مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1595|ئىنكاس: 9

ئا.جالالىدىن لىكسىيىسىنىڭ تىكىستى:ئادىمىيلىك ۋە قەدىر-قىممەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەڭ بۈيۈك نىشانىم ھەقىقەتتۇر.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7106
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 5707 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 05:47:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىما يوللىغۇچىدىن ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش دوستلار،قىرىنداشلار،مەن قايسى كۈنى پەخىرلىك ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىددىن ئاكىمىزنىڭ خوتەن پىداگوكىكا ئالىي تىخنىكومىدا سۆزلىگەن لىكسىيىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.بۇ لىكسىيىنى ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتىلا توردىن خەۋەر تاپقان ئىدىم ۋە ئۇ لىكسىيىنىڭ تورغا تىزرەك يوللىنىپ بىز بىلەن تىزرەك يۈز كۆرۈشۈشنى ئارمان قىلىپ ھازىرغىچە تەشنا بولغان ئىدىم.چۈنكى ھەممىگە ئايان بولۇشى مۈمكىن.ئابدۇقادىر جالالىددىنىڭ لىكسىيىسىنى كۆپ كىشىلەر ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كىلىۋاتىدۇ.جۈملىدىن مەنمۇ ئۇ ئۇستازىمىزنىڭ لىكسىيەلىرىنى قالدۇرماي ،ئىز قوغلاپ دىگۈدەك ئاڭلاپ كىلىۋاتقان،كىتابلىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت دىگۈدەك كۆرۈپ كىلىۋاتقان بىر مەستانىسى.ئۇنىڭ ھەربىر لىكسىيەلىرى ،ماقالىلىرى ۋە كىتابلىرى ئۆزىنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان،ئىزدىنۋاتقان ئويلانغۇچىلار،ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن ناھايتىمۇ قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتىريالى ۋە سىلىنغان چوڭ بىر مەبلەغ بولالايدۇ دەپ قارايمەن.مەن تىخى بۇ لىكسىيەنى تولۇق كۆرۈپ بولمىغان بولساممۇ ئۇ لىكسىيىنىڭ باش قىسمىدا سۆزلەنگەن ئادىميلىك قەدىر –قىممەت ھەققىدىكى سۆزلىرى مىنىڭ ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالدى.ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىدىن بىر يوشۇرۇن مەنا،ھىكمەتلەر چىقىپ تۇراتتى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بۇ لىكسىيە فىلىمىنىڭ كۆرگەن بۆلەكنىڭ تىكىستىنى يىزىپ مۇنبەرگە يوللاپ قويۇشنى ئويلىشىپ قالدىم.چۈنكى بىرىنچىدىن فىلىمنىڭ ئاۋاز سۈپىتى تازا ياخشى بولمىغان،بۇ سەۋەبلىك فىلىمنى تازا ئەستايىدىل،دىققەت بىلەن ئاڭلىمىسا بەزى بىر سۆزلىرىنى ئاڭقىرالمايدىكەن.ئىككىنچىدىن لىكسىيىنىڭ يىزىق شەكىلدە خاتىرلىنىشىمۇ خۇددى ئۇستازنىڭ كىتابىدا ئېيتىلغاندەك يەنە بىر ياخشى باشلىنىش دەپ قاراپ ئۇ فىلىمنىڭ ئاز بىر قىسمىنى يىزىق شەكىلدە يوللاپ قويۇشنى توغرا دەپ قارىدىم.مەنمۇ بۇ لىكسىيىنىڭ بەزى يەرلىرىنى ئىنىق ئاڭقىرالماي بەزى يەرلىرنى ئۈزۈمنىڭ پەرەزىمچە يىزىپ قويدىم.ۋاقىت ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن بۇ تىكىستە خاتالىق جايلارنىڭ يوق بولماسلىقى ئىنىق ھەم يەنە ئۈزۈمنىڭ يىزىقچىلىق قابىلىيىتىمنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىنمۇ لىكسىيىدىكى بەزى جايلارنىڭ باغلاشماي چۈشىنىكسىز بولۇپ قالغان يەرلىرىمۇ بار.چۈنكى لىسىيەدىكى نوتۇق سەنئىتىنىڭ ئاغزاكى ھالەتلىرىنى يىزىق شەكىلدە تولۇق ،تىخىمۇ مۇكەممەل ،چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلەپ بىرىشكە مەن بەكمۇ ئاجىزمەن.شۇ سەۋەبتىن لىكسىيەنىڭ كۆپ جايلىرى ئەينەن بىرىلدى.(گەرچە يىزىق شەكىلدە ئاز-تولا باغلاشماي كەلگەن بولسىمۇ). شۇڭا بارلىق تورداش قىرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپو قىلىشىنى سورايمەن.  ئاخىرىدا بۇ پەخىرلىك ئۇستازىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ، بىزنىڭ مۇشۇنداق روھىمىزنى كۈچلەندۈرۈدىغان ،بىزگە ئىلھام مەدەت بىرىدىغان ۋە بىزگە ھەقىقەت يوللىرىنى تىخىمۇ يورىتىپ بىرىدىغان ئىسىل لىكسىيە بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە كۆپلەپ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن ۋە ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىنىگە سالامەتلىك ،ئىلمىنى تىخىمۇ زىيادە قىلىشىنى تىلەيمەن.  

                                         

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2013 – يىلى 3 – ئايدا خوتەن پىداگوكىكا ئالىي تىخنىكومىدا سۆزلىگەن لىكسيىسىنىڭ باش       قىسمىنىڭ تىكىستى                        


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھبەرلەر،ساھىبخانلار ۋە مۇشۇ يەردە ئولتۇرغان ئوقۇتقۇچى ،ساۋاقداشلار سىلەر بىلەن مۇشۇ يەردە يۈز كۆرۈشكىنىمدىن ناھايتىمۇ خوشالمەن      

    ساۋاقداشلارنىڭ چاۋاكلىرىدىن كەيپىياتىدىكى ناھايتى قىزغىنلىق چىقىپ تۇرىدۇ.شۇنىڭغا قارىغاندا سىلەرنىڭ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى خالايدىغانلىقىڭلار بىلىنىپ  تۇرىدۇ.بولۇپمۇ جەنۇپ شارائىتىدا (مەن ئۈزۈم قەشقەر پىداگوكىكا ئىنىستۇتىنى پۈتتۈرگەن)،قەشقەر شارائىتىدا ،خوتەن شارائىتىدا بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش پەرزىمچە ئاسان ئەمەس.مەيلى رەھبەرلەر ،ئوقۇتقۇچىلار بولامدۇ،ھەرساھە ھەر كەسىپتىكى كادىرلار زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كىلىدۇ.چۈنكى بۇ ساھەدە مۇقۇملۇقتىكى تەلەپ خىلى يۇقىرى.ئىجدىمائىي مۇقۇملۇق بىلەن خىزمەت جەھەتتىكى ئۈنۈمنى قانداق ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلەرنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرىدۇ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ بېشىنى قاتۇرىدۇ ۋە ھەممىمىزنىڭ بىشىنى قاتۇرىدۇ.ئەمما بىر ئالىي مەكتەپكە نىسپەتەن ئېتقاندا بۇنداق پائالىيەتنىڭ بولۇشى ناھايتى تەبىئىي نورمال ئىش.ئەگەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەرگە بارىدىغان بولساڭلار ھەركۈنى نەچچە مەيدان لىكسيە بوپ تۇرىدۇ.مانا مۇشۇ جەھەتتىن ئېتقاندا موشۇ سورۇندىكى كەسىپداشلار،پەستە ئولتۇرغان ساۋاقداشلار بۆلۈم جەھەتتىن ئېتقاندا ناھايتى چوڭ لىكسىيە دەپ ئېتىشقا بولىدۇ.ئىچكىردە لىكسىيەلەر كۆپ بوپ تۇرغاچقا بۇنچە كۆپ ئادەم قاتنىشىپ كەتمەيدۇ. مەيلى ئۇ يىمەك – ئىچمەككە قويولۋاتقان ئەقىدە ئۆلىچىمىگە نىسپەتەن ئېتقاندا ئۆزىنىڭ ئەقىدە تەلىپى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش،ئۆزىنىڭ ماركىسىنى چاپلاپ ئۆزىنىڭ ئىھتىياجىنى قامدايدىغان بۇ روھىدىن ئۈگىنىشكە ئەرزىيدۇ.جۈملىدىن قەشقەرنىڭ،ئاتۇشنىڭ سودىگەرلىرىنىڭمۇ خوتەن كارخانچىلىرىنىڭ مۇشۇ خىل روھىغا خىلى قايىل بولۋاتقان گەپ-سۆزلىرىنىمۇ خىلى كۆپ سورۇنلاردا  ئاڭلايمىز.مانا بۇمۇ بىرخىل روھتە.يەنە بىر تەرەپتىن خوتەن خەلقى ئۆزىنىڭ ئەۋلادىنى بىر خىل ئەقىدىلىك،ئىخلاسمەن،پاكىز،غايىسى ناھايتى توغرا،كىشىلىك ھاياتتا ھاياتقا بولغان ئەقىدىسى ناھايتى توغرا .مۇشۇنداق تەربيىلەشكە ناھايتى ئېتىبار بىرىدىغان خەلق.بۇ جەھەتتە ئىمكانىيىتىنىڭ بارىچە بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سالىدۇ.بىز بۇنى مەيلى يىقىندىن مەيلى يىراقتىن ھىس قىلىپ يەتكەن.مانا بۈگۈنكى مۇشۇ لىكسىيەنىڭ ئۆزى خوتەندىكى ئاستا- ئاستا يىتىلىۋاتقان ،ۋايىغا يىتىش ئالدىدا تۇرغان خوتەن روھىغا سىلىنغان يەنە بىر مەبلەغ دەپ ئويلايمەن.                                             

    مانا ھازىر گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەيۋاتىمەن،كاللاممۇ قۇپقۇرۇق. بەزىدە مۇشۇنداق ئالاھىدە ئۇرۇنلاشتۇرغان لىكسىيەلەردە ئادەم گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي قالىدىكەن.بۇ يەردە مەن مائارىپ ۋە ئىنسانىي قەدىر قىممەت دىگەن تىمىدا باشلاي.مىنىڭ ئويلىشىمچە مائارىپنىڭ شوئارلىرى ناھايتى توغرا،ياراملىق ئەۋلاتلارنى يېتىشتۈرۈش،دۆلەت ئۈچۈن كەسپ ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ بىرىش،بۇنىڭ ھەممىسى توغرا.لىكىن ،بىز ئۈچۈن ئەڭ موھىمى نىمە دىگەندە،بەزى ئادەملەر دۆلەتنىڭ كادىرى بولالايدۇ،بەزىلەر بولالماسلىقى مۈمكىن.بەزىلەر ناۋاي بولىدۇ،باققال بولۇشى مۈمكىن.ئاشپەز،سودىگەر بولۇشى مۇمكىن،ھەتتا دۆلەت ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك قەدىر قىممىتى بىلەن جەمىيئەتكە تۆھپە  قوشۇدىغان كىشىلەر ناھايتى  كۆپ بولۇشى مۇمكىن.شۇنداق بولغاندا بىزگە ئەڭ يىقىن كىلىدىغان نەرسە مائارىپنىڭ ئاساسىي نىشانى كىشىلىك قەدىر قىممەتنى ئەمەلگە ئاشۇردىغان نەرسە دەپ ئويلايمەن.                 

     ئەگەر بىر شەھەردە بىنالار شۇنداق ئېگىز بوپ كىتىپ،قاتناشلار شۇنچىلىك تەرەققى قىلىپ ،سىترولۇق كۆۋرۈكلەر گىرە-گىرە بوپ كەتكەن ئەھۋالدا ئۇ يەردىكى ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى مەسىلىسى ئەمەلگە ئاشمىسا ئۇ جەمىيئەت كۆڭۈللۈك جەمىيئەت بولمايدۇ.بۇخىل جەمىيئەتنىڭمۇ بەخت كۆرسەتكۈچى يۇقىرى بوپ كىتىشى ناتايىن.شۇڭا ھەمىشە قەدىر-قىممەت مەسىلىسى مىنىڭ كاللامدىن چىقمايدۇ.بىر خىزمەتنىڭ ئۇ مەيلى دىھقان بولامدۇ،شۇجى بولامدۇ ۋە ياكى بىر ناھىيەنىڭ ھاكىمى بولامدۇ قايىسى دەرىجىدىكى ئادەم بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بىر جەمىيئەتنىڭ مەدەنىيىتى ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتىنىڭ دەرىجىدىن مۇستەسنا ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغىنى يوق دەپ مۇنداق ئۆلچىندىغان مەسىلە.ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى تۈزۈلمىدىكى خارەكتىرىمىزدىن ئېلىپ ئېتقاندا مەكتەپلەر بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەر فۇنكىسىيىنى ئاساسەن كەسپى تەربىيلەش ئورنىغا ئايلاندۇرۇش.جۈملىدىن بىزنىڭ پىداگوكىكا ئونۋىرسىتىمۇ كەسپى تەربىيلەش دەيمىز.بۇنىڭدا ئىنساننىڭ قەلبىگە،ئىنساننىڭ روھىدىن  مۇستەسنا ھالدا نوقۇل كەسپ قىلىپ چۈشەندۈرۈشتەك ھالەت با.شۇڭا ئەمدى،ئىنساننىڭ روھىنى خەنزۇچىدا(      )ئادىمىلىك داۋاتىمىز،ئادىمىيەت داۋاتىمىز مۇشۇنداق دەپ بۇ تەرىپلەرنى قانداق چۈشىنىمىز؟قىسەسۇل ئەنىبىيانى  كۆرسىڭىز شۇنىڭدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر قىسىسىسى بار.ئۇنىڭدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى سىناش يۈزىسىدىن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىشتەك قىسسە يادىمىزدا بار.بەزى بىز كىچىك ۋاقىتىمىزدا شۇنداق رىۋايەتلەرنىڭ قىسقارتىلما ھىكايىلىرىنى ئاڭلاپ قويىمىزكەن.ئەمما ئۇنىڭ ھىكمىتىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كىتىدىغان ئىشكەن.مەيلى بۇ ھىكايەتلەرنى تەكرار ئاڭلاي ۋە ئۈزۈم يەنە كىتابلاردىن قايتا كۆرەي قايتا-قايتا شۇ گەپلەر قۇلۇقۇمغا كىرگەندىن كىيىن ئۈزۈمنىڭ ھايات كەچۈرمىشىمغا باغلاپ ئويۇمغا كەلگەنلەر بىلەن بىرلىشىپ بۇ ھىكايىنىڭ تىگىدىكى ھىكمەت ئاستا-ئاستا سۈزۈلۈشكە باشلايدىكەن.مەسىلەن بۇ يەردىكى ئىككى ئىنتىھان،بىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھغا بولغان ئەقىدىسىكى چىنلىق،ئىككىنچىسى ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بولغان موھاببىتى.مەسىلەن: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئوغلى بولغان شۇ ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پىچاقنى تاشقا شۇنداق ئۇرغاندا تاش يىرىلىپ كىتىدۇ،ئەمما ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ گىلىغا سۈرگەندە پىچاقنىڭ بىسى قايرىلىپ كەتتى.ئەمدى بۇ يەردە پىچاقنىڭ ئادەمنىڭ بوغۇزىغا تەڭلىگەندە قايرىلىپ كېتىشى رىئاللىققا يىقىن ئەمەس تەسەۋۇرىمىزدا.بۇ يەردە بىر ئىلاھى مۆجىزە بار.بۇ مۆجىزە ئىنساننىڭ نورمال ئەقلىدىن ھالقىپ كەتكەن نەرسە.بىز بۇيەردە تەكشۈرۈپ ،تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ياكى تەبىي پەنلەر ئارقىلىق،ھازىرقى ئىجدىمائىي پەنلەر ئارقىلىق بۇ مۆجىزىنىڭ سىرىنى يېشىشقا ئاجىزمىز.شۇڭا بۇ ئىنساننىڭ ئەقلىنىڭ سىرتىدىكى مۆجىزە بوپ تۇرسا كىرەك.ئەسلى ئۇنى تاشقا ئۇرغاندا پىچاق يىنىپ كەتسە بولاتتى.لىكىن بۇ يەدە مۇنداق بىر مەنا بار.ئىنسانىي قەدىر قىممەت،ئىنساننىڭ قىممىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىنىڭ ئالدىدا تاش يىرىلىپ كەتتى.ئەمدى بۇنى تاشقى رىئاللىقنىڭ لوگىكىسى ،تۇرمۇش لوگىكىسى بويىچە ئېتقاندا پىچاق تاشقا تەگكەندە يىنىپ كەتسە بولاتتى،لىكىن مۇھەببەتنىڭ لوگىكىسى بويىچە ئېتقاندا ئىنساننىڭ بوغۇزىغا توغۇرلانغاندا پىچاق قايرىلىپ كەتتى.بۇ بىر چىنلىقسىز، مۇنداق قارىغاندا مەنتىقىسىزدەك بىلىنگەن بىلەن لىكىن، موھەببەتنىڭ لوگىكىسىغا ،قەدىمكىلەرنىڭ لوگىكىسىغا چۈشۈرگەندە بۇ يەردە ئىنساننى ئۇلۇغلاشتەك ھىكمەت چاقناپ تۇرىدۇ.ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام نىمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسسىنىڭ بويرۇقى ئالدىدا ئەڭ ياخشى كۆرگەن ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىشقا ماقول بولىدۇ؟بۇ يەردە ياراتقۇچىنىڭ ئەڭ مىھرىبانلىقى ھەققىدىكى تەسۋىر چىقىپ تۇرىدۇ.لىكىن ياراتقۇچىنىڭ شۇ قەدەر مىھرىبانلىقى ئىسپاتلاندىكى ئاخىرقى ھىسابتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقىدىسى ئىسپاتلانغاندىن كىيىن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام ساق قالدى.ئۇنىڭ بەدىلىگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن قوي چۈشۈرۈپ بەردى. بۇ ھىكايە بىز تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى تالاي ئەۋلاد-ئەجداتلىرىمىز، ئەۋلاتمۇ- ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان بىر قىسسە.ھىكمىتىنى چۈشەنمىگەن ئادەم ئۈچۈن بۇ بىر ھىچ نەرسە ئەمەس ،ھىكمىتىنى چۈشەنگەن ئادەم ئۈچۈن بۇنىڭدا ئىنساننىڭ قەدىر –قىممىتى ھەققىدە ناھايتى بىر چوڭقۇر نەرسە بار.شۇڭا سىز قىسەسۇل ئەنبىيادىكى ،بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىمىزدىكى ھەر بىر ھىكايە،ھەر بىر ھادىسىلەر،ھەربىر نەقىللەر ۋە ھەربىر ئەقىللەر ،شۇلارنىڭ ھەممىنى ئوقۇڭ ياكى يەھودىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان تەۋراتلار ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرى بولغان ئىنجىل ،ئومۇمەن ئېلىپ ئېتقاندا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك مۇتەپەككۇرلار،يازغۇچىلار تەرىپىدىن يىزىلغان كىتابلار مەيلى قەدىمكى  ئەسەرلەر،مەيلى ئەدەبى ئەسەرلەر ،مەيلى پەلسەپە ئەسەرلەر،مەيلى مەدەنىيەتشۇناسلىق ئەسەرلىرىدە بولسۇن ھەممىسىدە بىرلا مەقسەت بار،ئۇ بولسىمۇ،ئىنساننىىڭ قەدىر قىممىمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش .جەمىيئەتتىكى ئەڭ خار،ئەڭ زەبۇن،ئەڭ قىقىندى- سوقۇندى ئىنساننىڭ قىممىتىنى قانداق قىلىپ يۈكسەلدۈرۈش،ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىر نوقتا.قانداق قىلىپ  ئىنساننى باراۋەر قىلىش؟دۇنيادا ھاكىملارنىڭ ئورنى ناھايتى ياخشى بولىدۇ ،لىكىن،ھوقۇقى دەپسەندە بولغان ئىنسانلارنى قانداق قىلىمىز؟ئىگىسىز،چاقىسىز،گىپىنى ھىچكىم ئۇقۇپ بولمايدىغان ئاجىزلار توپىنىڭ ئىجىدىمائى ئورنىنى قانداق قىلىمىز؟دىمەك ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرى دىگەن گەپ بىكار گەپ ئەمەس.پەيغەمبەرلەرنىڭ بۈيۈك دالالەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغۇچى ،ئىنسانلار ئارىسىدا ئالىملار،مۇتەپەككۇرلار بار.ئۇلارنىڭ قولىغا قەلەم ئېلىشى مۇشۇنىڭدىن كىلىپ چىققان. قەلەم ھەققى،ئىجىدىمائى ئورۇن ،شەرەپ،مەرتىۋە بۇ كىيىن كىلىپ چىققان ئىش.ئەسلى ئىنسانغا ،ئۆزىنىڭ خەلقىگە ،ئۆزىنىڭ مىللىتىگە ،ئۆزىنىڭ خوشنىسىغا،ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىغا  ۋە باشقا ئادەملىرىگە نىسپەتەن مىھرىبانلىق بىلەن مانا مۇشۇنداق مەسئولىيەتچانلىق روھىدىن ئۆرتەنگەن قەلىبلا  مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان قەلىب.ئىنساننىڭ مەنىۋى ئۇستازى بولالايدىغان قەلىب .جوڭگۇدا بىر پەيلاسۇپ بار،(جۇخۇاپىڭ دەيدىغان) شۇ نىمە ئۈچۈن جوڭگۇدا ئىنسانىيەتنىڭ ئۇستازلىرى ئاز چىقىدۇ دىگەن ئىكەن.بولۇپمۇ كىيىن نىمە ئۈچۈن ئاز چىقتى ۋە يوقاپ كىتىۋاتىدۇ ؟ئالىي مەكتەپلەر كۆپەيدى،ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇۋاتقان ئادەملەرنىڭ سانى كۆپەيدى،مائارىپقا سىلىنىۋاتقان مەبلەغ ئۆستى،تەجرىبىلەر ئىلغارلاشتى،شارائىتلار مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ياخشىلاندى.نىمە ئۈچۈن لىكىن ئىنسانىيەتكە مەنىۋى جەھەتتىن ئۈلگە بولالايدىغان ئۇستازلار چىقمايدۇ؟مۇتەخەسىسىلەر كۆپىيىۋاتىدۇ،ئالىملار كۆپىيۋاتىدۇ ،دوكتۇر كۆپىيۋاتىدۇ،پىراففىسسورلار كۆپىيۋاتىدۇيو نىمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خارەكتىرى ۋە غايىلىرى ئارقىلىق ئىككىنچى بىر ئىنسانغا ئىلھام ۋە مەدەت بىرەلەيدىغان ،ئۆزىنىڭ قىرىنداشلىرى ئۈچۈن قۇربان بىرەلەيدىغان،بەدەل تۆلىيەلەيدىغان  ئادەملەر كىمىيىپ كىتىۋاتىدۇ؟مانا بۇ مىنىڭ جوڭگۇ مائارىپىغا قويغان سوئالىم.بۇ يەردىكى گەپ نىمە دىسە ئىنسان ماددى تاقابىل تۇرۇدىغىنى ئەمەل تاماسىدا،مەنسەپ تاماسىدا،شان شەرەپ تاماسىدا ئوقۇغاندىكىنلا بۇ ئادەم ئىھتىمال دىپلۇم  ئالالىشى،دوكتۇر بولالىشى مۈمكىن ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئېرىشەلىشى مۈمكىن.لىكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنسانلىرىغا،قىرىنداشلىرىغا،مەسئوللىرىغا ئىچكى تۈرتكە ، ئىچكى ھاياجان  ياكى بىز ئۇنى خەلقنىڭ  ۋوجۇدىدىكى ئىمان تۈگەپ كىتىدۇ.بۇ نەرسە بولمىغاندىكىن،ھەقىقى ئىمان بولمىغاندىكىن سىزدىكى ئۇ ئېنىرگىيە ۋاقىتلىق ئېنىرگىيە بوپ قالىدۇ،سىزدىكى  ھەمىشە بىر كىشىگە بىرىدىغان شۇنداق بىر تۈرتكە سۇسلىشىپ كىتىدۇ.سىز مەلۇم مەخسەتكە ئىرىشكەنگە ئاساسەن توختاپ قالسىز.لىكىن سىزنىڭ قەلبىڭىزدىكى ئىمان ھەقىقى بولسا سىز ھەتتا سەكرات ھالىتىدە بولغاندىمۇ ،ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ كۆڭلىڭىزدىكى گەپلىرىڭىزنى يىنىڭىزدىكى ئادەملىرىڭىزگە دەپ شۇ ئارمانىڭىزغا ۋارىسلىق قىلالايدىغان ئادەملەرنى تاللىيالايدىغان بولىسىز.بولمىسا ئۇ سەكراتتا جان شۇنچىلىك شىرىن بولىدۇكى قورقىنچىلىقىڭىزدىن ئىمانىڭىزدىن جۇدا بوپ كېتىشىڭىز مۈمكىن.شۇڭا بۇ يەردە ئەمدى ئىنسانى قەدىر-قىممەت مەسىلىسى ئالدى بىلەن نەدىن باشلىنىدۇ دىگەن ۋاقىتتا،ھاياتلىقىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىشتىن باشلىنىدۇ.دۇنيادا ھاياتلىقنىڭ قەدىر-قىممىتى دىگەن توغما بولىدۇ.بىر چاشقانمۇ مۈشۈكنى كۆرسە قاچىدىكەن.شۇنىڭدىمۇ ھاياتلىقنىڭ قەدىر –قىممىتى تۇغما بولىدۇ.بىر توشقانمۇ شىر ياكى بۆرىنى كۆرسە قاچىدىكەن.ھەممە نىمە ئۆزىدىن كۈچلۈك ھوجۇمچىنى كۆرگەندە قىچىپ ،جېنىنى قوغدايدىكەن،مۇداپىئە قىلىدىكەن.دىمەك بۇ جانلىقلارنىڭ قانۇنىدا ھاياتلىقنى قەدىرلىشى تۇغما نەرسە.ئۇنداقتا بىر ئادەمنىڭ ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋاقىتتا ،ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلىگەن ۋاقىتتا ئىككىنچى بىر ئىنساننىڭ ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كىرەك دىگەن مەسىلە كىلىپ چىقىدۇ.مىنىڭ ھاياتىم شۇ قەدەر قەدىرلىككەن،شۇ قەدەر ئەتىۋاكەن،ئۇنداقتا مىنىڭ يىنىمدىكى بۇ ئادەمنىڭ ھاياتى قىممەتمۇ ئەمەسمۇ؟پىچاقنى ماڭا سالسا ئاغرىيدىكەن،ئۇنىڭىغا سالسىمۇ ئاغىرىشى كىرەكقۇ.مىنىڭ بىر يىرىمگە تىكەن كىرسە ۋايجان دەيمەنكەن،بۇ ئادەمنىڭ بىر يىرىنى ئەينەك كىسۋەتسىمۇ نىمىشقا ۋايجان دىمەيدۇ؟بۇنىڭدىن شۇ ماقال كىلىپ چىققان،پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال ،ئاغرىمىسا باشقىلارغا سال دەپ.بۇ گەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹ئۆزۈڭگە راۋا كۆرگەننى قىرىندىشىڭىغىمۇ راۋا كۆر› دىگەن ھەدىسى بىلەن بىردەك.ئەمدى بىزنىڭ ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنىڭ ئېيتىلىشى ئوخشاش بولمىغان بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بىلەن مەنە جەھەتتىن ئوخشاش نەرسە.مانا بۇ ئىنسانلار ھايات تەجرىبىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ماكان –زاماندا ئوخشاش بولدىغانلىقى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ماتىريال ئوخشاش.ھازىرقى ئىنسانشۇناسلار،ئىنساننىڭ ھاياتىنى تەتقىق قىلىدىغان ھاياتشۇناسلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارنىڭ ئېرقى ۋە مىللىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭدىكى تەبىئي ئىقتىداردا ھىچقانداق پەرق بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.رەڭگىمىز، تىرىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر شارائىتلا بولىۋىرىدىكەن بىزدىنمۇ ئېينىشتىيىن چىقىۋىرىدۇ.شۇڭا بۇ يەردە ھاياتنى بارلىق ئىجدىمائىي مۇناسىۋەتلەرنىڭكى  ئەسلى باشلىنىشى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قەدىرلەشتىن باشلىنىدۇ.ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۆزى قەدىرلىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىككىنچى بىر ئىنساننىمۇ قەدىرلىشىمۇ ناتايىن.بۇ بىر ئاددى ھەقىقەت.                                                                       


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-28 10:30 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
zulayha + 500

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

رەببىمدىن شۇنداق ئىمان ئارزۇ قىلىمەنكى ، ئىمانىم سەۋەبىدىن شۇنچىلىك قىيىن قىستاققا ئېلىنىۋاتقان بولساممۇ يەنىلا ھىچ تەۋرەنمەي بىر ئاللاھ دىن باشقا ئىلاھ يوق،مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدۇر دەپ جان تەسلىم قىلىش.شۇ چاغدىلا ھەقىقى مۆئمىنلىكىمگە ئىشىنەتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 437
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5923
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 830 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 01:28:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى خاسىيەتلىك ئىش بوپتۇ! لىكسىيەنىڭ سىن ھۆججىتىنى كۆرەلمىگەنلەر بۇنىڭدىن ھوزۇرلانغۇسى!  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1760
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13029
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 11:03:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6902
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 01:14:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ...بۇ لېكسىيىنىڭ تېكىسلىرىدىن...ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ۋە ھاياتلىق مەنالىرى...
ھەققىدە  چوڭقۇر بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەندەك بولدۇم...     ئەجىرىڭىزگە رەخمەت!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86318
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 01:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىن ھۆججىتى بولسا يوللاپ قويساڭلار .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6999
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 71012
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7736 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 03:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ تەخىرسىز ئىھتىياجىمىز بۇ لېكسىيەلەر. تولىمۇ خۇشلۇق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم. مانا مۇشۇنداق ئۆزىنى ئىزدەشتە، ئىز قوغلاش كېرەك.چۈنكى:ئۆزىنىمۇ ئىزدەپ تاپالمىغان،ئۆزىنىڭ كىملىكىنى پەقەت ئاتا-ئانامنىڭ بالىسىغۇ مەن دەپلا يۈرۈۋاتقان بىزنىڭ، خۇددى ھاۋاغا بولغان ئىھتىياجىمىزدەك مۇھىم ھەم زۆرۈرلۈك .

her sey guzel olacak...!

ئى  ئال

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7896
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9086
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 07:39:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىندىشىم،
بۇ نۇتۇقنىڭ فىلىمنى تۈۋەندىكى تىمىدىن كۆرەلەيسىز:
شەھىدانە خوتەندە سۆزلەنگەن ئەزىزانە لېكسىيەلەر (2 قىسىم)
http://www.koklem.biz/forum.php? ... 002&fromuid=229

ئى  ئال

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7896
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9086
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 07:39:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىندىشىم،
بۇ نۇتۇقنىڭ فىلىمنى تۈۋەندىكى تىمىدىن كۆرەلەيسىز:
شەھىدانە خوتەندە سۆزلەنگەن ئەزىزانە لېكسىيەلەر (2 قىسىم)
http://www.koklem.biz/forum.php? ... 002&fromuid=229

مەن  ئۇيغۇرنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59036
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6411
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 744 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 09:25:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىنداشلار ئاڭلاڭلار،ئىسىل سۆزلەنگەن نوتۇق .

ياراتقان  نارسىلەرنىڭ  ھەممىسى  بۇيۇكتۇر،  مەنمۇ  شۇ  بۇيۇكلەر  ئىچىدىكى بۇيۇكتۇرمەن!!!

ئەڭ بۈيۈك نىشانىم ھەقىقەتتۇر.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26921
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7106
تۆھپە نۇمۇرى: 293
توردا: 5707 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-1 12:45:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alnoor024 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-30 07:39 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاللاھ رازى بولسۇن قېرىندىشىم،
بۇ  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام. بۇ نوتۇقنىڭ ئاۋازىنى سۈزۈپ سۈزۈكلەشتۈرۈگىلى بولامدىغاندۇ؟بولسا مۇشۇ ھەقتە بىلدىغانلار ئۇچۇر بەرسەڭلار.

رەببىمدىن شۇنداق ئىمان ئارزۇ قىلىمەنكى ، ئىمانىم سەۋەبىدىن شۇنچىلىك قىيىن قىستاققا ئېلىنىۋاتقان بولساممۇ يەنىلا ھىچ تەۋرەنمەي بىر ئاللاھ دىن باشقا ئىلاھ يوق،مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدۇر دەپ جان تەسلىم قىلىش.شۇ چاغدىلا ھەقىقى مۆئمىنلىكىمگە ئىشىنەتتىم.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش