مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1644|ئىنكاس: 28

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ___ھېكايە(ئەپچىلەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2097
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1322 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇر ئېلاۋەسى: ھېكايە پەقەت ئاپتۇرنىڭ قىزىقىشى بويىچىلا يېزىلدى ،شۇڭا ئاپتۇرغا نىسبەتەن قالايمىقان ئويلاردا بولماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن

پورتمال

(1)

ھېكايە



كاللامغا تېخى بايىلا قونغان كىچىككىنە غەمنىڭ  تەسىرىدىن خىيالغا چۆمۈپ كېتىپ باراتتىم،ئاياغ ئاستىمدا غىچ-غىچ قىلىپ دەسسىلىۋاتقان قارلار مېنى خىيال دېڭىزىدىن تارتىۋالماقچى بولغاندەك توختىماستىن غىچىرلايتتى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق غىچ قىلغان ئاۋاز بىلەن قەدىمنى تۇيۇقسىزلا توختىتىپ قالدىم ،ئالدىمدا غايىپتىن چۈشكەندەكلا بىر پورتمال سۇنايلىنىپ ياتاتتى، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئۇستىنىمۇ نېپىز بىر قەۋەت قار قاپلىغان بولۇپ ، ئەگەر سەللا دىققەت قىلمىغان بولسام يەنە بىر قېتىملىق غىچ دېگەن ئاۋاز بىلەن ئايىغىمنىڭ ئاستىغا چۆكۈپ كېتەتتىكەن ، ھىچنىمىنى ئويلىماي خوشلۇقۇمدا پورتمالىنى يانچۇققىلا سالدىم ، راست گەپنى قىلسام مېنى  باياتىن بېرى خىيال دېڭىزىغا چۆمدۈرىۋاتقىنىنىڭ ھەممىسى پۇلنىڭ ئىشى بولغاچقا سۇنايلىنىپ ياتقان پۇلنى قاتلاپ يانچۇقۇمغا سالغۇچە يولۇمنى داۋام قىلىپ كېتىۋەردىم ، نېمىشقىكىن ئەمدى قارلارنىڭ غىچ-غىچ قىلىپ غىچىرلاشلىرى ئاڭلانمايتتى .خۇشلۇقىدا پورتمالىنى يانچۇقۇمدىن ئېلىپ ئىچىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، 300~400كويدەك پۇل ،ۋە  20نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر بالىنىڭ كىملىكى تۇراتتى.پۇلنى ئېلىۋېلىپلا پورتمالنى بىر تامنىڭ بۇلۇڭىغا تاشلىۋەتتىم، دېمىسىمۇ ماڭا پۇلدىن باشقا نەرسىنىڭ نېمە كېرىكى ، خۇشلۇقۇمدا ئالدىمغا ئىككى قەدەم مېڭىپلا توختاپ قالدىم ،نىمىشقىكىن كۆڭلۈم توساتتىنلا تاشلىۋەتكەن پورتمال تەرەپكە ئېغىپ قالدى، قانداق قىلىش كېرەك ؟دەقىقە ئويلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئارقامغا قايتىپ پورتمالنى ئالغىنىمچە يانچۇققا سېلىپ يۈرۈپ كەتتىم.
ياتاققا كىرسەم ئادەممۇ يوق، چاپىنىمنى ئېرىنچەكلىك بىلەن  سېلىپ يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم .
-ئەستاغپۇرۇللا تاماكا تۈگەپ قاپتۇ ئەمەسمۇ.
بېشىمغا يەنە پۇلنىڭ غېمى چۈشتى ، تېخى باياتىدىن ئازاد بولغان كاللامنى يەنە غەم -ئەندىشە قاپلىۋالغانىدى.
- بۇ ئايلىق مائاش، كېلەر ئايغا سۈرۈلسە ،قانداق بولغىنى بۇ، كۈندە بىر ۋاخ تاماق يەپ كۈن ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ ئەمدى، ھەي پۇل، ھەي پۇل ، ئەجەب .............
توساتتىن يانچۇقۇمدا پۇل بارلىقىنى ئېسىمگە ئېلىپ خوشلۇقۇمدىن ۋاھ! دەۋەتتىم، شۇئان چاپىنىمنى كەيدىمدە ئۇدۇل ماگزىنغا چىقىپ تاماكىدىن بىر قاپ ئېلىپ ياتاققا قايتىپ كىردىم ، شۇ تاپتا كەيپىم شۇنداق چاغ ئىدى، بايامقى ئەندىشىلىرىم نەلەرگىدۇر يوقالغان، تاماكا چەككەش كۆڭلۈمدە چوت سوقۇشقا باشلىدىم .
-ھەنىم بولسا بايرامغا ئۈلگۈرۈپ ما پۇلنىڭمۇ تەييار بولۇپ قالغىنىنى، ئۆگۈنلۈككە دوستلار ئولتۇرۇشى دەۋاتاتتى،قانداق قىلارمەن دەپ بېشىم قېتىپ تۇرغاندا  ما پۇلنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان، ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دېگەن شۇدە مانا ، ھا!ھا!ھا!
بىر كەملەردە قورسىقىمنىڭ ئېچىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ، ھېلىمۇ كوركىراۋاتقىلى تۆت سائەتتىن ئاشتى بۇ قورساق، بەڭگى دېگەن ئاجايىپ دە، خۇمارى تۇتسا بىر قاپ تاماكىغا چىدىيالماي، تاماكا قالدۇقلىرىنى ئېلىپ چىكىپ كېتىدۇ، قورساق بىلەن پەقەت كارى يوق، ئەگەر بىر بەڭگىنىڭ يانچۇقىدا بەش سوملا پۇل قېلىپ قورساقلىرى تازا ئېچىپ كەتكەن ھەمدە خۇمارىمۇ تازا تۇتۇپ كەتكەن بولسا ئىككىلەنمەستىن ئامال قورساقنى توقلاشنىڭ ئامالىنى قىلىدىغان بەڭگىلەردىن زادى قانچىسى باردۇ؟لېكىن مېنىڭ يانچۇقۇمدا ھازىر خېلى پۇل بار ، تاماكىغىمۇ ، تاماققىمۇ يېتىدۇ، لېكىن باياتىن  تاماكا ئالغىلى چىققاچ تاماق يەپ كىرمىگەنلىكىم  ئەقىلگە سىغمايدۇدە ، بولدىلا ھېلىراق چىقارمەن ...
قاچانلاردىن مۈگىدەپ قالغانلىقىمنى ئۇقمىدىم ، بىر كەمدە  كۆزۈمنى ئېچىپ بېقىنىمدا بىر نەرسە باردەك ھېس قىلىپ شۇنداق قايرىشىمغا يانچۇقتىن بىر نەرسە ئۇرۇلغاندەك قىلدى ، قارىسام  ھېلىقى مەن تېپىۋالغان پورتمال ، شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن قوزغالغان قىزىقىش بىلەن پورتمالىنى يەنە بىر قېتىم ئاختۇرۇشقا باشلىدىم، يەنە پۇل چىقىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە شۇنچە ئاختۇرساممۇ لېكىن يەنىلا سىنىتنىڭ پۇچۇقىمۇ يوق، ئاچچىقىمدا كارىۋات ئۈستىگە پىرقىرىتىپ تاشلىۋەتتىم ۋە تاماق يېيىش ئۈچۈن سىرتقا يۈرۈپ كەتتىم. دوقمۇشقا چىقىپ تۇرۇشۇمغىلا خۇددى غايىپتىن پەيدا بولغاندەك بىر نەچچە بۇرادەر،دوستلار پەيدا بولۇپ قالدى،ئەگەر ھېلىقى چاغ بولسا بۇنداقلارغا ئۇچىراپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن دېگەن بولاتتىم، لېكىن بۈگۈنكى ئەھۋال ئۇنىڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، شۇڭا مەغرۇرانە قەدەم بىلەن ئۇلارنى ئاشخانىغا باشلىدىم ...
ياتاققا كىرىپلا كۆزۈم كارۋاتتىكى پورتمال چۈشتى،  پورتىمالنىڭ ئىچىدە بىر كىملىك تۇراتتى، قولۇمغا ئېلىپ قاراپ باقسام يېشى مەندىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ كىملىكىكەن ، توساتتىن سىرتتىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلاندى، پورتمالىنى ھاپىلا-شاپىلا يۇغۇشتۇرېۋېتىپ باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كەتتىم .
-----
ئەتىسى ئىشقا ماڭغاچ توساتتىن تامغا چاپلانغان بىر ئېلانغا كۆزۈم ئىلىنىپ قالدى ، ئىسمىxx.....
بۇ ئىسىم  ماڭا  بىر خىل تونۇشتەكلا قىلاتتى، كىملىكىمنى پەملەي دەپ بولغىچە ئىشقا كەلگەن دوسلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇلار بىلەن چاقچاقلاشقىنىمىزچە خىزمەتكە يۈرۈپ كەتتۇق.
ئىشقا چۈشكەن بولساممۇ كۆڭلۈم يەنىلا ھېلىقى تامغا چاپلانغان ئېلان بىلەنلا  قالغانىدى، كىملىك نومۇر ماڭا بىر خىل تونۇشتەكلا بىلىندى، ھەتتاكى ھېلىقى ئىسىممۇ شۇ، ئەمما زە شۇ پورتىمالنى تېپىۋالغانلارغا بىرىدىغان 500كويغا قارىغاندا چوقۇم ئىچىدە مۇھىم نەرسىسى بار بولسا كېرەك .
-توختا، بۇ ؟ھە راست بۇ نەخ ھېلىقى مەن تېپىۋالغان كىملىكتىكى نۇمۇر، ئىسىممۇ شۇ دەل ئۆزى، دېمەك بۇ كىملىكنىڭ ئېگىسى مەن تېپىۋالغان پورتىمالنىڭمۇ ئېگىسى دېگەن گەپ ،پاھ ! ئامەت كەلسە ئۈچ كەپتۇ دېگەن شۇدە مانا، مۇشۇ پورتىمالنى تېپىۋالغان كۈنلەردىن باشلاپ ئىشلىرىم ئەجەپ يۈرۈشۈپ كەتتى دېسە ...
ئۆزەمچە مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ قويدۇم، ئەمدىكى ئەس-يادىم تامدىكى ئاشۇ ئېلاندا قالغانىدى
ئېلان___xxنامىدىكى xx*****نۇمۇرلۇق كىملىك سېلىنغان بىر پورتىمال يۈتۈپ كەتتى ، تېپىۋالغۇچىلار بولسا  پەقەت شۇ كىملىكنىلا بەرگەن بولسا بولاتتى، باشقا نەرسىگە پەرۋايىم پەلەك،ئەگەر باشقا نەرسىنى ئالغان بولسىمۇ سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.تېپىۋالغانلار بولساxxxxتېلفۇن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار.
_ ھەي! نېمىگە خىيال سۈرۈپ كەتتىڭ، كېلىپ ماڭا ياردەملىشە ئاداش ...
دوستۇمنىڭ قاتتىق ۋارقىرىشىدىن خىيال ئىچىدىن ئويغىنىپ كەتتىم ، لېكىن نېرۋامنىڭ قايسى تۇمۇرلىرىكىن ئەيتاۋۇر يەنە مېنى ئاشۇ شىرىن خىيالنى سۈرۈشكە ئۈندەيتتى .ئىشتىنمۇ چۈشتۇق ،ئەسلى مەن دوستلار بىلەن بىر يەرگە بېرىش ئۈچۈن كېلىشىپ قويغانىدىم ، لېكىن شۇ پورتىمالنىڭ ئىشى مېنى بەكراق قىزىقتۇرۇپ قويغاچقا بىرە باھانە تېپىپ يالغۇز قېلىشنىڭ قازىنىنى ئاسماقچى بولدۇم ،  ھېلىمۇ ياخشى تاپقان سەۋەبىم كارغا كەلگن چېغى ئۇلارمۇ بىرگە بارمىغانلىقىمنى توغرا چۈشىنىپ مەن بىلەن خوشلاشتى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئالدىراپ ياتاققا كىردىم ۋە شۇئانلا پورتمالىنى قايتىدىن ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ، ئەلۋەتتە بىر پورتمالدىكى شۇ كىملىكنى دەپ 500بېرىدىغان ئىش بولسا چوقۇم پورتىمالدا مۇھىم نەرسە بار دېگەنلىك ئەمەسمۇ؟ ئەپسۇس شۇنچە ئاختۇرساممۇ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم.بوپتۇلا دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، تېلېفون قىلىپ مەن تېپىۋالدىم دەپ 500كوي سۆيۈنچىنى ئېلىپ خەجلىمەيمەنمۇ دەپ ئويلىدىم ، ئۆزۈمچە بۇ قىلمىشىمنىڭ سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى سەزگەن بولساممۇ ئەمما بۇ قېتىم شەيتىنىم مەندىن غالىب كەلگەنىدى، دېمىسىمۇ پورتمالدىكى پۇللارنى خەجلەۋېرىڭ بىر، يەنە  سۆيۈنچىگە ئېرىشىشنى ئويلاش....نېمە چاتىقىم كىم ئۇنى گالۋاڭلىق قىلىپ پورتمالىنى يوقىتىپ قويسۇن دەپتۇ ، شۇلارنى ئويلاپ سىرىتقا چىقىپ كوچا تېلفۇنىدا پورتمال ئېگىسىگە تېلېفون قىلدىم ، ۋەي دېگەن ئاۋاز بىلەن ياش بىر بالا ناھايىتى سىلىق ئاۋاز بىلەن تېلفۇننى ئالدى، بىر قىسقىلا پاراڭلىشىپ خوشلاشتۇق، ئۇ مېنىڭ پورتمالىنى تېپىۋالغانلىقىمنى ئاڭلاپ ناھاىتى خۇش بولۇپ كەتتى، ئىككىمىزنىڭ ئارلىقىمىزمۇ ئانچە يىراق ئەمەسكەن ، مەن ئورنۇمنى دەپ بېرىپ ئۇنى ساقلاپ تۇردۇم. ھايال بولمايلا 22~23ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق كەلگەن كۆزى گازىردەك كىچىككىنە دىقماققىنە كەلگەن بىر يىگىت  كەلدى ، مەن ئۇنىڭ شۇ ئىكەنلىكىنى پەملەپ ئۇنىڭغا تۇنۇشلۇق بەردىم ، ئۇ سالىمنى ئىلىك ئېلىپلا مەندىن پورتمالىنى سورىدى، مەن يېنىمدىن چىقىرىپ ئۇنىڭغا كۆرسىتىشىمگە ئۇ قايتىدىن مەن بىلەن قىزغىن سالاملىشىشقا باشلىدى، لېكىن مېنىڭ خىيالىم يەنىلا ئاشۇ سۆيۈنچىدە قالغانىدى،مەن ئۇ يىگىتكە پورتمالنى ئېچىپ ئىچىگە قاراپ بېقىشنى دېگەن بولساممۇ ئەمما ئۇ يىگىت ماڭا قاراپ كەسكىنلىك بىلەن ،كۆزۈڭلارغا قارىسام سەمىمىي، دۇرۈش بالىدەك تۇرىسىلەر شۇڭا ئىشەنمەسلىكىمگە يەنە ئاساسىم بارمۇ دېمەسما ، شۇنداق خىجىل بولۇپ قالدق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ۋە تاس قالدىم مەن پورتىمالدىكى پۇلنى خەجلىۋەتتىم دېگىكلى، ئەمما ئۇ گېپىنى داۋام ئەتكەچ يانچۇقىنى كولاشقا كىرىشكەندە كۆزلىرىمدىن ئوت چىكەتتى ، چۈنكى مەن ھازىرلا غايىپتىن چۈشكەندەكلا يەنە 500سومنىڭ ئېگىسى بولۇپ قالاتتىم ،ئۇ توساتىنلا يانچۇقىنى كولاشتىن توختاپ قالدى ۋەبىرخىل خىجىل بولغان قىياپەتتە
-ئاپلا كەچۈرۈڭلار،ئالدىراشچىلىقتا يانچۇقۇمغا پۇل سېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، مۇمكىن بولسا تېلفۇن نۇمۇرۇڭلارنى ياكى ئىشلەيدىغان ئورنۇڭلارنى دەپ بېرىڭلار ئەتىگىچە مەن چۇقۇم بېرىپ سىلەرگە رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن .بۈگۈن راستىنلا سەت بولدى بۇرادەر.
ئۇ شۇنداق ئوڭايسىزلانغان قىياپەتتە ماڭا قاراپ مېنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشۈمنى ساقلاپ تۇرماقتا ئىدى. ماقۇل دېدىم ئۇنىڭغا كەسكىن ئاھاڭدا تازا ئۇرغۇلۇق قىلىپ .
- سىلەر ماڭا شۇنچە ئىشىنىۋاتساڭلار، ئەمسە مەن سىلەرگە ئىشلەۋاتقان ئورنۇمنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرەي.
مەن شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭغا بىر قۇر قاراپ چىقتىم ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئالدامچىلارغا ئوخشىمايتى، ئەلۋەتتە مېنىڭ ئۇنىڭغا نېمشقا ئىشلەۋاتقان ئورنۇمنى دەپ بېرىشىمنىڭمۇ مەلۇم بىر سەۋەبى بار ئىدى .ئەگەر ئۇ ئىش ئورنۇمغا بېرىپ قالسا ئەلۋەتتە باشلىقىم بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشلىقنىڭ ئالدىدا مېنىڭ پورتىمالنى تېپىۋېلىپ يەنە قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىمنى بىلسە،بەلكىم باشلىقمۇ مېنىڭ بۇ خىسلىتىمدىن تەسىرلىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
مەن يەنە شىرىن ئارمانلار ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم .ياتاققا قايتىپ كىرگىنىمدە  ئىككى دوستۇم بىرگە كىنو كۆرۈپ ئولتۇرۇپتىكەن ، ئۇلار بىلەن سۇسقىنە ئەھۋاللىشىپ بىرگە كىنو كۆرۈشكە تەمشەلدىم ،ئەمما نىمىشقىكىن ئەتىنىڭ تېزراق كېلىشىنى ئىستەپ كىنو كۆرۈشمۇ خوش ياقمايياتىقىمغا چىقىپ خىيال سۈرگەچ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن .
بىر كەملەردە قارىسام ھېلىقى يىگىت  قېشىمغا كېلىپ 500كوينى ماڭا تۇتقۇزۇپ، مېنى باشلىقىمغا تازا ماختاپ بەردى، باشلىقمۇ مېنىڭ بۇ ئىشىمدىن تەسىرلىنىپ بۇ ئايلىق مائاشىمغا يەنە پۇل قوشۇپ بەرمەكچى بولدى. مەن پاھ دېگىنىمچە سەكرەپ كەتتىم.
_ۋايجان!
دىققەتسىزلىكتىن پۇتۇمنى كارۋاتنىڭ قىرىغا ئۇرۇۋالغان ئىدىم ،بايا كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى چۈشۈم ئىدى، سائەتكە قارىدىم ئىشقا بېرىشىمغا يەنە تۆت سائەت بار ئىدى.خىيال ئىچىدە بۇ تاڭنىمۇ ئاتقۇزدۇم، ئەتىسى ئىشقا چۈشۈپ ھايال بولمايلا ھېلىقى يىگىتنىڭ كىرگىنىنى كۆرۈپ ىۇشلۇقۇمدا ئۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشكىلى تەمشەلدىم ،ئەمما ئۇ ماڭا ھىچبىر پەرۋا قىلماستىلا مېنى يانداپلا ئۆتۈپ كەتتى، مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىراپ بولغىچە ئۇ ئۇتتۇر باشلىقنىڭ قېشىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .ئۇ باشلىق بىلەن خېلى بىر ھازا پاراڭلاشتى، بىردەمدىن كېيىن باشلىقنىڭ مېنى چاقارغان ئاۋازى ئاڭلاندى، مەن  ئۆزەمنى تۈزەشتۈرۈپ باشلىقنىڭ قېشىغا بېرىشىمغا .
-قايسى كۈنى سىز بىر پورتىمال تېپىۋالغانمۇ؟
-شۇنداق
-قېنى ئۇ پورتىمال
-ئەنە ، ئىگىسى يېنىڭىزدا تۇرۇپتۇ باشلىق، تۈنۈگۈن ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەردىم،شۇنداقمۇ ئاداش، ھە دېگىنە .
مەن شۇنداق دېگىنىمچە باشلىققا ئۇ يىگىتنى ئىما قىلىشقا باشلىدىم.
-بولدى ، مەن سەندىن پورتىمالنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى سورىدىم.
-شۇ چاغدا بەرگنتىمغۇ، پەقەت بىر كىملىكلا باركەنتۇق،ما يىگىتمۇ پورتىمالنى تېپىۋېلىپ بەرگەنلىكىمگەرەخمەت دېگەن
-ياق ! ئىچىدە 2000كوي نەق پۇل ۋە بىر بانكا كارتىسى بار ئىدى.
ئۇ يىگىت شۇنداق دېگىنىچە ماڭا قاراپ گۆلىيىشكە باشلىدى، ئۇنىڭ بۇ ئەلپازىغا قاراپ تۇرۇپلا قاپتىمەن ، ئەجىبا مەن پورتىمالغا خاتا قارىدىممۇ ، راست گەپنى قىلسام مەن ئۇ پورتىمالنىڭ ئىچىدىن پەقەت300~400كويدەكلا پۇل ئالغانلىقىم ئېسىمدە خۇشلۇقۇمدا پورتىمالدىكى پۇلنىمۇ ساناپ باقمىغان ئىدىم.
- نەدە ، مەن تېپىۋالغاندا ئىچىدە بىر پۇڭممۇ يوق پورتىمالكەن، ئېھتىمال خەق تېپىۋېلىپ ئىچىدىكى پۇلنى ئېلىپلا پورتىمالنى تاشلىۋەتكەندە ماڭا ئۇچىراپ قالغان چېغى، ئەمدى بۇ بالاغا مەن قالدىمۇ، قاراپ تۇرۇپ يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەيمەنما،
مەن شۇنداق دېگىمچە ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ تۇردۇم.
-بولدى، سەن ئالمىساڭ نېمىگە ئۇنچە قاينايسەن، راست گەپ قىلغىن ئالساڭ ئالدىم دە.
- ئىچىدە بىر پۇڭمۇ بولمىسا نەدە تۇرۇپ ئۇ ئىككى مىڭ سومنى ئالىمەن باشلىق.
-يالغان سۆزلىمە ،ئىچىدە 3000كوي نەخ پۇل بار ئىدى.
ۋاي ما قىزىل كۆزنى ، تېخى بايا 2000كوي دەۋاتاتتىڭغۇ، مەن ئالغاندا ئىچىدە بەك بولسا 300~400كوي باركەنتۇق ، ئەسلىدە مېنى قاقتى سوقتى ....
ئاپلا دېگىنىمچە ئاغزىمنى تۇتۇپلا قالدىم.
- مانا ئاشكارلاندىڭغۇ، تېخى بايا پۇل يوقكەن دەۋاتاتتىڭ، باشلىق قاراڭ قول ئاستىڭىزدا مۇشۇنداق يالغانچى كىشىلەر ئىشلىسە سودىڭىز قانداقمۇ يۈرۈشىدۇ، ھازىرقى باشلىقلارمۇ زە، سىرتىغا قاراپلا ئادەم ئالىدۇ.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە باشلىققا ئەزۋەيلەپلا كەتتى، باشلىقمۇ ئۇنىڭ  كوتۇلداشلىرىدىن زىرىككەن چېغى،سەۋرىچانلىق بىلەن ئىشنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ ئۇ يەنىلا تەتۈرلۈك قىلىپ پورتىمالىمدا زادى2000كوي بار ئىدى ، چۇقۇم تۆلەپ بەرسۇن ، بوپتۇ بانكا كارتىسىنىڭ ئىشىنى سۈرۈشتۈرمەي دەپ دۇكاننى بېشىغا كەيدى. باشلىق ئامالسىزلىقتىن ئۇنىڭغا 1500كوي بېرىپ يولغا سالدى، ئۇ كەتكەندىن كېيىن باشلىق مېنى چاقىرىپ
- ئۇكام ئۆز ئۇۋالىڭ ئۆزەڭگە، سەنمۇ كۆردۈڭ ، ئۇنىڭغا 1500كوي بېرىپ ئاران قۇتۇلدۇق، ئەمدى شۇ مەنمۇ بىر ئۆينىڭ تۇرخۇنىدىن ئىس چىقىرىۋاتقان ئادەم شۇڭا...
باشلىقنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەن ئىدىم ، دېمەك بۇ ئايلىق مائاشىمنىڭ ھەممىسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەنىدى . گەپمۇ قىلماي ئۇ يەردىن ئايرىلدىم، كوچىغا چىقىپ ئۆزەمنى ئەركىن قويىۋەتتىم، شۇ تاپتا قاتتىق جىلە بولۇپ كەتكەنىدىم ، تاماكامنى چىكىپ ئاچچىقىمنى باسماقچى بولۇپ قولۇمنى شۇنداق يانچۇقۇمغا سېلىشىمغا ، قولۇمغا پورتىمالىم ئىلىنىپ قالدى، ئاچچىغىمدا قۇرۇغدىنىپ قالغان پورتىمالنى قولۇمغا ئالغىنىمچە پۇرلاپ-پۇرلاپ يىراقلارغا چۆرۈۋەتكىنىمچە  يولۇمنى داۋام ئەتتىم .

ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ

(2)



غەزەپتىن ئۆتۈم يېرىلغىدەك بولۇپ كوچىدا كېتىپ بارماقتىمەن ، ھەي ئادەملەر دەيتىم توختىماي ئىچىمدە، پورتمالنى تېپىۋالغان كۈندىن تارتىپ تاكى ئىشلەۋاتقان يېرىمدىن قوغلانغىچە بولغان جەرياننىڭ ھەممىسىنى بىر چۈشۈمدەكلا ھېس قىلاتتىم.ئەمما بۇنىڭ ھەمىسى رېئاللىق ، قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ئىدى .
-خەپ ، ئەجەپ ئاچچىغىم كېلىۋاتىدۇ دېسە، قاراپ تۇرۇپ ، لېكىن ئۆزەمگىمۇ ئاز ، نېمە قىلار بولغىيتىم ، ئۆز ئىشىمنى قىلماي نەپسى بالالىق قىلىپ ، لېكىنزە  ما گۇينىڭ قاراپ تۇرۇپ ....
شۇ تاپتا تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەنىدىم ،تاماكىنىڭ يوقلىقىدىن جىلە بولۇپ يېقىن ئەتراپىمدىكى دۇكانغا قاراپ ماڭدىم ، پۇتۇمنى دۇكاننىڭ بۇسۇغىسىدىن شۇنداق ئاتلىتىپ توساتتىنلا يېنىمدا پۇل چاغلىق نەرسىنىڭ قالمىغانلىقى ئېسىمگە كەچتى، ئامالسىز بېشىمنى ساڭگىلاتقىنىمچە ئارقامغا ياندىم .
-ئاپلا ، ما ئىشنى كۆرۈڭ، ھەي مۇشۇ كاللامنىزە.
توساتتىنلا پورتمال ئېسىمگە كەچتى ، پورتمالنى ئىچىدىغۇ پۇل يوق ئىدى ،لېكىن ماڭا ئەڭ مۇھىم بىلىنىدىغان كىملىكىم پورتىمالنىڭ ئىچىدە قاپتۇ ئەمەسمۇ ، يۈگۈرگىنىمچە پورتمالنى تاشلىۋەتكەن يەرگە كېلىپ شۇنچە ئىزدىگەن بولساممۇ ئۇنىڭ قارىسى يوق ، شۇ تاپتا بايىقىدىنمۇ ئۆتە جىلە بولۇپ ئۆزەمنىڭ گۆشىنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولۇپ كەتكەنىدىم .مەن پورتمالنى چوقۇم تېپىشىم كېرەك دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ھېلىقى گۇيغا ئاچچىقىم كېلەتتى .قىسقىغىنا جەريان مېنى راستىنلا چارچىتىپ قويغانىدى، ياتاققا كىرىپ بىردەم ئارام ئېلىۋالماقچى بولۇپ چوڭ يولغا چىقىپلا ھەيرانلىقتىن قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، ھېلىقى گۇينىڭ بالىسى كۆز ئالدىمدىلا تاكسىدىن بىرنى توسۇپ كېتىپ بارمامدۇ، تېخى ماڭا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈپ قويۇشلىرىدىن ئۆرگىلەي ،جان ئاچچىقىمدا تاكسىنىڭ ئارقىسىدىن ساراڭدەك قوغلاپ كېتىپتىمەن،شۇنداق قوغلىغان بولساممۇ ھەش-پەش دېگۈچىلا تاكسىنىڭ قارىسى كۆزۈمدىن ئۇچتى .ئېغىر پۇتلىرىمنى سۆرىگىنىمچە ياتاققا كىرىپ كەتتىم ، ئۆزۈمنى تاشلاپ قانغۇچە بىر ئۇخلىۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ ھېچبىر ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس ، نېمىشقىكىن كۆز ئالدىمغا ھېلىقى گۇينىڭ بايىقى مەسخىرىلىك كۈلگەن ھالىتى كېلىۋېلىپ مېنى تولىمۇ بىئارام قىلماقتا ئىدى .ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ پەقەت ئۇخلىيالمىدىم، ھېلىقى گۇي خۇددى مېنىڭ ئەشەددىي رەقىبىمدەكلا مېنىڭ خىيالىمنى كونترول قىلىۋالدى، قانداق قىلىش كېرەك؟تۇرۇشقا قاراپ ئۇزاق-ئۇزاق ئويلىنىپ كەتتىم ، بىردىنلا كۆڭلۈم ۋاللىدە يۇرۇپ كەتتى .
-، توغرا مەنمۇ ئۆچ ئالاي ، ئۇ مېنى قانداق باپلىغان بولسا مەنمۇ شۇنداق باپلاي ، لېكىنزە ھازىر قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى دېسە، تەندە ماغدۇر بولمىسا ئىشمۇ خوش ياقمايدىكەن ئادەمگە .
ئىنقىجلىغىنىمچە ، كوركىراۋاتقان قورسىقىمنى سىلاپ كارۋاتتىن تۇردۇم ، شۇنچە ئىزدىسەممۇ قاغۇشتەككۈر ياتاقتا ئاچلىققا دال بولغىدەك ھىچنىمە چىقمىدى دېسە، ئۇ يەر بۇيەرنى سىلاشتۇرۇپ ئاران دېگەندە بىر تال تاماكىنىڭ قالدۇقىنى تاپتىم ۋە پاس قىلىپ ئوت ياندۇرۇپ ئاچچىق شوراشقا باشلىدىم،مۇشۇمۇ كۈنمۇ دەپ ئازاپلىناتتم ، بىركەم بولغاندا ئىشىكنىڭ قاتتىق ئۇرۇلغىنىدىن چۆچۈپ ئېسىمگە كەلدىم ، ئىشىكنى ئېچىشىمغا بىر دوستۇم ماڭا ئېتىبارسىز ھالدا جىددىيلىك بىلەن ئىچكىرى تەرەپكە كىرىپ كېتىۋاتاتتى .ئۇنىڭغا سۇنۇلغان قۇلۇم ھاۋادىلا لەيلەپ قالدى ،ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ خەير دېگىنىمچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم .
-ئاداش ،ئاداش توختىغىنە .
سىلىق ئاھاڭدا ئۇنى چاقىرتىپ توختاتتىم .
- ھە ،نېمە ئىشىڭ بار!  
مانى ،دەپ قالدىم ئىچىمدە ، چىرايلىق چاقىرسام ئەجەب ۋارقىرايدىغۇ، خەپ مۇشۇ مۇھتاجلىق دېگەن، بۈكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر ھە دېگەن خىيال بىلەن گېپىمنى داۋام ئەتتىم .
-ئاداش، شۇ قۇلۇم سەل قىسقا بولۇپ قالدى ، شۇڭا ...شۇڭا ئىككى يۈزكوي بېرىپ تۇرساڭ ، مۇئاشىم چىققاندا چوقۇم بېرىۋېتەتتىم .
-ھا!ھا!ھا! نېمە مائاش ،ھە راست ئۇقمايسەن تېخى  باشلىق دەپ قويسۇن دېگەن ،سېنى ئىشتىن بوشاتتى بايا، كۈدە كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ ئىككى كۈنگىچە ياتاقتىن چىكەتسۇن دەيدۇ.
ھەيرانلىقتىن ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم، شۇ ئىشقا مېنى ئىشتىن بوشاتقان بارمۇ دەپ ئويلايتىم .
-نېمە قارايسەن ،مەن ئەمەس باشلىق بوشاتتى ئىشتىن ،باشلىق بىلەن ئۆزەڭ بىرنەرسە دېيىشىۋال ، ھە راست پۇل سورىغانتىڭ ، مەندىمۇ جىق پۇل يوقكەن ، ئالە ما يۈزكوينى ئىشلىتىپ تۇرغىن ، كىيىنچە پۇل تاپقاندا قايتۇرۇپ بېرەرسەن .
ئۇ شۇنداق دېگەچ يانچۇقىدىن يۈز كوي چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى.ھىچبىر ئىپادىسىزلا پۇلنى ئالغىنىمچە ياتاقتىن چىكەتتىم ، شۇ تاپتا ئاچلىقنىمۇ ئۇنۇتقانىدىم ،ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن بالا مېنى خېلى چۈشەپ قويغانىدى ، خوجايىننىڭ قېشىغا چىقىپ مېنى نېمىشقا ئىشتىن بوشاتقانلىق سەۋەبىنى سوراپ باقايمۇ ؟ياق، بولدىلا دوست-دۈشمەنلىرىمنىڭ ئالدىدا ھامان ناچار نامىم قالدى، خەپ گۇينىڭ بالىسى ئەجەپ قىلدىڭ، ئەجەپ قىلدىڭ .مەن تەسەللىيگە ، ماڭا تەسەللىي بېرىدىغان بىر ئەدەمگە مۇھتاج ئىدىم ،لېكىن نېمىشقىكىن ھەممە مەندىن قېچىشاتتى ، تاماكا ،توغرا مېنىڭ غېرىپلىقىمغا شۇ تاماكىنىنڭ ئىسىلا ھەمرا، شۇنداق نىيەت بىلەن ماگزىنغا كىرىپ بىر قاپ تاماكا ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇرۇشقا باشلىدىم، ئىككىنى شوراپلا قېقىلىپ كەتتىم،نېمىشقىكىن بۈگۈن ما تاماكا ماڭا شۇنداق بەتنام تېتىيتى، ئاچچىغىمدا يانچۇققا ئەمدىلا چۈشكەن تاماكىنى پۇرلىغىنىمچە ئېلىپ تاشلىۋەتتىم،مېڭىۋەتىمەن، مېڭىۋەتىمەن ، توساتتىلا قورسىقىمنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلدىم بىردەملىك ئېسىمگە قارىسام قۇياش ئۆز سېخىيلىقىنى يۇشۇرۇپ گۇگۇم پەردىسىنى زىمىنغا يېيىپ بوپتۇ ، كىشىلەرمۇ كەچلىك يايمىلىرىنى ئېچىشىپ،ھەممە يەردە قايناق باززار دولقۇنى ، ئاستاغىنە يېنىمدىكى يايمىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردۇمدە ،چۆچۈرىدىن بىر قاچا بۇيرۇتتۇم.ئەمدى بىر نەچچە قۇشۇڭ سېلىپ تۇرۇشۇمغا يېنىمدىنلا ناھايىتى تۇنۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ شاپپىدە ئارقامغا قارىدىم ،قارىدىميۇ ھەيرانلىقتىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن، ھېلىقى گۇي ئارقامدا بىرسى بىلەن قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ، قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇردى، بېرىپلا ياقىسىدىن ئېلىپ نېمە كۆرسەم كۆرەي دەپ ئويلاپ نەچچە قەدەم مېڭىپلا يەنە ئاچچىغىمغا ھاي بەردىم، بۇنداقلا قېلىپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالغىلى بولمايدۇ، شۇنداق بىر قىلتاققا دەسسىتەيكى مېنى ئەخمەق قىلغىنىغا تويسۇن بۇ گۇينىڭ بالىسى دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۇنىڭ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇردۇم، بىردەمدىن كېيىن ئۇمۇ ئورنىدىن ئاستا قوزغالدى، مەن ئۇ ئولتۇرغان جايغا بېرىپ كىشىلەردىن ئۇنى تونۇيدىغان ياكى تونۇمايدىغانلىقىنى سورىدىم ، شۇنىڭدىن مەلۇم بولدىكى ئۇ مۇشۇ ئەتراپتا خېلى نامى بار قويمىچىكەن ، كىشىلەرنى قاقتى-سوقتى قىلىپ جان باقىدىغان ھارام-تاماق بىر نەرسە ئىكەن ، مەن ئۇلارغا ئۆزرىخالىق ئېيىتقىنىمچە خوشلاشتىم، قەدەملىرىم ئىختىيارسىز ھالدا مېنى ياتاقنىڭ ئالدىغا باشلاپ ئاپاردى، ياتاقتىكىلەر كىنو كۆرىۋاتقان ئىكەن ،مەن ئۇلار بىلەن سۇسلا سالاملىشىپلا ياتىقىمغا كىرىپ كەتمەكچى بولدۇم .بىرسىنىڭ قاتتىق چاقىرىشىدىن جايىمدا جىم تۇرۇپ شاپپىدە ئۇنىڭغا قارىدىم .
-ئەنە،سەنمۇ ئاڭلىدىڭ ،سېنى ئىشتىن بوشاتتى، ئەسلى سېنى بىر نەچچە كۈن ئۇزاقراق يېتىپ تۇرامىكىن دەپ ئويلىغان ،لېكىن سېنىڭ ئورنۇڭغا ئادەم ئالغاچقا ياتاق مەسىلىسى سەل ....شۇڭا ئاداش،
-ھە،بولدى چۈشەندىم ، بۈگۈنلا يېتىپ ئەتىدىن باشلاپ كۆچۈپ كېتەي ،خاپا بولىدىغان ئىش يوققۇ .
شۇنداق دېگىنىمچە قولۇمدا چىڭ سىقىمدىۋالغان ياتاقنىڭ ئاچقۇچىنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم. ئۆزۈمچىلا كۈلگۈم كېلەتتى، ئاجايىپ ئادەملەر بار ھە دۇنيادا، بوپتۇ يەنە شۇ گەپ ماڭا ھەمرا(بۈ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ).
مانا ،يەنە يېڭى بىر كۈن باشلاندى،كوچىغا چىقىپ ئەركىن ئايلىنىشقا باشلىدىم، كىشىلەر بىر تامنىڭ ئالدىغا توپلىشىۋالغان ،مەنمۇ قىزىقىپ كىشىلەر ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىپ تامغا قاراشقا باشلىدىم ،بىر مۇراجەتنامە،بىر ئاجىز مۇساپىرنىڭ مۇراجەتنامىسى، كۆڭلۈمدە ئۇنىڭغا ئاللاھتىن سالامەتلىك تىلەپ يولۇمنى داۋام ئەتتىم، راستىنى ئېيىتقاندا داۋام ئەتكەن يولۇمنىڭ قايان ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتىم .توساتتىن يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى
بىر سىماغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، نەق ھېلىقى گۇي ،ئاستا ئارقىسىدىن پايلاپ ماڭدىم،ئۇ تامغا بىر نەرسىنى چاپلاپ بولۇپلا كېتىپ قېلىشقا باشلىدى، مەن تامدىكى چاپلانغان نەرسىنى كۆرۈپلا ھەيران قالدىم.
-توۋا!ھېلىقى مۇراجەتنامىنى ... ماخۇمسىنىڭ قىلغان ئىشىنى قارا ، ئەمدى قىلمىغان مۇشۇ ئىشى قاپتۇ-دە ئۇنىڭ ، توختا مەنمۇ بىر باپلاي ئۇنى، كىشىلەرنى ئالدىغىنىغا تويسۇن بۇ .
شۇنداق خىياللار بىلەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن پايلاپ يۈردۈم ، يەنە ئىكى -ئۈچ يەرگە چاپلىغاندىن كېيىن ئۇ ئىشىنى تۈگەتكەندەك قىلىپ يولىغا راۋان بولدى، ،مەن ئۇ مۇراجەتنامىنى ئەستايىدىل بىر ئۇقۇپ باقماقچى بولۇپ بىرسىنى تامدىن  يىرتىپ قۇلۇمغا ئالدىم،پاھ !دەۋەتتىم ئىچىمدە ،چۈنكى مەن ئامال تاپقانىدىم ، ئۇ بانكا كارتىسى ئارقىلىق ئۆزىگە ساخاۋەتچىلارنىڭ ساخاۋېتىنى توپلايدىكەن ئەمەسمۇ ،ھىچكىمگە كۆرسەتمەي باياتىن بېرى ئۇ چاپلىغان مۇراجەتنامىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىۋالدىم .مەن ھەممە مۇراجەتنامىنىڭ بانكا كارتا نۇمۇرىنى ئۆزگەرتىپ قويكاقچى ئىدىم ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھىساباتىغا كىرىدىغان پۇل مېنىڭ ھېساباتىمغا كىرەتتى دە ئۇ داغدا قالاتتى،تاپقان ئامالىمدىن خۇش بولۇپ يانچۇقۇمنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم
- ما  ئىشنى كۆرمەمدىغان، ئاي بېشىدىلا قۇرۇقدىنىپ قالغان كارتامنى ياستۇقۇمنىڭ تىگىگىلا باستۇرۇپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ تېخى بۈگۈن ھېلىقى يېڭى كەلگەن بالا مېنىڭ ئورنۇمغا ئورۇنلىشاتتى،ئەستاغپۇرۇللا
شۇ ئانلا ھۇشۇمنى يىغىپ ياتاق تەرەپكە چېپىشقا باشلىدىم، ھېلىمۇ ياخشى ياتاق ئۇچۇق ، كىرىپلا ياستۇقنىڭ ئاسىتنى ئاختۇردۇم  ئۇف دېگىنىمچە كارتىنى يۈرىكىمگە يېقىپ ئۇ يەردىن ئايرىلدىم، مانا ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى، يانچۇقۇمدىكى پۇللارمۇ تۈگەپ قالغان،بۈگۈن كوچىدا مېڭىۋېتىپ توساتتىن تامدىكى يىرتىلىپ كەتكەن شۇنداق بولسىمۇ بەزى خەتلىرىنى ئۇقۇغىلى بولىدىغان بىر مۇراجەتنامىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، شۇئانلا كۆڭلۈم ۋالىدە يۇرىدىدە بانكىغا قاراپ يول ئالدىم.كارتامدىكى ھىساباتقا قاراپ ھەيران قالدىم 4600سومدىن ئارتۇقراق پۇل تۇراتتى، خۇشلۇقۇمدا نېمە قىلىشىمنى بىلمەيلا قالدىم ،شاپپىدە 1000سوم پۇلنى قايرىدىمدە تاماق يېيىش ئۈچۈن ئاشخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم .
-ئاڭلىدىڭلارمۇ، بىرسى ساختا مۇراجەتنامە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ كىشىلەرنى ئالداپتىكەن ساقچىلار پاش قىلىپتۇ.
-جاجىسىنى يەپتۇ، ئەمسە .
-قىزىق يېرى ساقچىلار دەلىل-ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس دەپ ئۇنى قۇيۇپ بېرىپتۇ.
ۋاي نېمىشقا ئەمدى ؟
مۇراجەتنامىگە يازغان بانكا كارتىسى باشقا بىر ئادەمنىڭ ، يانفۇن نۇمۇرى يەنە باشقا بىر ئادەمنىڭ ئىكەن ، جىنايەت گۇماندارى ،باشقىلار مېنى توزاققا دەسسەتتى دەپ تۇرۇۋالغاچ ، دىلو ئېنىقلاشقا تەس بولۇپتۇ.
-ئىسىت، كۆڭلى يۇمشاق كىشىلىرىمىز ،بىكارغىلا ....
كۆڭلۈمگە سەل گۇمان چۈشكەندەك بولدى ،تامىقىمنى يەپ شاپپىدە بانكىغا قاراپ يول ئالدىم ،چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ كارتىنى توڭلىتىۋېتىشىدىن قورقاتتىم . ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كوچىدا بەخىرامان كېتىۋاتسام دەل ھېلىقى گۇي ماڭا قارشى تەرەپتىن كېلىۋاتمامدۇ، ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ يولۇمنى داۋام ئەتتىم، لېكىن ئۇنىڭ مەسخىرىلىك كۈلىشى جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى، نېمىشقىكىن ئۇنىڭدىن قانغۇچە ئۆچ  ئالالمىغاندەك قىلاتتىم.قانداق قىلىش كېرەك دېگەن خىياللار بىلەن يولۇمنى داۋام ئەتتىم .
- ئۇكام توختاڭە؟
سىلىققىنە بىر ئاۋازنىڭ چاقىرىشىدىن شاپپىدە توختاپ يېنىمغا قارىدىم ،ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ئادەم بىچارىلىك بىلەن ماڭا تەلمۈرۈپ تۇراتتى ،
-بىرە ئىشلىرى بارمىدى ئاكا ؟
-قارىسام خېلى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمدەك قىلىسىز ، مەن بۇ يۇرتقا مۇساپىر، باياتىن ئېھتىياتسىزلىقتىن سومكامنى يوقىتىپ قويدۇم، ئىچىدىغۇ پۇلغا چاغلىق نەرسە يوقتى ،شۇ شوپۇرلۇق كېنىشكەم بار،شۇڭا ئېلان چىقىراي دېسەم خەقلەر قەغەزنى تولا يىرتىپ ئاۋارە قىلىدىكەن ، مەن ئۆزۈم قارا قورساق ئادەم، شۇڭا ئىۋۇ تامغىلا ئېلان چىقىرىپ بەرسىڭىز ، سىزدىن مىننەتدار بولغان بولاتتىم ئۇكا .
ئۇ كىشىنىڭ يالغان ئېيتمىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى ، بىر قاراپ ئۇ ئادەمگە ھەيرانمۇ قالغانىدىم.
-نېمە بوپ كەتتى بۇ جاھان، ساۋاتسىزكەن لېكىن شوپۇرلۇق پىراۋىسى باركەن ، تېخى تامغا ئېلان يېزىپ بېرىڭ دەيدۇ، ئەجىبا بۇ ئادەم بۇنىڭ مەدەنىيەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟بوپتۇلا يېزىپ بېرەي.
شۇلارنى ئويلاپ ئۇ ئادەمگە  بىر ئېلان يېزىپ بەردىم، ئۇ ئادەممۇ ئىشلىرىمدىن كۆپ مەمنۇن بولۇپ ماڭا تۈگىمەس رەخمەتلەرنى ئېيتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى،ئۇ ئادەمنىڭ قارىسى يۈتكەندىن كېيىن مەن شاپپىدە بىر بوتكىغا كىردىم دە ئۇ كىشىگە تېلفۇن قىلىشقا باشلىدىم .
- ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئاكا، بايا كوچىدىن ئۆتكەچ تامدىكى ئېلانغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ، ئۇ سومكىنى مەن تېپىۋالغان كىمگە بېرىشىمنى ئۇقالماي يۈرگەن ،  شۇڭا ئېلاننى كۆرۈپلا سىزگە تېلفۇن قىلىشىم .
-ۋوي ئۇكام كۆپ رەخمەت، ھازىر نەدە سىز ؟ئۆزەملا باراي .
-بولدى ئاكا  ، مەن تىلفۇن نۇمۇرۇمنى دەپ بېرەي ، ھېلىراق تېلفۇن قىلىڭ .
مەن شۇنداق دېگىنىمچە ھېلىقى گۇينىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى ئۇ ئادەمگە ئېيتىپ بەردىم، ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشىمدىمۇ مېنىڭ ئويلىغىنىم بار ئىدى ، شۇ ئىشتىن كېيىن يەنە نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، كوچىلاردا مىش -مىش پاراڭلار ئۈزۈلمەيتى .
-ئاڭلىدىڭلارمۇ ، مۇراجەتنامە ، يازغان كىشى تېپىلىپتۇ ،باشتىكى  گۇماندار نەق ئۆزى شۇكەن
-ۋوي، قانداق ئۇقۇپتۇ ئۇنى .
-قايسى كۈنى بىر ئاكىمىزنىڭ پىراۋېسى يۇقاپ كېتىپتىكەن ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئالغانلىقىنى دەپ تېلفۇن قىلىپتۇ ، كىيىن ئاكىمىز ئىزدەپ بارسا ئۇنداق ئىشنىڭ يوقلۇقىنى ، ئۆزىنىڭ ھىچقاچان تېلفۇن قىلمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاكا ئاچچىغىدا ساقچىغا مەلۇم قىپتىكەن ، ساقچىلار ئۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تۇيدۇرماستىن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپتۇ ...
-ئارقىدىنچۇ ، ئارقىدىن قانداق بوپتۇ ؟
-قانداق بولماقچىدى ، ئۇ ئۆيىدە ئاغىينىلىرى بىلەن كىيىنكى قېتىملىق قاقتى-سوقتى قىلىشنى مۇنازىرلىشىۋېتىپتىكەن  ساقچىلار سۆھبەتنىڭ ئۈستىگىلا چۈشۈپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ھەممە كىشى بىراقلا تورغا چۈشۈپتۇ ، سوتتا ئۇ ئۆزىنىڭ ھىچقاچان پىراۋا ئالمىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ ساقچىلار ئىشەنمەي ئۇنىڭغا 5000سوم رىجىم قۇيۇپتۇ ۋە ئىككى يىللىق كېسىمگە ھۆكۈم قىپتۇ .
ۋاھ! دەۋەتتىم خوشلۇقۇمدا ، ئۇنداق قازانغا مۇندا چۆمۈش دېگەن شۇ ، ئۆزىگىمۇ قىلدى ماڭىمۇ قىلدى، ھەر نېمە بولسا  ئۆچۈمنى ئالدىم، بولسا مەنمۇ تۈرمىگە بېرىپ ئۇنىڭ ئالدىغا مەسخىرىلىك بىلەن بىرنى ھىجىيىۋالغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى ھە .
ئۆزەمچە قىلغان بەڭۋاش خىيالىمدىن كۈلكەمنى زورىغا بېسىپ يولۇمنى داۋام ئەتتىم.


مەنبەسى :ئەپچىلەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ap~qilam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-28 11:03 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tuntaxvixi + 39 قىزقارلىق
banker625 + 33 تەپەككۇرى كۈچلۈك
hayat + 300 تەسسەۋۇرغا مەندىنمۇ ئ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 372   باھا خاتىرىسى

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11557
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4150 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا  خۇدايىم  تۇرمۇشتا  ئاجايىپ ئىشلار بولىدۇ ھە

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4469
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇش دېگەن ئاجايىپ بولىدۇ ھە!

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

كۆك ئەتتىرگۈل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4234
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 504 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئالدىراش. ساقلىۋىلىپ ھىلى ئوقاي.

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا ھا  ما ئىشنى،قايسى كۈنى « زەپەر يانفۇن بازىرى» نىڭ ئالدىدا مىنى ساقلاپ بولالماي ئاۋۇ شوپۇر ئۈچۈن تامغا ئىلان چاپلاپ بەرگىلى كىتىپتىكەنسىلدە چاقچاق ھە

ياخشى چىقىپتۇ ئاداش،ئاۋۇ گۇينىڭ ئۆزىگە ئۆزى قىلغاندىكى ئىددىيۋى مەزمۇننى ياخشى يورۇتۇپ بىرىپسىلە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93058
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 66
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2013-3-11
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىيالنى تازا ئوبدان سۈرۋاپىسز ،مەن تىخى راسلا پورتمال تىپىۋالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن
لىكىن زە ئاۋۇ گۇينىڭ ئەدىپىنى ئوبدان بىرىپسىز ، بانكىدىكىلەر ھىساۋاتىڭىزنى توڭلىتىپ قويمىغاندۇ ھە 3100يۈەن پايدا ئاپسىز ئاينا ھى ھى

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4710
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4137 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ئادەملەر يۇق ئەمەس جۇمۇ؟؟مۇشۇنداق يالغانچلىق بىلەن پۇل تاپدىغانمۇ بىر كەسىپ باركەن ھازىر

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81393
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3775
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-6-11
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىزىقارلىق ھېكايىكەن،كۆپ رەھمەت......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87161
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2013-6-30
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەقىللىق ئىكەنسىز جۇمۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 391
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1393
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 327 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپچىلەم شېئىردىن ھىكايە يېزىشقا ئۆتۈپ كەتتى دىسە...

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش