مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1635|ئىنكاس: 9

پۇشايماندىن ئۇقچىغان ئامەتلەر ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 12:07:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            پۇشايماندىن ئۇقچىغان ئامەتلەر ...
     ھاياتلىقنىڭ قىسقا ،قايتىلانماس دەملىرى ئادەمنى ھامان كەلگۈسىگە ئىنتىلدۈرۈپ تۇرىدۇ . بىز كۆپىنچە ھاللاردا بەخت ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىمىز ، ئىنتىلىمىز ، ئەلۋەتتە ئۆز بەختى ھەققىدە ئويلىنىپ نىشانىنى توغرىلىمىغان ئىنساننى ھىچكىممۇ نورمال ئىنسان قاتارىغا تىزمايدۇ . بىز ھەممىمىز بەخت ئىزدىگۈچىلەرمىز . بەخت - ئامەت كەينى - كەينىدىن كېلىۋېرىپ كۈنلىرىنى بەخت ئىچىدە ئۆتكۈزۋاتقانلار بەزىدە ئۆزىنىڭ بەخت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى سەزمەي قېلىشىمۇ مۇمكىن . بىر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا پەقەتلا بىر ئىكەنلىكى ، بەخت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە كۈنلەپ ، ئايلاپ ئويلىنىپ باقماسلىقى بەخت ئىچىدىكى بەختسىزلىكتۇر . ھاياتلىق قالتىس مۆجىزە ، ھېكمەتلەرگە تويۇنغان بولىدىكەن . بەختكە تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئېرىشكەن بىلەن بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ ئىچىدە تەۋرەنمەي ياشاش ، روھى سۈزۈك ، ھاياتلىقنىڭ ئازاپ - پۇشايمانلىرى ئالدىدا قەددىنى پۈكمىگەن ئىنسانلارغا خاس بولىدىكەن . مېنىڭ ئەتراپىمدا ھەر خىل يوللار بىلەن بەخت بۆشۈگىدە يايراۋاتقانلار بار ئىدى . تېخى يىگىرمە يىللار ئىلگىرى شەھىرىمىز ئىچىدىكى مەھەللىلەردىن ئورۇن تەگمەي ( ئاھالە زىچ بولغاچقا ) ناھايىتى ئامالسىز شەھىرىمىزنىڭ شەرىقى جەنۇبىدىكى ئۈنۈمسىز ، شامال گۈركىرەپ چىقىپ تۇرىدىغان ، ھېچكىممۇ بېرىشنى خالىمايدىغان لەڭگەر كەنتىگە تەۋە شېغىللىق ئېتىز رايونىغا ئۆي سېلىپ ماكانلاشقان بىر تۈركۈم ئاھالىلەر يىلسېرى ئاۋۇپ نامسىز بىر مەھەللىنى بارلىققا كەلتۈردى . قاتناشنىڭ قولايسىزلىقى ، شەھەر ئىچىدىكى بازار بىلەن بولغان ئارىلىقىنىڭ يىراقلىقى ، توك - سۇ ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىق ، يوللىرىنىڭ ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇشىدەك بىر قاتار پايدىسىز تەرەپلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ھېلىقى مەھەللە ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېسابلايدىغان كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن ناھىيىتى ھەجۋېيلەشتۈرۈلۈپ « پۇشايمان مەھەللىسى » دەپ ئاتىلىدىغان بولدى . ئۇ يەرگە ماكانلاشقانلارمۇ زۈرۈرىيەت بولمىسا ئۆزلىرىنىڭ « پۇشايمان مەھەللىسى » دە ياشاۋاتقانلىقىدەك ئەسلى كىملىكىنى يۇشۇرۇپراق باشقىلارغا ئۇقتۇراتتى . بىر مەزگىلدىن كېيىن جامائەت تەرىپىدىن « شامالباغ مەھەللىسى » دەپ ئاتاش ئېغىزچە قارارلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا يەنىلا « پۇشايمان مەھەللىسى » دەپ ئاتىلىۋەردى . يىللار بىر - بىرىنى قوغلىشىپ « پۇشايمان مەھەللىسى » دىنمۇ قورو - جايلىق يەر ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى . بۇ جەرياندا نۇرغۇن قورو - جايلار ، يەرلەر ئەسلى ئېگىلىرى تەرىپىدىن باشقىلارغا نەچچە نۆۋەت سېتىلىپ ، يېڭىلىنىپ تۇردى . ئارىدىن يەنە بىر قانچە يىل ئۆتۈپ  «شەھەر رايونىنى كېڭەيتىش» لاھىيىسىگە بۇ مەھەللە شۇنداقلا لەڭگەر كەنتىنىڭ كۆپ قىسىم ئېتىزلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىشقا توغرا كەلگەچكە بىر ئۆمۈر ئېتىزغا تولا ئىشلەپ تۈزۈك ھاللىنالمىغان دېھقانلار بۇ خەۋەردىن قەۋەتلا خۇش بولدى . ئىلگىرى يېزا نوپۇسلۇق بولۇشنى نۇمۇس بىلىپ شەھەر نوپۇسىغا ئالمىشىپ ئېتىزلىرىنى تاشلاپ ياكى باشقىلارغا بېرىۋەتكەنلەر ، دېھقانچىلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇۋالغىنىغا خۇش بولۇپ قوشۇمچە ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلارمۇ ، ھەتتا پۈتۈنلەي شەھەر نوپۇسىغا ئۆتۈپ ، ئىدارىلەردە ئىشلەپ نەچچە مىڭ يۈەن مائاش ئېلىپ ، شەرەپ بىلەن ئارامغا چىققان « پىشقەدەم زىيالىيلار » مۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىنلا دېھقان ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ « يىلتىز ئىزدەش » ، يېرىنى تېپىشقا ئاتلاندى . يېرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلارمۇ ئېتىز بېشىدا كىملەرنىدۇر گۇۋاھچى قىلىپ يەرلىرىنى تاپقان بولدى . بۇ بىر مەيدان « يېرىنى ئىزدەش » ، « يىلتىزىنى ئىزدەش » كۈرىشى ناھايىتى كەسكىن داۋاملىشىپ ناھايىتى تەستە ئاخىرلاشان بولدى . مانا ھازىر ھېلىقى « پۇشايمان مەھەللىسىدىكىلەر » ، لەڭگەر كەنتىنىڭ دېھقانلىرى يېڭىچە قىياپەتتە ياشىماقتا . ئېتىزلىرى ئورنىدا يېپيېڭى شەھەر بارلىققا كېلىپ بولغانىدى . شۇ مەھەللىدىكى بىرىنىڭ شۇنداق دېگەنلىكى ئېسىمدە : باشقىلار ئەجىر - مېھنەتتىن بەختكە ئېرىشكەن بولسا ، بىز پۇشايماندىن ھالقىپ ئۆتۈپ بەختكە ئېرىشتۇق ، بۇ جەرياندا ئۇزۇن ۋاقىت پۇشايمان قىلغانىدۇق . .. شۇنداق بەخت - ئامەتنىڭ تۈپتۈز يولى يوق . ئىنسان بەزىدە شۇنداق پۇشايماندىن ئۇقچۇپ چىققان بەختكىمۇ ئېرىشىپ قالىدۇ . شۇنداق قىلىپ بۇ يەر يېپيېڭى بىر مەھەللىگە ئايلاندى ، يېپيېڭى بىر شەھەرگە ئايلاندى . ئەمما شارائىتى ناچار چاغدا « پۇشايمان مەھەللىسى » دەپ نام قويغان كىشىلىرىمىز يېڭى مەھەللىگە تېخى لايىق بىر ئىسىم قويۇشنى ئويلىمىدى ، ئويلىغان بولسىمۇ ئىسىم قويۇش قولىدىن چىقىپ بولغانىدى ...    ئارقامدىن بىر كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى : قارا بالام ، ئاۋۇ ئېگىز بىنانى كۆردۈڭمۇ ؟    - ھەئە كۆردۈم .         - ئەشۇ بىنانىڭ ئورنى بۇرۇن بىزنىڭ ئۆيىمىز ، ھەم بېغىمىز ئىدى ...     - جۈرە دادا ھويلىسىغا كىرىپ باقايلى !..     - ۋوي بالام قايتايلى ، پوست باركەن ئەمەسمۇ ...     - نەۋرىسى بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيتتى .   - ئۆزۈڭ بىزنىڭ بېغىمىز ، ئۆيىمىز دەيسەن ، ئەمدى ھويلىسىغا مېنى باشلاپ كىرەلمەيسەن ...   
   پۇشايماندىن ئۇقچۇپ چىققان « يېڭى شەھەر ، يېڭى مەھەللە » قىسسىسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقانىدى ...
      مەنبە :   مەھەلىلىرىمىز ھەققىدىكى ئويلىرىم .   2013 -6-27 .   ئەبەي تارىم . شەھىرى شىخو .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-28 12:12 AM  


سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 925
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2681
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2026 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 09:47:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىڭىزنىڭ تېگىدە گەپ باردەك قىلامدۇ نىمە ؟ ئىككى قېتىم ئوقۇدۇم ،مېنىڭچە بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن نۇقتا ھەممىمىزگە ئايان بولىشى مومكىن.........

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 10:14:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ باكەن ..

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87161
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-11-13
ئاخىرقى: 2014-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 10:19:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېزىلارنى شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ‹‹ پايدىسى››دە -بۇ ،

مەحمۇت شىحو

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23466
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7124
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 10:57:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹پۇشايمانلىق›› يىگگىت مەن،
شۇ يەرلىك مەن ئەسلىدىن.
كوڭۇل كۈكسى كەڭ بولغان،
مەرت قويچىنىڭ نەسلىدىن.
            
            ‹‹ پۇشايمانلىق›› يىگىت سەن،
           دىدى  دادام  بىر   كۇنى.
            كەلگۇسىدە بارچە خەق،
            تۇتۇپ قالار يۇرگىنى.

  بۇ يەردە بار داداڭنىڭ،
ئەجىرى ھەم مېھنىتى.
باردۇر يەنە ئاناڭنىڭ،
ئىزلىرى ھەم سىماسى.

             بۇ زىمىننىڭ بالىسى سەنمۇ ،
            زىمىنىڭنى قۇچاقلا سويگىن.
             چۇشنەلىسەڭ ئاتاڭ سوزىنى.
             ۋۇجۇدۇڭدىن شۇ يەرگە كويگىن.

چەكلىك ھامان ئادەم ھاياتى،
ياشالايمىز قانچە ياشقىچە.
ساقلالامسەن سۇيۇملۇك ئوغلۇم،
مۇشۇ يەرنى تا ئاخىرغىچە.

              زىھنىمنى ئىچىپ باقتىم مەن،
              ئۇخلاپ ياتماي غەمسىز دالدىدا.
             يولدىن چىقماي مىڭىپ باققانتىم.
             سوزۇم ئاقتى خاننىڭ ئالدىدا.

  ۋەسيىتىڭنى ئىسىمدە مەھكەم ساقلىدىم،
  ئىشەنمىدىم   ياتنىڭ   سوزىگە.
  قايتۇرۋالدىم  مىراس  زىمىننى،
داغ تەككۇزمەي ئاتا يۇزۇڭگە.

    ‹‹پۇشايمانلىق›› يىگىت مەن.
   بۇ سوزۇمدىن تانمايمەن.
  قانداقلىكى ئىش بولسا،
شەھەرلىكتىن چانمايمەن.

                                مەخمۇت ئابلىمىت ‹‹ قويچى››

  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 11:10:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپنىڭ تېگىدە گەپ باركەن.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 11:10:49 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپنىڭ تېگىدە گەپ باركەن.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 01:40:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا بوۋاي بىلەن بالىنىڭ  دىئالوگى بەك تەسىر قىلدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 06:37:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇشايماندىن ئۇقچىغان ئامەتلەر تىمىسىمۇ بەلەن قويىلىپتۇ

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6909
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 461 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 11:47:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر قەشقەر شەھەر ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز ھۆكىمەت قاچان ئۆيەمنى چاقار دەپ تىلەپ ئولتۇرىدۇ، بىر چىقىۋەتسە كىچىككىنام يىرىم ھۆكىمەتنىڭ بىر يىرىگە چىتىلىپ قالسا ئەرىز قىلىپ شىلىۋالسام ئىمىۋالسام دەپ كىچە-كۈندۈز تىلەپ ئولتۇرىدۇ.

ئىچىدە چاقسىكەن دەپ تىلەيدۇ،چىقىلىپ بولغاندىن كىيىنلام تۈگىمەس ئەرىز-شىكايەتكە يول ماڭىدۇ

ئاجايىپ كويغا كىرىپ قالدى بەزىلەر

سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش