قىزلاردا قىزلىق غورۇر ئۇرغۇپ تۇرسۇن !!!
دىلنۇر ئوسمان
ئۆيۈم بىلەن خىزمەت ئورنۇمنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، كۈندە ئاپتوبۇس بىلەن بىرىپ كىلىمەن.ئەتىگەنلىك مەشغۇلىيەت ۋاقتىمىز نورمال خىزمەت ۋاقتىدىن يىرىم سائەت ئالدىغا سۈرۈلگەنلىكتىن، ئىشقا كىچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن بۈگۈن ئۆيدىن بالدۇرلا چىقتىم.كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ئورنىدا پىيادە مىڭىپ ئاپتوبۇس بىكىتىگە يىتىپ كەلدىم. يولدا مەكتەپكە ئانچە-مۇنچە سەھەر ماڭغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىشقا ئالدىراپ ماڭغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئادەملەر شالاڭ ئىدى.تاكسىلارمۇ ئاندا-ساندا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.يول چىراغلىرىمۇ تىخى ئۆچمىگەنىدى.بىكەتكە كىلىپ سائەتكە قارىغاچ ئاپتوبۇسنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتىم،توساتتىن بىر ئىشقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.ئاپتوبۇس بىكىتىگە يىقىنلا يەردە بىر مەيخانا بولۇپ،ئۇنىڭ يەرئاستى ئۆيى تورخانا ئىدى.تورخانا پەلەمپىيىدىن ئاۋال بىشى،ئاندىن ئورۇق گەۋدىسى كۆرۈنۈپ، 26-27 ياشلار چامىسىدىكى ئىككى يىگىت چىقىپ كەلدى ۋە ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن، كەينىگە ئۆرۈلۈپ كىمنىدۇر شەرەت قىلدى.شەرەت بىلەن تەڭ، پەلەمپەيدە ئېگىز بوي،ئورۇق ،ئاق سىرىق كەلگەن ،ۋە غۇنچەبوي،بۇغداي ئۆڭ ،قارا چاچلىق ئىككى قىز چىقىپ كەلدى. ئۇلار 22-23 ياشلار چامىسىدىكى قىزلار ئىدى.قىزلار بىلەن يىگىتلەر جۈپ بۇلۇشۇپ ياندىشىپ مىڭىشتى. ھايال ئۆتمەيلا، ئوغۇللار قىزلار بىلەن خوشلىشىپ قوللىرىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ،كەينىگە ئۆرۈلۈپ قايتىپ كىلىشتى.ئەمما نىمىشقىدۇر ئۇ ئىككى قىز خۇددى ئانىسىدىن ئايرىلىشقا چىدىمىغان قوزىدەك، گويا پۇتلىرى ئالدىغا يۆتكەلمەيۋاتقاندەك ھىلىدىن-ھىلىغا كەينىگە ئۆرۈلۈپ ئۇ ئىككى يىگىتكە تەلمۈرۈپ تۇراتتى. يىگىتلەر بولسا ئاللىقاچان يولنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ بىر تاكسىنى توسۇپ كىتىپ بولغانىدى... كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىگە قاراپ،خىياللىرىم تۇيۇقسىزلا ئۆتكەن يىلقى قىشتا ئۇچراتقان يەنە بىر ئىشقا ئۇچۇپ كەتتى...
سەھەردە ئىشقا ئالدىراپ كىتىپ باراتتىم.مەيخانا ئالدىغا كەلگەندە، بىر قىزنىڭ سۇنايلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆردۈم. «بۇنچە سەھەردە كوچىدا يىتىپ قالغان كىمدۇ؟ كىسىلى بولغىيمىتى بۇ بىچارىنىڭ ؟»دىگەن خىيال بىلەن قىزنى يۆلەپ تۇرغۇزماقچى بولدۇم.قىز تەرەپكە ئەمدىلا بۇرۇلۇپ تۇرۇۋىدىم،ئۇ تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ مەيخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىغا قارىماي ئۇنىڭ كىيىملىرى يالاڭ ئىدى.ئۇ قىز ياتقان يەردىن ئىككى مىتىر نېرىدا ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئايىنىتقىدەك ئېچىق قۇسۇق يىيىلىپ تۇراتتى. قىز دەلدەڭشىگەن پىتى بىرىپ،مەيخانا ئىشكىنى ئىگىز-پەس تىپىشكە باشلىدى.ئۇنىڭ ئىلەڭ-سىلەڭ مىڭىشلىرىدىن،قوللىرىنى ئارۋاڭ-سارۋاڭ پۇلاڭلىتىشلىرىدىن،ئالىتاغىل توۋلاشلىرىدىن ئېغىر ھالدا مەسىت ئىكەنلىكىنى بىلدىم.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي كۈتكۈچى خادىم مەيخانا ئىشكىدىن بىشىنى چىقىرىپلا بىر بوپىنى قىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.قىز خۇدىنى بىلمەي ئۆزىنى ھەدەپ مەيخانا تەرەپكە ئۇراتتى،توختىماي ئىشكنى تىپەتتى،سەت تىللار بىلەن كىملەرنىدۇر قارغايتتى.شۇ ئەسنادا ئىشىك يەنە بىر قىتىم ئىچىلىپ، بىر كۈتكۈچى چىقىپ قىزنى كىتىشكە دەۋەت قىلدى. قىز يەنىلا خۇدىنى بىلمەي،ئىگىز-پەس توۋلايتتى .ئەتراپ بىر دەمدىلا ئادەملەر توپى بىلەن قورشالدى. ئۇزاق ئۆتمەي قاياقتىندۇر 110 ساقچى خادىمىرىنىڭ ماشىنىسى غۇيۇلداپ يىتىپ كەلدى.قىز مەيخانا ئالدىدا يەرنى قۇچاقلاپ ياتاتتى .ئەتراپتىكىلەرنىڭ بەزىلىرى قىزغا ئىچىنغان ھالدا نەپرەت كۆزلىرى بىلەن قارىسا، بەزىلىرى قىز توغرىسىدا ھەرخىل غولغۇلىلارنى قىلىشاتتى.ساقچى خادىملىرى مەيخانا كۈتكۈچىلىرى ۋە ئەتراپتىكىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەپ،قىزنى ماشىنىغا سىلىپ،ئەتراپتىكىلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، قانداق تېز كەلگەن بولسا شۇنداق تېز كەتتى ...
خىياللىرىم ئۆزۈمگە بويسۇنمىغان ھالدا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇچ تارتىشقا باشلىدى. ئۇ ئىككى قىزنىڭ قاق سەھەردە ئىسسىق ئۆيىدىن چىقماي بەلكى تورخانىدىن چىقىشى مىنى بەكمۇ ئەجەبلەندۈردى. ئۇلارنىڭ كىچىسى ئۆيگە قايتمىغانلىقى ئولتۇرۇشقان،قىزارغان، ئۇيقۇسىز كۆزلىرىدىن مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.ئىچىم تۇرۇپلا ئاچچىققا تولدى. ئەجىبا ئاشۇ قىزلارنىڭ ئۆيى،ئاتا-ئانىسى يوقمىدۇ؟ ئۇلار بىر كىچە ئۆيگە كىرمەسلىكنى شۇنچىلىك ئاددىي ھەم كىچىك ئىش دەپ چاغلاپ
قالغانمىدۇ؟ بىر قىزنىڭ كىچىدە ئۆيگە كىرمەي سىرتلاردا تىنەپ يۈرىشى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇ ئاشۇ قىز ئۈچۈن،جۈملىدىن،ئاتا-ئانا،ئۇرۇق-تۇغقان،دوسىت-بۇرادەر،ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن قانداق تەسىرلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ؟ ... نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ ...بۇلارنى ئۇلار ئويلىغانمۇ يوق؟ ...
ئىقتىساد ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى تۇرمۇش سەۋىيىمىزنى ئۆستۆرۈپ بىزگە ھەر قايسى جەھەتلەردىن زور قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى. بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كومپىيۇتېرنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بىزگە نۇرغۇن جەھەتلەردە قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى. يىراقنى يىقىن، مۇشكۈلنى ئاسانلاشتۇرپ،ئىجابىي جەھەتتىكى رولى بىلەن ئايرىلماس ھەمرايىمىزغا ئايلاندى.شۇنىڭغا ئەگىشىپ جەمئىيەتتە بىر قىسىم ياشلار «يىڭىلىق» نى قوبۇل قىلىشتا مىغىزىنى تاشلاپ، شاكىلىنى قوبۇل قىلىپ «زامانىۋى تور مەستانىسى» غا ئايلاندى.ئۇلار كومپىيۇتېر ئارقىلىق بىلىمىنى يىڭىلاش،ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش جەھەتتە ئەمەس،بەلكى، غەرپ مەدەنىيتىنىڭ بىر قىسىم تەسىرلىرىنى يۇقتۇرۇپ قوبۇل قىلىشتا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى،ئۆيىنى،ئاتا-ئانىسىنى ئۇنتۇپ،كىچىسى ئۆيگە قايتمىغۇدەك دەرىجىدە ناچار ئىددىيلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى....بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى تارىختىن بۇيان،ئۆزىنىڭ شەرمى-ھايالىقى،ئەخلاق-پەزىلىتى،گۈزەل لاتاپىتى بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن.ھەرگىزمۇ ھاراق ئىچىپ كوچىدا يىتىپ قىلىش،كىچىسى ئۆيگە كىرمەي سىرتلاردا تۈنەپ يۈرۈش بىلەن تونۇلغان ئەمەس. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان،بىزنى چاقنىتىپ تۇرغان «ئىسىل گۆھەر»دىن چىنىپ،ئەنئەنىۋى ئەدەپ-ئەخلاق قېلىپىدىن تىيىلىپ كەتتۇق...قانداقتۇر ئۆزىمىزگە يات بولغان غەيرى «مەدەنىيلىك»كە ئىنتىلىپ،ئۇنى «مودا» سۈپىتىدە قارىغۇلارچە قوغلاشتۇق ھەم قوغلىشىپ كىلىۋاتىمىز...كونىلارنىڭ :«كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ،كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ،سەمەرقەنتنىڭ ئالمىسىدەك، ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ»دىگىنى ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان.بىر دەملىك كۆڭۈل خوشلۇقى ئۈچۈن بىزگە مىراس قالغان«گۆھەر»گە دەز كەتمىسۇن. شۇ تاپتا قايسىبىر ئەدىبنىڭ مۇنداق بىر سۆزى ئېسىمگە كىلىۋاتىدۇ: «ئانا بۆيۈك سۆز. ئۇنىڭغا قىزلىق پاكلىقى،دوسىتقا خاس پىدائىيلىق،ئانا جاسارىتى مۇجەسسەملەنگەن».شۇنداق، ئانا دىگەن سۆز ئېيتىلماققا ئاسان ھەم ئاددىي بولغىنى بىلەن ئەمما سالمىقى،ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر. كۆرۈنگەن تاغ يىراق بولمىغىنىدەك،بۈگۈنكى، كىچىسى ئۆيگە كىرمەي سىرتلاردا قونۇپ يۈرگەن «سىز» ۋە «مەن»، ئەتىكى پەرزەنتىمىزنىڭ نەدە قونۇش مەسلىسىنى ئويلىششىمىز كېرەك.ھەر ۋاقىت شۇ ئىسىمىزدە مەھكەم تۇرۇشى كىرەككى،بىر دەملىك ھىسىياتنىڭ قۇلى بولۇپ،ئۆزىمىزنىڭ ئىززىتىنى دەپسەندە قىلماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز،ئائىلە ۋە جەمئىيەت ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىمىزنى تىكلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئىززىتىمىزنى ياخشى ساقلىشىمىز كىرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا جەمئىيتىمىزدىكى بارلىق قىزلارغا دەيدىغىنىم شۇكى،بىزدىكى «تەۋەرۇك» نى چاڭ باسمىسۇن ئەكسچە تېخىمۇ نۇرلۇق چاقنىسۇن. قىزلىق پاكلىقى، قىزلىق غورۇر ۋۇجۇدىمىزدا ئاتەش بۇلاقتەك ئۇرغۇپ تۇرسۇن !
ئاپتورى ؛ قەشقەر شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇئەللىمەسى دىلنۇر ئوسمان
بۇ يازما << پەن ۋە تۇرمۇش >> ژورنىلنىڭ 2013 يىللىق 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-28 10:35 PM