مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 722|ئىنكاس: 15

سىزمۇ بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24797
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15685
تۆھپە نۇمۇرى: 1059
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 01:06:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ جاھاننىڭ بىر بۇرجىكىدە سىزمۇبار....


دۇنيا مەئىشەتلىرىگە ئۆزىنى ئاتىغان جانلار باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئادەممۇ؟!
                                                                                                          -خاتىرەمدىن.

        ئۇلۇغ ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانغا نۇرغۇن مەئىشەتلەر ئاتا قىلىنغان. لېكىن ھەممىسى بۇ دۇنيالىق ئۈچۈنلا ئەمەس! تۇپراقتىن تەننى ياراتقان ئىگەم يەنە ئۇنىڭ قوۋرىغىسىدىن ئۇنىڭغا ھەمرا ياراتتى... تەڭداشسىز گۈزەللىككە ئىگە بولغان ئىنساننىڭ نۇقسانسىز لاتاپىتىدىن ھېچقاچان سۆيۈنمەي قالمايدۇ ھەركىم؟!
        قاراڭ، كۆزنىڭ بىر جۈپ ئىكەنلىكى- ئايغا يانداش قۇياشنىڭ بارلىقىنى، قۇلاقنىڭ بىر جۈپ بولغانلىقى-زېمىنغا يانداش سامانىڭ بارلىقىنى، ئېغىزنىڭ بىر بولغانلىقى- تاغلار قەددىنىڭ بىرلىكىنى، قول-پۇتلارنىڭ بىر جۈپتىن بولغانلىقى- دېڭىزلارنىڭ بىر -بىرىگە تۇتىشىپ، يىلتىزىنىڭ بىر نۇقتىدا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ، بۇ بۈيۈك قامەتنىڭ ئىگىسى بولمىش ئىنساننىڭ رىسقىنى بۇ زېمىنغا مۇشۇنداق يوللار بىلەن چېچىۋەتتىمىكىن؟!
      ئاجىز بەندە ئۆزىنىڭ ھالاللىقى بىلەن ياراتقان ئىگىسىگە شۈكىرى قانائەت ئېيىتىپ، بۇ دۇنيالىق شاراپەتلىرىدە ئۇ دۇنيالىق غەملىرىگە جاۋاپ ئىزدەيدۇ... تىلسىزلىق ئىراسىدىن تاغلارنىڭ قەددىگە تىلىنى پۈتۈپ كەلگەن ئىنسان يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تاشلاردىن پايدىلىنىپ، تۇرمۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى «تاشنى تاياققا تېڭىپ»دەسسەپ كەلدى... نېتەي، ۋاقىت چەمبىرىكى داۋام ئەتكەن شۇ دەقىقىلەردە يەنىلا قۇياشنىڭ ئۇچقۇنىدىن ھارارەت ئالغان «ئوت»نى بايقاپ، جاندارلارنى ئۆز ئولجىسى قىلىپ، تۇنجى رەت قىلىنغان تائام مەيدانغا كەلدى... نە بىر دۇنيانىڭ يارىتىلىش توغرىسىدا بىر ئوي -خىيال بولسۇن؟!
     تەپەككۇر تامچىلىرى ئاخىر تامدى....
    قۇياشنىڭ پېتىشىغا، كېچىسى ئاينىڭ بولىشىغا، يامغۇر،شامال، قار، جۇدۇن، ئىسسىق....نىڭ يەنى تەبئىي قانۇنىيەتلەر بولغان ئىگىسىنىڭ پەرمانلىرىغا ھەيرانلىق نەزىرىنى تاشلاپ، «تەپەككۇر» قىلىشقا باشلىدى... شۇندىن كېيىن، ھەربىر ئىشقا گۇمانىي، ھەيران قىلىش نەزىرىدە بېقىپ، دۇنيالىق ھىجرەتلىرىدە ھەر ئىشقا «ئەقىل» ئىشلىتىدىغان «تاكتىكا»نى يەكۈنلەپ چىقتى... جان بېقىش جەريانىدا باشقا نۇرغۇنلىغان ھاسىلاتلارنى بايقاپ،سۇلارنىڭ ئەكسىدە ئۆز جامالىنى كۆردى... بۇ تۇنجى رەت ئىنسان ئۆز ھۆسىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىشى بولدى... ھەيرانلىق نەزىرى يەنە باشلاندى...
باشقا ھايۋانلارغا سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەم يەرلىرىنى ھېس قىلدى بولغاي. چۈنكى، ھايۋانلار تۆت پۇتلاپ ماڭاتتى... بۇنى بەلكىم ئاجىزلىق دەپ ھېس قىلغان بولسا كېرەك!؟ ۋاقىت چەمبىرىكى ئايلىنىپ، بۇنىڭ ئارتۇقچلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ۋاھالەنكى، تىل تېخى مەيدانغا كەلمىگەن شارائىتتا ئىما،ئىشارەت ئىنسان ئارىسىدىكى ئەڭ يېقىنلىق ئىپادىسى ئىدى. زاماندىن زامانغا ئۇلاشقان ئاشۇ مېھر مانا، ھېلىھەم كۆزدىن ئۆز ئەكسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بىر ئانىنىڭ بالىغا بولغان، ياكى بالىنىڭ ئانىغا بولغان تەشنالىق مېھرىنى ئېھتىمال ئىنسانلار قوي كۆزلىرى تەلمۈرۈپ تۇرغان بۇغىدىن، ئولجىغا چۈشۈپ ماكانغا قايتالمىغان مارالدىن ھېس قىلغان بولسا كېرەك..... ئۇلۇغ خۇدا ھەممە نەرسىنىڭ جۈپتىنى بىرگە يارىتىپ، ئۇنىڭغا مانا شۇنداق تىل ئىپادىلىيەلمىسىمۇ كۆزدىن ، شۇ سىرغىپ چىققان ياشتىن ھېس قىلىدىغان سېزىمنى روھ بەرگەندە بېرىۋەتكەن بولسا كېرەك!؟
تالىشىش باشلاندى....
ئولجا ئالغان نەرسىنى تەقسىم جەريانىدا ئاز، كۆپ ئالغانلار ئۆز ئارا تالاش -تارتىش قىلىپ ئەڭ دەسلەپكى «ئۇرۇش» ئۇرۇقىنى تېرىدى... زاماننىڭ زامانغا ئۇلىشى بىلەن، توپ،توپ بولىۋالغانلار ئايرىم رايونلىىشىپ ئولجا ئالدىغان، ئۆز-ئارا باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ھەزەر ئەيلەيدىغان  بولۇشتى...
ئەسىرلەر چاقىغا يامىشىپ كېتىۋاتقان ئىنسان تەقدىرى ئۆزىنىڭ ماھىيتىنى شۇ دەۋىرنىڭ ياراتقان ئەمگىكى بىلەن يىللار بوينىغا تىزىپ ماڭدى..
دەۋىرىدىن قالغان يالدامىلار دەۋىرلەرگە ئۆز تەسىرىنى بېرىپ، قۇتۇپ شەكىللەندۈردى. بۇيەردە «ئەسلى»بىلەن«كەلگۈسى»(كېيىن)دەيدىغان ئىككى ئۇقۇم مەيدانغا كەلدى. تەرەپدالار ئۆز ئارا ئۆز قوللىغان قۇتۇپقا ئۆتتى.....شەكىللەر ئارقىلىق ئۆز نىيتىنى بىلدۈرۈش تۇپراققا سىزىلىپ، ئاندىن ئوۋلىغان جاندارلار تېرىسىگە،سۆڭىكىگە پۈتۈلدى... تۇنجى يېزىق مەيدانغا كەلدى!!!
دۇنيانىڭ مەئىشىتىدىن تۇتاشقان مانا بۇ ئايرىلىش ئىنساننىڭ بىر يۈرەك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، «جان بېقىش»ئۈچۈن «كۈرەش قىلىش»دەك نىشان ئوتتۇرغا چىقتى؟! قۇتۇپلار نىشان ئۈچۈن تىرىشىپ، قارشى تەرەپنى «رەقىب،دۈشمەن»دەپ قاراپ، تاقابىل تۇرۇش ئىستىراتىگىيسىنى بەرپا قىلىپ، چېگىرالىشىشنى ئورۇندىدى... چېگىرالار ئىسكەنجىسىدە بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپ كۈچ جەھەتتە ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن بەسلىشىش ئېڭىنى شەكىللەندۈردى....ئاڭ ئاستا-ئاستا ئويغىنىپ،دۇنيانىڭ نېممىتى توغرىسىدا ئويلايدىغان بولۇشتى....
جاھان يېڭىلاندى!
تەپەككۇرنىڭ بارا-بارا ئېشىشى بىلەن تۈرلۈك قوغدىنىش ئەسلىھەلىرى، قوراللىرى مەيدانغا كېلىپ، «تەرەققىيات»دېگەن سۆز دۇنيا بېتىگە پۈتۈلدى... شۇندىن باشلاپ قۇتۇپلار ئۆز-ئارا« ئولجا تالىشىش»، «جان بېقىش»،«چېگىرا تالىشىش»بىلەن زاماننى زامانغا ئۇلاپ كەلدى.....
دەسلەپكى «ئۇرۇش»تىن رەسمىي «قان تۆكۈش»ئۇرۇشى دۇنيا سەھىپىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئىگىدارچىلىق، سىنىپ مەيدانغا كەلدى!
تەبىقىلەر، سىنىپلار تەرەققىياتتا بىرىدىن قالماسلىق ئۈچۈن تەپەككۇرنى ھەققىي تۈردە ئىشقا سېلىپ، دۈشمەنگە قارىشى تۇرالايدىغان ئوق،دورا.... ياساپ،دۇنيادىكى ئىنسانلار ياراتقان تۇنجى «تېخنىكا»نى ئاپىرىدە ئەيلىدى....ئۆزىنى دۇنيانىڭ ئىگىدارچىسى ھېسابلايدىغان «خوجايىن»لارمۇ نۆۋىتىدە رولىنى جارى قىلدۇرماق بولۇشتى...دۇنيانىڭ خوجاينىنى بىرلا!
ئەسىرلەر ئەسىرلەرنى قوغلاپ، دۇنياغا يېڭى ئېرا كۆز ئاچتى......
ئاخىر، دۇنيادىكى ئاۋۋال دەپ ئۆتۈپ كەتكەن«ھەيران»قالدۇرىدىغان نەرسىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىن بايقىدى!
شۇنداق قىلىپ، «قانۇن»مەيدانغا كەلدى. ئىنسان ئۆزى قانۇن ياساپ، ئۆزىنى شۇ رامكا ئىچىگە سولاپ، مەجبۇرىي كۆندۈردى خۇددىي ئولجىسىنى ئۆزىگە كۆندۈرگەندەك؟! كۆنىدىكەن،كۆندى، كۆنىۋاتىدۇ.....تالاي قانۇنلارنى ياساپ ئۆزىنى جازالاپ، يەكۈنىنى ياراتقان ئىگىسىگە ئارتىپ، يامان كۈنگە قالسىمۇ، تەقدىرىمنى مۇشۇنداق پۈتۈپتۇ دەپ، ئۆتىدىغان بولدى....شۇنداق قىلىپ، روھىيەتتە بىر كۈچكە تېۋىنىش يەنى مەلۇم بىر بوشلۇق ئېڭى شەكىللىنىشكە باشلىدى(خۇدانىڭ بارلىقىنى تونىغان ئىنسانلار )...
دۇنيانىڭ بۈيۈك قانۇنى- پەرمان كەلدى!
ئىگىسىنىڭ پەرمانىغا بىجاندىللىق بىلەن باش ئېگىپ، قانۇن كالامى بويىچە ئىش قىلماق بولۇشتى. نېتەي، دۇنيالىق داۋاسى قىلىدىغان ئولجىدار ئىنسانلارمۇ ئۆزىنى نامايان قىلغىلى تۇردى....قۇتۇپلارنىڭ كۆپ بولىشى بىلەن ئەينى ۋاقىتت«چېگىرا»قىلغان يەرنى تالىشىدىغان بولدى..... ئوزۇق-تۈلۈك، بايلىق تالىشىدىغان بولدى...
دۇنيا يەنە بىر قېتىم يېڭىلاندى!!
ئاجىزلارنىڭ بوينىغا پۇتىنى قويغان كۈچلىكلەر ئۆزىنىڭ ئېڭىنى ئۆز نىيتى بىلەن ئاشكارلاپ، ئۇلارنىڭ دۈمبىسىگە «ئاجىز،قۇل»دېگەن تامغىنى باستى... ئاڭغا مۇخالىپ كەلگەن ئىدىينى كۆتۈرەلمىگەن ئول ئاجىزلار «قارىشى تۇرۇش»ئېڭى بىلەن قارشىلشىش ئارقىلىق ئۆزىنى مەڭگۈ ئاجىز، قۇل بولمايدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى.......
ئېقىن سۇلار توختىماي ئېقىۋەردى، تاڭلار يەنە شۇنداق ئېتىۋەردى.... ۋاقىت چەمبىرىكى توختىغان يوق!
بۇ تالاش تارتىش تا بۈگۈنگىچە داۋام قىلىپ، «ئوۋلاش»، «تاكتىكا»،«ئىستىراتىگىيە»،«قوغدىنىش» دەك بىر يۈرۈش ئاڭ قوراللىرى بىلەن يەنە شۇ ئىنسان بەدىلىگە رەقبىگە «جەڭ»ئېلان قىلىۋاتىدۇ....دۇنيا يەنىلا شۇ پېتى-قىشى قىش، يېزى ياز، قار يېغىپ، يامغۇر يېغىپ ،شامال چىقىپ، كۈن پېتىپ..........داۋام قىلماقتا....
شۇل ئىنسان ئارىسىدا سىزمۇ بار!
بۇ دۇنيادىن سىز نېمە تالىشىۋاتىسىز؟!
......................................
بۇ سوئالغا چىقىدىغان ھەر تۈرلۈك جاۋابلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر -بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك قىسسە بولۇپ پۈتۈلىدۇ....قېنى، كىملەردە قانداق قىسسە بار ؟!ئىنسان ئىنسانلىقى بىلەن ئەمەس،ھۆرلىكى بىلەن ئىنساندۇر!
(كەم قالغان يەرلىرى بىولسا تولۇقلىما بەرگەيسىلەر...كەمىنىنىڭ قەلىمى مۇشۇنچىلىك بايان قىلالىدى. سىنىپ ئىدىيلىرى ياكى دۇنياغا كەلگەن ھەرخىل ئىدىيىلەر مۇزاكىردىن ساقىت قىلىندى...)






مەنبەىسى: تۈن ئويلىرىدىن ساقىندىلار


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-28 03:09 AM  


كۆك ئەتتىرگۈل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5209
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 10:56:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخزى تىمىكەن قىرىندىشىم .قوللىرىڭىز ھارمىغاي .
توۋۋا مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنىڭ ئىنكاسسىز قالغىنىغا ھەيرانمەن .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61891
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2011-10-23
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 12:08:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Yahxi timikan oylan gida

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94496
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2013-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 03:18:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
budunyadin siz nimaa talxiwatsiz?
yurgum titrap katti
xu amasmu biz yana nima talximiz
alla kursitip bargan yolda migip  , barqainsanlarkol tutxup

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94496
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 167
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2013-4-7
ئاخىرقى: 2013-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 03:24:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tilfunda qikwatkan  uygurqa yazalmidim
uzra tordaxlar

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4063
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 06:30:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان تىمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24797
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15685
تۆھپە نۇمۇرى: 1059
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 11:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياقتۇرغان دوستلارغا رەھمەت.
ئىمكان بولسا، تەنقىدىي پىكىر،تەكلىپ بەرسەڭلار......
تولۇقلاشقا تېگىشلىك يەرلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتسەڭلار؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6902
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 996 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 01:28:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       ...پەلسەپىۋىلىك ئۇسۇل بىلەن،نەسرىي شەكىلدە يېزىلغان...بۇ تېما شۇنداق ياخشى
يېزىلىپ،ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرۇپ،تەپەككۇر ئالىمىدە سەيلە قىلدۇرالىغىدەك  دەرىجىدە
بايان قىلىنىپتۇ...دەر ھەقىقەت؛ ئىنسانلىقنىڭ ھەقدادى_ھۆرلۈك سادالىرى...كۈچىيىۋاتقان
بۇ جاھاننىڭ بىر بۈرجىگىدە بىزمۇ بار.........سىزگە ئاپىرىن،  ھارمىغايسىز!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئۈچ مىىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6541
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 01:32:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر خىل پەيدا بولغان ئۇقۇملارنى ئاساسەن تىنىچلىقنىڭ قارشىسى بولغان ئۇرۇشقا ئاتىپ قويغاندەك بىلىندى.

تەرەققىياتنىمۇ ھە شۇ


لىكىن تەرەققىياتنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس. مەسلەن ئالاقە،يول ھەم باشقىللىرىمۇ شۇنداق


يەنە كىلىپ تەرەققى قىلىمەن دەپلام تەرەققى قىلغىلى بولمايدۇ. تەرەققىيات قىلمايمەن دەپمۇ توسىۋالغىلى بولمايدۇ.


چۈنكى تۇغۇلدۇق ئەمەسما، ياشايمىز.

ياشايمىز ئەمەسما، قازاننىڭ قۇلىقى تۆت  دەپ قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارغاندەك بىر كۆزىمىزنى قىسىۋالمىساقمۇ كۆرمىگەنگە سىلىپ ياكى قارىغىلى ئۇنىماي كىتىۋىرىمىز

بالىڭىز باما؟

بالىڭىز بولسا بالىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئويلايدىغىنىڭىز  نىمە؟ باش قاتۇرىدىغىنىڭىز چۇ؟ غىمىڭىزچۇ؟


دىمەك مەجبۇربىز




ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلىقتىكى سۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 238 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 01:17:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاقىت تونىلىدا سەيلە قىلغاندەكلا بولۇپ قالدىم .   ئىنسان تۆرىلىشىدىن ھازىر ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرغان ۋاقتىمغىچە ...               تۈنلەرنىڭ بەرگەن ئىلھاملىرى قالتىسكەن ھە !

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش