مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8982|ئىنكاس: 182

نەزىر ، خەتنە توي ۋە ئۇيغۇر ئىقتىسادى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88739
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-12-18
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 03:32:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئۇيغۇر جەمئيتىدە ۋە تور مۇنازىرسىدە  نەزىر قىلىش قاتارلىق ئۆرپ-ئادەتلەرنى بىدئەتمۇ ياكى توغرىمۇ دىگەن مەسىلە مۇھىم بىر مۇنازىرە تىمىسىغا ئايلىنىپ قالغاندەك قىلىدۇ. پېقىر تەۋەندە ئۆزۈم تەييارلىغان بەزى دەلىللەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، بەزى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز توغرىسىدا ئورتاقلىشىپ باقماقچى
نەزىر: مەن كۈندە قانچە ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلدىغانلىقىنى ستاستىكىلاپ باقماقچى بولدۇم. ھەم google تورىدىن ئىزدەپ CIA ۋە باشقا تاراتقۇلارنىڭ  دۇنيادا ئوتتۇرا ھىساب  بىلەن ھەر كۈنى 153000 ئادەم ئۆلىدۇ دىگەن ئۇچۇرغا ئىرىشتىم، CIA نىڭ 2013 يىللىق ستاستىكىسىدا جوڭگودا ھەريىلى ھەر 1000 ئادەمدىن تەخمىنەن 7.31 ئادەم ئۆلىدىكەن.ئەگەر شىنجاڭدا 10 مىليون ئۇيغۇر بار دەپ قىياس قىلساق،  ھەر يىلى تەخمىنەن 70000 ئۇيغۇر ھاياتىدىن ئايرىلدىكەن، شۇنداق بولغاندا، ھەر كۈنى تەخمىنەن 200 دىن توغرا كىلىدىكەن، ئەگەر ھەممە ئادەم نەزىر قىلدى دىسەك ھەم ئۇچ نەزىر، ئازناقشىما، يەتتە نەزىر، قىرىق نەزىر ۋە يىل نەزىرلەرگە قوشۇپ ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 30 مىڭ يۈەن چىقىم بولسا، كۈنىگە نەزىر ئۈچۈن ئۇيغۇردىن چىقىم بولىدىغان پۇل تەخمىنەن 6 مىليون.يىلدا تەخمىنەن 2 مىليارت 160 مىليون پۇل چىقىم بولىكەن، ھەم بۇ چىقىمغا ھىچقانداق ساۋاپ بىرىلمەسلىكنىڭ سىرتىدا بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام بۇيرىمىغان، بىدئەت مەجبۇرلىغان ھازىدارلىق خېلى ئۇزۇنغىچە تۈگىمەيدىكەن ھەم نۇرغۇن ئادەمنىڭ ۋاقتى كىتىدىكەن، پۇلى يوق كەمبەغەل بىچچارىلەر خەلق ئارسىدا سەت تۇرۇشتىن قورقۇپ قەرز ئېلىپ نەزىر قىلىدىكەن.بۇ نەزىرلەردىن نىمە مەخسەت نىشان بار بىلگىلى بولمايدىكەن
. خەتنە توي: CIA نىڭ 2013 يىللىق ستاستىكىسىدا جوڭگودا تۇغۇلۇش نىسبىتى ھەر يىلى  ھەر 1000 ئادەمگە 12.25 بوۋاق توغرا كىلىدىكەن، ئەگەر شىنجاڭدا 10 مىليون ئۇيغۇر بار دەپ قىياس قىلساق،  ھەر يىلى تەخمىنەن 122500 ئۇيغۇر بوۋاق تۇغۇلىدىكەن، شۇنداق بولغاندا، ھەر كۈنى تەخمىنەن 340 دىن توغرا كىلىدىكەن، ھەممىگە مەلۇم بولغاندەك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇغۇش نىسبىتى جوڭگو ئوتتۇرچە نىسبىتىدىن يۇقىرى تۇرىدا، مىنىڭچە كۈنلىكى تۇغۇلىدىغان ئۇيغۇر بوۋاقنى 400 دىسەك خاتالاشمايمىز.  ئەگەر بۇ  بوۋاقلارنىڭ يېرىمىنى ئوغۇل دىسەك ھەم  ھەممە ئۇيغۇرغا خەتنە توي ئۆتۆۈزىشنى تەشەببۇس قىلساق،  ھەر كۈنى تەخمىنەن 200 خەتنە توي توغرا كىلىكەن. مىنىڭ بىلىشىم خەتنە توي بىلەن چوڭ توينىڭ ئوتتۇرسىدا قىز مىلى بىرىشتىن باشقا پەرقى يوق، باشقا چىقىملار ئاساسەن ئوخشاش. ئەگەر ھەر تويغا تەخمىنەن 30 مىڭ يۈئەن سەرپ قىلىندى دىسەك، جەمئى كۈنلىكى  6 مىليون يۈئەن، يىلدا تەخمىنەن 2 مىليارت 160 مىليون چىقىم بولىدىكەن. لىكىن ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتۇق، يەنە نۇرغۇن قىز-يىگىتلار پۇل يوق توي قىلالماي جەمئيەتتە ئومۇمنىڭ مال-مۈلىكىگە ئايلىنىپ، بۇزۇقچىلىق كۆپىيۋاتىدۇ.قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتىشكە تىگىشلىكى، يەنە بەزى جايلاردا ئوغۇل پەرزەنت كۆرەلمىگەن بەزى ئاتا-ئانىلار باشقا خەتنە تويلارغا ئاپارغان سوغاتلانى قايتۇرىۋىلىش پۇرسىتىنىدىن مەھرۇم قالغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر بىدئەتنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيقاندا يەنە بىر ئېغىر يۈكنى ئۇيغۇرنىڭ زىممىسىگە يۈكلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ ئۇ بولسىمۇ قىز پەرزەنتىگە قۇلاق تەشتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش (ئاللاھ ساقلىسۇن)
شۇنداق بولغاندا نەزىر ۋە خەتنە تويغا بولىدىغان چىقىم يىلىغا تەخمىنەن 4 مىليات 320 مىليون بولىدۇ. ھەي قېرېندىشىم بۇ ئۆينى چېقىپ قايتا ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، كىسىلىنى داۋالىتىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ۋە بالا-چاقىللىرنى ئوقۇتۇش، ھەتتا ئۆي ئوچاقلىق قىلىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان ئۇيغۇر يۇقارقىدەك يا ئاللاھ تەرپىدىن بۇيرۇلمىغان يا ھاياتلىقتا قىلچە مەنپەئەت ئىلىپ كىلەلمەيدىغان مانا مۇشۇنداق ئېغىر يۈكنى تاشلىماي نىمىنى تاشلايدۇ؟

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ghalibjan + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
uyoglani + 100 توغرىنىڭ دۈشمىنى كۆپ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25935
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5149
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2011-1-12
ئاخىرقى: 2013-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 08:51:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئۇيغۇر مىللى ئۆرۈپ ئادىتىنى يوقتۇشقا ئۇرۇنغان ئۇنسۇر

بىرمىللەتنىڭ بولىشى تىل-يېزىق-ئۆرۈپ -ئادەت ۋەباشقىلار ، دىمەك بۇلاردىن ئايرىلساق بىزنىمە؟

ياپراقسىز دەرەخ ھەرقاچان كىسىلىپ كىتىشى مومكىن ................كۆپ سۆزلىگىم يوق




مومكىن بولسا باشقۇرغۇچىلاردىن ئۆچۈرۋىتىشنى تەلەپ قىلىمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
faeza + 10 بۇرمىلىماڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مىسرانىم قوللىغۇچىسى

كۈلۈپ ياشايمەن! شۈكرى ئاللا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15820
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8153
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 08:54:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ ...  بۇ نېمىدىگەن  ئىنچىكە تەھلىل ....   
ھارمىغايسىز....




http://anatel.blogbus.com/logs/138687284.html

http://anatel.blogbus.com/logs/128904083.html

مۇھەببەت يەڭگلتەكلىك بىلەن خائنلىق قىلىشنى سىغدۇرالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86400
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 08:59:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alkabir يوللىغان ۋاقتى  2013-6-25 08:51 PM
بۇ ئۇيغۇر مىللى ئۆرۈپ ئادىتىنى يوقتۇشقا ئۇرۇنغان ئۇنس ...

بۇ تىمىنىڭ نەرى خاتا .ئىسلامى نۇقىتىنمۇ قارىماڭ بولدى.چۈنكى سىز بىدئەت ئاتالغۇسىنى چۈشەنمگەندەك تۇرىسىز.
لىكىن ئىسراپچىلىق نۇقتىسىدىن بۇ ئىشلارنى يۇقىتىشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ نەرى خاتا؟
ئى باش سۈرەتكە لايىق گەپ قىلسىڭىز قانداق....

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20124
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 09:27:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەدەنىيەتنى ساقلاش كېرەك لېكىن ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ چىكى بۇلار؟

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 09:47:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەركىمنىڭ رىسقىنى خۇدايىم ئۆزى بىرىدۇ.ھازىر ئۇيغۇرلاردىمۇ ئىختىساتچانلىق قارشى تۇرغۇزۇلدى.جامائەتكە ئاش تارتىش،خۇلۇم خوشنىلارنى تويغۇزۇش ئىسراپچىللىق بولىسا خوشنىدارلىق ئادەتلىرىنى بىدئەتكە چىقارساق بولىدۇ.چۈنكى خوشنىلارغا ئاش سۇنۇش ئىسراپچىللىق بولىدۇ ئەمەسمۇ؟
ئىقتىساد ئىلمىدا ئىستىمال بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئوڭ تاناسىپلىقى سۆزلەنگەن.ئىستىمال بولسا ئىشلەپچىقىرىش جانلىنىدۇ.بۇ نۇقتىنى ئىقتىساد ئۈگەنگەن ئادەم بىلىدۇ.
گەپنىڭ قىسقىسى نەزىر قىلىپ ئاش قاپتۇ،دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 09:50:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىدىن سوراپ باقسام سىز دىن ئىلمى ئۆگەنگەنمۇ ؟ ؟ۆگەنگەن بولسىڭىز قانچىلىك ئۆگەنگەن ؟
نىمە ئۈچۈن نەزىرنى بىدئەت دەيسىز؟

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93794
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2132
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 971 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 09:51:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىدىن سوراپ باقسام سىز دىن ئىلمى ئۆگەنگەنمۇ ؟ ؟ۆگەنگەن بولسىڭىز قانچىلىك ئۆگەنگەن ؟
نىمە ئۈچۈن نەزىرنى بىدئەت دەيسىز؟

ناماز بىلەن رامزان ئادەمگە قالقان › ئۇنى تېشەر غەيۋەت بىلەن يالغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78863
يازما سانى: 285
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5992
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 10:09:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   چەتئەلنىڭ ئىقتىساد قارىشىنى مەجبۇرى ئۇيغۇرغا تاڭسا ياخشى بولماس،چۈنكى ئۇلاردىكى مېھىر-مۇھەببەت قارىشى بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.مۇشۇنداق تېمىدىكى ئىشلارنى تۇسۇۋېرىدىغان بولساق،كىيىنچە ئۆيگە مېھمان كەلسىمۇ قۇرۇق يولغا سالىدىغان،تاماق بەرسە ئىسراپچىلىق دەيدىغان قاراشمۇ مەيدانغا كەلمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
  ئېنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ،كىچىكىمدە مىنىڭ سۈننەت تۇيۇمنى قىلىشتىن بۇرۇن دادام كۆپ دىلغۇل بولغان،ئاندىن مەھەللىمىزنىڭ ئىمامىدىن سوراپتىكەن،ئىمام:مىنىڭ كىچىك ۋاتقتىمدا ئاتام مىنىڭ سۈننەت تۇيۇمنىمۇ بىر كالا سۇيۇپ قىلغان،خاتىرجەم قىلىۋېرىڭ دەپتىكەن.
  بىزدە ئانچە مۇنچە يىغىنچىلىق ئادىتى قالغاننىڭ زىيىننى بولماس،ھەر كىم ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئۆكۈزسە بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1351
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7946
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-25 10:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىنى ئويغا سالىدىغان تېمىكەن ، رەھمەت ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش