|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،مەن ۋە مېنىڭ دوستۇم رەخمەتجان ئىككىمىز بۇ يىل قىشلىق تەتىلدىن باشلاپ مەكتىپىمىزنىڭ(بېيجىڭ لۇخې ئوتتۇرا مەكتىپى北京市潞河中学)تەييارلىق يىللىقتىكى ئۇيغۇرچە يازالمايدىغان ئوقۇيالمايدىغان خەنساۋات ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلىمىزنى ئۈگەتكەنىدۇق.ئۇلار دەسلەپتە سەككىز ئىدى، كېيىن نېمە سەۋەب بىلمىدىم ئىككەيلەن چېكىندى. ئەمما باشقا ئالتىسى ئىزچىل ئۈگۈنۈپ كېلىۋاتقانىدى. مانا تەخمىنەن بەش ئايلىق تىرىشچانلىقىمىز ھەم ئۇلارنىڭ قىزىقىشى بىلەن ھازىر ئۇلار ئۇيغۇرچىنى راۋان ئوقۇيالايدىغان، يازالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى، بۇنىڭدىن بىزمۇ ئۇلارمۇ ئالەمچە خۇشال.
تۆۋەندە سىلەرگە بىزگە ئائىت بىرنەچچە پارچە رەسىم سۇنىمەن.
بۇ بىزنىڭ كوللىكتىپ سۈرەت
ئالدىدىكى ئىككەيلەن ئوڭ تەرەپتىكىسى مەن، يېنىمدىكى رەخمەتجان
ئۆرە تۇرغانلار ئڭدىن ئابدۇللا، غېنىزات، ئېرپان، تەرغۇپ، مەردان، مۇزەپپەر
تۆۋەندىكىسى بىز ئۇلاردىن ئالغان ئىمتىھان سوئالى
تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ جاۋاب قەغىزى
مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۇلارمۇ ئانا تىلىمىزدىن ساۋاتىنى چىقىرىۋالدى، بىزمۇ مىللىتىمىز ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك ئىش قىلالىغىنىمىز ئۈچۈن خۇش بولۇپ يۈردۇق.
پەقەت تىرىشساقلا ھەممىمىز ئانا تىلىمىز ئۈچۈن ھەسسە قوشالايمىز.
2013-يىلى6-ئاي
بېيجىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا handanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-25 03:43 PM
|
|
|
|
|
|