سۆڭەك غاجاپ ئۆزگىرەر ئىتقا،
ئوخشاپ خۇيى چۇسىغا، پىتقا،
چاۋا يايار شۇخۇلۇق چىتقا،
پەيلى يامان قاۋاق شائىرى.
ياقار بەكمۇ شەيتانغا سۆزى،
ۋەيلۇن دۇزاق ئالايغان كۆزى،
كۆيۈپ تۇرار قىزارغان يۈزى،
ئەھلى نامەرد قاۋاق شائىرى.
ئۈزۈپ يۈرەر قەلبىدە تۇمان،
تۇغۇپ دەھرى تۇيغۇسى گۇمان،
ئىنكار قىلار ھەممىنى شۇئان،
پاسىق يۈرەك قاۋاق شائىرى.
ئىگە بولار ھاياجان–ھېسقا،
پايخان قىلىپ ئالتۇننى مىسقا،
لەززەت ئالار دۇنيادىن قىسقا،
روھى ئۆلگەن قاۋاق شائىرى.
كېچىپ كېتەر غۇرۇر، ۋىجداندىن،
ھۇزۇر ئېلىپ ئۇرغىغان قاندىن،
ئەلا بىلەر شارابنى جاندىن،
ئاخمەق بولۇپ قاۋاق شائىرى.
تىترەپ تۇرار ياداڭغۇ قولى،
خىرە چاقناپ قاراڭغۇ يولى،
تەۋرەپ قالغان ھاياتلىق ئۇلى،
بەختى قاچقان قاۋاق شائىرى.
مەنبە:ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-27 04:45 AM