|
|
|
|
بۇرۇنقى زاماندا بىر ئادەم ئۆتكەن ئىكەن.ئۇنىڭ دائىم مەيدىسى ئاغرىپ قىيلىنىدىكەن .ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىغان ئامالى قالماپتۇ .لېكىن ئاغرىقتىن خالاس بۇلالماپتۇ .ئاخىرى ئۆلەر ۋاقتىدا ئوغلىغا؛<مەن جان ئۈزگەندىن كىيىن ،مىنىڭ مەيدەمنى ئېچىپ كۈرۈڭلار ،مىنى بىر ئۆمۈر ئازاپقا سالغان كىسەلىڭ نىمە ئكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭلار >دەپ ۋەسىيەت قىپتۇ .
بۇۋاي ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ .ئوغلى دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بۇيىچە ئۇنىڭ مەيدىسىنى يېرىپ كۈرۈپتۇ .دەرۋەقە بۇۋاينىڭ مەيدىسىدىن چۆچەك (قاچا)شەكلىدىكى كىچىككىنە كاللەك بىر نەرسە چىقىپتۇ .بۇنى بۇۋاينىڭ ئوغلى يېنىدىن ئايرىماي سۇقلاپ يۈرۇپتۇ ...
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،بۇۋاينىڭ ئوغلى بىر بۇلاقنىڭ يېنىغا كىلىپ ،بېلىدىكى پوتىنى يىشىپ بۇلاقنىڭ ئەتراپىدا قۇيۇق ئۆسكەن يالپۇزنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ قۇيۇپ ،ئۈزى نېنىنى سۇغا چىلاپ يىيىشكە باشلاپتۇ ،قۇرسىقى تويغاندىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ پۇتىسىنى قۇلىغا ئاپتۇ ،ئەمما ھېلىقى كاللەك نەرسە كۈرۇنمەپتۇ .ئۇبالا ئەتراپىنى يىڭنە ئزدىگەندەك ئزدەپتۇ.قارىغۇدەك بولسا ھېلىقى كاللەك نەرسە چۈشكەن جايدىكى يالپۇزلارنىڭ ئۈستى قارامتۇل مايلىشىپ قالغان ئىكەن .شۇ چاغدىلا ئۇ نەرسىنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ .يىگىت مەھەللىگە قايتىپ بېرىپ ،بولغان ئەھۋالنى باشقىلارغا سۆزلەپ بىرىپتۇ .كىشىلەر بۇلاق بۇيىدىكى يالپۇزلاردىن ئېلىپ كىلىپ ،مەيدىسى ئاغرىيدىغانلارغا قاينىتىپ ئچكۈزۇپتۇ .كىسەللەر يازدا يىڭى پېتى ،قىشتا قۇرۇتىۋېلىپ تاماققا قۇشۇپ يەپتۇ .ئۇزۇن ئۆتمەي مەيدە ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغانلار سەللىمازا ساقىيىپ كىتىپتۇ .ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر يالپۇزنىڭ دۇرىلىق خۇسۇسىيىتىنى بىلگەن ئىكەن.
مەنبەسى: ئۇيغۇر تېبابەت تورى
|
|
|
|
|
|