|
|
|
|
6-ئاينىڭ 18-كۈنى مەكىت ناھىيىسى 25يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچىرىغان بولۇپ، شېھىتدۆڭ، بازار جەمى، غازكۆل قاتارلىق يېزىلار ئاپەتكە ئۇچىرىغان بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچىرىغان تېرىلغۇ يەر 180مىڭ مو، ھوسۇل ئېلىش ئىمكانىيىتى قالمىغان تېرىلغۇ كۆلىمى80مىڭ مو، مۆلدۈردە يارىلانغان ئادەم سانى 40نەپەر ،ئۆلگەن چارۋا 50دىن ئارتۇق، ئۆرۈلگەن ئۆي ئىككى، ئومۇمىي ئىقتىسادىي زىيان 160مىلىيون يۈەندىن ئارتۇق بولغان. كېۋەز، تاۋۇز-قوغۇن، چىلان، ئۆرۈك، ياڭاق قاتارلىق زىرائەتلەر بۇزۇلۇپ كەتكەن. ئۆي، ماشىنىلارنىڭ دېرىزىلىرى چېقىلىپ، ماشىنىلارنىڭ ئۈستى قىسىملىرى چوقۇر بولۇپ كەتكەن.
ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەكىت ناھىيىسىدىكى ساخاۋەتچى بايلار، كارخانىلار، ئاپەتكە ئۇچىرىمىغان يېزىلاردىكى ئامما قول-قولدا ئاپەتكە ئۇچىرىغان ئاممىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى قايتا تېرىش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەندىن باشقا، دېھقانچىلىق ئەشيالىرى، نەقپۇل، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلار بىلەن ئاپەتكە ئۇچىرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdul915 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-28 05:57 PM
|
|
|
|
|
|