|
|
|
|
ئەسسالام دەپ باشلاي سۆزۈمنى ، بارلىق دوستلار مۇنبەرداشلارغا . تىلەي ئاۋال ساقلىق ئامانلىق ، خوشاللىق ۋە بەخت سائادەت .
كۈلكە بولسۇن دوستلارغا ، ھەرگىز خاتا چۈشەنمەڭ . بىللە قوشاق قاتايلى ، سىزمۇ ھەرگىز كام قالماڭ .
ئەمدى نەق گەپ باشلىسام ، ئەپچىلەمگە قوشنىمەن . ئاندا -ساندا گەپلىشىپ ، قوشنا بولغاچ بىلەرمەن .
بىر كۈن كۆردۈم ئەپچىلەم ، تىلغۇن تۇتار قۇلاققا ، مۇھەببىتى ئوخشايدۇ ، يۈرەك تۇتار پىراقتا .
يەنە بىر كۈن ياسىنىپ ، ئالدىراشلا مىڭىپتۇ . مەنمۇ ماڭدىم قىزىقىپ، يۇگۈرۈپ تاكسى توسۇپتۇ.
تېزلا باردى مەنزىلگە ، ئاستا چۈشتى تاكسىيدىن. ئويلانغاندۇ جاۋاپنى ، كىچىككەننىڭ ۋاقىتتىن .
گۈزەق قىزچاق سۇ بويدا، ساقلاپ تۇرغان ئىكەنتۇق . ئەپچىلەمنى كۆرۈپلا ، قاپاقلىرى تۈرۈلدى .
ياغدۇرۋەتتى قوشاقنى ، قوشاققا باي ئەپچىلەم . ھىيلىسىمۇ تەيياركەن ، گۈل كۆتۈرگەن ئەپچىلەم .
گۈلنى كۆرۈپ گۈزەل قىز ، ئازراق چىراي ئېچىلدى . گۈلگە ھەمراھ قوشاقتا ، مەڭزىلىرى قىزاردى .
خۇشال بولغان ئەپچىلەم ، قولنى سۇندى قىزچاققا. قىز تارتىندى قول بەردى ، بىللە ماڭدى باغچىدا .
مىڭىۋىتىپ چىغىر يول ، ئەپچىلەمنىڭ كۆزلىرى . چۈشۈپ قالدى بىر قىزغا ، چاندۇرمىدى قوللىرى .
ئاستا بوشاپ جۈپ قوللار ، تىلغۇن ئالغان بولۇشتى . يالغان سۆزلەپ ئەپچىلەم ، ئىشىم چىقتى دىيىشتى .
يالغان سۆزلەپ بۇ قىزغا ، ئاران قىچىپ قۇتۇلدى ، كەتكۈزۈپلا گۈزەلنى ، يەنە بىرىگە تۇتۇلدى .
توستى ئەپچىل ئالدىنى ، كىيىنكىسى بوش كەلمەي . سوراق باشلاپ ھارمىدى ، ئەپچىلدە جان قالمىدى .
ھىيلىگەركەن ئەپچىلەم ، ئۇنىمۇ تىز گوللىدى . شاكىلاتمۇ تەيياركەن ، ناخشا -سازنى توۋلىدى .
ئىرىپ قالدى بۇ قىزمۇ ، ئەپچىلەمنىڭ سۆزىگە . بەك خۇش بولدى ئەپچىلەم ، يەنە بىرنىڭ غەلبىگە .
تېلىغۇن كەلدى بىرىدىن ، يىگىت ئازراق ھودۇقتى . ئالماي دىسە چارىسىز، ئىلىپ يالغان سۆزلىدى .
چۈشەنمىگەن ئەخمەق قىز ، ئەپچىلەمگە ئىشەندى . ۋەدە بىرىپ ئەپچىلەم، بۇ قىزدىنمۇ قايرىلدى .
ئەپچىلەمنىڭ قىز دوستى ، زادى بەشمۇ ،ئالتىمۇ ؟ ئەخمەق قىزلار ئۇ ئۈچۈن ، پەقەت كۆڭۈل خوشىمۇ ؟
رىئاللىقتا ئەپچىلەم ، مانا شۇنداق يۈرەركەن . مۇنبەرلەردە ئەپچىلەم ، شېئىر يىزىپ يۈرەركەن .
ھەممە قىزغا بىر قىتىم ، كۆيدۇم،سۆيدۇم دەيدىكەن. ئىگىسى كىم كۆيگەننىڭ ، بۇنى ئۆزىمۇ بىلمەسكەن .
ئۇنداق قىلماڭ ئەپچىلەم ، قىز قىساسى بەك يامان . بىرگە كۆيۈڭ مەڭڭۈلۈك ، ئاخىر دەرتكە قىپقالماڭ .
چاقچاق قىلدىم دوستلىرىم ، ھەرگىز خاتا چۈشەنمەڭ . ئۆتسە مەندىن سەۋەنلىك ، خاتاسىنى يۇشۇرماڭ .
تامام !~ مەنبە :شىرىن .
تولۇقلىما مەزمۇن - بۇ پەقەت بىر چاقچاق خالاس . دوستلار خاتا چۈشەنمىگەيسىلەر . بىر گەپ باتىغۇ خىيالىزىمدىكى ھىكايە دەيدىغان ، مەنمۇ مۇنداقلا خىيال قىلىپ يىزىپ قالدىم . ئەپچىلەم سىزمۇ خاپا بولماڭ- ھە !~ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-28 12:12 AM
|
|
|
|
|
|