ئىككى«غۇۋا»ۋە شەكىل نەزەريىسى
قاسىم سىدىق
ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:«غۇۋا ماددا»،«غۇۋا ئىنىرگىيە»دىگەن بۇ ئاتالغۇلارنى بەزىلەر «قاراڭغۇ ماددا»،«قاراڭغۇ ئىنىرگىيە»دەپ ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىغى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەن ئىدى،گەرچە بۇ تەكلىپ ئورۇنلۇق بولسىمۇ يەنىلا ئەسلىدىكى بۇيىچە ئېلىۋىرىشقا مەجبۇر بولدۇم.چۈنكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ھازىرغىچە شۇنداق ئېلىنىپ كەلگەنلىگى ئۈچۈن ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن دىدىم.تىل-يېزىق كومېتىتىدەك مەخسۇس ئورگانلار ئاتالغۇلارنى ئىلمى قېلىپلاشتورۇش ،بېكىتىش،ئومۇملاشتۇرۇشقا كۇپرەك كۇڭۆل بۇلسە نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟!.
ئالەمشۇناسلىقتا«غۇۋا ئىنىرگىيە» بەزىلەرنىڭ پەرىزى بولۇپ،ئۇ،بوشلۇققا تولۇپ تۇرغان،مەنپى بىسىمغا ئىگە ئىنىرگىيە دەپ قارىلىدۇ.كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسىگە ئاساسلانغاندا بۇخىل مەنپى بىسىم ئۇزۇن ئارىلىقتا بىرخىل ئانتى تارتىش كۈچىگە ئوخشاپ قالىدۇ.
____ بەيدۇ«
غۇۋا ئىنىرگىيە»دىن
غۇۋا ئىنىرگىينىڭ ئاساسىق خۇسۇسىيىتى مەنپى بىسىمدىن ئىبارەت.....ئالەمنىڭ ھەركىتى قاينامسىمان ھەركەت،شۇ سەۋەپتىن غۇۋا ئىنىرگىيىمۇ بىرخىل قاينامىسىمان ھەركەت شەكلىدە پەيدا بولىدۇ.
____ ۋېكىپېدىيە«
غۇۋا ئىنىرگىيە»دىن.
نۇۋەتتىكى ئالەمشۇناسلىقتا ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ سەۋەپكارى غۇۋا ئىنىرگىيە دەپ قارىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە غۇۋا ئىنىرگىيە بىلەن غۇۋا ماددىنىڭ ئالەمدىكى ئومۇمى ماسسا-ئىنىرگىيە ئىچىدىكى نىسبىتى 90پىرسەنىتتىن ئارتۇق دەپ تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
غۇۋا ئىنىرگىيە،غۇۋا ماددىلار بىلەن ئادەتتىكى ماددا-ئىنىرگىيىلەرنىڭ نىسبەت گىراپىكى
يۇقۇرقى پەرەزلەر بىر قەدەر پۇختا بولغان نەزەريىۋى ئاساسقا ۋە ۋاستىلىق كۇزۆتۆش ئاساسلىرىغا ئىگە بولۇپ يۇقۇرقى ئىككى ئۇقۇم ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىغىدىكى قىززىق نۇقتىدىن ئىبارەت.زامانىمىزدىكى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىققا ئالاقىدار ھەرقانداق نەزەريە يۇقۇرقى ئىككى ئۇقۇمغا بولغان پۇزىتسىيىسىنى ئىپادىلىمەي قالمىسا كېرەك.
ئېتىلىشىچە
غۇۋا ماددا _ ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنى نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلغىنى بولمايدىغان،ئىلىكتىر ماگىنىت كۈچى ئارقىلىق تەسىرلەشمەيدىغان ماددا.كىشىلەر نۇۋەتتە پەقەت تارتىش كۈچى ئىففىكىتلىرىدىنلا ئالەمدە زور مىقداردا غۇۋا ماددا مەۋجۇتلىگىنى بىلىپ يەتكەن بولۇپ بىۋاستە ئىسپات يوق.ھازىر ئامرىكا،كانادا،ئىتالىيە،ئەنگىلىيە،جوڭگۇ قاتارلىق دۇلەتلەرمەخسۇس تەجربىخانىلارداغۇۋا ماددىنى ئىزدىمەكتە.
بۇ يىل2-ئايدائامرىكىدا نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى دىڭ جاۋجۇڭ يىتەكچىلىگىدىكى بىر گۇرۇپپىنىڭ غۇۋا ماددا سىگنالىنى بايقىغانلىغى خەۋەر قىلىندى،بۇ بايقاش بەزى ۋاستىلەردە غۇۋا ماددا تەتقىقاتىدىكى بۇسۆش دەپ تەشۋىق قىلىندى.لىكىن
دىڭ جاۋجۇڭ بۇ نەتىجىگە نىسبەتەن يەنىلا ئىھتىياتچان پۇزىتسىيەدە بولماقتا.
安装于国际空间站上的阿尔法磁谱仪
خەلقئارا بوشلۇق پۇنكىتىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان غۇۋا ماددىنى كۇزىتىدىغان ئالفا ماگنىت سىپىكترومېتىرى
شەكىل نەزەريىسى يۇقۇرقى ئىككى ئۇقۇمنى چەتكە قاقمايدۇ،شۇنداقلا ئۇلار ھەققىدە ئۇزىگە خاس پوزىتسىيىگە ئىگە.شەكىل نەزەريىسى «غۇۋا ئىنىرگىيە»نى ئىشىپ كەتكەن تەقدىردە ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە _«ئېن»نىڭ ئۇزى،ياكى «ئېن»لاردىن تۆزۆلگەن تۇۋەن تۆزۆلۈشلۆك ھاسىلى زەررىچىلەر دەپ قارايدۇ.بۇ ئىككى ئۇقۇم شەكىل نەزەريىسىگە ھېچقانداق ئەمىلى قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ بىرەلمەيدۇ.ئەكسىچە بۇ ئىككى ئۇقۇم ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا شەكىل نەزەريىسىنى پايدىلىق مەنزىرىلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«غۇۋا ماددا»،«غۇۋا ئىنىرگىيە»لەرنىڭ مەۋجۈت بولۇش ياكى مەۋجۆت بولماسلىغى شەكىل نەزەريىسىگە نىسبەتەن پەقەت «مۇتلەق ھەجىم»(نۆۋىتىدە يەنە ئاتالمىش"غەيرى نۇقتا" )نىڭ گىئومىتىرىيىلىك مىقدارىنىڭ ئاز كۆپلىگىنى بەلگىلەشتىلا ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.لىكىن شۇنى ئىنىق تەكىتلەش كىرەككى بۇ ئىككى«غۇۋا»،شەكىل نەزەريىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ھەرگىز ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ سەۋەبى ئەمەس.نىمىلا بولىشىدىن قەتئى نەزەر ،بۇ ئىككى«غۇۋا»ھەققىدىكى بايقاشلارنىڭ شەكىل نەزەريىسىنىڭ«ئېن»پەرىزىگە نىسبەتەن پايدىلىق ئىكەنلىگى كۇرۆنۈپ تورۇپتۇ.«غۇۋا ماددا»نىڭ ئىلىكتىر -ماگىنىتلىق ئۇزئارا تەسىرگە قاتناشمايدىغانلىغى،ئاجىز تەسىر بىلەن ئالەملىك تارىتىش كۈچى تەسىرىگە قاتنىشىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ نۇقتا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.بۇ نۇقتازەرەتسىز«ئېن»لار غا نىسبەتەن پايدىلىق بولسىمۇ،زەرەتلىك "ئېنلار"غا نىسبەتەن پايدىسىز.
بىر نۇقتىنى نەزەريىۋى جەھەتتىن ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ:ئالەم كېڭەيگەنچە تارتىش كۈچى ياكى ئاتالمىش«تىپىشىش كۈچى»نىڭ ۋاستىچى زەررىچىلىرى بىلەن ئالەملىك ئومۇمى ماسسا-ئىنىرگىيەنىڭ تەقسىملىنىشىدە زىددىيەت رۇشەن گەۋدىلىنىدۇ.بۇنداق كېڭىيىۋىرىدىغان ئالەمنى بۇنداق ۋاستىچى زەررىچىلەر ئارقىلىق تەسۋىرلەش ھامان قىيىنچىلىققا يولۇقۇدۇ.سەۋەپ،ماسسا-ئىنىرگىيە تۇراقلىق مىقدار،ئۇ چەكسىز دانە ۋاستىچى زەررىچىنىڭ مەۋجۈت بولىشىغا يول قويمايدۇ.ئەگەر 29-تىئورما ئورۇنلۇق بولسا بىز بۇ خىل قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ،بۇ قىيىنچىلىقلارنى «كۈچ»ئارقىلىق ئەمەس،«ھەركەت شەكلى» ئارقىلىق ھەل قىلغان بولاتتۇق.پەقەت بىز"ھەركەت شەكلى"نى ئىنىرىتسىيىلىك كۈچكە يىغىنچاقلىشىمىز مۇمكىن.شەكىل نەزەريىسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئالەمنىڭ كېڭىيىشى پەقەت
چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيىسىدىنلا ئىبارەت.ئەلۋەتتە بۇ خىل تەشەببۇس كېڭەيتىلگەن ئىنىرىتسىيە قانۇنى ۋەئىنرىتسىيىلىك كۈچ ئۇقۇملىرىنى ئالدىنقى شەرىت قىلىدۇ.
"غەيرى نۇقتا"ۋە"چوڭ پارتىلاش"ئىدىيىلىرى بىلەن "غۇۋا ماددا،غۇۋا ئىنىرگىيە"ئىدىيىلىرى ئوتتۇرىسىدا كېلىشتۇرگۇسىز زىددىيەت بار،بولۇپمۇ"غۇۋا ئىنىرگىيە" ئالەمنىڭ كېڭىيىشىنىڭ سەۋەبى دەپ قارالغان ئەھۋالدا شۇنداق.يەنى "غۇۋا ئىنىرگىيە"كېڭىيىشنىڭلا سەۋەبى ۋە ئۇھەم ساقلىنىدۇ دەپ قارالسا"غەيرى نۇقتا"شەكىللەنمەسلىگى،"چوڭ پارتىلاش "يۆز بەرمەسلىگى كىرەك.قارىغاندا"تارتىش كۈچى"،"غۇۋا ئىنىرگىيە"ئالدىدا تولىمۇ بېچارە ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويولغاندەك قىلىدۇ.
غۇۋا ئىنىرگىيىنىڭ قاينامىسمان ھەركەت قىلىدىغانلىغى شەكىل نەزەريىسىنىڭ 29-تىئورمىسىغا نىسبەتەن ئەلۋەتتە بىر خۇشخەۋەر.تارتىش كۈچى ۋە ئانتى تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ تورغۇزۇلىشى بولسا ئوخشاشلا شەكىل نەزەريىسىنىڭ 41-تىئۇرمىسىغا نىسبەتەن خۇشخەۋەردىن ئىبارەت.قارىغاندا شەكىل نەزەريىسى نەزەريىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقتا ئىدىيە جەھەتتىن ئومۇمەن ئىلىم-پەن ئالدىنقى سىپىدە كىتىۋاتقاندەك قىلىدۇ.
شۇسى ئىنىقكى،بۇ ئىككى ئۇقۇم شەكىل نەزەريىسىنىڭ قولىقىغا خۇش ياققىنى بىلەن بەزىلەرنىڭ قولىقىغا ئانچە خۇش ياقمىسا كېرەك.چۈنكى ئۇلار بۇ ئىككى ئۇقۇمنى زامانىمىزدىكى«
ئىككى پارچە قارا بۇلۇت»دەپ ئاتاشماقتا.
پايدىلانمىلار:
暗能量_百度百科
暗能量 - 维基百科,自由的百科全书
暗物质- 维基百科,自由的百科全书 - 维基百科- Wikipedia
目录:21世纪的两朵乌云
قاسىم سىدىق:چوڭ پارتىلاش ئىنىرىتسىيسى
2013.5.6