قېنى
چىرايىڭغا بەكمۇ ياراشقان،
ئۈرۈم-ئۈرۈم چاچلىرىڭ قېنى.
كۆڭلۈم ئۇتۇپ مېنى قاراتقان،
سۇمبۇل-سۇمبۇل چاچلىرىڭ قېنى.
ئوخشىمايلا قاپسەن ئۆزۈڭگە،
ئىشەنمەيلا قالدىم كۆزۈمگە،
ئۈششۈك تەگدى چېچەك ، گۈلۈمگە،
سۇمبۇل-سۇمبۇل چاچلىرىڭ قېنى.
گۇناھلارنىڭ چاقمىقى چاقتى،
چىرايىڭدىن چىرايلار قاچتى،
ئەقىدىلەر يولدىن ئاداشتى ،
سۇمبۇل-سۇمبۇل چاچلىرىڭ قېنى.
بۇ ئەمەسمۇ ئېغىر جۇدالىق،
قايغۇ - ئازاب ئىككى دۇنيالىق،
ئۆلۈم ، ئۆلۈم ئۆزدىن تانغانلىق،
سۇمبۇل-سۇمبۇل چاچلىرىڭ قېنى.
ماڭا ھارام ئامدى بۇ ھايات،
چىرماشماقتا جېنىمغا مامات،
يىغلار ئاسمان ، يىغلار كائىنات،
سۇمبۇل-سۇمبۇل چاچلىرىڭ قېنى.
ئۈرۈم-ئۈرۈم چاچلىرىڭ قېنى،
سۇمبۇل-سۇمبۇل چاچلىرىڭ قېنى.
پاكىز چىققان قۇياش يىغلايدۇ ،
قارا-قارا چاچلىرىڭ قېنى.