قايدىسەن
مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس
سەۋرى قاچام توشسا رەت-رەت تۆككىنىمدە قايدىسەن،
بولدى لەختە دەرت بىلەن دىل كۈتكىنىمدە قايدىسەن.
ئوت ئېلىپ ياندى تېنىم تەپتىڭ مېنى قىلغاچقا لال،
كۈل كەبى توزۇپ ئۆچەرمەن كۆيگىنىمدە قايدىسەن.
نۇر بولۇپ جىسمىڭغا شۇڭغۇپ ئېرىتىشنى پەم ئېتىپ،
تولدۇرۇپ ھىجران سۈيىنى يۈتكىنىمدە قايدىسەن.
بىر ئۆزەم يالغۇز تۈنەشكە قىلمىغىن مەجبۇر مېنى،
جاق تويۇپ جاندىن دېڭىزغا چۆككىنىمدە قايدىسەن.
ئۆرتىگەچكە دىلنى زەرداپ ئىڭرىدى مەجرۇھ تېنىم،
سەن تامان ئىزدەپ شىپالىق كۆچكىنىمدە قايدىسەن.
قىينىلىپ بولغاچقا بىتاپ بۇندا ھىجران دەستىدىن،
تولغۇنۇپ ۋىسال ئىشىكىڭ چەككىنىمدە قايدىسەن.
مەن بولۇپ سايەڭگە قوشماق يۈرگىنىمنى سەزمىدىڭ،
سەن ئۈچۈن بارىمنى قۇربان ئەتكىنىمدە قايدىسەن.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-29 03:07 AM