكۈڭگە ئېلىپ چۈشتى . >> دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن نەقىل قىلىنغان ئىشەنچىلىك ھەدىستە ، جەبرائىل ئەلەيھىسالام بارلىق ئالەمدىكى سەپەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭىدا يەنى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالامنىڭ بىر كېچىدە مەككىدىن بەيتۇل مۇقەددەسكە ، ئۇ يەردىن ئاسمانلارغا ئېلىپ چىقىلغان مىئىراج سەپىرىدە رەسۇلۇللاھقا ھەمراھ بولۇپ ماڭغان . ( مۇتتەپەقۇن ئەلەيھىھەدىس )
2. '' مىكائىل ئەلەيھىسالام '' __ . ئۇنىڭغا اللە تائالا تاپشۇرغان ۋەزىپە يامغۇر بىلەن ئۆسۈملۈكلەرگە مەسئۇل بولۇشتۇر .
3. '' ئىسرافىل ئەلەيھىسالام '' __ . ئۇنىڭغا اللە تائالا تاپشۇرغان ۋەزىپە قىيامەت كۈنىدە سۈر تارتىشتۇر ( سۈر چېلىشتۇر ) .
4. '' ئۆلۈم پەرىشتىسى ئەزرائىل ئەلەيھىسالام '' __ . ئۇ بولسا ، جانلارنى تاپشۇرۋېلىشقا مەسئۇلدۇر. ئۇنىڭغا ياردەمچى باشقا پەرىشتىلەرمۇ بار . بۇ توغرىسىدا اللە تائالا سۈرە ئەنئام 61 _ ئايەتتە : << قايسى بىرىڭلارنىڭ ئۆلۈم ۋاقتى يېتىپ كەلسا ، ئۇنىڭ جېنىنى بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (ئۆلۈم پەرىشتىلىرى ) تاپشۇرۇپ ئالىدۇ . ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەشتە يۇتەرسىزلىك قىلمايدۇ .>> دېدى .
5. '' ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ياردەمچىلىرى '' __ . ، ئۇلار ئىككى تۈرلۈك . بىر بۆلىكى رەھمەت پەرىشتىسى . يەنە بىر بۆلىكى ئازاب پەرىشتىسى . بۇلار ئۆلۈم پەرىشتىسى بىلەن بىللە بولىدۇ . اللە تائالانىڭ ( ئەلچىلىرىمىز تاپشۇرۋالىدۇ ) دېگەن سۆزىدىكى ئەلچىلەر بۇلاردۇر .
6. '' ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچىلاردۇر '' __ . بۇلار تۆت پەرىشتىدۇر . قىيامەت كۈنى بولغاندا بۇلارغا يەنە تۆت قوشۇلۇپ سەككىز بولىدۇ . اللە تائالانىڭ : << ئەرشنى كۆتۈرگۈچىلەر ۋە ئەرش ئەتراپىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەرۋاردىگارىغا ھەمدى ئېيتىش بىلەن تەسبىھ ئېيتىدۇ >> دېگەن سۆزى دەلىلدۇر . يەنە اللى تائالانىڭ << قىيامەت كۈنى رەببىڭنىڭ ئەرشىنى سەككىز پەرىشتە باشلىرىدا كۆتۈرىدۇ >> دېگەن سۆزى دەلىلدۇر .
7. '' رىزۋان '' __ . ئۇ بولا جەننەتنىڭ ئىشلىرىغا مەئۇل ھەم جەننەت خادىملىرىنىڭ باشلىقىدۇر .
8. '' جەننەتنىڭ رىزېاندىن باشقا خادىملىرى '' __ . ئۇلارنىڭ سانلىرىنى اللە تائالادىن باشقىسى بىلمەيدىغان خادىم پەرىشتىلەر . اللە تائالا بۇلار ھەققىدە : << ئەھلى جەننەت قېشىغا ھەممە ئىشىكتىن پەرىشتىلەر كىرىپ ، '' سىلەر دۇنيادىكى چاغدا ئىسلامغا ئىشىنىشتە ، ئىسلام ئىشلىرىنى ئىشلەشتە چىڭ تۇرغىنىڭلار ئۈچۈن ئەمدى تىنچ _ ئامانلىق بار . بۇ جەننەت يۇرتىنىڭ كەلگۈسى بەك ياخشى '' دەيدۇ >> دېدى . ( سۈرە رەئىد 23 _ ئايەت )
ھەدىستە كەلدى ، '' جەننەتكە كىرگن ھەر _ بىر ئادەم ئۈچۈن خادىملار بار ، سانى سەكسەن مىڭدىن ئاز ئەمەس ، بۇ خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى جەننەتتىكىلەرگە خىزمەت قىلىشتۇر . '' ( تىرمىزى رىۋايىتى )
9. '' زەبانىيە '' __ . بۇلار 19 پەرىشتە بولۇپ ، بۇلارنى اللە تائالا دوزاخقا مەسئۇل قىلغان ، دوزاخقا مەھكۇم بولغانلارنى جازالايدۇ ۋە ئازابلايدۇ .
اللە تائالا قۇرئاندا : << ئۇ كافىرنى مەن دوزاخقا سالىمەن ، دوزاخنىڭ نىمىلىكىنى قانداق بىلىسەن ؟ ئۇ ھېچ نەرسىنى چالا قويمايدۇ . ( كۆيدۈرىدۇ ) دوزاخ ( يوغانلىقىدىن ) ئىنسانلارغا ( يىراقتىن ) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مەسئۇلدۇر. بىز دوزاخقا مۇئەككەل قىلىنغۇچىلارنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق . بىز ئۇلارنىڭ سانىنى كافىرلارغا سىناق قىلدۇق >> دېدى . بۇ پەرىشتىلەرنى باشلىقى << مالك >> دەپ ئاتىلىدۇ . اللە تائالا دوزىخىلار توغرىسىدا سۆزلەپ : << ئۇ كافىرلار ( دوزاخقا مەئۇل پەرىشتىلەرگە ) ئى مالك ! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن >> دەپ توۋلىشىدۇ . مالىك << سىلەر ئازابتا داۋاملىق قالىسىلەر >> دەيدۇ . للە تائالا ئېيتىدۇ : << بىز سىلەرگە ھەقىقەتەن توغرا ، راست دىننى ئەكىلىپ بەرگەن ئىدۇق . لېكىن سىلەرنىڭ كۆپچىلىكىڭلار ھەق دىننى يامان كۆرگۈچىلەردۇر . >> دېدى . ( سۈرە زوخرۇف 77_ ئايەت )
10. '' يازغۇچى ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر '' __ . بۇلارنىڭ ئىشى ئىنسانلارنىڭ سۆز ۋە ئىش پائالىيەتلىرىنى يېزىپ خاتىرىگە بىكىتىشتۇر . ھەر _ بىر ئادەمنىڭ ئوڭ تەرەپتە بىر پەرىشتە بولۇپ ، ياخشى ئىشلىرىنى يازىدۇ ، چەپ تەرىپىدە بىر پەرىشتە بولۇپ يامان ، ناچار ئىشلىرىنى يازىدۇ . اللە تائالا بۇ توغرىسىدا سۈرە ئىنفىتاردا : << سىز ئىنسانلار ، ئۈستۈڭلاردا گۈزەتچىلەر ، يازغۇچى ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بار ، سىلەر نىمە قىلساڭلار ئۇلار ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ . >> دېدى .
11. '' ساقلىغۇچىلار '' __ . ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىنسانلارنى جىن _ شەيتانلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ۋە بالايى ئاپەتلەتدىن ساقلاشتۇر .
اللە تائالا سۈرە رەئىد 11 _ ئايەتتە : << ھەر _ بىر ئادەمنىڭ ئالدى _ كەينىدە اللە تائالانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار . >> دېدى . ئابباس ئوغلى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ( اللە ئۇ زاتتىن رازى بولسۇن ) بۇ ئايەتكە تەپسىر بېرىپ ، << ئۇلار ئىنساننى ئالدى _ ئارقىسىدىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان پەرىشتىلەر بولۇپ ، ئىنسانغا اللە تائالا قەدەردە بىكىتكەن بىر ھادىسە كەلگەندە ئۇلار ئىنساندىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ . >> دېدى . مۇجاھىت ئېيتتى : پەرىشتىلەر ئىنساننى ئۇيقۇدا ۋە ئويغاقلىقىدا جىندىن ، ئىنسانلاردىن ، زەھەرلىك ھاشاراتلاردىن ساقلايدۇ .
12. '' ئاياللارنىڭ رەھىمى ( بالا ياتقۇسى ) غا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتىلەر '' __ . ئىمامى بۇخارى بىلەن ئىمامى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالاتۇۋەسسەللەم << اللە تائالا ئايال كىشىنىڭ رەھىمىگە بىر پەرىشتىنى مەسئۇل قىلىدۇ . پەرىشتە اللە تائالاغا : '' ئى رەببىم ! بۇ بالا مەنىلىق ھالەتتە '' دەيدۇ . مەنى قانغا ئايلانغاندا ، پەرىشتە اللە تائالاغا : '' ئى رەببىم ! بۇ بالا قۇيۇق قان '' دەيدۇ . ئاندىن '' ئى رەببىم ! بۇ بالا رىزە گۆش '' دەيدۇ . ( ئۆز ۋەزىپىسىدىن دوكلات بېرىپ تۇرىدۇ ) اللە تائالا ئۇ مەنى سۇنى رەسمى ئادەم سۈرىتىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندا ، پەرىشتە اللە تائالاغا : '' ئى رەببىم ! بۇ بالا ئوغۇل بولامدۇ ياكى قىز بولامدۇ ؟ بۇ بالا شەقى ( كافىر ) بولامدۇ ياكى سەئىد ( مۆئمىن ، سالىھ ) بولامدۇ ؟ بۇنىڭ رىزقى قانداق بولىدۇ ؟ ئۆلۈم قارارى قانچە يىل ؟ '' دەپ سورايدۇ . پەرىشتە اللە تائالا بۇيرىغان بويىچە بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ھەممىنى يازىدۇ . >> دېدى . ( مۇتەپەقۇن ئەلەيھ ، ئەللۇئللۇئۇۋەل مەرجان )
13. '' تاغلارغا مەسئۇل پەرىشتىلەر '' __ . ئىمامى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتىدە ، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتتى : << مەن تائىپتىن مەئيۇسگە قايتىپ كەلگەندە ، تاغلارغا مەسئۇل قىلىنغان پەرىشتە مېنى قىچقىرىپ : ئى مۇھەممەد ! ( سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ) بۇ تاغ سەن خالىغان ئىشقا ئىشلىتىلىدۇ . ئەگر سەن ئىختىيار قىلساڭ مۇشۇ ئىككى تاغنى مەككىدىكى مۇشرىكلار ئۈستىگە باستۇرىمەن . >> دېدى .
14. '' يەر يۈزىدە ساياھەت قىلىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلەر '' __ . بۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ( سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ) ئۈممەتلىرىنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئېيتقان ، يوللىغان سالام ۋە رەھمەتلىرىنى رەسۇلۇللاھقا يەتكۈزىدۇ . بۇ ھەقتە ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ( اللە ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن ) رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئېيتتى : << اللە تائالانىڭ يەر يۈزىدە مېڭىپ يۈرۈيدىۈان بىر بۆلۈك پەرىشتىلىرى بار ، ئۇلار مېنىڭ ئۈممەتلىرىمنىڭ سالاملىرىنى ماڭا يەتكۈزىدۇ . >> ( بۇ ھەدىسنى ئىمامى ئەھمەد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان )
15. '' مۆئمىنلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىدىغان پەرىشتىلەر '' __ . بۇلارنىڭ اللە تائالا تەرىپىدىن تاپشۇرۋالغان ۋەزىپىسى ، بىر مۆئمىن ئادەم يەنە بىر مۆئمىن بۇرادىرىگە شۇ بۇرادىرى يوق يېرىدە دۇئا قىلسا ،يەرىشتە ئېيتىدۇ : '' ئى رەببىم اللە ! بۇ بەندەڭنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغىن . ئى مۆئمىن ! ساڭىمۇ ئاشۇ تىلىكىڭنىڭ ئوخشىشى بولسۇن '' دەپ دۇئا قىلىدۇ . يەنە ئىمامى مۇسلىمنىڭ ھەدىسىدە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتى : << بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆز بۇرادىرى ئۈچۈن يوق يېرىدە قىلغان دۇئاسى ئىجابەت قىلىنىدۇ . ھەر _ بىر مۇسۇلمان قېشىدا دۇئاغا مۇئەككەل پەرىشتە بار . مۇسۇلمان ئادەم مۇسۇلمان بۇرادىرىگە ياخشىلىققا دۇئا قىلسا ، مەسئۇل پەرىشتە : '' ئى اللە ئىجابەت قىلغىن ، ئى مۇسۇلمان ، ساڭىمۇ سەن ئۇنىڭغا تىلىگەندەك ياخشىلىق بولسۇن ! '' دەيدۇ . >> دېدى .
16. '' ئىنسانلار ئۆلگەندىن كېيىن جانلىرىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ چىقىدىغان پەرىشتىلەر '' __ . ئىمامى مۇسلىم ھەدىسىدە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتتى : << مۆئمىن بەندىنىڭ روھى بەدىنىدىن چىققاندا ئىككى پەرىشتە جېنىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ يۇقۇرىغا ئېلىپ چىقىدۇ . >> دېدى ۋە رەسۇلۇللاھ مەزكۇر روھنى '' خۇش پۇراق ۋە ئىپار پۇراپ تۇرىدۇ '' دېگەن ئىدى . ئاسمان پەرىشتىلىرى ئالقىشلاپ : زېمىندىن چىققان بۇ جان بەك ياخشى خۇش پۇراق ئىكەن ، اللە تائالا ساڭا ۋە سەن ياشاتقان بەدەنگە رەھمەت قىلسۇن ! '' دەيدۇ . ئاندىن مەزكۇر پەرىشتە جاننى اللە تائالا تەرەپكە ئېلىپ ماڭىدۇ . اللە تائالا : << بۇ جاننى ئۆز ئورنىغا ئېلىپ بېرىڭلار ! >> دەيدۇ . رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كافىر ئىنساننىڭ روھى توغرىسىدا يۇقارقىنىڭ ئەكسىنى سۆزلىدى . ( ئىمامى مۇسلىم رىۋايەت قىلدى )
17. '' مۇنكەر _ نەكىر ئىسىملىك پەرىشتىلەر '' __ . بۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ۋاپات بولغان ئادەملەردىن قەبرە ئىچىدە سوئال سوراپ ، << سېنى ياراتقان ئىگەڭ كىم ؟ سەن قايسى دىندا ؟ پەيغەمبىرىڭ كىم ؟ >> دەپ سوراق قىلىشتۇر . تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ئىشەنچىلىك بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتتى : << ئۆلگەن ئادەم قەبرىگە كۆمۈلگەندىن كېيىن قارا تەنلىك، كۆك كۆزلۈك ئىككى پەرىشتە كىرىدۇ ، بۇلارنىڭ بىرى مۇنكەر ، بىرى نەكىر . ئىككى پەرىشتە ئۇ ئادەمگە : '' مۇشۇ كىشى ( رەسۇلۇللاھ ) ھەققىدە نېمە دەيتىڭ ؟ ( نېمە دەپ تونۇيتىڭ ) '' دەيدۇ . پەرىشتىلەر : '' سېنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق '' دەيدۇ . ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى يەتمىش كۋادىرات گەز كەڭرىتىلىدۇ ھەم قەبرىسى نۇرلاندۇرىلىدۇ . ئاندىن ئۇ كىشىگە '' ئۇخلاڭ ! '' دېيىلىدۇ . >>
ئۇ كىشى : << بالام _ چاقام قېشىغا بارسام ، بۇ ياخشى ئەھۋالىمنى خەۋەر قىلسام >> دەيدۇ ، ئىككى پەرىشتە يېڭى ئۆيلەنگەن ، ئۇنىڭغا ئەڭ سۈيۈملۈك بولغان كىشىسىدىن باشقىسى ئويغاتمايدىغان يىگىتتەك '' راھەتتە ئۇخلاڭ ! '' دەيدۇ . اللە ئۇ كىشىنى مۇشۇ يەردىن تىرىلدۈرۈپ قوپۇرغۇچە ئەھۋالى شۇنداق راھەتتە بولىدۇ .
ئەگەر ئۆلگەن ئادەم مۇنافىق ( كۆرۈنىشى مۇسۇلمان ، قەلبى باشقا ) بولسا پەرىشتىلەر : << بۇ كىشىنى ( رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسالامنى ) نېمە دەيتتىڭ ؟ >> دەپ سورايدۇ . مۇنافىق جاۋاب بېرىپ '' بىلمەيمەن '' دەيدۇ . پەرىشتىلەر : << سېنىڭ شۇنداق دەيدىغانلىقىڭنى بىلەتتۇق >> دەيدۇ . زېمىنغا : << بۇ مۇنافىققا ھىملاشقىن !!! ( قىستىغىن ) >> دېيىلىدۇ . زېمىن ئەتراپى ھېملىشىدۇ . ئۇنىڭ قوۋۇرغىلىرى كىرىشىپ ( ئوڭ قوۋۇرغىلىرى چەپ تەرەپكە ، چەپ قوۋۇرغىلىرى ئوڭ تەرەپكە ) ئۆتۈپ كېتىدۇ . قىيامەت كۈنى قوپۇرغۇچە شۇنداق ئازاب داۋام قىلىدۇ >> دېدى . ( تېرمىزى ، ئەبۇ داۋۇد ، ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان )
پەرىشتىلەرنىڭ ئىشلىرى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى تەكشۈرسەك ۋە پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە ئىشلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئايەتلەرنى ئويلاپ كۆرسەك اللە خالىسا چوقۇم ئېيتالايمىزكى ، پۈتۈن ئالەم ، ئاسمان جىسىملىرى ۋە يەرشارى مەخلۇقلىرىنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملىق باشقۇرۇش اللە تائالانىڭ رۇخسىتى ۋە ئىختىيارى بىلەن پەرىشتىلەرگە تاپشۇرۇلغان .
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئېيتتى : << ئاسمان ئىنجىقلاپ كەتتى ۋە شۇنداق قىلىشقا تىگىشلىك ، چۈنكى ئاسماندا ھەر تۆت بارماق ئورنى مىقداردا يەردە بىر پەرىشتە بېشىنى قويۇپ اللە تائالاغا سەجدە قىلىدۇ . >>
پەرىشتىلەرنىڭ بەزى سۈپەتلىرى
پەرىشتىلەر تەن قۇرۇلۇش تەرەپتىنمۇ ، سۈپەت ، خۇسۇسىيەت تەرەپتىنمۇ خالىس غايىپ ( سېزىم ئەزالىرى بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان ، سېزەلمەيدىغان مەخلۇق ) جۈملىسىدىن بولۇپ ، ئەقلىي دەلىل ۋە شەرئىي دەلىللەر ئۇلارنىڭ بارلىقىنى ، مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىشىنىش ، ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى ۋە ئەھۋالىغا راست دەپ ئىشىنىش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ . يۇقارقى ئايەتلەر ۋە ئىشەنچىلىك ھەدىسلەر ئارقىلىق پەرىشتىلەرنىڭ كۆپ سۈپەتلىرىنى ۋە ئەھۋالىنى بىلىۋالدۇق ، ئۇنى بۇ يەردە مۇقەررەرلەشتۈرۈپ ئېيتىمىزكى :
1. '' پەرىشتىلەر ئىنتايىن ھايالىق مەخلۇقلاردۇر '' دېمەك پەرىشتىلەر ئۆز ئەھۋالىغا لايىق ھايا قىلىدۇ ، چۈنكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام << پەرىشتىلەر ھايا قىلغان ئادەمدىن مەن ھايا قىلمايمەنمۇ ؟ >> دېگەن . پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھەزىرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ( اللە ئۇ زاتتىن رازى بولسۇن ) نى دېمەكچى ئېدى . پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ بۇ سۆزى پەرىشتىلەردە ھايا قىلىش سۈپىتىنىڭ بارلىقىغا دەلىلدۇر .
2. '' پەرىشتىلەرنىڭ رەنجىشى '' پەرىشتىلەرمۇ ئىنسانلاردەك يامان سۆز ، يامان ئىشتىن رەنجىيدۇ . ئىمامى مۇسلىمنىڭ بىر ئىشەنچىلىك ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم : << ھەركىم سامساق ، پىياز ،كۈدە قاتارلىق ناچار پۇراقلىق كۆكتاتنى يىسە ، بىزنىڭ مەسجىتىمىزگە ھەرگىز يېقىن كەلمىسۇن ! چۈنكى پەرىشتىلەر ئادەم باللىرى سەسكەنگەن نەرسىدىن سەسكىنىدۇ . >> دېگەن .يەنە سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام : << ئىت بار ئۆيگە ، سۈرەت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ . >> دېگەن . پەرىشتىلەرنىڭ ئىت بار ، سۈرەت بار ئۆيگە يامان كۆرۈپ كىرمەسلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ يامان كۆرۈلىدىغان نەرسىلەردىن ئازار يەيدىغان ، سەسكىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ .
3. '' ئادەمدە پەيدا بولىدىغان ئىشلارنىڭ پەرىشتىلەردە يوقلىقى '' ئادەمدە پەيدا بولىدىغان ئاچلىق ، كېسەل ، تاماق يېيىش ، ئۇخلاش ، چارچاپ قېلىش............................. دېگەندەك ئىشلار پەرىشتىلەردە يوق . قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان دەلىل بار . ئۇ بولسا اللە تائالانىڭ << پەرىشتىلەر كېچە _ كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ ، سۇسلىشىپ قالمايدۇ . >> دېگەن سۆزىدۇر. ( سۈرە ئەنبىيا 20 _ ئايەت )
4. '' پەرىشتىلەرنىڭ اللە تائالادىن قورقۇشى '' پەرىشتىلەر اللە تائالادىن قورقىدۇ . بۇنى قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە نەھلىنىڭ 49 _ ئايىتى << ئاسمنلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق جانلىق ، مەخلۇقلار ، پەرىشتىلەر اللە تائالاغا سەجدە قىلىدۇ . ئۇلار اللەغا باش ئېگىشتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتمايدۇ ، ئۈستىدىكى تەربىيەت قىلغۇچى ئىگىسىدىن قورقىدۇ . بۇيرۇلغان ئىشنى قىلىدۇ . >> دېگەن ئايەت ئىسپاتلايدۇ . يەنە اللە تائالانىڭ سۈرە ئەنبىيا 28 _ ئايەتتە : << پەرىشتىلەر اللە تائالا رازى بولغان كىشىگىلا شاپائەت قىلىدۇ . ئۇلار ئاللە تائالادىن ئەيمىنىپ ھەمىشە قورقۇپ تۇرغۇچىلاردۇر . >> دېگەن سۆزى ئىسپاتلايدۇ .
5. '' پەرىشتىلەرنىڭ اللە تائالاغا بويسۇنىشى '' پەرىشتىلەر اللە تائالاغا دائىم بويسۇنىدۇ ، ھېچقانداق ھالەتتە ئاسىيلىق قىلمايدۇ . اللە تائالا بۇيرۇغاننى قىلىدۇ . اللە تائالا سۈرە ئەنبىيا 26 _ ئايەتتە : << پەرىشتىلەر اللە تائالا ئالدىدا ھۆرمەتلىك قۇللاردۇر . اللە تائالادىن بۇرۇن گەپ قىلمايدۇ . ( اللە ئالدىدا يورغۇلىمايدۇ ) اللە تائالانىڭ بۇيرۇقىغىلا ئەمەل قىلىدۇ . >> دېدى .
6. '' پەرىشتىلەرنىڭ اللە تائالا ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرىشى " پەرىشتىلەر اللە تائالا ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى ۋە ئىشلارنى ئۆز ھالىغا لايىق ۋە ئۆز ۋۇجۇدىغا لايىق ياخشى كۆرىدۇ . اللە تائالا ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى پەرىشتىلەرنىڭمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقى سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھۇل مۇسلىمدا نەقىل قىلىنغان ئىشەنچىلىك ھەدىستە بايان قىلىنغان . پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن : << اللە تائالا بىر بەندىسىنى ياخشى كۆرسە ، جەبرائىل ئەلەيھىسالامنى چاقىرىپ ، '' اللە تائالا پالانى بەندىنى دوست تۇتتى ، سەنمۇ ئۇنى دوست تۇتقىن '' دەيدۇ . جەبرائىل ئەلەيھىسالاممۇ دوست تۇتىدۇ . ئاندىن جەبرائىل ئەلەيھىسالام پۈتۈن ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنى چاقىرىپ '' اللە تائالا پالانى بەندىسىنى دوست تۇتتى ، سىلەرمۇ دوست تۇتۇڭلار ! '' دەيدۇ . پۈتۈن ئاسماندىكىلەر ئۇ بەندىنى دوست تۇتىدۇ . ئۇ بەندىگە يەر يۈزىدىمۇ مەقبۇللۇق بېرىلىدۇ . ( يەنى ئۇ بەندىنى دۇنيادىكى مۆئمىن سالىسلار ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ ) >> دېگەن . ( مۇتەپپەقۇن ئەلەيھ ، ئەللۇئلۇئۇ ۋەلمەرجان )
7. '' پەرىشتىلەرنىڭ دۇئا قىلىشى ۋە لەنەت ئوقۇشى '' پەرىشتىلەر ئۇلۇغ رەببى اللە تائالاغا دۇئا قىلىدۇ ۋە تىلەيدۇ . بۇ ھەقتە اللە تائالا سۈرە غاپۇر 7_ ئايەتتە : << ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرۈسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ھەمدى ئېيتىدۇ . ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ . مۆئمىنلەر ئۈچۈن مەغفىرەت تىلەيدۇ . ( ئۇلار ) ئى تەربىيەت قىلغۇچى ئىگىمىز ! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممىگە كەڭدۇر . تۆۋبە قىلغانلارنىڭ ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ماڭغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلغىن ! ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن ! >> دەيدۇ دېدى . پەرۋەردىگارىمىز اللە تائالا لەنەت قىلغانلارغا پەرىشتىلەرمۇ لەنەت قىلىدۇ ، اللە تائالا مۇنداق دېدى : < چوقۇمكى ، كافىر بولۇپ ، كافىرلىقتا ئۆلگەنلەر جەزمەن ئۇلار اللە تائالانىڭ ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ . ئۇلارغا ئازاب كېمەيتىلمەيدۇ ، ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئازاب كېچىكتۈرۈلمەيدۇ . >> ( سۈرە بەقەرە 161 _ ئايەت )
8. '' پەرىشتىلەرنىڭ تەن قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭلىقى ۋە پەرىقلىقى '' پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشى چوڭ مەخلۇق . ئۇلار بىر _ بىرىدىن بك چوڭ پەرىقلىق يارىتىلغان . ئىشەنچىلىك بىر ھەدىستە كەلدىكى : << جەبرائىل ئەلەيھىسالامنىڭ 600 قانىتى بار . پەرىشتىلەردىن 2 قاناتلىقلارمۇ بار . >> . اللە تائالا مۇنداق دېدى : << ھەمدۇ _ سانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى ، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق ، ئۈچ قاناتلىق ، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى اللە تائالاغا خاستۇر . اللە تائالا يارىتىشتا ئۆزى خالىغاننى زىيادە قىلىدۇ . چوقۇم اللە تائالا ھەر نەرسىگە كۈچى يەتكۈچىدۇر . >> ( فاتىر سۈرىسى 1_ ئايەت ) . ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئېيتتى : << ماڭا ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان بىر پەرىشتە توغۇرلۇق سۆزلەپ بېرىشىمكە رۇخسەت بېرىلدى . ئۇ پەرىشتىنىڭ ئىككى پۇتى زېمىندا ، ئۇنىڭ چوققىسىدا ئەرش بار ، ئۇنىڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئىككى مۆرىسىنىڭ ئارىسىنى تېز ئۇچار جانىۋار يەتتە يۈز يىلدىمۇ ئۇچۇپ بولالمايدۇ . شۇ پەرىشتە '' ئى اللە ! قەيەردە بولساڭ سېنى پاك ، مۇقەددەس دەپ تونۇيمەن '' دەيدۇ . >> دېگەن .
ھەقىقەتىنمۇ ئۇلۇغ اللە ھەممىدىن ئۇلۇغ ، ھەممىگە قادىر ، ھەممىدىن مىھرىبان ، كۈيۈمچان ،رەھىمدىل ، ئادىل ،ھەممىدىن گۈزەل ..................... ئىشقىلىپ ماختىسا تىللار ھەر قانداق نەرسىلەر ئاجىزلىق قىلىدىغان ، ماختىسا ھەرقانداق نەرسىلەر ئازلىق قىلىدىغان شۇنچىلىك كاتتا ، ئۇلۇغ اللەدۇر !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! ئىنشائاللاھ بىز ئەنە شۇنداق كەرەملىك اللەھقا ئىمان ئېيتقان بىز ، ئىنشائاللاھ بىزنىڭ ئەنە شۇنداق كاتتا ، ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ رەببىمىز بار ...شۈكرى اللە ،شۈكرى ئەلھەمدۇلىللەھى رەببىل ئەلەمىيىن `!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!1