ئىنساپ ئوغىرسى
(نەسىر)
ئابدۇراخمان ئابلەت بۇلاقى
ئىنساپ ئۇ-مال ئەمەس پۇلغا سېتىۋالىدىغان ۋە ياكى تاماكا ئەمەس يانچۇققا سېلىپ ساقلايدىغان.
ئىنساپ-بىر بىباھا بايلىقدۇركى،ئۇ قەلبنىڭ ئەڭ چوڭقۇر جايلىرىغا پىنھان يوشۇرۇنغان چاقناپ تۇرغان مەرۋايىتتۇر.
مەرۋايىت دېمەكلىك-بىباھا گۆھەر دېمەكلىك.
توغرا،ئىنساپ دېمەكلىك-ھەم بىباھا گۆھەر دېمەكلىك.
تەپەككۇر قىلىۋاتىمەن، ئىنساپ ئاسمىنىدا ئەركىن ، تولىمۇ ئەركىن پەرۋاز قىلىۋاتىمەن.بىراق،كۆڭلۈم نېمە ئۈچۈندۇر غەش ،تولىمۇ غەش. نېمە ئۈچۈندۇر بىر سىھرى كۈچ ئىختىيارسىز مېنى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا دەۋەت قىلماقتا.يېزىشقا ، تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندىمەكتە ۋىجدانىم. شۇ ۋەجىدىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ مۇنۇ قۇرلارنى يېزىۋاتىمەن.
ئويلىنىۋاتىمەن، ئۇزاق ئويلىنىۋاتىمەن؛ بۇ ھېكايەمنى قانداق باشلاپ ،قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش توغۇرسىدا ئويلىنىۋاتىمەن...
ئاڭلىمىسام بىلمەيىتتىم،بىلمىسەم يازمايىتتىم.بۇ ھەممە ئادەمنى بىر پەس چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان،ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى تونۇتىدىغان بىر مەسىلە ئىدى.
يىقىندا ساۋاقداشلىرىمدىن مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلاپ قالدىم:
«ھازىرقى ئوغۇرلار نېمىدېگەن ئىنساپلىق –ھە! بىر كىشىنىڭ يانچۇقىدا 120 يۈەن پۇل بار ئىكەن ،ئوغرى ئۇ كىشىنىڭ يانچۇقىدىكى 100 يۈەن پۇلنى ئوغۇرلاپ،20 يۈەن پۇلنى قويۇپ قويۇپتۇ ئەمەسمۇ؟ ھەيران قارارلىقى شۇكى ،120 يۈەن پۇل بىر يانچۇقتا ئىكەن...»
كۈلكىلىك ،تولىمۇ كۈلكىلىك،ھەقىقەتەن كۈلكىلىك...
بۇ توغۇرسىدا نۇرغۇن پاراڭلار بولدى،بەزىلەر : « بۇ ئوغرىنى خىلى ئىنسابى بار ئوغۇرئىكەن.» دېسە،يەنە بەزىلەر: «بۇ ئوغرى ئەخمەقكەن.» دېيىشەتتى.
«بىر كاللىدا بىر خىيال،ھەر كاللىدا مىڭ خىيال» دېگەندەك،ئىشقىلىپ ھەر كىم ھەر نېمىلەرنى دېيىشەتتى.بۇ توغۇرسىدىكى بەسمۇنازىرلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.
مېنىڭ پىكىرىم شۇكى،ئوغرىنىڭ ئىنساپى بولسا ئوغىرلىق قىلامتى؟ ئۆز ۋىجدانىنى قايرىپ كويۇپ،نەپسانىيەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ،قالامتى؟ئىنساپىنى پۇلغا ساتامتى؟!...
ھازىر كىشىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىنساپىنى سېتىۋاتقان،ئۆز ۋىجدانىغا يۈز كېلەلمەيدىغان،ئادىمىيلىكىنى يوقۇتىۋاتقان،ئادىمىيلىكىنى تونۇيالمايدىغان كىشلەر خىلى كۆپىيىپ قالدى...
ئىچىنىۋاتىمەن! تولىمۇ ئىچىنىۋاتىمەن! ئۆزىنىڭ ۋىجدانىنى ،ئىنساپىنى سېتىۋاتقان ئادەمسىمان ئادەملەرگە ئىچىنىۋاتىمەن!...