مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1158|ئىنكاس: 31

ھەققانىي: 3پارچە ساتىرا [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 32167
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5307 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئابدىۋىلى راخمان (ھەققانى)
(ساتىرا)
1. ئۆي سالسام

تۇيۇپ-تۇيماي پۈتۈپ قالدى ھۇقۇق بار چاغدا ئۆي سالسام،
پۈتەركەن بۇ دەمدە ھەتتاكى ئېگىز ئاسماندا ئۆي سالسام.

ھوقۇق بولسا لاتا قۇزۇق كىرەركەن داق يەرگە پۇرلاشماي،
ياغاچ، خىش، قۇم، پولات، سىمۇنىت ئىكەن بىكاردا ئۆي سالسام.

ھوقۇق مەنسەپنى پەش قىپتىم ياغاچچى، تامچى جان تىكتى،
بوياقچى، سىرچى، ئەينەكچى كۈتۈپ تامادا ئۆي سالسام.

ئېلىپ ماڭسام زىيان يوقكەن، ھوقۇق بىرلە قېلىنلقنى،
نى ھەددى بەرمىسە ياردەم ئاۋام ئاراندا ئۆي سالسام.

كىچىكى، چوڭى ئوغلۇمنىڭ تۈگەشتى غېمى، نەۋرەمگە-
(ھازىرقى بېرى سەل-پەل ئاز) يەنە ئون جايدا ئۆي سالسام.

ئىلىككە ئالمىدىم قىلچە پىكىر، دەرت، ئەرزى-ۋايساشنى،
قىلالماس ھىچكىشى غىڭ-پىڭ، ئىگەللەپ ئون مودا ئۆي سالسام.

سىناپ باقتىم ھوقۇقۇمنى چېكەمدىن تامچە تەر تۆكمەي،
پۈتەركەن ھەپتە ئون كۈندە سۇ يوق جاڭگالدا ئۆي سالسام.

داداممۇ ئوتتى يىل-يىللاپ پۈتۈن كېسەكتە ئۆي سالماي،
ئۇنىڭ روھىمۇ ھەيرانغۇ مىراس يوق ھالدا ئۆي سالسام.

چۈشۈمدە توۋا تام باستى، بىلمىنى غارس قىلىپ نەئىش،
يۈتەمدۇ مىنى ئەل قەھرى، يېتىپ سافادا ئۆي سالسام.

دىيانەت تىزگىنى تارتىپ ئارام بەرمەيدۇ كاللامغا،
تۇتارمۇ بىركۇنى گالدىن پارا-ھارامدا ئۆي سالسام.

2. توي قىلسام
(ساتىرا)
ماڭا قوش-قوش ياغار ئامەت كۆرۈڭ مۇبادا توي قىلسام،
كېلەركەن ھەر تامان پايدا، ھۇقۇق بار چاغدا توي قىلسام.

جاھاننىڭ كارى شۇنداقمۇ، ماڭا نۆۋەتتە سوۋغات كۆپ،
تولاركەن قازنىقىم تويدا ئەمەل بار چاغدا توي قىلسام.

كىچكتى ئۈچ بالام ،ئەپسۇس، چوڭايتىشقا ئامال بولسا،
بۇرۇنقى ئۆيلىگەن ئوغلۇم، جىمىگە قايتا توي قىلسام.

بۇ تويدا پايدا كۆردۈم جىق، بۇرۇنغا پۇشمىنىم باردۇر،
قەدىناسىمنى قىز قىلسام، يېڭىچە كاتتا توي قىلسام.

تۇغۇلغان كۈن، تۇيى سۈننەت، مىنىڭ نەۋرەمۇ-چەۋرەم دەپ،
بۇگۇن تەبرىك ئەجەپ ئالقىش، ماڭا ياغقاندا توي قىلسام.

دەرىخا! ئۈچ قىزىم بولسا، مۇشۇ پۇرسەتكە ئۈلگۈرسە،
باغاقنى ئاينتىپ ھەسسە بۇ دورەم باغدا توي قىلسام.

بېيىشقا پەمى يەتكەنگە بۇ چارە زەپمۇ ئوبدانكەن،
ماڭا ئامەت گويا سەلدەك، ئۇدۇل ئاققاندا توي قىلسام.

جىنايەتكە ئەمەس تەۋە، ئەمەس ھەم پارىغا مەنسۇپ،
بۇ بىزگە ئۆرپە-ئادەت دەپ سەۋەپ تاپقاندا توي قىلسام.

ھوقۇق پەيتى ئۇزۇن بولماس، ئاۋايلاپ قىسقا پۇرسەتتە،
سېخى كۈز، ياق جىمى پەسىل، ئۇزاتماي ئايدا توي قىلسام.

3. داۋالانسام
(ساتىرا)
ئەجەپمۇ پەيزىكەن ياتسام، (ئەمەل باردا داۋالانسام)،
كېسەلنىڭ تاينى يوق ئەمما، دارىم مودا داۋالانسام.

يېنىمدىن كەتمىدى دوختۇر، مېھىرلىك باقتى ھەمشىرە،
كۈنۈم ئۆتتى مىنۇت-سائەت، پاراۋاندا داۋالانسام .

كېلىپ تۇردى جىمى نىممەت، يېتىپ بەرسەملا ھەر ياقتىن،
مىسالى ئىرىشىپ قازدىمكى، زەر كاندا داۋالانسام.

راسا كۈلدۈردى بۇ پىنھان، ياتاققا پاتمىدى سوۋغات،
كېچىلەپ تۇشۇدۇق-ساتتۇق دۇكانلاردا، داۋالانسام.

تىزىلغان دەستە گۈللەردىن ھۇزۇر ئېپ شۇندا ھىس قىلدىم:
گوياكى سەيلە قىلغاندەك چىمەن باغدا داۋالانسام.

قېنى پەقىرگە كىم سادىق (يەنە كەلمىدى كىم يوقلاپ؟)،
سىناشقا خەقنى خوپ پەيىتكەن ئاداشقاندا داۋالانسام.

كۆنۈپ قالدىم ياتاققا خەپ، پەقەت-پەقەتلا كەتكىم يوق،
ۋادىرىخ! نەپ كېلۇركەن كۆپ مۇشۇ چاغدا داۋالانسام.

27-ئاۋغۇست  (ماكانىي كەلپىن)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-26 12:51 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3154
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1894 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت نۇسقىسىنى ئۆزگەرتسىلە بولغۇدەك، ئوقىيالمىدىم.

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5739
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق خەت نۇسخسى ئۆزگەرتىلسە بولغۇدەك

بۇيەرنى بىسىڭ!ئەرەپ تىلى ،ئىنگىلىز تىلى ،فىرانسۇز تىلى ،گىرمان تىلى ،قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3883
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 436 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-7-2
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ ئەرەپ خەت نۇسىخىسمۇ نىمە  بارلىق  ئە   ھەرىپنىڭ ئۇستىگە  قوش چىكىت قويىلپ  قاپتۇ.   


  ھەققانىي ئاكا  شېئىرلىڭىز بەك ئىسىل چىقىپتۇ.   ھەققىي ئەمىلىي  ئەھۋالىنى يىزىپسىز.

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 2097
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1322 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى ساتىرانى ئانچە راۋان ئۇقىيالمىدىم جۇمۇ ئاكا ، لېكىن مەزمۇن قالتىس چىقىپتۇ ، مۇمكىن بولسا 15بۇغۇمدىن قىلىپ يازسىڭىز بولاتتىكەن دەپ قالدىم

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 977
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 679 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەققانىي ئاكىمىزنىڭ يازغان تېمىلىرى بىر-بېرىدىن يېقىشلىق جۇما..... قەلىمىڭىزگە كۆز تەگىمىسۇن ئاكا...........

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61891
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3784
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2011-10-23
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Yana paqat xirdin birni yizip siz koligizga dat kalmisun

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92091
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 939
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2013-2-22
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇيۇپ-تۇيماي پۈتۈپ قالدى ھۇقۇق بار چاغدا ئۆي سالسام،
پۈتەركەن بۇ دەمدە ھەتتاكى ئېگىز ئاسماندا ئۆي سالسام.

ھوقۇق بولسا لاتا قۇزۇق كىرەركەن داق يەرگە پۇرلاشماي،
ياغاچ، خىش، قۇم، پولات، سىمۇنىت ئىكەن بىكاردا ئۆي سالسام.



تۇيۇپ-تۇيماي پۈتۈپ قالدى ھوقۇق بار چاغدا ئۆي سالسام،
پۈتەركەن بىر دەمدە ھەتتاكى ئېگىز ئاسمانغا ئۆي سالسام.

ھوقۇق بولسا لاتا قۇزۇق كىرەركەن داق يەرگە پۇرلاشماي،
ياغاچ،خىش،قۇم،سىمۇنىتلار بىكارلىقكەن ئۆي سالسام.

مۇنداق ئۆزگەرتسىڭىز بولامدۇ نىمە؟ ئاتكاچىلىق  قىپ قويدۇم ،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قۇمباغ79 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-26 01:54 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 361
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1128
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى شئېر بوپتۇ ... داۋاملىق تىرشىڭ ، بولسا ئەسەرلىرىڭىزنى كىتاپ قىلىپ تارقاتسىڭىزمۇ بوپتىكەن ... ئەمما تەھرىردىن ئۈتۈپ بولغۇچە ياتا قۇلاپ بوپ قېلشى تۇرغانلا گەپ...

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8163
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1992 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-7-3
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىز ئۆتكۈركەن !

چىشىمغا تەگمە !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش