قۇربانلىق قوي
ساۋ يۇۋچىن
دولان تەرجىمىسى
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە جۇڭگو نېفىت شىركىتى شەرىقى سىچۇەن بۇرغىلاش شىركىتىنىڭ« 23-دېكابىر » پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىنى بىرتەرەپ قېلىش دوكلاتىدا، 3 نەپەرگۇماندار « رەسمىي قولغا ئېلىنغان لىقىنى » خەۋەر قىلدى. بۇلارنىڭ بېرى ئىنژېنېر ۋاڭ جەندوڭ، ئۇ مەسىلە بايقالغاندىن كىيىن « كارخاننىڭ مۇناسىۋەتلىك تەخنىكاقائىدىسى ۋە بەلگۈلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇخىل ئۇسۇلنى قوللۇنىشقا بولمايدۇ »دىگەن تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولغان؛ ئىككىنچىسى تېخنىك سوڭ تاۋ، ئۇ ۋاڭ جەندوڭ ئوتتۇرىغا قويغان « بولمايدۇ » دىگەن تەدبىرنى تۇزەتمىگەنلىكى ۋە نەقمەيدان تېخنىكى بولغانلىقى ئۈچۈن گۇناھكار بولغان؛ ئۈچۈنچىسى يارىدەمچى قودۇق بۇرغىلاش خادىمى شاڭ يىمىڭ، ئۇ « قائىدىگە خىلاپ مەشخۇلات قىلغان» بىۋاستە جاۋاپكار بولغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. بۇ قېتىمقى ھادىسىدە نۇرغۇن ئادەم ۋە زور مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىغان، بۇ قېتىمقى ھادىسىدە يوقارقى ئۇچ كىشىنىڭ باشتارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى بار ئەلىۋەتتە.
ئەمما ئەجەپلىنەرلىكىشۇكى، جۇڭگو نېفىت شىركىتى ياكى شەرىقى سىچۇەن بۇرغۇلاش شىركىتىدىكى باشقۇرغۇچىلاردىن بىرەرسىنىڭمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمىغانلىقى كىشىنى ئويغاسالىدۇ، ئۇلاردا راستىنلا مەسئۇلىيەت يوقمۇ ياكى مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالمىدىمۇ؟ قائىدە بويىچە « مەسىلە تۇۋەندە، يىلتىزى يوقۇرىدا » بولۇشى كىرەك ئىدى. ئەگەرباشقورۇشتىكى مەسىلە بولمىسا بۇنداق ئېغىر ھادىسە كۈرۈلمەيتى، باشقۇرۇىشنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن قائىدە-تۇزۇملەر شەكىلگە ئايلىنىپ قالغان،بىخەتەرلىك تەكشۇرېش كۆرۈنىشتە دەبدەبىلىك، ئەمىلىيەتتە خەلقنى قاقشىتىپ مال-مۈلۈكنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئېتى ئۇلۇق سۇپرىسى قورۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان؛ ئۇلار يىغىندا دەپدەبىلىك شۇئار توۋلاپ، خىزمەتنى يىغىن ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ،خىزمەت نەتىجىسىنى دوكلاتقا قاراپ باھالاپ، ئەمىلىي ئىش ئورنى نەدە، مەشخۇلاتتەرتىۋى قانداق، قانداق بۇرغۇلايدۇ دىگەننى قىلچە بىلمىگەن. بۇنداق بۇيرۇكرات رەھبەرلەر ھادىسە يۇزبەرسە مەسئۇلىيەتنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ، باشقىلارنى ئورىغائىتتەرسە، يەنە بىرتەرەپتىن پەقەت ئۆزىگە ۋە ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا كۆڭۈل بولۇپ،ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ شەخىسلەر «مەلىكەتلىك XXسىستىمىسىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئىلغار خىزمەتچى » دىگەندەك شان-شەرەپنىڭ نائىبى، دۆلەت ئورگانلىرىدا « ئەمەل تاجى » بار، كارخانىدا قانداقتۇر« لىدىر، دېرىكتۇر، باش ئىنژېنېر » دىگەندەك يوقۇرى مەرتىۋىگە ئىگە، ھەرقانداق شان-شەرەپ ئۇلاردىن ئاشمايدۇ، بىراق خەتەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغائۆتۈنۈپ بىرىدۇ.
كەمىنە بۇيەردە « ئۇچ پادىشاھلىق قىسسى » دىكى ماسۇنى ئەسلەپ قالدىم، جۇ گېلاڭ ئورۇشتىن بورۇن جەڭ تاكتىكىسىنى يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە ماسۇغا تەپسىلى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ،ئاخىردا ماسۇنىڭ سەۋەنلىكى تۇپەيلىدىن ئېغىر مەغلۇپ بولىدۇ. قائىدە بويىچە ھەممەمەسئۇلىيەت ماسۇدا بولسىمۇ بىراق جۇ گېلاڭ ئادەم ئىشلىتىشتىكى مەسئۇلىيەت مەندە،رەھبەرلىكنىڭ باشتارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى بار دەپ قاراپ، ئۆزىگە « ئەمىلىنى ئۇچ دەرىجە تۇۋەنلىتىش » جازاسى بىرىدۇ. نەچچىيىلنىڭ ئالدىدا كورېيەدە كۆۋرۇك گۇمۇرلۇپ ئىككى ئادەم تالاپەتكە ئۇچرايدۇ ( پەقەت ئىككى ئادەم!)، مىنىڭ ئويۇمچە بولغاندا، ئەڭكۆپ بولسا كۆۋرۇكنى لاھىيەلىگۇچى ياكى قورۇلۇش ھۆددىگېرىنى قولغا ئالسا پۇتۇنلەي جاۋاببەرگىلى بولاتتى، بىراق كورېيەنىڭ قاتناش مىنىستىرى دەرھال ئىستىپا بېرىدۇ. ئالىملار «ئادەم دىگەن ئارنۇمۇس تۇيغۇسىغا ئىگە ھايۋان » دەيدۇ، بىزنىڭ ئاشۇ شەرەپنى ئۆزىگە،مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈدىغان مۇبارەك باشلىقلارنىڭ نۇمۇس تۇيغۇسى نەگەكەتكەندۇ؟، نىمە ئۈچۈن ئۇلاردا قىلچىمۇ ئادىمىيلىك يوق؟
« ئىنجىل» دا مۇنداقبىر ھىكايە بار، قەدىمدە يەھۇدىي دىندا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلدىغان نەزىر-چىراق بايرىمىدا، باش كاھىن قولىنى بىر قوينىڭ بېشىغا قويىدىكەن، بۇ پۇتۇن ئاۋامنىڭ بىريىل ئىچىدە ئۆتكۇزگەن گوناھىنى مۇشۇ قوي ئۇستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدىكەن،ئەمىلىيەتتە بۇ قوينىڭ ھەچقانداق گوناھى يوق ئىكەن. يوقۇرقى جوڭگۇ نېفىت شىركىتى شەرىقى سىچۇەن بۇرغۇلاش شىركىتىنىڭ « 23-دېكابىر » پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىنى بىرتەرەپ قېلىش دوكلاتىنى ئوقۇپ، « ئىنجىل » دىكى ئاشۇ ھىكايىنى ئىختىيارسىز ئەسكەئالدىم، بۇ ھىكايىگە ئوخشىمايدىغىنى ئۇچ گۇناھكار « رەسمىي قولغا ئېلىنغان »، بۇ ئۈچەيلەن« قۇربانلىق قوي » قېلىنغان، سەركە قويلار يەنىلا خاتىرجەم ئوتلاۋەرگەن.
مەنبە:
http://www.newsus.com.cnnews/DoNewsList.Asp?lable=23422
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-25 03:24 PM