ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش بۇرادەرلەر، تۆۋەندە مەن دوستۇم يازغان شىئىرنى سىلەرگە تەقدىم قىلاي !
جاھاننى قاپلاپتۇ تىشى پال-پال زەر
ئاز قاپتۇ جىسمى ئەمەس قەلىپ روھى ئەر،
سەن مەرتلىك بابىدا چاقنىغان گۆھەر،
سەن بىزگە كېرەكسەن سۆيۈملۈك ئۆمەر .
قاغجىراپ كەتتىغۇ ئۈممەتنىڭ روھى ،
ئاز قالدى ئۆچكىلى ھەقىقەت نۇرى ،
قەھرىمان كۆرمىدۇق ئۇزۇندىن بېرى ،
سەن بىزگە كېرەكسەن سۆيۈملۈك ئۆمەر .
ئەركەكلەر شۇنچىلىك خار زەيىپلەشكەن ،
غورورى ، ۋىجدانى شورداپ زەيلەشكەن ،
باتىلغا يانتاياق ھەقنى چەيلەشكەن ،
سەن بىزگە كېرەكسەن سۆيۈملۈك ئۆمەر .
ئاغزىدا ئىماننى دەۋا قىلىشقان ،
ئەمەلدە كۆڭلىگە نىفاق ئېلىشقان ،
قەدەمدە ۋەدىدىن گەپتىن يېنىشقان،
سەن بىزگە كېرەكسەن سۆيۈملۈك ئۆمەر.