مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1061|ئىنكاس: 14

ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11018
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10195
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3230 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 09:18:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               

كىچىك ۋاقىتمدىن باشلاپ تار، قاراڭغۇ جايلارغا بارسام بىر خىل سىقىلىش ھېس قىلاتتىم ئۇنداق جايلاردىن ئامال بار ئۆزۈمنى قاچۇراتتىم، ھازىر چوپچوڭ بولۇپ قالغان بولساممۇ يەنىلا بۇ خىل مىجەزىم ئۆزگەرمەي شۇ پېتى تۇرۇۋەردى، بۇنىڭ بىر خىل روھى كېسەللىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ھېچ قىلىپ بۇ كېسەلدىن قۇتۇلالمىدىم...
مانا ھازىر ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرى بۇ تار ئۇرۇنغا كىرىپ قالدىم....
ئۇلار مېنى يۆگەپ ئۇزۇنچاق، تار بىر ساندۇققا سالدى، كۆزلۈرۈم چىڭ يۇمۇلغان بولسىمۇ لىكىن مەن ئۇلارنى ئاللىقانداق بىر خىل يوللار ئارقىلىق كۆرۈپ تۇرغاندەكلا تۇيغۇدا. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى قۇلۇقىمغا كىرىپ تۇرماقتا:
-        ھەي بىچارە ياشلا كىتىپ قالدى، تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلمىغان ئىدى، نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرى بار ئىدى بىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالماي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
مەن قىلىشقا تېخى ئۆلگۈرمىگەن ياكى چالا قالغان ئىشلىرىمنى ئەسلەپ باقتىم شۇئان بىرى قۇلاق تۆۋىمدە  قۇرقۇنۇچلۇق بىر خىل ئاۋازدا «ھەممىسى ئۈتۈپ كەتتى، ھەممىسى تۈگۈدى» دەپ بار كۈچى بىلەن توۋلاۋاتقاندەك بىلىندى-دە، بەدەنلىرىمگە تىترەك ئۇلۇشۇپ، قورقۇنچ باستى. ئىچىمدە:
-        ياق... ياق.. تۈگۈمۈسۈن.. ئۆتۈپ كەتمىسۇن دەپ ھەسرەت بىلەن نالە قىلىشقا باشلىدىم.
مەن نېمە بولۇپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندىمەن... ھېچ ئەسلىيەلمەيۋاتاتتىم پەقەپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكىملا غۇۋا ئېسىمدە...مەن ئەسلى ماشىنا ھەيدەشنى خېلى ياخشى بىلەتتىمغۇ؟... قانداقلارچە بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم؟ پۈتۈن زېھنىمنى يېغىپ مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقىنىمدا دوسلۇرۇمنىڭ ئەتىراپىمنى ئوراۋالغىنىنى مېنى ئاۋايلاپ ئېلىپ تار بىر ساندۇققا سېلىپ مىدىرلىيالماس قىلىپ قۇيۇۋاتقىنىنى سېزىپ قالدىم. بار كۈچۈم بىلەن قارشىلىق كۆرسۈتۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتىشكە ئۇرۇندۇم شۇنچە قىلساممۇ مىدىر-سىدىر قىلالمىغاننىڭ سىرتىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدىم. دەل شۇ چاغدا قۇپقاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدىم، ساندۇقنىڭ ئاراچلىرىدىكى ئىنتايىن ئاجىز نۇرغا قاراپ قاتتىق چۈچۈپ كەتتىم ئاغىزىمدىن: ئاھ خۇدا نېمە ئىشلار بولۇپ كىتىۋاتىدۇ دېگەن سۆزنىلا چىقىرالىدىم. باشقا ھېچنېمىنى ئويلىيالمايۋاتاتتىم.
بىر ئازدىن كىيىن مۆرىلەرگە ئېلىندىم –دە، ئاستا ئېلىپ مېڭىلدىم. ساندۇق يېنىك چايقىلىپ تۇراتتى، ساندۇق ئۈستىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازغا قارىغاندا سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى، يامغۇر تامچىلىرى دەرەخ يۇپۇرماقلىرىغا چۈشۈپ تاراسلاۋاتاتتى، مېيىت نامىزى ئۇقۇلۇش ئۈچۈن مەسجىتكە ئېلىپ كىتىلىۋاتقانداك قىلاتتىم. شۇ چاغدا مەسجىدنىڭ ئۆيىمىزگە ئىنتايىن يېقىنلىقى ئېسىمگە كەلدى، ھەر كۈنى بەش قېتىم ئەزان ئۇقۇلۇپ نامازغا چاقىرلىپ تۇرسىمۇ مەسجىتكە بارمايتتىم، ئەللىك ياشقا كىرگەندە ئاندىن مەسجىتكە بارىمەن دەپ قارار قىلغان ئىدىم، بۇنى ھەممە كىشى بىلەتتى دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا نەچچە رەت: نامازنى ئاستا-ئاستا باشلىۋالىمەن... ھەممىڭلار ئەسكى، ئەسكى دەيسىلەر شۇ ئەسكىلىكىمدىن بىر قول ئۆزۈپ ئاندىن مەسجىتكە باراي دېگەنىدىم.
بۇ ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا قالتىس ياخشى ئادەم بولۇپ كەتمەمتىممەن!  بۇ ئىش بولمىغان بولسا..... يەنە ھېلىقى ئاۋاز قۇلاق تۆۋىمدە ياڭرىدى: «ھەممىسى ئۈتۈپ كەتتى، ھەممىسى تۈگۈدى». بىرازدىن كىيىن يەنە مۆرىلەردە كۈتۈرۈلدۈم، ئۇلار مېيىت نامىزىنى چۈشۈرۈپ بولۇشقان ئىدى، مەن كۈندە كىرىدىغان قاۋاقنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىنىمدە بىللە ئوينايدىغان دوستلىرىمنىڭ خۇشال كۈلكىلىرى قۇلۇقىمغا كىردى، ئۇلار چۇقۇم مىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىمنى ئاڭلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. .. .
ئاۋازلار ئاستا-ئاستا پەسىيىشكە باشلىدى... مەنمۇ تەڭ ساندۇقتىن قەبرىگە ئېلىندىم، بۇ ئارىدا كىپەنگە يامغۇر تامچىسى چۈشۈپ ئۆلگۈردى، بۇگۈن يامغۇر ھەقىقەتەن قاتتىق ياققان ئىدى، بۇ چاغدا قەبرىستانلىقتىكى دۆستلىرىمنىىڭ پاراڭلىرى قۇلۇقىمغا كىرىشكە باشلىدى؛ بىرىلىرى بازىرىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىدىن قاخشاپ سۆزلەۋاتاتتى يەنە بىرلىرى قايسى كۈندىكى پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدا قىززىپ پاراڭلىشىۋاتاتتى. مېنى ساندۇقتىن تارتىپ چىقارغان دوستۇم يېنىدىكى بىرەيلەنگە:
-        قارىمامسەن بۇنىڭ ئۆلۈمىگە! دۇنيادا يامانلىقىنىڭ ھەممىنى قىلغان نېمە ئىدى، لىكىن ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈندە جان بەردى، تېخى ئاسمانمۇ ياش تۈكۈپ بېشىمىزدىن تاپىنىمىزغىچە ھۆل قىلىۋەتتى مانا دەپ پىچىرلىدى.
توۋۋا قىلدىم، مەن شۇنچە يېقىن ئۆتكەن دوستۇمنىڭ ئېغىزىدىن بۇ گەپلەرنىڭ چىقىۋاتقىنىنى قارىمامدىغان، ياكى مەن خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ يە....
بەدىنىم ھۆل بولغاندەك قىلدى، قارىسام قەبرە ئىچىدە تۇرۇپتىمەن... ئاھ خۇدا....
كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى قەبرىگە كىرىدىغانلىقىمنى نېمىشقىمۇ بۇرۇنراق ئېسىمگە كەلتۈرمىگەن بولغىيتتىم ؟! نېمىشقا بۇرۇنراق ئويلاپ تەييارلىق قىلمىغان بولغىيتتىم ئاھ خۇدا .... بارچە ئاۋازىم بىلەن ۋارقىردىم قەبرە ئېغىزى تۇپىلار بىلەن ئېتىلمەكتە ئىدى... ھېچكىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلىغاندەك ئەمەس. يەنە بىر قېتىم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدىم، يەنە كىلىپ ھېلىقى ساندۇقتەك تار ئازراقمۇ يۇرۇقلۇق يۇق... بەكمۇ بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىۋاتاتتىم چىن يۈرۈگۈمدىن چىقىرىپ:  ئاھ خۇدا،، ئاھ خۇدا .... ئالدىمدا يەنە بىر پۇرسەت بولسىكەن، ماڭا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بەرسەڭكەن، سېنىڭ دېگەن يىرىڭدىن چىقىپ سەن كۈتكەندەك ياخشى ئادەم بۇلاتتىم، ئۇ چاغدا بۇ قەبرىمۇ مېنى قىينايدىغان تار، قورقۇنچلۇق جاي ئەمەس جەننەتنىڭ باغچىسىغا ئايلانغان بۇلاتتى... ئاھ خۇداااااااا دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدىم...؟
يەنە ھېلىقى ئاۋاز قۇلاق تۆۋىمدە جاراڭلىدى..«ھەممىسى ئۈتۈپ كەتتى، ھەممىسى تۈگۈدى» پۈتۈن روھىمنى قورقۇنچ چۇلغىۋالغان ئىدى، تىتىرەپ كىتىۋاتاتتىم...ئۈستۈمدە دۈپۈرلىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى، قارىغاندا ئۇلار مىنى تاشلاپ قۇيۇپ كىتىۋاتقان چېغى.
ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بار كۈچۈمنى  يىغىپ ئورنۇمدىن قوزغالدىم ... ئاستا كۆزۈمنى ئاچتىم.. ياتاق ئۆيۈمدە كارۋاتىمدا تۇرۇپتىمەن... ئەسلى بۇلار بىر چۈش ئىكەن.. مىنى قار بېسىپتۇ.. سىڭلىمم مېنى ئويغاتقان ئىكەن... ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەن ئىدىم، ئۆزەمنى بىراقلا نەچچە كىلو ئۇرۇقلىغاندەك ھېس قىلدىم.. سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىۋىتىپتۇ، ئۆي ئىچى گۆلدۈرماما ئاۋازىدىن قاتتىق تىتىرەپ كەتتى... ئاستا- ئاستا ئۆزەمگە كىلىپ پىچىرلىدىم: ئەي ئاللاھ، ساڭا سان-ساناقسىز شۈكۈرلەر ئېيتىمەن.... مېنىڭ يېڭىۋاشتىن ياخشى ئادەم بولۇشۇم ئۈچۈن يەنە بىر پۈرسەت بەردىڭ....
خۇدايا شۇكرى... مىڭ شۇكرى.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4564
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1543 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 02:18:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئۇلۇغ ئاللاھ ،،بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇنالىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى توغرا يولغا باشلىغايسەن. شۈكرى!

ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلەش تورى ئىگىلىك تىكلەشتكى ياخشى ھەمرايىڭىز. www.uyigilik.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5090
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 473 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 02:58:30 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىمىز پۇرسەتكە كۇپايە قىلىدۇ.چۈشىنىدىغان قەلىب بولمىسا ...........

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 423 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 12:35:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە توۋا قىلىش باشلىنىپتۇ ،ياخشى ئىشى جىما

بۇيەرنى بىسىڭ!ئەرەپ تىلى ،ئىنگىلىز تىلى ،فىرانسۇز تىلى ،گىرمان تىلى ،قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80796
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3335
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 01:57:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست   ھازىردىن  باشلاپ  توۋە  قىلمىساق  ئۈلگۈرمەيمىز  .  شۈكرى  خۇدايىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82322
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 924
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 813 سائەت
تىزىم: 2012-6-30
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 02:22:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنى يازغۇچى گالۋاڭكەنغۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92979
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1325
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 02:26:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ھەسەننىڭ چۈشى›مۇ- يا بۇ؟؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17391
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7538
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 02:37:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
korul يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 02:22 PM
تىمىنى يازغۇچى گالۋاڭكەنغۇ

شۇ! ئەگەر ئۆتكۈر بولسا بولمايدۇ-دە!

دەرەخ ھەر قانچە ئېگىز بولسىمۇ يوپۇرمىقى ھامان يەرگە چۈشىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17391
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7538
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 02:38:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokboraa يوللىغان ۋاقتى  2013-6-26 02:26 PM
‹ھەسەننىڭ چۈشى›مۇ- يا بۇ؟؟؟؟

ئەپەندىم! قارىمامسىز تېما ئىگىسىنىڭ ئىسمىغا!
بۇدىگەن «گالۋاڭنىڭ چۈشى» ئىكەن!

دەرەخ ھەر قانچە ئېگىز بولسىمۇ يوپۇرمىقى ھامان يەرگە چۈشىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87476
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 920
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 138 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-26 07:11:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئاللا بىلىپ بىلمەي قىلغان گۇنالىرىمىزنى ئەپۇقىلسۇن ئاميىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش